ئىككى شئېىر
يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى
يىڭى يىل شادلىقى
(ئوغلۇم تىلىدىن)
كۈنلەر ئۆتۈپ ئايلار قوغلىشىپ،
ئۇزاپ كەتتى بۈگۈن كونا يىل.
ئۆتكەچ ھايات ئىلىم بېغىدا،
چىن شادلىققا چۆمدى بارچە دىل.
تەييارلاندۇق ئۇستاز ئەجرىدە،
قانات ياساپ كۆكتە ئۇچۇشقا.
ئىلىم-پەندىن قۇۋەتكە تولۇپ،
داۋان ئېشىپ زەپەر قۇچۇشقا،
ئوقۇش بىلەن مەكتەپ قوينىدا
كونا يىلنى ئۇزاتتۇق خۇشال.
يىڭى يىلدا چۈشسەك بەيگىگە،
قۇچاق ئاچار بىزگە ئىستىقبال.
يىللار بىلەن چۈشۈپ بەيگىگە،
كارۋانلاردەك باشلىدۇق سەپەر.
پەرۋاز ئەيلەپ ئىلىم بېغىدا،
كەلگۈسىدە قۇچىمىز زەپەر.
يىڭى يىلدا يىڭىپ مۈشكۈلنى،
ئۆتمەكتىمىز ئىجىل ۋە ئىناق.
ئۈگۈنىمىز ئىجتىھات بىلەن،
سەپەر ئۇزۇن،مەنزىلدۇر پارلاق.
يىل بوۋا
كونا يىل، ئۇزاپ،
كەلدى يىڭى يىل.
شان-زەپەر قۇچۇپ،
ئۆتىمىز ئىجىل.
يىللار قوينىدا،
ناخشىمىز ياڭراق.
كۆككە ئۆرلەشتە،
ئىلىم-پەن چىراق.
ئەگىشىپ ئۇستاز،
ھارماس كارۋانغا.
يىتىمىز چوقۇم
ئارزۇ-ئارمانغا.
ياخشى ئوقۇساق،
ئانا مەكتەپتە.
داۋان ئاشىمىز،
ئىجاد-ئەمگەكتە.
كونا يىل بوۋا،
چۆچەك ئەيتىپ بەر.
مەكتەپكە ماڭ دەپ-،
ئويغاتقىن سەھەر.
يىل بوۋا،ساڭا،
گۈللەر تۇتىمىز.
ھارماي ئۈگۈنۈپ،
زەپەر قۇچىمىز.
كونا يىل بوۋا،
خەيىر-خوش ساڭا.
يىڭى يىل بوۋام،
كۈچ بەردى ماڭا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 01:40