چۆمۈلە ھەققىدە چۆچەك
تۇردى قۇتلۇق
خوراز سوراپ چۆمۈلىدىن ،
بەدىنىڭ كىچىك تۇرۇپ .
قانداقچە مەدەتلىنىپ ،
كەتتىك شۇنچە كۈچلىنىپ .
چۆمۈلە جاۋاب بىرىپ :
قارىساڭ تىنىم ئاجىز .
ئەممە سەن قالغىن بىلىپ ،
روھىم ئەمەستۇر ئاجىز .
مۈشكۈل كەلسە زىيادە ،
بىزدە باردۇر ئىرادە .
ئەتراپقا قاراپ باققىن ،
بىزدەكلەر كەم ئالەمدە .
دۇچار بولساق مۈشكۈلگە ،
تەن بەرمەيمىز ئەلۋەتتە .
ئەڭ موھىمى جانلىقتا ،
ماھىر بولۇش تەدبىرگە .
ئىناقلىق ئىتتىپاقلىق ،
بىزدىن تارالغان بىلسەڭ .
ئىناقسىزلىق غاپىللىق ،
ئىناق بول ياشاي دىسەڭ .
تالاشمايمىز ئوزۇغلۇق ،
سوقۇشمايمىز ئۆز-ئارا .
بىز بىر ئۆيدە تۇرۇغلۇق ،
سۇئالىڭ يەنە بارما ؟
خورازجان بۇنى ئاڭلاپ ،
چىپ-چىپ تەرگە چۈمۈپتۇ .
چۆمۈلىدىن ئۆگۈنىپ
يېڭى تەدبىر تۈزۈپتۇ .
چۆمۈلە دەپتۇ يەنە :
ھەممىمىزگە جان كېرەك .
يىتىلسەڭ گەر تەدبىردە ،
غەلبىدىن بىرەر دىرەك .
چۆمۈلىچە روھ ئەگەر ،
ھەمرا بولسا جانلىققا .
ھامان بىر كۈن يىتىدۇ ،
يەتمەك بولغان ئارمانغا .
2015-يىل 30-دىكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 01:46