كەلدى يەنە يېڭى بىر يىل
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت
مەرھابا، كەلدى يەنە يېڭى بىر يىل،
قوغلىشىپ كۈنلەر، ئايلار بىر- بىرىنى.
جۇش ئۇرۇپ قەلىپلەردە يېڭى تۇيغۇ،
نامايەن قىلار يېڭى يىل سېھرىنى.
يېڭى يىل يېڭىچە ئوي، خىسلەتكە باي،
ئالايلى يېڭى يىلغا يېڭى قەدەم.
ئۇلايلى زىمىستاننى باھارغا بىز،
قالدۇرۇپ يېڭى يىلدا يېڭى بىر تەم.
ياڭرىتىپ نەغمە- ناۋا، شادلىق كۈيى،
ھەممىمىز قۇتۇقلايلى يېڭى يىلنى.
يارىتىپ يېڭى ئۇتۇق، يېڭى تۆھپە،
ئۆتەيلى شادلاندۇرۇپ بارچە دىلنى.
نا ئۈمۈت قويمايلى بىز يېڭى يىلنى،
تەر تۆكۈپ قىلايلى كۆپ ئەجر- مېھنەت.
يېڭى ئىز قالدۇرايلى يېڭى يىلدا،
يېڭى يىل بېرەر بىزگە يېڭى نىممەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-31 13:07
|