كۆرۈش: 512|ئىنكاس: 7

ئا.سېيىت: مەڭگۈلۈك ئابىدە-ئايخان روھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-31 12:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەڭگۈلۈك ئابىدە- ئايخان ئانا



( «ئايخان ئانا» دىرامىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار)


ئابدۇرۇسۇل سېيىت



    ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دىراما ھەپتىلىكىدە قويۇلغان بىر يۈرۈش دىرامىلار ئىچىدە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسۇل دىراما ئۆمىكى ئورۇنلىغان،ئابلىكىم ھەسەن ئاپتورلىقىدىكى مۇزىكىلىق تارىخىي دىراما- «ئايخان ئانا» غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئوينالغان، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-5-9-يۈرۈش قاناللىرى،ھەرقايسى يەرلىك تېلىۋېزىيە قاناللىرىدا قويۇلغان،رادىئو ئىستانسىسى چاستوتىلىرىدا ئاڭلىتىلغان،تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق جەمىيەتكە كەڭ تارالغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئېنكاس قوزغىدى.بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا بۇ دىراما بىزنى مەدەنيەت ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇرى قىلدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟ سوئالىمىزغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن گەپنى ئەسلى تېمىغا يانداش زامانە ئۇچۇرلىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلانغان «يەر شارىلىشىش»خۇسۇسىدىكى تەتقىقاتلار زامانىمىزغا كەلگەندە ئەڭ يۇقۇرى پەللەگە يېتىپ،دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان قىزىق نوقتا ئۇقۇمىغا ئايلاندى. «يەر شارىلىشىش»ئۇقۇمى-نېگىزىدىن ئالغاندا زامانىۋىي مەدەنيەتنىڭ يەر شارىلىشىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.كومپىيوتىر ئۇچۇر ئىلمىنىڭ ئومۇملىشىشى يەر شارىنى ئالقانچىلىك كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر قوۋم،ھەر بىر ئىجتىمائىي توپقا نىسپەتەن ئالغاندا ئۆزىدە ئۆزلىكى،كىملىكى،مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش زۆرۈريىتىنى تۇغدۇردى.
   مەدەنىيەت-ۋاقىت چېكى بويىچە ئالغاندا ئەنئەنىۋىي مەدەنيەت ۋە زامانىۋىي مەدەنيەت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.غەرىپ بىلەن شەرىقنىڭ، تەرەققىي قىلغان دىڭىز بويى رايونلىرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە قىممەت قارىشىدىكى قىسمەن پەرىقلەر سەۋەبىدىن «مەدەنيەت قوبۇل قىلىش» ئۇقۇمىدا ئاز-تولا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ،پەلسەپە يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس قانۇنيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋەردى.ئىلغار پىكىر،ئىلغار ئىدىيە،ئىلغار مەدەنيەت «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز،كىرزىس         ۋە تراگېدىيە ئېڭى يوق،پەقەت قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان،ئۆزىدىن ھالقىش روھىغا ئىگە بولمىغان ئاز ساندىكى «ئەخلەت  ئىنسانلار»نىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەمەس،ئىنسانىيەت تەرەققىيات تەلىپىنىڭ ئىھتىياجى بويىچە كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دەخلىسىز سىڭىپ كىرىۋەردى.مەسىلەن ئالايلى: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن پەرەڭلەر بىلەن ئەجنەبىلەر مەدەنىيىتى رايونىمىزغا سىڭىپ كىرىۋېدى،ئۇنى جىن-شاياتونلارنىڭ نەرسىلىرىگە ئوخشاتتۇق.ئۇنى قوبۇل قىلغۇچىلار «كالتە قۇيرۇق»،«يىرىق چاپان»لار قاتارىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىدى. قىرىم تاتارلىرى قوزغىغان جەدىتىزىم پىكىر ئېقىمى نامىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى پەيدا بولىۋېدى،ئۇلار بىردىنلا دىنسىزلار قاتارىدا چەتكە قېقىلدى.ئۇلار تارقاتقان كىتاپلار،ئىلىم پەن جەۋھەرلىرى بىدئەت كالاملار جۈملىسىگە چىقىرىۋېتىلدى.مەتبۇئات،نەشىريات،كېنۇ،سۈرەت تارتىش ئاپاراتى، ئاياللىرىمىز رول ئالغان سەھنە ئەسەرلىرى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىۋېدى،جىن-شاياتونلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ قارالدى.ئىشقىلىپ بۇ زېمىندا پەيدا بولغان ئىلغار ئىدىيە،ئىلغار پىكىرگە تەۋە ھەرقانداق يېڭىلىققا ماڭدامدا بىر «مۆڭگۈز-پۇتاق» چىقىپ تۇردى.جاھالەت دەپ نېمىگە ئېيتىمىز ؟ ئەقلىيلىشىشكە يۈزلەنمىگەن،يۈزلىنىشتىن باش تارتىدىغان،ئىنسانىيەتنىڭ ئىرادىسى ۋە روھىغا خىلاپ ھالدا كونا،ۋاقتى ئۆتكەن سەپسەتەلەرنى بازارغا سېلىپ،ئەنئەنىۋىي جەمىيەتتە ئۆز خاھىشى بويىچە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى نەق جاھالەتنىڭ ئۆزى دەيمىز.ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇلالىرىمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.مەيلى دىن،مەيلى پەن نوقتىسىدىن بولسۇن،ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت زامانىۋىي مەدەنىيەتنى ئەزەلدىن چەتكە قاققان ئەمەس.بۇنىڭغا «ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگەن» دېگەن ھەدىس-شېرىپنىڭ روھى دەلىل بولالايدۇ. بىز كىتاپنى بىلىمنىڭ بۇلىقىغا،بىلىمنى ئەقىلنىڭ چىرىقىغا ئوخشىتىمىز.بىلىم ئادەمنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان،بىلىمسىزلىك ئەقىل-پاراسەتنىڭ قۇدرىتىنى چەكلەپ،خۇراپاتلىق،نادانلىق،نامراتلىقنى پەيدا قىلىدىغان مەنىۋىي كىشەن. بىز مانا شۇ مەنىۋىي كىشەندىن،جاھالەت بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىدۇق،ھېلىمۇ تۆلىمەكتىمىز. بۇ خىل بەدەل تۆلەش بىر مىللەت،بىر ئىجتىمائىي توپقا نىسپەتەن ئالغاندا تراگېدىيەدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     ئۈچ پەردە،يەتتە كۆرۈنۈشلۈك «ئايخان ئانا»دىرامىسى دەل مۇشۇ تېمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلى رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تولىمۇ جايىدا،ئوبرازلىق،مۇكەممەل يورۇتۇپ بېرىلگەن.شۇ گەزلەردە پەرەڭلەر ۋە ئەجنەبىلەر مەدەنيىتىدىن كۆرە «يېڭىلىققا كۆچۈش» نامى بىلەن كىرىپ كەلگەن جەدىتىزىم پىكىر ئېقىمىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى بېكىنمە ھالەتتە تۇرىۋاتقان مەركىزى ئاسىيادىكى ئىلى خەلقىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ قاتتىق بىرنەچچىنى سىلكىۋەتكەن چاغلار ئىدى.بىر تەرەپتىن جىڭ شۇرىن،شىڭ شىسەيلەرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى،يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش ئېتىقادى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ نوپۇزى ۋە ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان،بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن باشقىسىنى كۆرمەيدىغان ئاز ساندىكى پوشكالچى موللاملارنىڭ سۈر- ھەيۋىسى جاھاننى بىر ئالغان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە، سۆيۈملۈك ئىلى خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىكىنى تېپىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى.ئەنە شۇ ھېس قىلغانلار ئىچىدە ئىلىغا تۇنجى بولۇپ خەت بېسىش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كىرگەن ھۆسىيىنبەگ يۇنۇسۇپقا ئوخشاش زىيالىلاردىن تارتىپ،نەسۇھا داموللام،ئابدۇمۇتالە خەلپەم،ئاسىپ ئەلەمئاخۇنۇمغا ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغىچە، ئىلىدا توققۇز ئەۋلادىغىچە ھوقۇق تۇتۇپ،سەلتەنەت سۈرۈپ كەلگەن مەشھۇر جامائەت ئەربابى ھېكىمبەگە غوجىدىن تارتىپ،ئاددى ئاۋام پۇخرا- ئائىلە ئاياللىرىغىچە بار بولۇپ،ئۇلار يېڭى مەدەنيەت شەكلى بىلەن يۇرت ۋە مىللەتنى جاھالەت بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەرەپتارلىرىدىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان ئىلى رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن پەننى مەكتەپلەر ئېچىلىشقا باشلىغان،ئۆلىمالار ئەقىل-پاراسىتىنى،بايلار تاپقان-تەرگىنىنى،زىيالىيلار ئىسسىق يۈرىكىنى ئىلىم ئۈچۈن تۆھمە قىلىشقان ئىدى.بۇ ئەمەليەتتە دۇنيا تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس نىشانى قىلغان يېڭى پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىلىدىكى «سوغۇق ھاۋا ئېقىمى»بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتى بىلەن ئۇنىڭغا تەلۋىلەرچە،ئەسەبىيلەرچە قارشى تۇرۇش قىلمىشى ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان كۆرەش ئىدى. ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ كۈنلىرى ئەسكى چەكمەن ئىچىدە گاڭگىراش بىلەن ئۆتىۋاتقان تەلۋە،مۇتەئەسسىپ موللاملاردىن پەرقى شۇ يەردىكى،ئۇلار « رۇسلارنىڭ سېرىق ساقاللىرىنى قىرىپ،سۇن جوڭسەن ئەپەندىنىڭ خەنزۇلارنىڭ چىڭ سەلتەنەتىدىن قالغان ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى كەستۈرۈپ، مۇستاپا كامالنىڭ تۈركلەرنىڭ پەشمىتىنى يەشتۈرۈپ،ئۆز خەلقىنى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يولىغا باشلاپ ماڭغان»ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇلار يەنە جەمىيەتكە،ئائىلىگە،زېمىنغا يۈك بولۇپ قېلىشنى خالىمايىتتى.ئەۋلات خارلىقىنىڭ ھەممىدىن بەك يامانلىقىنى،ئىنسان ئۈچۈن قورساقتىنمۇ بەكرەك قەدىر-قىممەت،ئىنسانىي ئىزززەتنىڭ موھىملىقىنى بىلىپ يەتكەنلەر ئىدى.ۋەتەنپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە ئايالى ئايخان ئانا ئاياللىرىمىز ئىچىدىن چىققان مانا شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى.
     گەپنى ئەسلى تېمىغا قايتۇرۇپ كەلسەك،يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان توقۇنۇش تېما قىلىنغان «ئايخان ئانا» دىرامىسى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.دىراما قولىدا ساپايە تۇتۇۋالغان چاڭگا ساقال سائىلنىڭ يىتىم قالغان بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئايخان ئانىنىڭ قورۇسىغا سەدىقە تىلەپ كىرگەن يېرىدىن باشلىنىدۇ.يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، مۇساپىرلار،غېرىپ-غۇرۋالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېتىقادىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان ئايخان ئانا سائىلنىڭ قاسماق باغلاپ كەتكەن ئوغلى ئاباقنى (ئابابەكرى) ئۆز ھېمايىسىگە ئالىدۇ.بۇ يەردە بىز ھە دېگەندىلا ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بىر ئانىنىڭ ئىزگۈلۈك ۋە ياخشىلىققا تولغان قەلىب دۇنياسىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرىمىز. دىرامىدا ئايخان ئانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆسىيىنبەگ يۇنۇسۇف،نەجمىدىن ئەزىزى،مۇھەممەت يۈسۈپ ھاجىم،ھېكىمبەگ غوجا،زۆھرە جىلقىبايىۋاغا ئوخشاش جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن يىغىلىپ، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئەتراپىغا توپلانغان ئىلغار كۈچلەر تەرەپتارلىرى بىلەن،ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە دۇنيا مەئىشىتى،خوتۇن ئېلىشتىن باشقىسىنى ئويلىمايدىغان مەرۈپ ئاقساقال،بېشىغا ھارۋىنىڭ چاقىدەك سەللىنى ئورۇۋېلىپ،ھۆسنى مۇتلەقنىڭ ئىككى ئالەملىك سادىق بەندىسى،ھەق مۇستافانىڭ ئەڭ پاك،ئەڭ مۇكەممەل ئۈممىتى سىياقىغا كىرىۋالغان،تىلىدىن شېكەر،دىلىدىن زەھەر تۆكۈلىدىغان موللا ھوشۇرغا ئوخشاش ئاتالمىش دىن پېشىۋالىرىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ،ئىككى تائىپىنىڭ ئادەملىرى بىر ئالمىنىڭ ئىككى تال كەسمە يۈزىگە ئوخشاش كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدۇ.شۇنداق قارايدىغان بولساق،بۇ ئىككى تال كەسمە يۈزنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ساق،يەنە  بىر تەرىپىنىڭ تامامەن سېسىپ كەتكەنلىكىدەك پاجىئەلىك ھالنى كۆرۈمىز.ئېڭىمىزدىكى پاجىئە مانا شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. دىراما ۋەقەلىكى   ئىككى قۇتۇپ ئادەملىرىنىڭ ئىدىيە كۆرۈشى ئارقىلىق قانات يايىدۇ.دىرامىدا ئەينى يىللارنىڭ مۇھىت، پۇراق،رەڭ، ئاۋازلىرى،تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تولىمۇ جايىدا بېرىلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئىلىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت،مائارىپ ئىشلىرىنى ئۇلغايتىش،خەلقنى جاھالەت بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئىلى ۋىلايەتلىق مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «سانائىي نەفىسە» بۈگۈنكى زامان تارىخىمىزدا سىر ئەمەسكى،بۇ ئاممىۋىي تەشكىلاتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بېرىقى سۈت ئۇيقۇدا ياتقان نېرىپلىرىنى غىدىقلاشتا مىسلىسىز زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ھۆسۈيىنبەگ يۇنۇسۇف،نەجمىدىن ئەزىزى،مۇھەممەت يۈسۈپ ھاجىمغا ئوخشاش مەيدىسىدە تۈكى بار ئونلىغان،يۈزلىگەن ئەركەكلىرىمىز ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشىدا كاتتا روللارنى ئوينىغان ئىدى.ئۇيۇشما قۇرۇلۇپ ماس قەدەملىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانلار،مەكتەپلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشى،سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىشى،سەھنىلەردە رول ئېلىش ئىھتىياجى بىلەن نامەھرەملىرىمىزنىڭ يۈزىدىكى چۈمپەردىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ،ئەركىن بىر دۇنيانىڭ ئادىمىگە ئايلىنىشقىچە بولغان جەريانلارغا ئاز بولمىغان مۆڭگۈز-پۇتاقلار چىقمىدى دەمسىز ؟ «ئايخان ئانا»دىرامىسىدا مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ناھايىتىمۇ ئوبرازلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. بولۇپمۇ دىرامىدىكى ئەسەبىيلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولمىش موللا ھوشۇر ئوبرازى دېھقىتىمىزنى بەكرەك تارتىدۇ.ئۇنىڭ ئاغزىدىن مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا قارىتا ئېيتىلغان «ئالدى ھالاۋەتلىك،كەينى ھالاكەتلىك» ئىبارىسىنى  ئاڭلىغان چېغىمىزدا تەنلىرىمىز شۈركۈنۈپ كېتىدۇ.يەنە تېخى يۈزىنى داپتەك،يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ:«ئاقارتىش ئەمەس،قارايتىش ئۇيۇشمىسى.يۇرتنى بۇزىدىغان بۇزاقىلار ئۇيۇشمىسى.بۇ يەردىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى ئادىمىي سۈرەتلىك جىن-شاياتونلار،ئىبلىسنىڭ شاگىرىتلىرى،ھارۇت-مارۇتنىڭ ئەپسۇنىغا كەتكەنلەر»دەپ ھاقارەت قىلغاندا،ئۇيۇشما دەرۋازىسىنى ۋەيلون دوۋزاقنىڭ ئىشىكىگە ئوخشاتقاندا،ھۆسۈيىنەگ يۇنۇسۇف چەتئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى سۈپىتىدە تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگەن خەت بېسىش ماشىنىسى ۋە ئۇ تارقاتقان ئىلىم جەۋھەرلىرىنى «بىدئەت كالام»لار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەندە، باشلىرىمىزدا  قۇتراپ تۇرغان دىن ئەسەبىيلىرى سايىسىنىڭ قانچىلىك  دەھشەتلىك ۋە  قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.مانا بۇ ھەققانىيەت بىلەن جاھالىيەتنىڭ تولىمۇ كەسكىن ئېلىشىشى بولۇپ،دىرامىدا ئۇلار ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى ئىلغار كۈچلەرگە قارشى ئاشكارە تىغ كۆتۈرۈپ چىقىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ.ئىمانى بىلەن تەقۋادارلىقىغا زاكىسىدىن دەز كەتكەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە رەسۇل ئەكرەمنىڭ «بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ قەلىمىنىڭ سىياسى بىر شېھىتنىڭ قېنىدىنمۇ بەكرەك مۇقەددەس بولىدۇ»دېگەن ھەدىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ ؟ بىر ئېغىز جاۋاپ: يوق.چۈنكى ئۇلار چۈشەنگەن بولسا،ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس دىننىڭ ئىلغار مەدەنىەتكە قارشى دىن ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن بولاتتى. ئۇنىڭ  چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى ئالتۇن دەۋرىدە جاھانغا ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى،ئىلىم-پەن،پەلسەپە،تىبابەتچىلىك،ئىلمىي نۇجۇم،مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنى،نۇر ۋە ئادەم كۆزى ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ،زامانىمىز ئوپتىكا ئىلمىگە غايەت زور ئاساس سالغانلىقىنى،مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن ياروپالىقلار ئەۋرىتىگە ئېغى يوق ئىشتان يېپىپ يۈرگەن زامانلاردا قەغەز  ياساش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى.
     قارايدىغان بولساق،دىرامىدىكى مەرۈپ ئاقساقال بىلەن موللا ھوشۇر ئوبرازى يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قاتار ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم سەمىمىزگە سېلىپ ئۆتىدۇ.يىپەك يولىنىڭ موھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان ئىلى رايونى ئۆز ۋاقتىدا پەرەڭلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى،ئاھالىلەرنىڭ تۈركۈملەپ سىرىتقا ئېقىپ كېتىشى،يېنىپ كېلىشى،سودا كارۋانلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇشى بىلەن خىلمۇ-خىل تېخنىكا ۋە ئىلغار مەدەنيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنىدى.بىراق...
     بىراق شۇ ئىمكانىيەرلەر ئىچىدىن يول تېپىپ،ئادىمىلىك سۈپىتى بىلەن ياشاش ئستىكىدە قولىغا قەلەم ئالغان ئىلغار پىكىرلىك زاتلىرىمىزغا بىزگېپىنى قىلىۋاتقان ئاتالمىش «تەقۋا» ئىگىلىرى نېمە كۈنلەرنى كۆرسەتمىدى دەيسىز ؟ بىزگە شاھانە ئەسەرلەرنى يېزىپ بەرگەن موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ كۆكسىگە ئورناپ كەتكەن قاداقلارنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي:« يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،كىشى بىلمەيدۇ قەدرىمنى ۋەتەننىڭ گەۋھىرىدۇر مەن» دېگەن ناخشىسىنى توۋلىغىنىچە،نەسۇھا داموللام مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدىن دەررە يەپ،يۈرەكلىرى چۇل-چۇل بولغىنىچە ئىلى تۇپرىقىدىن باش ئېلىپ،تەركى جاھان بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولدى.پارىسلارنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىدىن ئۆمەر ھەييام بىلەن شىرازىلار مۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا دىنىي ئەسەبىيلىك،ئىچى تارلىق،مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىش خاھىشلىرىغا مەردانىلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلغانىدى.ئۇلار شۇ زامانلاردىلا «ئىشلارنىڭ شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئىنسانلار قولىغا قالغاندا قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقى» نى بىلىپ يەتكەنلەر ئىدى.ئەمدى قانداق بولىۋاتىدۇ ؟ ئىسلام شەرقىنىڭ كۆپ خىل قۇتۇپلارغا بۆلۈنۈپ كېتىشى،دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئورۇنسىز قان تۆكۈلۈشلەر،ۋەيرانچىلىقلار،جىدەل-نېزالار،مۇقىمسىزلىقلار،بالىلارنىڭ يىتىم،ئانىلارنىڭ تۇل قېلىشلىرى، نارسېدىلەر  كۆزلىرىدىكى دەريا-دەريا ياشلار...تور ۋاستىسى ئارقىلىق كۈنىگە يېتىپ كېلىۋاتقان بۇ ئالامەتلەرنى تولا كۆرۈپ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.يەنە تېخى تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە يۈرەكلەردە ئۇيۇپ قالغان قاداقلارنىڭ كۆپلىكىدىن تېنىمىز ھەقىقەتەن شۈركىنىدۇ.مەنسۇر ھەللاجىنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ،جەسىدى كۆيدۈرۈلۈپ،كۈلى دەجلى دەرياسىغا تۆكۈۋېتىلىشى،شاھ مەشرەپنىڭ قۇندۇزدا دارغا ئېسىلىشى،قىرىق يىللىق ئۆمرىنى كائىنات ۋە يۇلتۇزلار سىرىنى ئېچىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ دەھرىلىكتە ئەيىپلىنىپ چەتكە قېقىلىشى ۋە ئاخىرى بېرىپ ئۆز پۇشتى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈشى،يۈسۈپ سەككاكىنىڭ خونخاي غولىدىكى نەزەربەنىتتە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى،ئابدۇقادىر داموللىنىڭ بىھۇدە قەتلى قىلىنىشى،جاھان دانىشمەنلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن مىڭلىغان،مىليونلىغان كىتاپلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى،رۇم،قاھىرە،باغدات،سەئىدىيە خەزىنىلىرىدە توپلانغان نى-نى ئەقىل دۇردانىلىرىنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىشىگە ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ قايسى بىرىدە دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان ئەسەبىي كۈچلەر،تەلۋە سوپى-ئىشانلار،سايىسى ئۆزىدىن ئاشمايدىغان ئاز ساندىكى جاھانكەزدى شەيخلەرنىڭ قانغا بويالغان قوللىرى يوق دەيسىز ؟
     «ئايخان ئانا»دىرامىسىنى كۆرۈۋېتىپ،بالىلىق چاغلىرىمدىكى شۇنداق بىر ئىش يادىمغا يېتىپ قالدى.بوۋام،موماملار ھە دېسىلا بىزگە:«بالىلىرىم،ئوت ئوينىماڭلار، يامان بولىدۇ.نان ئۇۋىقىنى دەسسەپ قويماڭلار،يامان بولىدۇ.كۆپ بار يەردە تۈكۈرمەڭلار،يامان بولىدۇ.سۇغا قارىتىپ سىيمەڭلار،يامان بولىدۇ...»دېگەندەك بىر تالاي «يامان بولىدۇ»لارنىڭ گېپىنى تولا قىلىدىغان.ئەمدى ئويلىسام بۇ «يامان بولىدۇ»لارنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بارىكەن. دېمىسىمۇ،كىچىك بالا ئوت ئوينىسا ئالىمادىس بىرەر يەرگە ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،«يامان بولۇش» بۇنىڭدىن ئارتۇق بولامدۇ ؟ كىشىلەر بار يەردە تۈكۈرۈش،بۇرنىنى  تاشلاش، ئېغىزىنى كوچىلارش،كېرىلىش،ئەسنەشكە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ئەلۋەتتە كىشىنىڭ سالا-سۈپىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن تۇز،نان،سۇنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن.ئۇلۇغ نەرسىلەرنى خورلاشنى ئىماننىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىمايدۇ.يىغىپ كەلگەندە،بۇ «يامان بولىدۇ»لارنىڭ ئارقىسىغا ئىسلاميەتنىڭ ئەخلاق قارشى بىلەن مىللەتنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى جۇغلاپ كەلگەن، تولىمۇ ئېسىل ئۆرپ-ئادەتكە ياتىدىغان قىممەت قارىشىنىڭ سىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھازىر كىشىنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بىر تالاي «ھارام بولىدۇ»لار يۈزىدە قېنى يوق دەججالنىڭ چىرايىدەك كۆپەيگىلى تۇردى.ئالايلى: «نەۋرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزسە ھارام بولىدۇ»،«پەننى مەكتەپتە ئوقىسا ھارام بولىدۇ» ،«ھۆكۈمەتكە ئىشلىسە ھارام بولىدۇ»،«پۇلىنى ئېلىپ خەجلىسە ھارام بولىدۇ»،«ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىدىن تاماق يىسە ھارام بولىدۇ» ...ۋاھاكازالار.بۇ گەپلەرنىڭ تەكتىگە يوشۇرۇنغان تەلۋىلىك،ئەسەبىيلىككە نېمە دىگۈلۈك ئەمدى؟
      «ئايخان ئانا» دىرامىسىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى،دىرامىدىكى باش قەھرىمان «ئاي ئانا»نىڭ تەلۋىچۈكلەر ئالدىدا ئېيىتقان مەردانە خىتاپلىرى قەلبىمىزنى تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە ھاياجانغا سالىدۇ.ئۇنىڭ تىلى بىلەن دىلىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلىپ چىققان شۇنداق بىر سادانى ئاڭلايمىز: «بالىلىرىمىز ئوقۇيدۇ،قىزلىرىمىز ئوقۇيدۇ،يىتىملىرىمىز ئوقۇيدۇ.مەن كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ئادالەتنىڭ، پاراسەتنىڭ،   پۇچۇق ناننىڭ غېرىبى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن.مۇرەببىمدىن قالغان ئىلكىمدىكى ئون ئېغىزلىق قورۇ جاي،مىليون سەر ئالتۇن مىللى مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ سەدىقىسى بولسۇن، بولسۇن،بولسۇن !...»
     سەھنىدە چەكمەن ئىچىدە دۈگدەرەپ،كۆپ ئالدىدا شەرمىسار بولۇپ،كالىچىنىڭ سوڭىنى دەسسەپ چىقىپ كېتىۋاتقان پوشكالچى موللاملار، ئۇلارنىڭ ساقال باسقان كىردىن-كىر چىرايلىرى،مەسخىرىلىك كۈلكىلەر،چاقچاقلار،چېقاس-چۇقانلار...
  دىرامىنىڭ چۈشۈرگىسىدە «ئايخان ئانا»مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارارلىق مۇدىرى،ئىلىنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغۇچىلارنىڭ بىرى زۆھرە جىلقىبايىۋا خېنىمنىڭ يېتەكلىشىدە ئۈستىگە بىر يۈرۈش يارىشملىق مەكتەپ پورمىسى كىيىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئاي ئانىسى»غا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن مىلودىيىسى گۈزەل ناخشىنى ئومۇمىخور سۈپىتىدە توۋلاپ چىقىشى بىلەن قەلبىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا سالىدۇ. ئايخان ئانا روھى مەڭگۈلۈك ئابىدە سۈپىتىدە يۈرەكلەردىن ئورۇن ئالىدۇ.«ئايخان ئانا»دىرامىسىنىڭ بەدىئىي مۇۋاپىقىيىتىنى مۇنداق ئىككى نوتتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.ئۇنىڭ بىرى:ئايخان ئانىنىڭ مال-دۇنيانى دوست تۇتماي بارلىقىنى يۇرتىنىڭ گۈللىنىشى،مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن بېغىشلاشتەك مەردانە روھىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا ئوبرازلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكى،. يەنە بىرى: كۆلگە چۈشكەن پاقىدەك جىمى ئىقلىمنى سېسىتىپ يۈرگەن ئاز ساندىكى جاھالەت «پىر»لىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش روھى.بۇ ئىككى خىل ئەڭگۈشتەر روھ ھازىرمۇ،مۇندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.داۋاملىشىدۇ،داۋاملىشىۋېرىدۇ...
زامانىۋىي مەدەنىيەت دېگەن نېمە ؟ ئۇ نەدىن كېلىدۇ ؟ بىز ئايخان ئانا روھىدىن بۇندىن سەكسەن يىل مۇقەددەملا بۇ سوئالىمىزغا جاۋاپ تېپىۋالغان.ئۇنداقتا زامانىۋىي مەدەنىيەت بىزلەرگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ھەئە،ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن كۆپ بولدى.ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى.ئىستىمال سەۋىيىرىمىز كۈنسىرى ئۆستى.مىللىي مەدەنيىتمىز،تۇرمۇشىمىزدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى.ھەممىدىن موھىمى ئۆزلۈكىمىز، كىملىكىمىز، مەۋجۇتلىقىمىزنى زامانىۋىي مەدەنيەتنىڭ ئاڭ پورمىسى ئىچىدە تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.شۇنداق بولغاچقا ئىشەنچلىك ھالدا شۇنداق دەپ توۋلىيالايمىز:
«زامانىۋىيلىق بولغاندا،ئەمەلىي كۈچىمىز بولىدۇ.ئەمەلىي كۈچىمىز بولغاندا،ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش،ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.شۇڭا بىز زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى بىر-بىرىگە زىت قىلىپ قويماسلىقىمىز،زامانىۋىيلىقنى قوغلىشىش جەريانىدا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز،ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز،ئۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.زامانىۋىيلىقنى رەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىيالمايمىز. زامانىۋىيلىقنى رەت قىلىش-نەتىجىدە مىللىي خاراپلىشىشقا،يوقۇلۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.زامانىۋىيلىقنىڭ شىددەتلىك دولقۇنىدا مىللىي مەدەنىيەتنى توپلاش،رەتلەش،ئاسراش،قۇتقۇزۇش،جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىمىز ھەم باشقىلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ھەرقايسى مىللەتلەر،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە يول قويغىلى،ئۆزئارا ئۆگەنگىلى،دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى،مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ»   
   مانا بۇ مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭ مىڭنىڭ بىزگە ئېيىتقانلىرى.


                                                                  
                                                                         2015-يىلى كۆنەكنىڭ 19-كۈنى  
   

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-31 13:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا. سېيىتنىڭ  ئەجىرىگە تەشەككۈر !

ۋاقتى: 2015-12-31 13:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭگە رەھمەت ، ئۇلۇغ ئانىمىز ئايخاننىڭ مەرىپەت ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ئەلنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ ساقلىنىدۇ .
«زامانىۋىيلىقنىڭ شىددەتلىك دولقۇنىدا مىللىي مەدەنىيەتنى توپلاش،رەتلەش،ئاسراش،قۇتقۇزۇش،جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىمىز ھەم باشقىلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ھەرقايسى مىللەتلەر،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە يول قويغىلى،ئۆزئارا ئۆگەنگىلى،دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى،مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ»   
    مانا بۇ مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭ مىڭنىڭ بىزگە ئېيىتقانلىرى.



ۋاقتى: 2015-12-31 21:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئايخان روھى›› نى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ ، بۇ تېمىنى بېيىتىپ چىقىشىڭغا تىلەكداشمەن . ھارمىغايسەن ئاغىنە ... ئامان بول ...

ۋاقتى: 2016-1-1 14:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ھەرقانداق ئەسەرلىرىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن ،مۇئەللىم. بۇ ماقالىڭىزنىمۇ ئوقۇپ ساقلىۋالدىم. ئايخان ئانا روھى ئاياللار تەتقىقات تېمىسىدىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ دەپ قارايمەن. يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئائىلىڭىزگە تېنچ -ئامانلىق، خاتىرجەملىك يار بولسۇن!  



ۋاقتى: 2016-1-6 17:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسەن؟دڭگال دوستۇم!ھاياجان،سۆيۈنىش ئىچىدە يېزىپ چىققان ماقالەڭنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم.ئادەمنىڭ قەلبدىكى گەپلەرنى دەپ،ئۇزاق بىر تارىخنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ چىقىپسەن.ھازىرىمىز بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى ياخشى سىلىشتۇرۇپ چىقىپسەن.خەلقىمىز تۇمان ئىچىدە مەڭدەپ يۈرگەن  بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلاردا ‹‹ئايخان ئانا››غا ئوخشاش دىرامىلارنىڭ يېزىلىشى ۋە مەيدانغا چىقىشى تولۇمۇ زۈرۈر ئىدى.بۇ نۇختىنى ئالدىن ھېس قىلغان ئابلىكىم ھەسەنگە ئوخشاش يازغۇچىلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!
داڭگىلىم مۇشۇنداق داڭگال پۇراپ،تۇپراق ھىدىنى بىرىدىغان تاتلىق ماقالىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ تۇرغايسەن!قەلىمىڭگە بەركەت،ئىجادىيەتلىرىڭگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن!..

ۋاقتى: 2016-3-6 17:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئايخان روھى››  مەڭگۈ نۇر چىچىپ ، ياش بوغۇنلارنىڭ قەلبىنى يورۇتقاي !

ۋاقتى: 2016-3-6 17:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايخان روھى مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ، بۇ روھ مەڭگۈ داۋاملاشقاي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش