كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 0

ئادىل ئابدۇراخمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-31 11:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
adil abdurahman 09.jpg

   ئادىل ئابدۇراخمان، 1979-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «كىتاب خۇمارى ۋە ئۇيقۇ» ناملىق تۇنجى پەننىي ھېكايىسى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان پەننىي ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 300پارچىغا يېقىن پەننىي ھېكايە ۋە پەننىي چۆچەك ئېلان قىلىپ، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەم بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ئادىل ئابدۇراخمان 1956-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى دىيارىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى كۆپ مىللەتلىك چېگرا شەھەر چۆچەكتە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
  ئادىل ئابدۇراخماننىڭ سەبىي بالىلىق چاغلىرىنىڭ كۆپ ۋاقتى مومىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتكەن، بولۇپمۇ «چىن تۆمۈر باتۇر»، «ئۇچار گىلەم» ۋە «ياغاچ ئات» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.
  ئادىل ئابدۇراخمان ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىتابخۇمار ۋە گېزىتخۇمار بولۇپ، دادىسى ئۆزى مۇشتەرى بولغان گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بالىلارغا ئائىت ھېكايە، شېئىر، چۆچەك ۋە مەسەللەرنى ئوقۇپ بېرەتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىپ ساقلىغان نۇرغۇن كىتابلىرى بار ئىدى.
ئادىل ئابدۇراخمان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئانىسىدىن كونا يېزىقنى ئۆگىنىپ، بالىلارغا ئائىت كىتابلارنى ھەجىلەپ ئوقۇيالايدىغان بولغان. ئاتا-ئانىسى ئوغلىنى كىتابخۇمار قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇنى كىتابخانىغا باشلاپ بېرىپ، بالىلارغا ئائىت تۈرلۈك رەسىملىك كىتاپچىلارنى، ھېكايە-چۆچەكلەرنى ئېلىپ بېرەتتى.
بالىلىقىدىن تارتىپلا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىرىغا قىزىقىدىغان ئادىل ئابدۇراخمان دائىم ئاتا-ئانىسىدىن «ئاسماندا نېمە ئۈچۈن يۇلتۇز بولىدۇ»، «قۇياش نېمە ئۈچۈن كۈندۈزى، ئاي نېمە ئۈچۈن كېچىسى چىقىدۇ»، «بۇلۇت نېمىشقا چۈشۈپ كەتمەيدۇ»، «نېمىشقا چاقماق چاقىدۇ»، «نېمىشقا مۈشۈكنىڭ بۇرۇتى بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورايتتى. ئاتا-ئانىسى بۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرىگە جاۋاب بەرسە، بەزىلىرىگە جاۋاب بېرەلمەيتتى، ئەمما ئوغلىنى «نەدىكى سوئاللارنى سورايدىكەنسەن» دەپ ھەرگىز ئەيىبلىمەيتتى. ئوغلىنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دادىسى ئۇنىڭغا ئاشۇ يىللىرى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان «يۈز مىڭ نېمە ئۈچۈن» دېگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابىدىن بىر يۈرۈشىنى ئېلىپ بەردى. بۇ بىر يۈرۈش كىتاب، ئىلىمگە قىزىقىدىغان، نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالنى سوراشقا ئامراق ئادىل ئابدۇراخماننى ئاجايىپ بىر رەڭدار ئىلىم دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. كاللىسىغا كىرىۋالغان نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈنلەرگە مۇشۇ بىر يۈرۈش كىتابتىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتى.
1975-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ يېزىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن ئادىل ئابدۇراخمان بوش ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەي نۇرغۇن كىتاب ئوقۇدى. دېھقانلاردىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىم ۋە ساۋاتلارنى ئۆگەندى، نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن تونۇشتى. بۇلار كېيىنكى كۈنلەردە ئادىل ئابدۇراخماننىڭ پەننىي ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن قىممەتلىك بىلىم جەۋھەرلىرىنى توپلىدى. بۇ كىتابتىن تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ سىرلىرىنى تەدرىجىي چۈشىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ كىتابنىڭ ئاممىبابلىقى، چۈشىنىشلىكى، قىزىقارلىقى ئۇنى تولاراق قىزىقتۇراتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىزىقارلىق بىلىملەر بىلەن تولغان كىتابلارنى يېزىپ چىقالىغان بولسام ھە دەپ چوڭقۇر خىياللارغا پاتاتتى.
ئادىل ئابدۇراخمان 1978-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئونىۋېرىسىتتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە جۇڭگو تىللىرى فاكولىتىتى خەنزۇ تىلى كەسىپىدە ئوقۇدى. ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئادىل ئابدۇراخماننى مول بىلىم بايلىقى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىنى كۆپىنچە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى، ئېلىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ مەشھۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى شۇنداقلا ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى گاۋسىچىنىڭ «باكتېرىيە ۋە ئادەم»، يې يۇڭلېي ئەپەندىنىڭ «زېرەكجاننىڭ كەلگۈسىگە ساياھىتى» دېگەن ئەسەرلىرى، پەننىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان فىرانسىيە يازغۇچىلىرىدىن فارادى بىلەن جون ھېنرى فابورنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىلىرى، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر يەھۇدىي ئالىمى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ئىساك ئاسىموفنىڭ «ئالەم بوشلۇقىدىكى تاش»، «چاڭ-توزانلاردەك يۇلتۇزلار»، «ماشىنا ئادەم» قاتارلىق ئەسەرلىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى مىخائىل ئېلئىننىڭ «قىزىقارلىق فىزىكا»، «سائەت قانچە»، «ئۈستەلدىكى قۇياش»، «سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى ئىشلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى، ھەمدە فىرانسىيە يازغۇچىسى ژىيول ۋېرىننىڭ «20مىڭ چاقىرىملىق سۇ ئاستى سەپىرى»، «سىرلىق ئارال» ۋە «كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى» قاتارلىق مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلىرى ئادىل ئابدۇراخماننىڭ پەننىي ئەدەبىيات ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويۇشىدا زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىمۇ مۇشۇنداق پەننىي ھېكايە- چۆچەكلەر، ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلار يېزىلغان بولسا نەقەدەر ئوبدان بولغان، ئۆسمۈر-بالىلار ئەدەبىيات-سەنئەت شەكلى ئارقىلىق بىلىم ئالغان، تەبىئەت سىرلىرىنى يەشكەن، تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان بولاتتى، دەپ كۆپ ئويلىغان ئادىل ئابدۇراخمان مەن نېمە ئۈچۈن پەننىي ھېكايە-چۆچەك يېزىپ باقمايمەن، باشقىلار قىلالىغان ئىشىنى بىز نېمىشقا قىلالمايمىز؟ دېگەن ئىرادىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىللىق بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ، 1979-يىلدىن باشلاپ ئۆسمۈر-بالىلار ئۈچۈن پەننىي ھېكايە-چۆچەكلەرنى يېزىشقا كىرىشتى ۋە ئەدەبىياتىمىزدىكى پەننىي ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيەت نىشانى قىلىپ تاللىۋالدى.
  ئادىل ئابدۇراخمان 1982-يىلى 2-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزى ئوقۇغان فاكولىتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى، 1983-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى چۆچەككە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەمگەك-كادىرلار، تەشكىلات، تاشقى ئىقتىسادىي سودا، چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدا خىزمەت قىلدى. گەرچە ئۇنىڭ شۇغۇللانغان خىزمىتى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما قەلىمىنى تاشلاپ قويماي 36يىلدىن بۇيان پەننىي ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «كۆكتات ئورىسىدىكى خەتەر»، «ئېزىپ قالغاندا»، «قۇياشقا سەپەر»، «چۆمۈلە پالۋان» قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇنەۋۋەر پەننىي ھېكايە، پەننىي چۆچەكلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ، بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەسىلەن، بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن قۇربان ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان «بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ۋە پەننىي ئەدەبىيات-سەنئەت» دېگەن ماقالىسىدا: «ئادىل ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ ‹كۆكتات ئورىسىدىكى خەتەر› قاتارلىق ئونلىغان پەننىي ھېكايىلىرىنى بالىلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر پەننىي ھېكايىچىلىقىنىڭ ئىشىكىنى قاقتى» دەپ يازسا، «بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن كىتابىدا: «ئادىل ئابدۇراخمان خېلى بىر مەزگىل پەننىي ھېكايىلەرنى، پەننىي چۆچەكلەرنى يېزىپ، بالىلارغا تونۇلدى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئۆسمۈر -بالىلارغا ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان پەننىي مەزمۇنلارنى، تۇرمۇش ئىلمى مەزمۇنلىرىنى تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ ‹كۆكتات ئورىسىدىكى خەتەر› دېگەن پەننىي ھېكايىسىدە كۆكتات ئورىسىدا پەيدا بولغان كاربون (IV) ئوكسىدى(CO2)نىڭ بىر بالىنى زەھەرلىگەنلىكى، بالىنىڭ زەھەرلىنىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگەنلىكى، كېيىن دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق چۈشەنگەنلىكى ھېكايە قىلىنىدۇ. ھېكايىدىكى پېرسوناژلار، ۋەقەلەرنىڭ رېئاللىقى كۈچلۈك بولۇپ، تىپىكلەشتۈرۈلگەن ئوبرازلار ئارقىلىق بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ساۋات خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئېچىپ بېرىلگەن.» دەپ يازىدۇ. يەنە بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىسى بۈلبۈل ئەكرەم ئۆزىنىڭ «تارىم» ژۇرنىلى 2010-يىل 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 60يىلى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا: «ئادىل ئابدۇراخماننىڭ ‹كۆكتات ئورىسىدىكى خەتەر› قاتارلىق بىر يۈرۈش قىزىقارلىق، تەسىرلىك پەننىي ھېكايىلىرى پەننىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بولۇپ قالدى» دەپ يازىدۇ.
ئادىل ئابدۇراخماننىڭ پەننىي ھېكايە، پەننىي چۆچەكلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، ئاسمان جىسىملىرى، ھاۋارايى، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، قاتناش- تىرانسپورت، ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش، گېئولوگىيە، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. ئۆسمۈر-بالىلار بۇ قىزىقارلىق پەننىي ھېكايە ۋە پەننىي چۆچەكلەر دۇنياسىدىن ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بىلىملەرگە ئېرىشىپ، مول مەنىۋى ئوزۇق قوبۇل قىلىدۇ.
ئادىل ئابدۇراخماننىڭ ئەسەرلىرى ئىلىم-پەننىڭ كۆپ ساھەلىرىگە چېتىلىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭ «ئاتنىڭ ئۇيقۇسى» ناملىق پەننىي چۆچىكى «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكى بىلەن باغلانسا، «ھېلىگەر تۈلكە» ناملىق پەننىي چۆچىكى «تۈلكىنىڭ تەقسىماتى» دېگەن مەسەلگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
ئادىل ئابدۇراخماننىڭ ئۆسمۈر-بالىلار ئۈچۈن سوغا قىلغان تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى «خەتەرلىك ئويۇن» 1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، ئىككىنچى ھېكايىلەر توپلىمى «ھورۇنجان بىلەن تېتىكجان» (باشقا بىر ئاپتور بىلەن بىرلىشىپ) 1987-يىلى شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئىككى توپلام ئاساسىي جەھەتتىن پەننىي ھېكايە ۋە پەننىي چۆچەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەننىي ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئادىل ئابدۇراخماننىڭ «ئادىل ئابدۇراخمان تاغا پەننىي ھېكايىلىرى» نامىدىكى «قۇياشقا سەپەر»، «كۆكتات ئورىسىدىكى خەتەر»، «چۆمۈلە پالۋان»، «چۈجە خورازنىڭ غەلۋىسى» ۋە «بەڭباش ئىسترېلكا» دېگەن بەش قىسىملىق پەننىي ھېكايىلەر توپلىمى 2013-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا يۈرۈشلۈك پەننىي ھېكايىلەر ئوقۇشلۇقى بولماسلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.
ئادىل ئابدۇراخماننىڭ «ئېزىپ قالغاندا» ناملىق ھېكايىسى 1991-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «تېلېۋىزور ۋە گۈل» ناملىق پەننىي ھېكايىسى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى تەرىپىدىن 1993-يىللىق 3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «تاغىل ئات»، «ئالا كۈچۈك ۋە ئاسلانجان»، «قورقما قوزام» ناملىق 3پارچە پەننىي چۆچىكى 2008-يىلى 11-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك «تارباغاتاي ئەدەبىيات-سەنئىتى» مۇكاپاتىغا، «قۇياشقا سەپەر» ناملىق پەننىي ھېكايىلەر توپلىمى 2014-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹تارىم غۇنچىلىرى›بالىلار ئەدەبىياتى» ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئادىل ئابدۇراخمان تاغا پەننىي ھېكايىلىرى» ناملىق 5قىسىملىق كىتابى 2015-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۈيغۈر ئاپتونوم رايونلىق 4-نۆۋەتلىك پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
  ئادىل ئابدۇراخماننىڭ يەنە «كىتاب خۇمارى ۋە ئۇيقۇ» ناملىق پەننىي ھېكايىسى «غۇنچىلار ئارزۇسى» ناملىق توپلامغا، «ئېزىپ قالغاندا» ناملىق پەننىي ھېكايىسى «مۇكاپاتلانغان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى» ناملىق توپلامغا، «ناچار ئادەت» ناملىق پەننىي ھېكايىسى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق توپلامغا، «چۆمۈلە پالۋان» ناملىق پەننىي چۆچىكى «ئەخمەق ئېشەك» ناملىق توپلامغا، «ھىڭگاڭ چىش» ناملىق پەننىي چۆچىكى «سەر خىل بالىلار چۆچەكلىرى» ناملىق توپلامغا ۋە «ئېزىپ قالغاندا» ناملىق پەننىي ھېكايىسى «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
  پەننىي ئەدەبىيات- ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى، ئۇچۇر يېڭىلىقلارنى، ھەر خىل تۇرمۇش ساۋاتلىرى ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلىدىغان قىزىقارلىق بالىلار ئەدەبىياتى ژانىرى. مۇشۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئادىل ئابدۇراخمان ياراملىق پەننىي ئەدەبىيات يازغۇچىسى بولۇش، تۈرلۈك بىلىملەرنى ئوبرازلاشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش شەكلى بىلەن ئۆسمۈر-بالىلارغا قىزىقارلىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، مول بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى پەنلەرنى قېتىرقىنىپ ئۈگۈنۈشىنى، مول بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىلىم ۋە ساۋاتلارنى خاتىرىلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلدى. ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا يازغان خاتىرە دەپتىرى 30پارچىدىن ئاشتى. 1982-يىلدىن تارتىپ ئۆزى مۈشتىرى بولغان تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردىن يىغىپ ساقلاش قىممىتى بار ماقالىلەرنى ۋە ھەر خىل مەزمۇندىكى بىلىم -ساۋاتلارنى قىيىۋېلىپ ئاق قەغەزگە چاپلاپ ئارخىپلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئادەتنى 33 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە بۇ گېزىت قىيمىلىرى توپلاملىرىغا «ئائىلە قامۇسى» دېگەن ئىسمىنى قويدى. ئۇنىڭ «ئائىلە قامۇسى» 97 بىلىم تۈرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ مىڭ توپلامدىن ئاشىدۇ. بۇ توپلاملاردىكى تۈرلۈك بىلىملەر ئادىل ئابدۇراخماننىڭ پەننىي ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ئۈچۈن مول بىلىم مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.
   ئادىل ئابدۇراخماننىڭ يەنە ئائىلە كۇتۇپخانىسى بار بولۇپ ئۇ يىغىپ ساقلىغان كىتابلار 10مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇ كىتاب يىغىپ ساقلاشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىتاب ئائىلىنىڭ زىننىتى، كىتاب ئوقۇمايدىغان، گېزىت- ژۇرنالغا مۈشتىرى بولمايدىغان ئادەمنى ساغلام ئادەم دېگىلى، كىتاب ساقلىمايدىغان ئائىلىنى مۇكەممەل ئائىلە دېگىلى بولمايدۇ. مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆسمۈر-بالىلارنى ئىلىم-پەنگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا مول بىلىم بېرەلەيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئىجاد قىلىشىمىز كېرەك».
ئادىل ئابدۇراخمان ھازىر تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىقاتچىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش