پويىز ئاۋازى
تاھىر تائىس ئوغلى
(1950 –يىلى)
كۈنگە باقار، قۇياشقا باغلىنار كۈندۈزى.
كېچىلەر پويىز ئاۋازىغا.
...باغرىدا مېۋىسى-
يۆگەكتىكى بوۋاق كەبى.
پويىز شولىلىرى يۈزىگە
چۈشمىسۇن دېگۈنىچە
بوۋاق ئۈستىگە يايمىش چېچىنى.
بوينى چۇلۋۇر بىلەن باغلانغان
ئاشقاۋاقلار* ياتار بېمالال –بېھال-
پويىز ئاۋازىنى بىر پۇلغا ئالماس.
چىتەن بويىلىرىغا چىققان قاۋاقلار*
بەزەن ئېچىپ –يۇمماس كۆزلىرىنى
پويىز ئاۋازىغا،
شولىلارغا.
ئوسمان قوچقار ئەزەر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.
قاۋاق: شىمالىي، جەنۇبى ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا ،جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندا ئۆسدىغان ، ئوق يىلتىزلىق بىر خىل مېۋىلىك ئۆسۈملۈك.