يارغا مەكتۇپ
رابىيەم نىياز (سەدەپ)
ئارمىنىڭدا كۆكلىسەم كۆكلەملىرىم بەختىم مېنىڭ،
گۈل بولۇپ شاخىڭ ئارا يۈرمەكلىكىم ئەھدىم مېنىڭ.
يامىشىپ ھىجرىڭ بويىغا چاچلىرىمنى باغلىسام،
ھەر قېتى باغلاقتا گۈلخان شاھ سۈپەت تەختىم مېنىڭ.
تەلمۈرۈپ ئىشقىمنى قوغلاپ ئۆزگىلەر سالسا ساراي،
سەن ئۈچۈن كەپەڭدە جۇلدۇر ئۆتمىكىم رەغدىم مېنىڭ.
ئول جۇنۇنلۇق ئوتكىلى كەلسە جېنىمغا تاغ تىزىپ،
تىغ ئۇرۇپ تاغ كۆكسىگە كەلمەكلىكىم جەھلىم مېنىڭ.
خاكىسار قىلغان باياۋان مىڭ مۇشاقەت بارىدا،
جاي سېلىپ كۈلمەي بىتاقەت چىقمىغاي دەردىم مېنىڭ.
سارغىيىپ يۈرمە جېنىم كەلگىن قولۇمنى تۇتقىنە،
بىر ساڭا سالدى پايانداز ئۇل غېرىپ قەلبىم مېنىڭ.
رابىيە ئىچسۇن شاراپ يۇتسۇن سەئىدى جامىدىن،
لەڭ ئۇرۇپ كەلسە ئەلەملەر تاشىدۇ زەردىم مېنىڭ.
2015-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى(ئاۋات)
ئۇستازنىڭ تاتلىق غەزەللىرىدىن ئىلھاملىنىپ يۇقارقى غەزەل يېزىلدى رەھمەت سىزگە!