يېڭى يىللىق يوللانما
(ي ھەرپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
يېڭى يىلغا يەنە يەتتۇق ، يېڭى يىلدا يېڭىچە يارقىنلىقتا يۇغۇرۇلغان يېڭى يازمىلىرىمنى يۇرۇتداشلارغا ، يولداشلارغا، يېقىن –يۇرۇقلىرىمغا ، يازغۇچىلارغا يوللىماقچىمەن .
ياشلاردىن –ياشانغانلارغىچە ، يەتتە ياشتىن –يەتمىش ياشقىچە ، يولۇچىلاردىن يىتىم –يېسىرلارغىچە ، ياخشىلىق يوللىرىدا يىگانە يۈرگەن ياخشىلاردىن ، يىلاندەك يامان ياۋۇزلارغىچە يېڭى يىلدا يېڭى يېشىغا يەتتى . يېڭى يىلدا يېڭىچە يارقىنلىقلاردا يېڭى يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈرەكلىرى ياش يۇپۇرماقتەك ياشىرىپ يەنىمۇ يېلىنجاپ يالقۇنلىماقتا . يېڭى يىلدىكى يېڭى يېشىغا يامانلىقتا ،ياۋۇزلۇقتا يىرىتقۇچلارچە يەتكەنلەر يۇم –يۇم يىغلىشىپ يامغۇردەك ياشلىرى يۈزلىرىگە يامىرىماقتا . يېڭى يىللىق يوللانمام يامان يوللاردا يۈرىۋاتقانلارغىمۇ يەتسۇنكى ، يېڭى يېشىمىزغا يەتكەن يېڭى يىلدا يۈرەكلىرىمىزگە يۇشۇرۇنغان يامانلىقلارنى يۇقۇتۇپ يىرىتقۇچلارچە،ياۋۇزلۇقلىرىمىزدىن يىرگىنەيلى . يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى يەكۈنلەپ يېڭى يىلنىڭ يۈزىگە يېڭىچە يۇپۇقلارنى يېپىپ يېڭى يىلغا يېڭىچە يۈزلىنەيلى . يەتكۈزگەن يامانلىقلىرىمىزدىن ياخشىلارنىڭ يۈرەكلىرى يارىلانمىسۇن .
ياخشىلىق يوللىرىدا يۈرىۋاتقان ياخشىلارغا يېڭى يىلدا يېڭىچە ياخشىلىقلار يەتكەي . ياخشىلارنىڭ يۈرەكلىرى يەنىمۇ ياشارغاي . يولداشلىرىم ،يۇرۇتداشلىرىم ، يېقىن –يۇرۇقلۇرۇم، يېڭى يىلدا ياخشىلارغا ياردەملىشىپ ياخشىلىق يوللىرىنى يەنىمۇ يۇرىتايلى .
يامانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يۇقتۇرىۋالمايلى . يارىلانغان يۈرەكلەرگە يەتكۈزگەن يېقىنچىلىقلىرىمىز ، ياخشىلىقلىرىمىزدىن يۈرەكلەر ياشنىسۇن . ياخشىلىق يېپىنچىلىرىنى يېپىنچاقلاپ ، ياخشىلىق ياراقلىرىدا ياراقلىنىپ ، ياخشىلىق يۇپۇرماقلىرىنى يىلتىزىدىن ياشنىتايلى .
ياخشىلىقلىرىمىزدىن يۈزلىرىمىز يۇلتۇزدەك يورۇسۇن . ياخشىلىق يېشىللىقلىرىدا يۇرتىمىزنى ياساندۇرايلى . ياخشىلارنىڭ ياردىمىدە يۇرتىمىز يەنىمۇ يۈكسەلسۇن.
2015 - يىل 31 - دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-31 13:17
|