يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 0

خاقان : موللازەيدىن ئىككى يۈز ياشتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-30 14:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                موللازەيدىن ئىككى يۈز ياشتا

                                                                       ئەركىن مۇھەممەت خاقان

                                                                                           1

     داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللازەيدىن  1815-يىلى لۈكچۈننىڭ باغرى يېزىسى، قوشبېشى مەھەللىسىدە توغۇلۇپ، 1881-يىلى 66 يىشىدا لۈكچۈندە ۋاپات بولغان.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە ناخشا- قۇشاققا ماھىر، زېرەك چوڭ بولغان. مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن دىني مەكتەپتە ۋە مەدرىستە ئۇقۇغان. 17 يېشىدا قۇرئاننى يادلاپ بولغان. موللازەيدىن ئۆز زامانىدا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن، دىنىي جەھەتتە ھەرتەرىپلىمە يىتىلگەن ئۆلىما كىشى بولۇپلا قالماي، داڭلىق شائىر، ماھىر سازەندە ئىدى. ئۇ ناھايتى خۇش پىئىل، چاقچاقچى، سۆزمەن، سەزگۈر ۋە پاراسەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن بىچارە دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا يوقسۇزلۇق، مەھروملۇق، مۇھتاجلىق ئىچىدە چوڭ بولغاچقا خەلقچىل روھ يىتىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇ ئېيتقان قىزىقارلىق پاراڭ، لەتىپە، چاقچاق ۋە ھەجۋى قۇشاق- بىيىتلاردا ۋاڭ، غۇجا، قازى، بەگلەردىن تارتىپ ئالدامچى موللىلارغا قەدەر پاش قىلىنغان ۋە ئۆتكۈر ھەجۋي قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىغا سىغمىغان. ئەمما ئۇنىڭ پاراڭ، لەتىپە، چاقچاققا ماھىرلىقى ئەينى دەۋىردىكى ھۆكۈمران ــ ئەفرىدۇن ۋاڭنى قايىل قىلغان. شۇڭا ئەفرىدۇن ۋاڭ ئۇنى ئوردا قىزىقچىسى قاتارىدا ئوردىغا ئەكىلىۋالغان. كېيىن ئۇ ئەفرىدۇن ۋاڭغا ئەگىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئايلىنىپ، بېيجىڭغىچە بارغان. ئەفرىدۇن ۋاڭ بىلەن جەنوبى شىنجاڭغا بېرىپ، قەشقەردە بىرقانچە يىل تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان. بۇ جەرياندا جاھانگىر خۇجا يېغىلىقى، يەتتە خۇجا يېغىلىقى، ۋەلىخان تۆرە توپىلىڭى... قاتارلىق ئۈزۈلمەس ئېقىندەك داۋام قىلغان ئۇرۇش- يېغىلارغا بىۋاستە شاھىت بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. يەنە كېلىپ بۇ دەۋىردە پۈتكۈل ئالتە شەھەر تەۋەسىدە خۇجىلارنى مەركەز قىلغان ئەسەبىي دىنىي بۆلگۈنچىلەر ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بۇلۇشۇپ، ساددا خەلقنىڭ دىللىرىغا تەپرىقچىلىك، مەزھەپبازلىق ، گوروھۋازلىق، مۇتەئەسسىپ ئىشانچىلىق ، خۇراپىيلىق، تەركىدۇنياچىلىق ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ ، پۈتكۈل زېمىننى قۇمدەك چىچىلغان ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. دىمەك موللازەيدىننىڭ ھاياتى توختىماي پارتلاپ تۇرغان يانار تاغدەك تېنىچسىز ھايات. كۈلكە بىلەن يىغا، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ، بەخت بىلەن ھىجران، سەرسانلىق بىلەن ۋىسال دەملىرى قۇشۇلۇپ كەتكەن، قان-ياشلىق قىسمەتلەرگە تولغان جەڭگىۋار ھاياتتۇر.
     نۆۋەتتە كۆپلىگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىسلەر، شائىر، يازغۇچى، ئەدىبلەر موللازەيدىننى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى توغۇرسىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ، لەتىپىلىرىنى يىغىپ، توپلاۋاتىدۇ، ئىش-ئىزلىرىنى تەسۋىرلەپ خاس ئەسەرلەرنى يازدى ۋە يېزىۋاتىدۇ. بۇ يىل، يەنى 2015-يىلى موللازەيدىن توغۇلغانلىقىنىڭ دەل 200 يىللىقى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز موللازەيدىن توغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ بىر قىسىم لەتىپىلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىگە سۇندۇق.

                                                                                             2              

                                                                                       پەيشەنبىلىك

  موللازەيدىننىڭ موللىسى ياخشىراق پەيشەنبىلىك ئېلىش كويىدا تالىپلىرىغا مۇنداق قاپىيىلىك جۈملىلەرنى ئۆگىتىدىكەن:
ئېلىپقا لام ئېلپنى قوشسا ئاللا بولۇر،
ئۇستازىدىن دۇئا ئالسا موللا بولۇر.
پەيشەنبىلىك ئىلىپ كىلەلمەي ئازاپلانغان موللازەيدىن مۇنداق ئىككى مىسرا نەزمە تۈزۈپ موللىسىغا بېرىپتۇ.
باي بالىلىرىدىن ئالسا ئوبدان ھالال بۇلۇر،
نامراتلاردىن ئالسا بەكمۇ ئوۋال بۇلۇر.
شۇندىن كېيىن موللىسى موللازەيدىندىن پەيشەمبىلىك تەلەپ قىلمايدىغان بوپتۇ.


                                                                                      گۈلسىز خەلپەت

   موللازەيدىن مەدرىس ھويلىسىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن چاقچاق قىلىشىپ تۇرغاندا،  خەلپەت كېلىپ ناماز ئۆتەشكە قوغلاپتۇ. بالىلار خەلپەتنىڭ گېپىگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانىكەن، خەلپەت كالا تېرىسىدە ياسالغان دەررە بىلەن بالىلارنى ئۇرۇپ-سوقۇپ تارقىتىۋېتىپتۇ. دەررە ياش موللازەيدىنگىمۇ تېگىپتۇ. بۇنداق ۋاڭ - چۇڭنى ئاڭلىغان موللىسى ئۆيدىن چىقىپ :
ــ يىغلىماڭلار، بالىلىرىم، دەررە تەگكەن يەردىن قىيامەت كۈنى گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ،- دەپتۇ. موللازەيدىن تۈرگۈن ھالەتتە :
ــ گۈل ئۈنىدىغان ئىش بولسا، خەلپىتىمنى بىزمۇ ئۇرۇپ قۇيايلى، قىيامەت كۈنى خەلپىتىم گۈلسىز خەلپەت بولۇپ قالمىسۇن،- دەپتۇ.

                                                                                        بىر تاۋاق پولو

   ئەفرىدۇن ۋاڭ پۇجۇڭنى ئەگەشتۈرۈپ باغ سەيلىسىنى تۈگۈتۈپ چىققىچە ئوردا ئاشخانىلىرىدا ئۈچ خىل تاماق تەييارلىنىپتۇ. بىرىدە، پولو نارىن، بىرىدە، مانتو- چۆچۈرە. بىرىدە، سويۇق ئاش ئىكەن. موللازەيدىن سۇيۇق ئاشقا بۇيرۇلۇپتۇ.
    موللازەيدىن قازان بېشىغا قاراپ ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاستا ئارقىغا يىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئامىر سۇنەيچى موللا زەيدىنگە قاراپ:
ــ ھەي گەپچى، قازان بېشىغا قاراپ بىر بىيىت ئېيتىپ         بەرسەڭچۇ؟- دەپ تەلەپ قىپتۇ. موللازەيدىن:
ــ ماقۇل، مەدداھلارنى دوراپ بېرەي،- دەپ بېشىغا كۇلانى كىيىپ، ئوتتۇرغا چىقىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، ئالدى- كەينىگە مېڭىپ تۇرۇپ:
ــ ھىجرىيەنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىشىنچى يىلى ماھى رەجەپنىڭ ئون يەتتىسى ئىدى. مەنكى قازان ئايلامدۇرمەن. تۇۋاق روماللىرىمنى يىيىپ تۇرغانلىرىمدا، چۆمۈش دىگەن بىئەدەپ غالچا ئەگرى- تۇقاي قوللىرىنى تىقىپ، غالدۇر- غۇلدۇرلىتىپ، قويۇقلىرىنى گۈللۈك تاۋاقلارغا، سۇيۇقلىرىنى غىدىر قاچىلارغا ئۇسقانلىرىدا، زاغرا باتۇرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ. يۈزلىرى چاك- چاك يىرىلىپ كەتتىلەر! بۇ ئادالەتسىزلىكنى پولو بىگىمگە ئەرز قىلغانلىرىدا، بۇنىڭغا گۇۋا شاھىت بارمۇ؟ دىسە، مانتو ئايلام قۇساقلىرىنى دومبايتىپ: مانا مەن گۇۋا شاھىت، دىدىلەر! چۆچۈرە خېنىممۇ سۆسەر تۇمىغىنى قىستۇرۇپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ: مانا مەنمۇ گۇۋا شاھىت... دىدىلەر! پولو بىگىم بۇ ئادالەتسىزلىك راست ئىكەن، دەپ لەغمەن ئارغامچىلىرى بىلەن باغلاپ، چوكا قامچىلىرى بىلەن ئۇرۇپ، ئۇستىخان راۋۋۇت، ئۈچەي كوچا، قېرىن بازارلىرىدىن ھايداپ، بىئەدەپ خانىسىغا تاشلاڭلار! دەپ ئەمىر قىلىپ، دەۋايىمىزنى تۈگەتتىلەر. بىز:
ھەزرىتى پولو ئىززەتلىك نارىن،
شەلتەڭ سۇيۇق ئاشتا تويمايدۇ قارىن.
دەپ قايتىپ چىقتۇق، دەپ قۇيۇپلا ئولتۇرۋاپتۇ. ئەتراپتىكى 50 تەك ئەل- ئاغىنىلىرى قاقاھلاپ، تەڭلا كۈلگەنلىكتىن ئوردا شىپاڭىدا ئولتۇرغان ۋاڭلارغا ئاڭلىنىپتۇ. ئەفرىدۇن ۋاڭ شۇ ھامان موللازەيدىننى چاقىرىپ، ھىلىقى قازان بېشىدىكى ئادالەتسىزلىكنى تەكرار ئېيتقۇزۇپتۇ. ئاندىن << سەن پولو ھەققىدە بىرەر نەزمە ئېيتىپ بېرەلىسەڭ ساڭا ئىلتىپاتىم بار، ئېيتىپ بېرەلمىسەڭ قوغلىۋىتىمەن.>> دەپتۇ. موللازەيدىن بوش كەلمەي، دەرھال شۇنداق بىر نەزمە ئوقۇپتۇ:
جۈملەنىمەتلەر ئىچىدە شاھى سۇلتاندۇر پولو،
پەدەرى قوي مىيىدۇر، ما دەرى كۆك چاي پولو.
سەۋزە بىلەن جوش قىلىپ يىسە پولۇنى بىر تەبەق،
بىر تەبەقۇ، بىر تەبەق تىللاغا ئەرزاندور پولو.
ئالتى مىسكىن جەم بۇلۇپ يىسە پولونى بىر تەبەق،
گۇمبىزى ئانداق چىقۇر كىم، ئۈنلىرى ئاھۇ پەلەك.
ئىككى قارام بىر بۇلۇپ، يىسە پولونى بىر تەبەق،
ھىق تۇتۇپ كۆز ئالايتىپ، ئەسلا سىڭمەيدۇ پولۇ.
مەن پولو ئەسمايىمەن، مايلىق قازان دەسمايىمەن،
سۇيۇق ئاشتىن بىزارمەن پولوغا يەتكۈزگەي خۇدا.
ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ۋاڭ، پۇجۇڭ خېنىم ۋە ئوردا بەگلىرىنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كېتىپتۇ. ۋاڭ موللا زەيدىننى بىر داستىخاندا ئولتۇرغۇزۇپ بىر تاۋاق پولو ئىلتىپات قىپتۇ.



                                                                                     ھازىر جاۋاب نەزمە

   
   ئەفرىدۇن ۋاڭ بېيجىڭ خاننى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادىتى بۇيىچە، بېيجىڭغا بارىدىغان بۇلۇپ، خانغا سوۋغا قىلىدىغان ئالتۇن- كۆمۈش ۋە خان ياخشى كۆرىدىغان ئون سەككىز خىل شېرىن يەل- يىمىشلەرنى تەييارلىتىپ، يولدا زېرىكمەسلىك ئۈچۈن قىزىقچىلىق قىلىپ ماڭىدىغانغا موللازەيدىننى مەپىكەش قىلىۋاپتۇ. سەپەرگە چىقىش ئالدىدا يۇرت مۆتىۋەرلىرى، ۋاڭ جەمەتلىرى بۇلۇپ نۇرغۇن كىشىلەر لۈكچۈن شەھىرىنىڭ چاسا كوچىسىغا ئۇزىتىشقا كەپتۇ. ئەفرىدۇن ۋاڭ ئېگىز ئوردىدىن كېلىۋىتىپ ئادەملەر توپلانغان يەرگە كەلگەندە ھاياجانلىنىپ كېتىپ، مۇنداق كۆپ ئادەمگە سۆز قىلىشقا ئاجىز كەپتۇ ۋە موللازەيدىنگە ئەمىر قىلىپ : << مېنىڭ ئۈچۈن ئامۇ- خاسقا بىر نەزمە ئوقۇپ بەرگىنە >> دەپتۇ.
موللازەيدىن دەرھاللا مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇپتۇ:
خۇدا رەھمەت قىلغايلار، ئۇلۇغ- كىچىك جامائەت،
سەپەر قىلدۇق بېيجىڭغا ئۇلۇغ خاننى زىيارەت.
ئەل- جامائەتتىن تىلەيمىز دۇئا، خەير- تىلاۋەت،
بىزلەر قايتىپ كەلگىچە خۇدا قىلغاي سالامەت.
توپلانغان خەلق نەزمىنى ئاڭلاپ بارىكاللىسى كۆككە كۆتۈرۈلۈپتۇ. ۋاڭ بۇ گەپچىنىڭ دەرھاللا قاملاشتۇرۇپ، شۇنچىلىك نەزمە ئېيتىپ بىرەلىگىنىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ۋە كىشلەر بىلەن خوشلىشىپ پىچان تەرەپكە قاراپ يولغا راۋان بوپتۇ.



                                                                                         قورساق ۋە بۇرۇن


   ئەفرىدۇن ۋاڭ قۇمۇلغا يىتىپ بېرىپ، ئاقخان جىڭۋاڭ ئوردىسغا چۈشۈپتۇ. بىر ھەپتە زىياپەت، بەزمە، مەشرەپلەرگە داخىل بوپتۇ. موللازەيدىننىڭ گەپچىلىكىنى ھەممە ئادەم ئاڭلاپتۇ. ئىككى ۋاڭ مەسلىھەتلىشىپ، ئىككى گەپچىنى بەس- بەسكە سالماقچى بوپتۇ. بۇلارنىڭ گەپچىلىكىنى ئاڭلاشقا كۆپ ئادەم يىغىلىپتۇ. قومۇل گەپچسى ئېگىزرەك، قاڭشارلق، بۇرنى ئۇزۇن ئادەمكەن. موللازەيدىن ئارا بوي، قۇرساقلىق ئىكەن. ئۇلار مەيدانغا چۈشكەندە بىر- بىرىگە سىنچىلاپ، باشتىن- ئاياغ قارىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ھەممە كىشى بۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىشىپ تۇرغاندا، ئېگىزرەك قاڭشارلىق گەپچى گەپ باشلاپتۇ:
بىر ئاجايىپ قېرىن كۆردۈم. ھەممە قېرىندىن چوڭ قېرىن.
قوش-ساپاندا ئاغدۇرۇپ، ئول قېرىنغا چامغۇر تېرىڭ .

ئۇنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا موللازەيدىن ئېغىز ئېچىپتۇ:

مەن ئاجايىپ بۇرۇن كۆردۈم، ھەممە بۇرۇندىن چوڭ بۇرۇن .
ئول بۇرۇننى دەسسەپ قارىسام، رۇم كۆرۈنگەي كەچقۇرۇن ،

چىلان بۇرۇنمۇ بوش كەلمەي موللازەيدىنگە ماسلىشىپتۇ:

ھامىلدار خوتۇن كەبى، تەڭنىدەك قورساق سېلىپ،
يا يىگەندۇ ئارپا نېنى، يا ئىچكەندۇ ئاشپۇرچاق سېلىپ.

موللازەيدىن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، چاقماقتەك جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:

يولدا ماڭسا يولۇچىلار داجىپ بەرگەن ئاندىن بۇرۇن،
دەل-دەرەخلەر تاقاشۇرلەر يىقىن كەلمەستىن بۇرۇن .
ئول  بۇرۇنكى  بۇرجا  تامدەك  چوقچىيىپ  تۇرغان  بۇرۇن،
ئۆتكەن – كەچكەن ئىتلار سىيىپ، رەسۋا- ئەزىم قىلغان بۇرۇن.

بۇ چاغدا ئاقخان چىڭۋاڭنىڭ گەپچىسى تاقابىل تۇرغۇدەك گەپ تاپالماي دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قاپتۇ. موللازەيدىن << بۇرۇن >> تۇغرىسىدىكى بىيىتىنى يامغۇردەك ياغدۇرىۋىتىپتۇ:

ئول بۇرۇن ئۆيگە كىرگەي ئىشىك ئاچماستىن بۇرۇن،
بۇرنى بېرىپ تۆرگە تاقالغاي ئۆزى كىرمەستىن بۇرۇن.
ئاش كەلتۈرسە ئالدىغا، يۆگىگەي ئول بىئەدەپ،
ئاش ئىچەدۇر ئالدىراپ ئۇ، قوشۇق ئالماستىن بۇرۇن.
سۇغا كىرسە بەلگىچە گەر غۇسلى پاك قىلماق ئۈچۈن،
بۇرنى پاتقاي لايغا ئۇ باشنى چۆكۈرمەستىن بۇرۇن .
بارسا ئوچاق ئالدىغا ئۇ ئالدىراپ ئوت ياققىلى ،
بۇرنى بېرىپ كۈل ئالادور ئوتنى ياقماستىن بۇرۇن .
تارت بۇرنۇڭنى، ئەي بۇرادەر، گەپكە تويماستىن بۇرۇن،
بۇرنۇڭغا باپ گۆرۈڭنى چاپ، تىرىك ئۆلمەستىن بۇرۇن.

موللازەيدىننىڭ ئاغزىغا قاراپ قېتىپلا قالغان چىلان بۇرۇن قىزىرىپ، تاتىرىپ، بېشىدىن بۆكىنى ئېلىپ، بۇرنىنى توسۇپ، يىڭىلگىنىگە تەن بېرىپ مەيداندىن چىقىپ كېتىپتۇ.


                                                             جاۋاب تاپالمىسىلا شەھەر بەرسىلە

    ئەفرىدۇن ۋاڭ قومۇلدىن بېيجىڭگە قاراپ يولغا چىققاندىن كىيىن، مەنزىل ئۇزۇن، يوللار يامان، ئاتلار قاشاڭ بولغانلىقتىن بەك زېرىكىپتۇ. موللازەيدىنگە << ئالمىخان>> ناخشىسنى ئېيتقۇزۇپتۇ. ناخشىدىن زېرىككەندە موللازەيدىنگە تېپىشماق ئېيتىشنى بۇيرۇپ قويۇپ، مەپە ئىچىدە پۇجۇڭ بىلەن توغاچ يەپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەمما موللازەيدىنگە نان بېرىشنى ئونتۇپ قاپتۇ. موللازەيدىننىڭ قۇرسىقى كۆپۈپ، شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ مۇنداق بىر تىپىشماق بىيىت ئېيتىپتۇ:
بۇ قانداق تۈگۈرمەندور ئول ئاجايىپ داشى بار،
مەرۋايىت ياغلىق تىزىلغان ئاستى- ئۈستۈن تاشى بار.
ئىشكىگە ئاسلىمىشتۇر ئىككى لەئىلدىن ھىجاپ،
سەكرەپ تۇرار بىر لەئىسى، ئىچىدە پەرراشى بار.
شەينى داخىل بولسا ئاڭا ئۈستى تاشى شۈك تۇرار،
چۆرۈلۈپ ئاستىن تاشى، توختىماي ئويناشى بار.
بۇ نېمە غۇجام؟- دەپتۇ.
ۋاڭ بىلەن پۇجۇڭ نان يەپ ئولتۇرۇپ ئويلاپتۇ، ئويلاپتۇ. ئۆمرىدە ئاستىنقى تىشى چۆگىلەيدىغان تۈگمەن بارلىقىنى بىلمەپتۇ. موللازەيدىن ئۆز خالتىسىدىكى نان- ئۈزۈملەرنى يەپ مېڭىۋىرىپتۇ. كەچ بوپتۇ. تاڭ ئېتىپ يەنە سەپەرگە راۋان بوپتۇ.ئۈچ كۈنگىچە ئويلاپ تاپالماي ئاخىرى ئەقلى يەتمىگەنلىكىنى ئىقرار قىپتۇ. يەنە باشقىدىن ئاسانراق تىپىشماق ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ. موللازەيدىن << خوپ>> دەپ مۇنداق تىپىشماقنى ئېيتىپتۇ:

بېشى ئەللىك، بېلى بىردۇر، ئايىغى مانەندە باش،
ھەر كىشىگە لازىم ئىمىش خاھى قېرى، خاھى ياش.
شۇ نېمە غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ.
ۋاڭ يەنە ئويلاپتۇ، ئويلاپتۇ، ئۇنى دەپ بېقىپتۇ، ئەمەس، بۇنى دەپ بېقىپتۇ، ئەمەس زادى تاپالماپتۇ. ئاخىرى موللازەيدىنگە خاپا بولغاندەك قىلىپ:<< بېشى ئەللىك بىر نىمەڭنى تاپالمىدىم، يەنە باشقىسىنى ئېيتىپ بەرسىنا>> دەپ بويرۇپتۇ. موللازەيدىن ۋاڭنىڭ دۆتلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا تەھقىر قىلىپ، مۇنداق بىر تىپىشماق بىيىتنى ئېيتىپتۇ:

بۇ قانداق مەخلۇق ئېرۇر بىر جۈپى ئىشەك بۇقا،
بوغۇزى ئېسىل ئىرور گايىسى قېلىن، گايىسى يۇققا.
ئىززىتى ئالەمگە تەڭ، كۆزى كىچىك، قارنى كەڭ،
قارايدۇ ئەتراپقا گايى ئاچ، گايى توققا.

ئۇ نېمە غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ. بۇ تىپىشماق ئاددىراق بولسىمۇ، ۋاڭ ئۆزىنى كالىغا ئوخشاتقىسى كەلمىگەنلىكتىن يەنە ئويلاپ خىيال سۈرۈپ قاپتۇ. ۋاڭنىڭ ئاغچىسى ئاي پۇجۇڭ زەردىسى بىلەن سۆزلەپ:
ــ ھەي موللازەيدىن بىيىتىڭنى تويدا ئېيىت، تېپىشماقنى بېيىت قىلساڭ قانداق تاپقىلى بولسۇن؟ ئاسانراق تىپىشماق ئېيتىپ باقچۇ؟- دەپتۇ. موللازەيدىن گەپنى ئاڭلىغاچ مەپىنىڭ ئىچىگە قاراپ، ۋاڭنىڭ كەشىگە كۆزى چۈشۈپتۇ-دە، شۇنىڭغا قاراپلا ئاسان بىر تىپىشماق ئېيتىپتۇ:
ــ غۇجامنىڭ بىر نېمىسى بار، ئوڭدىسىغا قويۇپ سېپىۋالىدۇ، شۇ نېمە؟- دەپ سوراپتۇ. خېنىمنىڭ ئوغىسى قايناپ سەكرەپ تۇرۇپ:
ــ ھەي يۈزى قېلىن، مۇنداق مۇزدەك سۆز قىلىشقا ئۇيالمامسەن؟- دەپ كايىپتۇ. موللازەيدىن كۈلۈمسىرەپ:
تىپىشمىغىم مۇزدەك ئەمەس قۇساقلىرى كۆپكىدەك،
تىپىشماققا چىدىماي قىزارمىسىلا ئۆپكىدەك.
ئەنە  كۆرۈنۈپ تۇرغان غۇجامنىڭ كەشى، ئۇنى ئوڭدىسىغا قويۇپ پۇتىنى ساپماي، دۈم كۈمتۈرۈپ ساپقىلى بولمايدۇ. خىياللىرى ئاسانلا باشقا يەرگە يۈگرەيدىكەن خېنىم!- دەپ كۈلدۈرۈۋېتىپتۇ. ۋاڭ بىلەن ئاي پۇجۇڭ موللازەيدىنگە يالۋۇرۇپ:
ــ نەچچە كۈندىن بېرى ئېيتقان تېپىشماقلىرىڭنىڭ جاۋابىنى ئۆزەڭ ئېيتىپ بەرسىنا، ئىچىمىز بەك پۇشۇپ كەتتى.- دەپتۇ. موللازەيدىن كۈلۈمسىرەپ:
ــ بىزنىڭ ئۆرۈپ- ئادىتىمىزدە تېپىشماقنى تاپالمىغانلا شەھەر بېرىدىغاننى بىلىدىلا، تىپىشماقنى مەن ئېيتىپ بەرسەم، ئىلتىپاتلىرى نېمىكىن غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ.
ــ سەن نېمىنى تەلەپ قىلساڭ شۇنى بېرەي،- دەپتۇ ۋاڭ. موللازەيدىن تەزىم بىلەن تۇرۇپ:
ــ جانابى ئالىيلىرىدىن تىلەيدىغىنىم شۇكى: بىرىنچىدىن: ئادىللىق، ھىچكىمنى ئۇۋال قىلمىسىلا، ئىككىنچى: مەرتلىكتۇر، قىلغان سۆزلىرىگە چىڭ تۇرسىلا. ئۈچىنچى: ئاجىزلارغا رەھىمدىل بولسىلا. بۇ تەلەپلىرىم ئىجاۋەت بولسا، تۇرپان شەرىنى بەرگەندەك خوش بولىمەن،- دەپتۇ. ۋاڭ ماقۇل كۆرۈپ:
ــ قورۇقما، گەپ- سۆز ئۈستىدە بىزنى سۇندۇرۇپ سۆزلىسەڭمۇ ئەپۇ قىلىمىز، چاپسانراق تىپىشماقنى يەشكىنا،- دەپتۇ. موللازەيدىن يۇقارقى تىپىشماقلارغا بىر- بىرلەپ جاۋاپ بېرىپ:

ئېغىز ئۆزى تۈگۈرمەندۇر، قۇساق ئۆزى داش،
قاتار- قاتار چىشلار ئېرۇر، ئاستى- ئۈستۈن تاش.
ئىككى كالپۇك تىل ئىرۇر، خىزمىتى پەرراش،
چاينىماق بولسا تائام، ئۈستۈن ئىڭەك شۈك تۇرار،
چۆرگىلەردۇر ئاستىن ئىڭەك يۇمشىتاردۇر ئاش.

ئەمدى بىلگەنلا بىگىم، ئەمدى ئىككىنچىسىنى ئېيتىپ بېرەي. ئەدەپ ئىلمى قائىدىسى بۇيىچە، ئەبجەت ھىساۋىدا << ن >> ھەرپى ئەللىككە تەڭ. <<1>> ھەرىپى بىرگە تەڭ. ئاخىرقى <<ن>> بېشىغا ئوخشاش بولغانلىقتىن، بۇ ھەرىپلەردىن جەم بۇلىدىغىنى <<نان>> دىگەن خەت كىلىپ چىقىدۇ. جاناپلىرى نان يەيدىكەنلا، يانلىرىدىكى خىزمەتكارنىڭمۇ نان يەيدىغىنىنى بىلمەيدىكەنلا. شۇنىڭ ئۈچۈن نان قېرى- ياش ھەممىگە لازىم، دىگىنىمدۇر. ئۈچىنچىسى: ھايۋاناتلار ئىچىدە كۆپ يەيدىغىنى كالا. ئىنسانلار ئىچىدىمۇ يەپ تويمىغانلارنى كالىغا ئوخشۇتۇش بار. نان قېلىن- يۇققا بۇلىدۇ. ئادەمنىڭ يۈزىمۇ قېلىن- يۇققا بۇلىدۇ. بۇنى بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن كالىغا ئوخشۇتۇپ قويدۇم. ئەپۇ قىلۇرلا غۇجام،- دەپتۇ.
   ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئەيىۋىنى گەدىنىگە ئېلىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزى نېمە يىسە، موللازەيدىنگىمۇ شۇنى يىدۈرىدىغان بوپتۇ.




                                                            ئالمىخان بىلەن كۆرۈشكەندە قانائەت تاپقاي

     سەپەر داۋاملىشىپتۇ، يول ئۈستىدە ۋاڭ يەنە زېرىكىپ موللازەيدىنگە ھېكايە ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ. موللازەيدىن نوشىرۋان ئادىلنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ۋاڭنى ئادالەتتىن تەسىرلەندۈرۈپتۇ. ئارقىدىن ناخشا ئېيتقۇزۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ۋاڭ بىلەن ئاي پۇجۇڭ يەنە تىپىشماق ئېيتىشنى ئەمىر قىپتۇ. بۇ قېتىم موللازەيدىن ئۆز كۆڭلىگە مايىل قىلىپ مۇنداق تىپىشماقنى ئېيتىپتۇ:« ھەر ئادەمدە ئىككى نەپىس باردۇر، بىرى ئىگىز، بىرى پەس. بىرىگە نان بەرسە ئۇنايدۇ، بىرىنى ئۇناتماق تەس.» شۇ نېمە غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ. ۋاڭ بۇ تىپىشماقنى ئانچە ئۇزۇن ئويلانمايلا تىپىپ، خۇشلىقىدىن كۈلكىسىنى باسالماي قاپتۇ ۋە موللازەيدىنگە قاراپ:
ــ ھەي موللازەيدىن، نان بېرىپ بىر نەپسىڭنى ئۇناتتىم، ئەمدى يەنە بىر نەپسىڭ يۇرتقا قايتىپ، ئالمىخان بىلەن كۆرۈشكەندە قانائەت تاپقاي،- دەپتۇ.

                                                                              تاغىرىم توشقاندا توختايمەن

    موللازەيدىن مەپە ھەيدەپ ئۇزۇن يوللاردا پىيادە مېڭىۋەرگەنلىكتىن كەشىنىڭ تاپانلىرى تىشىلىپ، بارا- بارا پۇتىدىن چۈشۈپ قاپتۇ. ئەمما ۋاڭنىڭ كارى بولماپتۇ. شەھەر- بازارلارغا كەلگەندىمۇ، پۇل چىقىم قىلغىسى كەلمەپتۇ. شۇ ھالەتتە شەھەردىن- شەھەرگە مېڭىۋىرىپ، يەنە موللازەيدىننى تىپىشماق ئېيت دەپتۇ. موللازەيدىن ۋاڭنىڭ بېخىللىق ئەلپازىغا قاراپ مۇنداق بىر تىپىشماق بىيىتنى ئېيتىپتۇ:
بۇ جاھاننى ئايلىنادور ئەتىۋارلق بىر قىز،
توختىماي قىلار تەۋەللۇت ھىلىدور ھەم قىز.
باشىدىن ئەركەك چىۋىن ئەگىپ ئۆتمىگەن،
بىر كېچىمۇ ئەر قوينىدىن ئايرىلمىغان ھەرگىز.
قىز ئىگىسى قىزىنى قۇلىدىن چىقارغىسى كەلمەس،
ھەر كۈنى كىشىلەر ھوزۇرىدا ئوينايدۇ ئۇ قىز.
شۇ قىزنى بىلەملا غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ.
     ۋاڭ يەنە ئويلاپتۇ، ئويلاپتۇ، ئەركەك چىۋىننىمۇ قوندۇرماستىن، توختىماي تەۋەللۇت قىلىپمۇ يەنە قىز ھالىتىدە ئوينايدىغان قىزنى جاھاندىن ئويلاپ تاپالماپتۇ. ھارۋىلار شىئەن شەھىرىگە بارغاندا. ۋاڭنىڭ قاراۋۇلى ھاپىز كاھ موللازەيدىنگە بىر كەش ئېلىپ بېرىشنى ۋاڭغا ئۇچۇرلاپتۇ. ۋاڭ:
ــ  ئەتىگەن ئېيتقان تىپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەرسە. پۇتىغا خوپ كەلگەن كەشلا بولسا ئېلىپ بېرىڭلار،- دەپتۇ.
ــ ئىلتىپاتلىرىغا بارىكاللا،- دەپتۇ موللازەيدىن تۈرگۈنلۈك بىلەن،- بىلگەيلەركى غۇجام، پۇل دىگەن قىزدەك ئەتىۋارلىق جاھاننى ئايلىنىپ، پۇلدىن- پۇل تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇ يانچۇقتىن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن چىۋىنمۇ قۇنالمايدۇ. ئۇنى قانچىلا چىڭ تۇتۇپ چىقارغىسى كەلمىگەن بىلەن، ئاقىۋەت يەنە بىر كىشىنىڭ قۇلىغا ئۆتىدۇ. جاناپلىرى ئاجىزلارغا رەھىمى قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، ئەمدى ماڭا رەھىملىرى كەلمەي كەشسىز قويدىلا، جاناپلىرىنىڭ بېخىل، ئېقىلسىزرەكلىرىگە قارىتا بۇ تېپىشماقنى ئېيتتىم. ئەپۇ قىلسىلا غۇجام،- دەپتۇ.
   ھاپىز كاھ موللازەيدىننى ئەگەشتۈرۈپ، خەيپۇزۇلغا ئاپىرىپ لاتا خەيلەرنى پۇتىغا خوپ كەلگىنىنى تاللاشقا بۇيرۇپتۇ. موللازەيدىن خوپ كەلگەن ھەر بىر خەينى قۇلىدىكى تاغارغا قاچىلاۋېرىپتۇ. ھاپىز كاھ <<بولدى>> دىسە:
ــ ۋڭ غۇجامنىڭ ئىلتىپاتىدا، پۇتىغا خوپ كەلگەنلىكى خەي بولسا ئېلىپ بېرىۋېرىڭلار دىگەنغۇ؟ تاغىرىم توشقاندا توختايمەن.- دەپتۇ موللازەيدىن. شۇنداق قىلىپ موللازەيدىننىڭ بىر تاغار كەشى بار بوپتۇ. بۇنى ۋاڭ ئاڭلاپمۇ موللازەيدىنگە ئەيىپ قويالماپتۇ.




                                                                                  تالاق دىگەن شۇ

     ئەپرىدۇن ۋاڭ بېيجىڭگە يىتىپ بارغان كۈنلەردە، پۇچتا ئارقىلىق بىر پارچە خەت كېلىپ ۋاڭغا تېگىپتۇ. خەتتە ۋاڭنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى مەمەت شېرىپ بەگنىڭ ۋاپات بولغانلىقى يېزىلغانلىقتىن. ۋاڭنى بىر ئاز قايغۇ بېسىپتۇ. ئەتىسى يەنە شۇنداق تۇرغانلىقتىن، موللازەيدىن ۋاڭنى ئىچىلدۇرۇش ئۈچۈن سۆزلەپ:
ـــ ئۇلۇغ غۇجام، تىپىشماق ئېيتايمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ۋاڭ بىشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ. موللازەيدىن بۇ تىپىشماقنى ئېيتىپتۇ:
پۈتۈپتۇ بىر ئىمارەت- زىننەت بولماي بەلكى قالاق،
ئول ئىمارەتكە كىرگەن كۈنى بولۇپتۇ خوتۇنى تالاق.
بۇ نېمە دىگىنىم غۇجام؟- دەپ سوراپتۇ.
ۋاڭ بۇ تىپىشماقنى ئويلاپ، يېڭى ئىمارەتكە كىرگەن كۈنى خوتۇننى تالاق قىلىۋەتكەن ھىچقانداق ئادەمنى تاپالماپتۇ. ئاخىرى بۇ تىپىشماقنىمۇ موللازەيدىننىڭ ئۆزى يىشىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. موللازەيدىن مۇلايىملق بىلەن:
ئۆلمەس ئىنسان بارمىدۇر؟ گۆرگە كىرمەي ئامال يوق،
باقى ئىمارەتكە كىرگەندە، تالاق بولماي ئامال يوق.
مانا مىسال! مەمەت شېرىپ بىگىم ۋاپات بۇلۇپ، يەرلىكتە قويغان كۈنى ھېمىدا خېنىم تۇل قاپتۇ. تالاق دىگەن شۇ،- دەپتۇ.

                                                              ئەمگەك قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سالام قىلدىم

   موللازەيدىننىڭ مەھەللىسىدە بىر ھورۇن ئادەم بۇلۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە تام تۈۋىدە ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرىدىكەن. موللازەيدىن ئۇ ئادەمنىڭ ھورۇنلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ، پەقەت سالام قىلمايدىكەن.
   كۈنلەردىن بىر كۈنى ھىلىقى ھورۇن ئالدىدىكى توپىنى قۇلى بىلەن سىيپاپ، تۈزلەپ بىر نېمە سىزىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن موللازەيدىن يىراقتىنلا سالام بېرىپتۇ. ھورۇن كىشى بۇ ئىشقا ھەيران بۇلۇپ:
ــ بۈگۈن ھەجەپ سالام قىلىۋەتتىڭغۇ؟ نېمە بولدۇڭ؟- دەپ سوراپتۇ. موللازەيدىن دەرھال جاۋاپ بېرىپ:
ــ بۈگۈن قارىسام ئازاراق بولسىمۇ ئەمگەك قىلىپ، ئالدىڭغا بىر نېمە سېزىپ ئولتۇرۇپسەن. شۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سالام قىلدىم؟- دەپتۇ.

                                                                جۇۋازچىغا ھاپاش بۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز

مەسچىتتە ئىمام جامائەتكە قۇربان ھىيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ساۋابلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرىۋىتىپ:
ــ قۇرۋانلىق قىلغانلار تاڭلا قىيامەتتە قۇرۋانلىق قىلغان قويغا مىنىپ، پىلسىرات كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بىھىشكە كىرىدۇ،- دەپتۇ. بىر مۇنچە كەمبەغەللەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قايغۇرۇپ:
ــ بىزگە ئۇخشاش قۇرۋانلىق قىلالماي، پۇشكال سېلىپ ھېيىت قىلىدىغان كەمبەغەللەر قانداق قىلىمىز؟- دەپ سۇئال قۇيۇپتۇ. ئىمام بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەي دۇدۇقلاپ تۇرغاندا ، موللازەيدىن جاۋاب بېرىپ:
ــ غەم قىلماڭلار، بىزگە ئۇخشاش قۇرۋانلىقى يوق، پۇشكال سېلىپ ھېيىت قىلىدىغانلار جۇۋازچىغا چاپاش بۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز!- دەپتۇ.



                                                                       بىزگە ئاشمىغان بۇلاتتى

     بىر ئاخۇنۇم جامائەتكە ئەمرى- مەرۇپ قىلىپ، نەزىر- چىراق، سەدىقە- ئىھسان بېرىشنڭ ئۇلۇغ ساۋابلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، موللازەيدىن:
ــ تەخسىر، نەزىر- چىراق، سەدىقە- ئېھسان بېرىشنىڭ مېنىڭچە ساۋابى يوقمىكىن دەيمەن؟- دەپتۇ.
ــ  ئىمانىڭدىن چىقتىڭ! نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟- دەپ چەكچىيىپتۇ ئاخۇنۇم ئاچچىقى كېلىپ.
ــ ئاچچىقلىرى كەلمىسۇن ئاخۇنۇم، ساۋاپلىق ئىشلارنىڭ ھەر قاندىغىنى ئاخۇنۇملار باشلامچى بۇلۇپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما مەن قارىسام ئاخۇنۇملار ئۇ يىلدىن- بۇ يىلغا بىر قېتىممۇ نەزىر قىلمايدۇ، سەدىقە بەرمەيدۇ. ئەگەر نەزىر قىلىش،  سەدىقە بېرىش ساۋاپلىق بولغاندا، ئاخۇنۇملاردىن بىزگە ئاشمىغان بۇلاتتى. شۇڭا دەيمەن،- دەپتۇ موللازەيدىن.

                                                                          بۇ ياخشى سۈننەتكەن

   بىر ئاخۇنۇم پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى جامائەتكە چۈشەندۈرۈپ كېلىپ:
ــ ئەتىگەندە ناشتىدا ئۈزۈم بىلەن نان يىيىشمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى. پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۈزۈم بىلەن نان يەپ ناشتا قىلاتتى.- دەپتۇ.
ــ ھەجەپ ياخشى سۈننەتكەن،- دەپتۇ موللازەيدىن خۇشخۇي كۈلۈپ،- بۇ سۈننەتنى ئۆزلىرىگە كۈچ كەلتۈرمەيلا ئادا قىلىمىز. ھازىر ئۈزۈمنىڭ جىڭى ئۈچ كوي. پۇلنى ئۆزلىرى چىقىرىدىغان بولسىلا، ئۈزۈم دىگەننى تاغىرى بىلەن سېتىۋىلىپ، كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئۈزۈم بىلەن چاي ئىچىپ سۈننەتنى ئادا قىلۋېرەتتىم.


                                                     توختا ئوغرى، دەپ ۋارقىرايمەن

موللازەيدىن كىيىنكى كۈنلەردە ياخشى تون كىيىپ، بېشىغا سەللە ئوراپ، ئاخۇنۇملار بىلەن بىللە جامائەتچىلىك قىپتۇ.  تەرەت يېڭىلىغان چاغلاردا موللازەيىدىنمۇ باشقا ئاخون- قازىلارغا ئوخشاش چاپان- سەللىلىرىنى تام بېشىغا قاتلاپ ئېلىپ قويۇپ، كىيگىچە پۈۋلەپ توپىسىنى قېقىپ، زىيادە ئاۋايلاش ئىشلىرىنى قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن توختى قازى موللا زەيدىننى مەسخىرە قىلىپ:
ــ بۇ چاپاننى تولىمۇ ئەتىۋارلاپ توپا قوندۇرمايدىكەنسىز، ناۋادا تام بېشىغا قويۇپ تاھارەتكە كىرىپ كەتكەندە، بىرەر ئوغرى كېلىپ ئەپقاچسا قانداق قىلارسىز؟- دەپ كۈلۈپتۇ. موللازەيدىنمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ:
ــ تەقسىر، ئەگەر چاپىنىمنى ئوغرى ئەپقاچىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ، ۋاي توختى ئوغرى! ۋاي توختى ئوغرى!- دەپ ۋارقىرايمەن،- دەپتۇ.

                                                                       سېنىمۇ قۇرۇتىۋاتىمەن

    بىر كۈنى موللازەيدىن كۆچەت تىكىۋاتسا، مەھەللىنىڭ ئىمامى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قاپتۇ. ئۇ موللازەيدىننىڭ يىنىدا توختاپ :
  ــ ھە موللازەيدىن كۆچەت تىكىۋاتامسەن، « ئەلەم نەشىر» نى ئوقۇپ تىكسەڭ،  كۆچەتلىرىڭ شەكسىز تۇتۇدۇ،-دەپتۇ.
   موللازەيدىن بۇ گەپ بۇيىچە ھەر بىر تۈپ جىرىمنى تىككەندە << ئەلەم نەشىر>> ئايىتىنى ئوقۇپ قويۇپ، باشقا ھىچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماي يۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جىرىملار قۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىرسى:
ــ موللازەيدىن، تىككەن كۆچەتلىرىڭ تۇتماپتىغۇ؟- دەپ سوراپتۇ. موللازەيدىن:
ــ تولا گەپ قىلماي يىراق كەت، ھىلى بىكا <<ئەلەم نەشرە>> نى ئوقۇپ سېنىمۇ قۇرۇتىۋاتىمەن،- دەپتۇ.




                                                                             موللازەيدىن ئۇنىسا

    ئىشىك ئالدىدا گەپلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە چوكانلار يىراقتىن كىلىۋاتقان موللازەيدىننى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆز ئىچىدىكى ئايىمنىسا ئىسىملىك گەپدان چوكاننى << موللازەيدىنگە چاقچاق قىلىپ باققىن>> دەپتۇ. ئايىمنىسا <<ھە>> دەپ ئۆزىنى تۈزەپ راسلىنىپ تۇرۇشىغا موللازەيدىن ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قاپتۇ. ھەمرالىرى ئايىمنىسانى نوقۇپتۇ. ئايىمنىسا:
سېنىڭ ئېتىڭ موللازەيدىن،
ئىشقا يارىماس ھورۇن بىكا.
شۇ ۋەجىدىن ئۆمرۈڭ بۇيى،
بىر قىز بىلەن چۈشمەس نىكا.
دەپتۇ. موللازەيدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
سېنىڭ ئېتىڭ ئايىمنىسا،
چاچقا چاچنى ئۇلىسا.
<<ۋاي جېنىم>> دەپ تىگەرسەن،
موللازەيدىن ئۇنىسا.
دەپتىكەن، ئايىمنىسا چوكانلارنىڭ كۈلكىسى ئىچىدە ئۆپكىدەك قىزىرىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.


                                                                يامان ئىزغا دەسسىۋالماي دەپ

موللازەيدىن تۇرپان كونا شەھەردىن ئاقساپ قالغان ئىشىگىنى يىتىلەپ يىڭى شەھەرگە كېتىۋاتسا، ئۇنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر نەچچە سۆلەتۋاز بايۋەچچىلەر ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇلار << موللازەيدىننى گەپتە چۈشۈرەيلى،>> دەپ مەسلىھەتلىشىپ تۇرۇشىغا موللازەيدىن يىتىپ كەپتۇ. بايۋەچچىلەردىن بىرى:
ــ ھوي موللازەيدىن، ئىشىگىڭمۇ سېنىڭ مىجەزىڭنى ئېلىپ قاپتىمۇ نېمە؟ زەيپانىدەك يەرنى تاللاپ دەسسەيدىغۇ؟- دەپتۇ. ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشۈپ موللازەيدىننى زاڭلق قىپتۇ. موللازەيدىن بۇرۇتىنى تولغاپ تۇرۇپ:
ــ ھىلاراقتا ئالدىمدا تىشى پال- پال، ئىچى سال- سال بىر نەچچە نوچى، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان پوچى ھەزلەكلەر كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئىشىگىم ئۇلاردىن يىرگىنىپ، ئۇلار دەسسەپ زاڭ قىلىۋەتكەن يامان ئىزغا دەسسىۋالماي دەپ يولنى تاللاپ مېڭىۋاتىدۇ،- دەپتىكەن. گەپ بىلەن تۇمشۇقىغا يىگەن بايۋەتچىلەر بىر قۇلىدا ئاغزىنى، بىر قۇلىدا كەينىنى تۇتۇپ كېتىپ قاپتۇ.





                                                                                     مېنىڭ ئىشىگىم

   بىر كۈنى موللازەيدىن ئىشىگىنى يىتىلەپ لۈكچۈن مەدرىسنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، مەدرىسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان قازىغا سالاپ قىپتۇ. قازى موللازەيدىننى گەپتە چۈشۈرۈشنى ئويلاپ:
ــ موللازەيدىن كىمنىڭ ئىشىگى؟- دەپ سوراپتۇ. موللازەيدىن دەرھال:
ــ قازى ئاخۇنۇم مېنىڭ ئىشىگىم،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.




                                                                                   ھارام قان سىڭمىدى

   لۈكچۈن ۋاڭى خەلقنى ئۆزىگە رام قىلىش ئۈچۈن چوڭ زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. زىياپەتكە موللازەيدىنمۇ داخىل بوپتۇ. زىياپەتتىن كىيىن موللازەيدىننڭ بەدىنى قىزىپ ئاغرىپ قاپتۇ. ئەتىسى ۋاڭ كېلىپ:
ــ نېمە بولدى موللازەيدىن؟- دەپ ئەھۋال سورىغان ئىكەن. موللازەيدىن:
ــ ھالال قېنىمغا تۆنۈگۈن قوشۇلغان ھارام قان سىڭمىدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.


                                                                        كەمبىغەللەر دوزاختا يوق

بىر كۈنى يۇرتنىڭ بايلىرى، قازى ھەم موللىلىرى بىر باينىڭ توي مەركىسىگە قاتنىشىپتۇ. داستىخان سېلىنىپ ئاش تارتىلىپتۇ.بىر پىخسىق باي ئاش يەۋېتىپ ئەتراپتىكىلەرگە قارغىنىچە؛
-مۇشۇ كۈنلەردە تىلەمچى گادايلار كۈپىيىپ كەتتى، ئۇلار يوق جايلارمۇ بارمىدۇ؟-دېيىشى بىلەن داستىخاننىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرغان موللازەيدىن دەرھال؛
-ئۆتكەن جۈمە نامزىدا قازى ئاخۇنۇم:‹‹بۇ ئالەمدە جاپا چەككەن جاپاكەشلەر ئۆلگەندە جەننەتكە كىرىدۇ، ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرگەنلەر ئۇ ئالەمدە ھىساباتىنى بىرىدۇ، ئەگەر ھارامنى يىگەنلەر بولسا دۇزاخقا كىرىدۇ›› دېگەنىدى. قازى ئاخۇنۇمنىڭ سۆزى توغرا بولسا، جاپاكەش كەمبىغەللەر ئەلۋەتتە دوزاختا يوق،-دەپتۇ.
ھېلىقى پىخسىق باي لام-جىم دىيەلمەي قاپتۇ.



                                                                               تاڭگار  بىلەن خاڭگار

   لۈكچۈن ۋاڭى  بىر كۈنى موللازەيدىن بىلەن تۇرپانغا كەپتۇ. ۋاڭ مۇنار تۈۋىگە كەلگەندە تاڭگارغا ئامراق موللازەيدىننى مەسخىرە قىلماق بولۇپ، مۇنار ئەتراپىدىكى ئاقىرىپ ياتقان يارداڭلارنى كۆرسىتىپ:
ــ  موللازەيدىن، مۇشۇ ئاق يارداڭلار تاڭگار بولغان بولسا، يېنىغا ئۆي سېلىپ كېلىۋىلىپ، بالىلىرىڭ بىلەن ئولاش - چولاش يېگەن بولساڭ، قانداق ياخشى بولاتتى - ھە ! ــ دەپتۇ.
    موللازەيدىن ۋاڭنىڭ خاڭگارغا ئامراقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ:
ــ  ئۇ چاغدا ئاۋۇ مۇنار خاڭگار بولغان بولسا، ئۆزلىرىمۇ ئوردىنى كۆچۈرۈپ كېلىۋېلىپ ئەتە - ئاخشامدا خاڭگار يەپ ئۆتكەن بولسا ئەجەپمۇ قاملاشقان بولاتتى،ــ دەپتۇ.



                                                                                   قەرىز تۆلەش

موللازەيدىننىڭ دادسى ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۇنى كۆمگىلى ئاچىقىپ كىتىپ بارغاندا شۇ مەھەللىدىكى بىر جازانىخور:
-مىنىڭ ئىككى دادەن بۇغدىيىم بار ئىدى، شۇنى تۆلىۋەتسۇن، بولمىسا قىيامەتتە قەرىز بۇلۇپ قالىدۇ،-دەپ جىنازىنىڭ ئالدىنى تۇسۇۋاپتۇ. موللازەيدىن:
‹‹دادامنىڭ قەرزىنى مەن تۆلەيمەن›› دەپ ۋەدە بەرگەندىن كىيىن جازانىخور جىنازىنى قۇيىۋىتىپتۇ.
موللازەيدىن ئىككى يىل توققۇز كۈرىدىن بۇغداي تۆلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ توي ئىشىمۇ كەينىگە سۈرۈلىۋېرىپتۇ. ئۇ بىر قىشلىقى ئوبدان ئوقەت قىلىپ خېلىلا جىق تەڭگە تېپىپتۇ. بۇنى كۆرگەن جازانىخور قەرىزنى سۈيلەپتۇ. موللازەيدىن:
-مانا قالغان ئىككى كۈرە بۇغداينىڭ پۇلى ،-دەپ ئۈچ سەر تەڭگە بىرىپتىكەن، جازانىخور:
-ياق، سىنىڭدە ئىككى دادەن بۇغدىيىم بار .ھەر دادەن بۇغداي ھەر يىلى بىر ھەسسە كۈپىيىدۇ. ئىككى يىلدىن بېرى مىنىڭ ئىككى دادەن بۇغدىيىم تۆت دادەن بۇلاتتى. سېنىڭ بەرگىنىڭ ئون سەككىز كۈرە، مەن تېخى ئىككى كۈرە بۇغداينى كەچۈرۈم قىلىۋىتىپ، ئىككى دادەن بۇغدىيىم بار دەۋاتىمەن،-دەپتۇ. موللازەيدىن بىر دادەن بۇغداينىڭ پۇلىنى بىرەي، تۈگىشەيلۇق، دېسىمۇ ئۇنىماپتۇ.
-ئۇنداق بولسا يۈر ، مەن ساڭا ئىككى دادەن بۇغدىيىمنى تېپىپ بىرەي،-دەپتۇ موللازەيدىن. جازانىخور بىر ھارۋىنى كىرا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مېڭىپتۇ. خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن بىر چۆلگە چىقىپتۇ. موللازەيدىن ھارۋىدىن چۈشۈپ ئىدىرغا چېپىپتۇ. جازانىخور يىراقتىن تۇرۇپ ۋارقىراپتۇ:
-ھاي موللازەيدىن، بېرىدىغان بۇغدىيىڭ نەدە؟
-ئالدىرمىسىلا، ھازىر،-موللازەيدىن بىر دۆڭگە چىقىپ ئۇنى چاقىرىپتۇ. جازانىخور يىتىپ كەلگەندىن كىيىن:
-مۇنۇ تۈزلەڭلىكنى كۈرۈۋاتاملا؟-دەپ سۇراپتۇ.
-كۈرىۋاتىمەن.
-بەللى، سىلى مىنىڭ توي قىلىشقا يىغىپ قويغان بۇغدايلىرىمنى ساپ قەرىزگە دەپ ئېلىۋالدىلا. ئەگەر مەن توي قىلىپ ئوتتۇرا قولدەك تۆت ئۇغۇل تاپقان بولسام، ئۇغۇللىرىم ئەسقاتقۇدەك بولغاندا، مۇشۇ يەرنىڭ كۈن چىقىشىغا كارىز چاپاتتىم. كارىزدىن لەپپىدە سۇ چىقسا، كۈن پېتىش تەرىپىگە بۇغداي تېرىيتتىم،-دەپتۇ موللازەيدىن،-بۇغدايلار ئوخشاپ كەتسە، ئىككى دادەن بۇغدايلىرىنى بىرىۋىتەتتىم .
   جازانىخور پاراقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ.
   -قەرزىمنى نەق ئۈندۈرۋالىدىغان بولدۇم، دەپ خۇشال بۇلىۋاتىلا -ھە ،-دەپتۇ موللازەيدىن.





                                                                                   قازىخانىدىكى سوراق

     موللازەيدىن خۇراپى ئۆرۈپ- ئادەتلەرگە قارىتا نۇرغۇن قاپىيىلىك گەپ- سۆزلەرنى، بېيىت- قوشاقلارنى چىقارغاندىن كىيىن، كونىلىق تەرەپتارلىرىدىن بولغان مۇتەئەسسىپلەر قازىخانىغا موللازەيدىننى چېقىپتۇ.
بىر كۈنى قازى موللازەيدىننى چاقىرتىپ كېلىپ سوراققا تارتىپتۇ:
ــ سەن كۇپرى سۆز، نەزمە- بېيىتلارنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟
موللازەيدىن:      
كۇفرى سۆزلەر چىقاردور،
كۇفرى ئادەمدىن.
     ھەق سۆزلەر چىقاردور،
تۇغرا ئادەمدىن.

  قازى:   سېنڭ بۇ ئېيتقان ھەم يازغانلىرىڭ كۇفرى تۇرۇپتىغۇ! سەن كاپىرمۇ، نېمە؟
موللازەيدىن:         
  موللىنى كاپىر دېمىسىلە
موللا كاپىردىن يامان.
موللىنى كاپىر دىگەنلەر،
ھەممە كاپىردىن يامان.
قازى: ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىگە لەقەم قويۇشۇڭغا بائىسى نېمە؟
موللازەيدىن:      
                موللىلارنىڭ ئىشىدىن،
                 بايقاپ قېرى- يېشىدىن.
               لەقەم چۈشەر، قىلمىشىغا،
                ئۆتكۈزدىلەر بېشىدىن.

قازى: ھەي، خوتۇن تالاق، سەن نىمانچە قوشاقچى بۇلۇپ كەتتىڭ؟
موللازەيدىن:         
     چېكىلدىغان جۈجەكنىڭ،
        تۇخۇمى پالاق بولۇرمۇ؟
       ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ،
        خوتۇنى تالاق بولۇرمۇ؟
           ......................
ھەر بىر جاۋابتىن كىيىن چوڭ- كىچىك موللىلارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز كۈلۈپ تۇرغانلىقتىن، قازى بىر ئۆزى ئاچچىقلىنىپ، ئاخىر ئۇمۇ كۈلۈپ تاشلاپتۇ.
    قازى :   سېنى بىز سوراق قىلىمىزمۇ، سەن بىزنى سوراق قىلامسەن، قايسىسى ھەق؟
  موللازەيدىن :  

   ھەق- ناھەقنىڭ مۇساپىسى،
كۆز بىلەن قۇلاق ئارىسى.
     كۆرمەي تۇرۇپ راست دىگەن،
   ھاماقەتنىڭ چاي خالتىسى.

  قازى :  ئۆلىمالارنى تەسقىر قىلىپ قويغان   لەقەملىرىڭگە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلەمسەن؟
موللازەيدىن :   

  دەلىل- ئىسپات تەيياردۇر،
ئاسماندىن چۈشەر لەقەم.
مەرتلىك بىلەن چىدىسىلا،
ماڭا سالماي دەرت- ئەلەم.
      قازى ئۇنىڭ گەپچىلىكىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ، تاكى سۆزى تۆگىگىچە شۈك تۇرۇشقا كىپىللىك قىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن موللازەيدىن قازىخانىغا بۇ تاماشانى كۆرگىلى كەلگەن خەلققە قاراپ، مەغرۇرانە قىياپەت بىلەن مۇنداق مۇخەممەسلەرنى ئوقۇپتۇ :

مەدرىسىگە تەئەللۇق كۆردۈم ۋەخپە بارلىغىن،
ئاخۇنۇملار تالاشىدۇر، كۆردۈم ئىچى تارلىغىن.
ئەلەم ئاخۇن ھاكاۋۇر تۇتماس خۇدا يارلىغىن،
مۇپتى پەتىۋا ھەققى يەپ بىلمەس كۆڭلى قارىلىغىن،
قارام، پىخسىق نەپسىكەشلەر، كەلمەس ئاخىر زامانە.

قارى يادار قۇرئاننى مەنىسىدىن بىخەۋەر،
خاتىپ ئوقۇر خۇتبىنى، ئۇلۇغ شاھنى مەدھىيلەر.
موللا كۆپ، نەممام تولا قىلىپ بىر- بىر ھىلىلەر،
مۇراد- مەقسەت بۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى شەرھىلەر،
پىتنە- پاسات، غەيۋەتلەر بولماس ئاخىر زامانە.

قىرىق تاشنى توققۇز تىزىپ كاھىن ئېيتۇر يالغاننى،
ساھىر ئالۇر جۇدە دەپ، پالدىن ئېشىپ قالغاننى.
ھۆكما سۈپەت پېرىخون، كۆردۈم داپنى چالغاننى،
ئاغزىدا لاپ، قۇلىدا داپ، بىلمەس قولى تالغاننى،
سېھىرگەرلىك، ئالدامچىلىق ئاقماس ئاخىر زامانى.


ئىشان ماڭۇر ئايلىدا* تۈزەپ ساقال بۇرۇتنى،
سوپى ماڭۇر پادا يەڭلىغ ئەگەشتۈرۈپ مۇرۇتنى ،
غايىپ رىزقى تاماسىدا شەيىخ ئوقۇر دۇرۇتنى ،
مەخسوم نامىنى بۇلغاپ ، كولار مەقەت- قۇرۇتنى،
سالىھ سۈپەت، ھايۋان سۈرەت كەلمەس ئاخىر زامانە.

قۇشقاچ ئارا قۇرغۇي كەبى كەلسە خەلپەت موللىغا،
نەمروت بىلەن شەددات كەبى ئالسا دەررە قۇلىغا،
قىيامەتتە  گۈل  ئۈنەرگە  زەربە قىلۇر  بالىغا ،
ئاخۇنۇملار  سۈكۈت قىلدى  زالىملار نىڭ  يۇلىغا ،
مۇنداق باغرى-كۆڭلى قارا كەلمەس ئاخىر زامانە .


. . . . . ..  . . .  . . . . .. .  .. . . . ..
موللازەيدىن مۇشۇنداق نەزمىلەردىن خېلى كۆپ ئوقۇپتۇ. ھەممەيلەن شۈك تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ، << تەتىل قىلىش >> قاتارلىق مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ئەيىش- ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىغا دائىر يازغان شېئىرلىرىمۇ بارلىقىنى جاكارلاپتۇ.

*  ئايلىدا ــ ئالدىدا


                                                                                باينىڭ كۆز ئاغرىقى

   بىر باي كۆزى ئاغرىپ قېلىپ، يىراق - يېقىندىكى ھېكىملەرنى چاقىرتىپ داۋالىتىپتۇ، لېكىن ئۈنۈمى بولماپتۇ. باي ئاخىرى موللازەيدىنگە يالۋۇرۇپتۇ. موللازەيدىن:
ــ سىلىنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتىشقا بولامدۇ، بۇنى مەن خىزىردىن سوراپ باقاي،ــ دەپلا مەسچىتكە قاراپ مېڭىپتۇ. بىر ھازادىن كىيىن قايتىپ كېلىپ بايغا مۇنداق دەپتۇ،ــ خىزىر سىلىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، خىزىر ئەسلىدە كۆزلىرىگە زىيان سالماقچى ئەمەس ئىكەندۇق، ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەرزىچە، سىلى دائىم كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارايدىكەنلا، خىزىر ئامالسىز سىلىنىڭ بىر كۆزلىرىنى كۆرمەس قىلىپ ئاغرىتىپ قويۇپتۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە بىر خىل كۆز بىلەن قارىسىلا.

                                                                                       زىياپەتتە

     بىر كۈنى ۋاڭنىڭ ئوردىسىدا زىياپەتتە بوپتۇ. تاماقتىن كىيىن موللازەيدىننىڭ مەڭزىگە بىر تال گۈرۈچ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ۋاڭ ئۇنى زاڭلىق قىلماقچى بولۇپ:
ــ  ھە، موللازەيدىن، ئېدىرغا كېيىك چىقىپتۇ،ـ دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ سۆزنى تاپقانلىقىغا مەستلىكى كېلىپ قاتتىق كۈلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇرنىنىڭ پوتلىسى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. بۇنىڭغا سەپسالغان موللازەيدىن:
ــ  ھە، ۋاڭ بېگىم، كاماردىن ئېيىق چىقىپتۇ،ـ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

                                                                              قارا  ئايمۇ بارمىدۇ

      موللازەيدىننىڭ كېيىنكى خوتۇنى ئۇرۇشقاق چىقىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ چىرايى  قارىمۇتۇق ئىكەن. بىر كۈنى خوتۇنى موللازەيدىن بىلەن ئۇرۇشۇپ توختىماپتۇ. ئۇنىڭدىن بىزار بولغان موللازەيدىن:
ــ ماڭ، نېرى كەت قارىلاق،ـ دەپتىكەن، خوتۇنى يىغلاپ يامانلاپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن قازى موللازەيدىننى چاقىرتىپتۇ. موللازەيدىن قازىخانىغا كىرىشىگىلا ئۇنى كۆرگەن قېينانىسى:
ــ تولۇن ئايدەك پارقىراپ، تۇرسا يۈزى ئاپمۇئاق، ھايا قىلماي دەپسەنغۇ، سەن قىزىمنى قارىلاق !ــ دەپتۇ. موللازەيدىن مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ:
ــ ئايمىدۇ، ئايلارمىدۇ، ئايغا بولۇت دالدامىدۇ؟ ئاي بولسا ئاپئاق بۇلاتتى، قارا ئايمۇ بارمىدۇ؟ــ دەپتىكەن، قازى ئىشنىڭ تەكتىگە يېتىپ كۈلۈۋېتىپتۇ.



                                                                                ئالۋان يىغىش

موللازەيدىن ئوردىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋاڭ موللازەيدىننى دورغىلار بىلەن خەلقتىن ئالۋان ئۈچۈن ئاشلىق ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ.
   موللازەيدىن ئىككى كۈندىن كىيىن، ئوردىغا قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ ۋە ۋاڭنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
-ۋاڭ جاناپلىرى، ھازىر سېرىقتال مەزگىلى بولغاچقا، خەلقتە ئاشلىق قالماپتۇ. قانداق قىلساق بۇلاركىن، دەپ مەسلەھەتكە كېلىۋىدىم،-دەپتۇ.
موللازەيدىننىڭ قۇرۇق قول كەلگىنىگە خاپا بولغان ۋاڭ:
-شۇمۇ گەپمۇ؟ سىلەر نان قېپىلار، ھېشنىمىگە كارغا كەلمەيسىلەر. ئاشلىقى بولمىسا، نېمسى بولسا شۇنى يىغمامسىلەر!-دەپ زەردە قىپتۇ. ۋاڭدىن مۇشۇ جاۋابنى كۈتكەن موللازەيدىن:
-خوپ، بۇلىدۇ،-دەپ چىقىپ كىتىپتۇ.
ئەتسى ئەتىگەندىلا ئوردىغا ھارۋىلار كىرگىلى تۇرۇپتۇ. ھارۋىلارنىڭ بەزىلىرىگە پاخال، يانتاق، بەزىلىرىگە قۇناق شېخى، بەزىلىرىگە سامان، بەزىلىرىگە دەرەخ يۇپۇرماقلىرى ۋە بەزىلىرىگە ئەسكى پىيما، ئەسكى كەشلەر بېسىلغانىكەن.
بۇنى كۆرگەن ۋاڭ ئاچچىقىغا چىدىماي:
-موللا زەيدىن، يىغقان نەرسىلىرىڭنىڭ ئوردىغا نىمە كېرىكى بار؟ دەرھال كۆزۈمدىن يۇقات! -دەپ ۋارقىراپتۇ.
-خاپا بولمىسىلا، ۋاڭ جاناپلىرى، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئوردىغا كىرەك ئەمەسلىگىنى مەن نەدىن بىلەي. ئۆزلىرىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، خەلقنىڭ نىمىسى بولسا، شۇنى ئەكەلدىم،-دەپتۇ موللازەيدىن.

                                                             ئاي نېمىشقا بۇلۇتنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالىدۇ

  بىركۈنى، تۇرپان ۋاڭى موللازەيدىندىن:
ــ ئاي دائىم بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە ئۇتىۋالىدۇ بۇ نېمىشقا؟ يەنە كېلىپ كۈنمۇ كۈندە دېگىدەك تاغنىڭ كەينىگە ئۇتىۋالىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟- دەپ سوراپتۇ. موللازەيدىن دەرھال:
ــ ئاخشىمى، يۇقسۇل نامراتلارنىڭ ئۆيىدە بالىلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ، ئاچلىققا چىدىماي ئاپا-ئاپا، نان- نان دەپ يىغلايدۇ، بالىلارنىڭ يىغا-زارىسىنى كۆرگەن ئاي، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بۇلۇتنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالىدۇ، كۈندۈزى باي غۇجامنىڭ ئېتىزلىقىدا تەرلەپ-پىشىپ، ھاسىراپ– ھۆمىدەپ ئىشلەۋاتقانلارنى كۆرگەن كۈن بۇ يوقسۇل-نامراتلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، تاغنىڭ كەينىگە ئۇتىۋالىدۇ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


« مىراس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.م.خاقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 14:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش