يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 3

غېنىجان خۇدابەردى: دېلو مەلۇم قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-29 22:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                       دېلو مەلۇم قىلىش

                                                            (ھېكايە)

                                                   غېنىجان خۇدابەردى


   بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا چىقىپ،ئىشخانىغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا نۆۋەتچى ساقچى غىياسىدىن كىرىپ:
ـــ ساقچى باشلىقى،غەلتە ئىش،بايا بىرى:‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىلىكلەر رايوندا بىر قانچە بىنا كەم تۇردۇ››،دەپ تېلېفون ئارقىلىق دېلو مەلۇم قىلدى، ـــ دېدى.
ـــ مەس كاللىدىن بىرەسى ئەمەستۇ؟ـــ دېدىم مەن ئەجەبلىنىپ ،ـــ كارىڭلار بولمىسۇن.
  ـــ ئۇقتۇم، ـــ غىياسىدىن چىقىپ كەتتى.
    قاچانىكى ساقچى سىستېمىسىدا:‹‹قىيىنچىلىققا يولۇقىسىز خەلق ساقچىسىنى ئىزدەڭ!›› دېگەن بۇ شوئارنى توۋلىدۇق،شۇندىن كىيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دېلو مەلۇماتى بىراقلا نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتتى.ئەلۋەتتە،ساقچىخانىمىزنىڭ تېلېفونىمۇ چېكەتكىدەك سايراپ توختىمايدىغان بولۇپ كەتكەنتى.يېڭى ساقچى بولغان ۋاقتىمدا،بۇ جايدا ھەپتىسىگە بېرە پارچىمۇ دېلو مەلۇماتى قوبۇل قىلمايتتۇق.ھازىر دېلو مەلۇماتى دېگەنگە قۇلاق بۇرنىمىزغىچە چىلىشىپ قالغاندۇق.بۇ شوئار ئوز نۆۋىتىدە،ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭ جاڭ سېدى ۋاپات بولغاندا يازغان:‹‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى!›› دېگەن بېغىشلىمىسىغا ئوخشاش داغ-دوغا قوزغىغانىدى.
  بۇرۇن ساقچىخانىغا ئەيمىنىپ كىرەلمەيدىغانلار،ئەمدى كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى.ئاكا-ئۇكا ئۇرۇشۇپ قالسا ئاجرىتالمىغانلار، نېرۋىسى چاتاق بالىسىنى باشقۇرالمىغانلار،مەست بولۇپ ئۆيگە كېتىشكە چامىسى يەتمىگەن مەستلەر...ئېرىدىن تاياق يېگەن مەزلۇملار...بىزگە تەۋە بولسۇن-بولمىسۇن مەلۇم قىلاتتى. ھەتتا ئىچى پۇشقانلار:‹‹ئوت كەتتى! ئوت كەتتى! بۇ يۈرەككە ئوت كەتتى!››دەپ،دېلو قوبۇل قىلغۇچى نۆۋەتچى ساقچىلىرىمىزنى ئەخمەق قىلاتتى.قىسقىسى،بىر ئوبدان بىكارچىلاردىن ئىدۇق، كۆزتەگكەندەك،پۇت-قۇلىمىز يەرگە تەگمەي پالاقلاپ يۈرۈشىدىغان بولۇپ قالدۇق.بۇرۇن قەيەردە ياخشى ئويۇن-تاماشا بولسا،بىز شۇ يەردە باردۇق؛ھازىر نەدە باش قېتىنچىلىقى بولسا،بىز شۇ يەردە ئۈنىدىغان بولۇپ كېتىشكەنىدۇق.ساقچى فورمىمىزنى دېمەيلا قۇيۇڭ،ھەي دەردىم! جىن تەگكەندەك ھەممىسى ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىپ،سۆلەت دېگەننىڭ بارىنى پەقەتلا قويۇشمىدى.
بۇرۇن ساقچىخانا ۋە ساقچىدىن قېچىپ يورۇيدىغان كىشىلەر ئەمدى بىزنى ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ كېتىشكەنتى.شوئارنى بولۇشىچە توۋلىغىنىمىز ئازدەك،يەنە ھەممە ئۆيگە ئىشخانىنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ تېلېفون نومۇرى يېزىلغان‹‹ساقچى-خەلق ئالاقىلىشىش››كارتىسىنى(ھازىرقى ئېلانلاردەك)چاپلىدۇق.مانا، بۇرۇن خېلى-خېلى ئىشلار ئوز جايىدا بېسىقاتتى،ئىشتىن كىيىن، خېلى بىر ۋاقىتلار ئۆتكەنىدى بىلىپ قالاتتۇق.ئەمدىلىكتە بولۇپ بېرىشكەنىدى،كىچىككىنە ئىش بولسا تېلېفون قىلىشاتتى، چىقمىسا تېخى،چىقسا تېخى...سەل كېچىكسىڭىز قاش- قاپاقلىرىنى سوزۇپ،دوق قىلىشلىرىچۇ...
بىز‹‹ساقچى-خەلق ئالاقىلىشىش››كارتىسىنى چاپلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي،بىر كۈنى ئىشخانىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتسام،تەۋەيىمىزدە ئولتۇرۇشلۇق مانتىپەز قاسىم بودەك تېلېفون ئارقىلىق دېلو مەلۇم قىلىپ قالدى.قولۇمدىكى ئىشنى تۈگىتىپ چىقاي دەپ تۇرسام، ئالدىراپ كەتكەن چېغى،بىر خەنزۇ يولداش بىلەن سۆرىشىپ كىرىپ كەلدى.بىر قولدا تۆت مانتا بار تەخسىمۇ بار ئىدى.قاش قاپقىغا قارىغىلى بولمايدۇ،باراڭغا ئالغۇسىز...بىلسەم-بىلمىسەم دېلو مەلۇم قىلسام ئىتتىك بېرىشمىدىڭ دەپ،رەنجىۋاتقان نېمە.
ـــ قەيەرگە قارىسا‹‹قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ›› دېگەن كارتىسى چاپلاقلىق،لېكىن دېلو مەلۇم قىلسا بەرسىمۇ بارمىغان... قانداق ساقچىخانا بۇ؟ـــ دېدى قاسىم بودەك كىرە-كىرمەي،ـــ ئوغرىنى تۇتۇپ،نوچىنى ئۇرۇپ ئەكېلىپ بەرسە سورامدۇ يا؟
ـــ نېمە ئىش ؟ ـــ دېدىم مەن،قىزغىن مۇئامىلە قىلىش شوئارىمىز بولغاچقا،ئىمكان بار سوغۇق قان بولۇپ.
  ـــ ماۋۇسى ئەركەك قوينىڭ گۆشىدا ئەتكەن مانتىنى ئېشەك گۆشىدا ئېتىپسەن دەيدۇ؟ما ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ، نامىمنى ئاقلاپ بىرىڭ،ـــ دېدى ئۇ،بۇيرۇق قىلغان تەلەپپۇزدا، تەخسىدىكى مانتىنى قولۇمغا تۇتتۇرۇپ.ما ئىشنى كۆرۈڭ،ئىلگىرى قارىمىزنى يۈز مېتىر يىراقتىن كۆرۈپ قالسا،يەتتە پۈكلىنىپ تەزىم قىلىدىغان ھۆپىگەرنىڭ ھەيۋىسىنى!
ـــ تارتە  قۇلۇڭنى!ـــ غۇژژىدە ئاچچىقىم تۇتۇپ ۋارقىرىدىم، ئىلگىرىكى ۋاقىت بولىدىغان بولسا...قاسىم بودەك ئەلپازىمنى كۆرۈپ كۇسسىدە يىلى چىقىپ،دەرھال قۇلىنى ياقىدىن ئاجراتتى،ـــ نېمە ئىش بولدى؟
ـــ ما...ما... نامىمغا داغ تەگكۈزدى،شۇ...شۇنى دېمەكچى ئىدىم،ـــ دېدى قاسىم بودەك،ۋارقىرىشىمدىن ئۇجۇقۇپ،بايقا كۆرەڭلىكىدىن قىلچىمۇ ئەسىر يوق دۇدۇقلاپ.
ـــ ئوچۇق دېگىنە؟ـــ دېدىم مەن، قولۇمدىكى مانتىنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيغاچ.
  ماۋۇ جاسۇس بايا ئاشخانامغا كىرىپ ئەللىك مانتا بۇيرۇدى.قىرىق بەشنى يېگۈچە غىڭ يوق،قىرىق ئالتىنجىسىگە كەلگەندە چاقىرىدۇ،  بارسام مانتىنى ئېشەك گۆشىدە ئېتىپسەن دەيدۇ، دېدى ئۇ،يېنىدىكى  يولداشقا ئالىيىپ قاراپ.
  سېنىڭ ئاشخاناڭغا كىرىپ مانتا يېگەن ئادەم جاسۇسمۇ؟ دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي.
مۇنداق ئىش،بۇ ئاشخانىمىزغا كىرىشتىن بۇرۇن،قادى قاتاڭنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىغا كۆزۈم چۈشكەنتى.ھايال ئۆتمەي، ئاشخانىمىزغا كىرىپ كەلدى، دېدى قاسىم بودەك، چوقۇم قادى قاتاڭ كۈشكۈرتۈپ نامىمنى بۇلغاشقا بۇيرۇغان گەپ!
  قاسىمئاخۇن،ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا تىل ئۇقۇشماسلىقتىن ئۇنداق ياكى بۇنداق زىددىيەتتىن خالى بولغىنى بولمايدۇ.ئارتۇق ئويلىۋالما.
  ـــ ۋاي سوجاڭ،ماۋۇسى ئۇيغۇرچىنى سۇدەك راۋان سۆزلەيدىكەن دەيمەن، ـــ دېدى قاسىم بودەك،ـــ بۇنداق يامان گەپنى خەنزۇچە دېسىمۇ بىرگەپ،ئۇيغۇرچە دېگىنى نېمىسى؟ مانتا يەۋاتقان نەچچىسى بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،غىققىدە بولۇپ قالدى.
ـــ مانتىنى ئېشەك گۆشىدە ئەتمىگەن بۇلغىدىڭ؟
توۋا دېسىلە،ـــ دېدى قاسىم بودەك ياقىسىنى تۇتۇپ،ـــ ئۇنداق ئىشنى قىلىش تۈگۈل،كۆڭلۈمگە كەلتۈرگەن بولسام خۇدا ئۇرسۇن!
ـــ قوي گۆشى دەيمەن دەپ، ئۇقۇشماي ئېغزىدىن چىقىپ كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ.
ـــ شۇنداقمىكىن دەي دېسەم، تۈزەتمەي كۆزنى ياغ سالغان چايدەك پارقىرىتىپ تۇرىدۇ،ـــ دېدى قاسىم بودەك،ئەلەم تارتقان ئادەمدەك بوغۇلۇپ،ـــ مانتا يەيمىز دەپ قاسقان بېشىدا تۇرۇشقان نۇرغۇن كىشى ساردىن ئۈركۈگەن قۇشقاچتەك پۇررىدە تاراپ كېتىشتى.بولمىسا بۇ يەرگە سورىشىپ كىرىپ ساراڭمۇ مەن؟
  ـــ راست شۇنداق دېدۇقمۇ؟ـــ دېدىم مەن،ئۇ يولداشقا قاراپ.ئۇ يولداش ماڭا قاراپ ئېغزىنى بىر ئۆمەللەپ بولۇپ،گەپ قىلماي جىم تۇردى.
  ـــ مانتىنىڭ پۇلنى بەرگەنمۇ؟ـــ دېدىم مەن،قاسىم بودەككە قاراپ.
ئۇ يولداش راست ئۇيغۇرچىنى بىلسە كېرەك،گېپىم تۈگىشىگە ياندىن پۇل چىقاردى.
ـــ مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسىز؟ـــ دېدى قاسىم بودەك، قولدىكى پۇلغا بىر قاراپ قۇيۇپ،ـــ ئوزۇڭلار بارمايسىلەر،ئاتايىن كەلسەم نامىمنى ئاقلاپ بەرمەي...
ـــ  قانداق ئاقلاپ بېرىمەن؟گۈرۈچ ئاقلىغاندەك ئاقلامدىم ياكى يول بويدىكى ئەسكى تامنى ئاقلىغاندەك ئاقلامدىم؟رازى بولمىساڭ،سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرز قىلە ماڭ!.
ـــ يان باسدىغېنىڭىزنى بىلەتتىم زادى...
قاسىم بودەك ئىشخانىدىن قېيىدىغان پېتى چىقىپ كەتتى.ئۇ يولداشقا بۇندىن كىيىن گەپ سۆزگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا پەندى-نەسىھەت قىلدىم.قۇلىقى تولىمۇ يۇمشاقكەن، خاتالىقىنى تونۇپ، گەپ-سۆزسىز توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇردى. نەسىھەت تۈگەپ چىقىپ كېتىدىغان چاغدا،يانچۇقىدىن سۇلياۋ خالتا ئېلىپ،ئۈستەل ئۇستىدىكى تۆت مانتىنى ئوراپ ئېلىپ كەتتى.‹‹يا پىرىم!شۇنچە خاپىچىلىققا سالغان مانتا بۇنىڭ گېلىدىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟››مەن ئۇنۇڭ كەينىدىن قاراپ قالدىم.
دېمەكچى،ئاشۇنداق كىچىك ئىشلارغىمۇ بىزنى ئەۋرە قىلىدىغان بولۇپ كېتىشكەنتى.
   ـــ باشلىق،تۇنگۇنكى ئوخشاش دېلو مەلۇم مەلۇماتىنى بۇگۇنمۇ قوبۇل قىلدۇق،ـــ ئەتىسى ئەتىگەندە غىياسىدىن يەنە ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى.
  ـــ دېلو مەلۇم قىلغان خەنزۇمىكىن ياكى ئۇيغۇر؟ـــ سورۇدۇم مەن،
ـــ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ـــ دېدى غىياسىدىن،ماڭا ئەجەپلىنىپ قاراپ، ـــ خەنزۇكەن.
ـــ خەنزۇكەن؟ئىككى قېتىملىق دېلو مەلۇماتىنى سەن قوبۇل قىلغانمۇ؟ـــ دېدىم مەن غىياسىدىنغا قاراپ،ـــ دېمەكچى ئىككىسى بىر ئادەممۇ؟
ـــ تەلەپپۇزىنى ئازراق ئوزگەرتىۋالغاندەكمۇ قىلىدۇ،لىكىن ئىككىسى بىر ئادەم،ـــ دېدى غىياسىدىن مۇئايەنلەشتۇرۇپ.  
ـــ دېلو مەلۇم قىلغۇچى نېمە دېگەن؟ـــ سورۇدۇم مەن
ـــ  بىر قانچە بېنا كەم تۇردۇ دېگەن.
ـــ ماڭا دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ دېگەن گېپىنى قايتا بىر دېگىنە.
ـــ باشلىق،سىزدەك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشكەن ئىختىساس ئىگىسى بولمىساممۇ،تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەنمەن.دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇچىنى ئوبدان بىلىمەن،ـــ دېدى غىياسىدىن،كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن تەنە قىلغان تەلەپپۇزدا،ـــ ياڭگاڭ شىياچۇ شاۋ جىگى لۇ(阳光小区小几个楼) دېدى.
ـــ شۇنداقمۇ؟
ـــ بىر قانچە بىنا كەم تۇردۇ دىمەي،بىر قانچە ئېشەك يۇقاپ كەتتى،دېسەم بۇلامتى؟
  غىياسىدىن ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ساقچىخانىمىزغا كەلگىنى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.ئۇنۇڭ نەزەرىيىۋى بىلىمى بولغان بىلەن،دېلو بېجىرىش تەجرىبىسى كەمچىل ئىدى.لېكىن ئۇ ئۆزىگە ھېچكىمنى تەڭ قىلمايتتى.ھېلىمۇ ئېنىق يادىمدا،ئۇ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تەۋەيىمىزدە قوي ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بەردى.نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ،نەق مەيداندىكى ئاياغ ئىزىغا ئاساسەن،جىنايەت گۇماندارىنى قوغلىماقچى بولدۇق.مەن غىياسىدىننى بىر ياردەمچى ساقچى بىلەن ئاياغ ئىزغا ئەگىشىپ قوغلاشقا بۇيرۇۋېتىپ،ئۆزۈم جىنايەت گۇماندارى بېرىش ئېھتىمالى بولغان جايغا كەتتىم.ئىزنى ئىزدەپمۇ، گۇمانلىق جايلارغا بېرىپمۇ، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتالمىدۇق.كەچتە دېلو مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىپ،ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتمەكچى بولدۇق.دېلو مۇزاكىرىسىدە غىياسىدىن ھەممىدىن بۇرۇن پىكىر قىلىپ:‹‹جىنايەت گۇماندارى ئۇيغۇر،ـــ دېگەن ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بىز نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ،ئۇنۇڭ ئېغىزىغا قاردۇق،ـــ بىرىنچى،ئوغرىلانغىنى قوي. ئىككىنچى، بىز ئاياغ ئىزنى ئىزدەپ جاڭگالدا كېتىۋېتىپ،جىنايەت گۇماندارىنىڭ چوڭ تەرەت قىلغان جايىغا بېرىپ قالدۇق،قارىساق كۆتنى چالمىدا سۈرتۈپتۇ.بۇ ـــ بىز مىللىيلارنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى!›› دەپ پەرزىنى دەلىللىدى.ھەممەيلەن كۇلۇب كەتتۇق.
  مەن غىياسىدىننى ئېلىپ دېلو مەلۇمتىدا دېيلگەن ئورۇن ـــ قۇياش نۇرى ئائىللىكلەر رايۇنغا كەلدىم.
ـــ قاراپ باقە،ھازىر بىز نەچچىنچى بىنانىڭ ئالدىدا،ـــ دېدىم مەن مەن غىياسىدىنغا قاراپ.
ـــ بىز ھازىر 6-بىنانىڭ ئالدىدا،ـــ دېدى غىياسىدىن،بىنانىڭ يان تەرىپىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن،ـــ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
ـــ سەن ئۇياقتىن چۈش،مەن بوياقتىن چۈشۈپ بىنالارنى ساناپ چىقايلى،رەت تەرتىپى توغرىمۇ ؟
غىياسىدىن:‹‹ئېلىشىپ قالمىغانسىز-ھە››دېگەندەك ماڭا قاراپ دەقىقە تۇرۇۋەتكەندىن كىيىن،ئېغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ مەن كۆرسەتكەن تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.ئۇنۇڭ قارىشىمۇ يوللۇق ئىدى،ئۆزۈممۇ بۇ ئەخمىقانە ئوي-پىكىرگە قانداقلارچە كېلىپ قالغىنىمغا،ئوز كۆڭلۈمدە  ئەجەبلىنىۋاتاتتىم.
يېرىم سائەتتىن كىيىن،ئىككىيلەن ئالتىنچى بىنانىڭ ئالدىدا ئۇچراشتۇق.ھەممە بىنا جەمئىي يىگىرمە يەتتىكەن،رەت تەرتىپىمۇ توغرىكەن.ئازراق ئوخشىمايدىغان يېرى بار دېيىلسە،ئوخشاش كەڭلىكتىكى يەرگە،ئوخشاش سېلىنمىغان يېرى باركەن.يەنى بىنانىڭ يول تەرەپتىن باشلانغان بىرىنچى قاتار تۆت بىنا،ئىككىنچى قاتار ئۇچ بىنا، ئۈچىنچىسى تۆت...بىر تاق،بىر جۈپ سېلىنغانىكەن.
   دېلو مەلۇم قىلغۇچى زادى نېمە دېمەكچى؟ ئولتۇراق رايون ئىچىدە شۇنچە ئايلىنىپمۇ ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم.
  بايا غىياسىدىننى دوگماتىزىمچى ھەم  مەسىلىلەرگە سۇبيېكتىپ قارشى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ دېگەن ئىدىم.ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭدىكىدەك قاراش گاھىدا خېلى تەجرىبىلىك ماھىر رازۋېدچىكلاردىمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ.مەن يېڭى ساقچى بولۇپ،جىنايى ئىشلار ئەترىتىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا،تەۋەلىكتە چوشقا ئوغرىلاش دېلوسى يۈز بەردى.بۇ دېلو بىر ئىككى قېتىملىق بىلەن توختاپ قالمىدى،ھەر ئايدا ئىككى-ئۇچ قېتىمدىن،ئۇدا بىر يىلغىچە يۈز بېرىپ،ئوتتۇز قېرىق چوشقا ئوغرىلاندى.دېلو مۇزاكىرىسىدە ھەممىمىز تىرىك ‹‹ھۆلمېس››دەپ ئاتايدىغان پېشقەدەم ئەترەت باشلىقىمىز:‹‹بۇ دېلونى سادىر قىلغۇچىلار پىلانلىق تەشكىللەنگەن ئوغرىلىق شايكىسى، دېلونىڭ خاراكتېردىن دېلونى سادىر قىلغۇچلار خەنزۇ›› دەپ بېكىتتى.ھەمدە ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان،يېقىندا تۈرمىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن خەنزۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ،تەكشۈرۈش لايىھىسىنى بېكىتىپ ئورۇنلاشتۇردى.مەنچە،شۇ چاغدا پېشقەدەم ئەترەت باشلىقىمىز:‹‹...دېلو سادىر قىلغۇچى خەنزۇ››دەپ،ئۇنچە زىغىرلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن چىقىپلا تۇراتتى.ئەترەتتىكى مىللىي ساقچىلار بۇ دېلوغا ئادەمگە لازىم بولغاندا ياردەملىشىپ، باشقا ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ئىشنى قىلىپ يۈردۇق،دېلونى خەنزۇ ساقچىلار ئىشلىدى.شۇ چاغلاردا،دېلو سادىر قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىلىپ تەكشۈرمىگەن خەنزۇ گۇماندار قالمىدى.دېلو سادىر قىلغۇچىلارمۇ توختاپ قالمىدى،دېلومۇ پاش بولمىدى.
   ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە،قوشنا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىدىن تېلېفون كەلدى.تېلېفوندا، تەۋەيىمىزدە يۈز بەرگەن چوشقا ئوغرىلاش دېلوسىدىكى گۇماندارنى تۇتقانلىقىنى،تۇنجى سوراقتا جىنايى قىلمىشنى تولۇق ئىقرار قىلغانلىقىنى،تەۋەلىك بويىچە دېلونى بىزگە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا كېلىپ ئادەمنى ئىلىپ كېتىشىمىزنى ئۇقتۇردى.بىز قوشنا ناھىيىگە باردۇق.بىزنى بۇنچە پالاقلاپ تۇتۇق بەرمىگەن قايسى تادان ئوغرىكىن بىر كۆرەيلى دەپ،تاماق يەڭلار دېگىنىگىمۇ قاراماي،تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ماڭدۇق.
  بىز‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىلىكلەر رايوندا›› باشقا گۇمانلىق ئەھۋالنى ئۇچراتمىغاندىن كىيىن،ئالاھازەل بىرە سائەت ئەۋرە بولۇپ يورۇپ، ئىشخانىغا قايتىپ كەلدۇق.ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ دېلو مەلۇم قىلغان كىم،زادى نېمە دېمەكچى،راست دېلو مەلۇم قىلدىمۇ ياكى بېرە ئىشتىن بېشارەت بەرمەكچىمۇ؟ۋە ياكى يۇقىرىدىن نازارەتچى ساقچىلار بىزنىڭ نەق مەيدانغا چىقىشىمىزنى تەكشۈرگىنى كەلگەن بولغىيمىدى؟ ئويلىغانسىرىم پىكىرىم چېگلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
ئادەتتە بۇنداق تۇيۇقسىز تەكشۈرىدىغان نازارەتچى ساقچىلار،نەق مەيداندا سائىتىگە قاراپ بىزنىڭ نەچچىلىك ۋاقىتتىن كېلىپ بولىدىغىنىمىزنى كۈتۈپ تۇراتتى.لېكىن،نازارەتچىلەر نەق مەيداندا يوق ياكى ئىشخانىغا كەلمىدى.بۇ قانداق گەپ؟بەلكىم ئىنكاسىمىزنى سىناپ باققاندۇ.بىز ۋاقتىدا يىتىپ بارغاچقا،بىزگە كۆرۈنمەي كەتكەندۇ.
خوش،بايا خەنزۇ يولداش شۇنچە دىشۋارچىلىققا سالغان مانتىنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ئىشخانامدىن چىقىپ كەتكەندە، كەينىدىن قاراپ قالغىنىمنى دېگەن ئىدىم.ئۈچىنچى كۈنى،يەنە ئۇ يولداشنىڭ سېيماسى كۆز قارىچۇقۇمدىن كەتمىگەن بىر پۇرسەتتە،ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى، چىرايدا سىرلىق تەبەسسۇم بار ئىدى.كۆڭلۈمدە: ‹‹رەھمەت ئېيتىپ كەپتۇ››دەپ ئويلىدىم.تامايىمنى دەيدەيگە سېلىپ،ئۇ يولداش يانچۇقنى ماتلاشقا باشلىدى.‹‹رەھمەت ئېيتامدىكىنە؟ئۇيغۇرچىنى سۇدەك سۆزلەيدۇ دەۋاتقان،ئېغىزىدا دېسىلا بولمىدىمۇ؟مېنى خاتالاشتۇرۇپ قىزىل بولاق بېرىپ يۈرمىگىيدى...››ئويلىرىمنىڭ ئايىغىغا چىقماي تۇرۇپ،ئۇ يولداش بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ ئالدىمغا قويدى.خۇداغا شۈكرى!پۇل چېكى ياكى پۇل ئەمەسكەن!بىراق،ئۇ سۇنغان قەغەزنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ،بېشىمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى،پار بەرگەندىنمۇ ئۆتە يامان ئىشكەن.
‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىلىكلەر رايوندا›› بىر قانچە بىنا كەم دەپ،دېلو مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى،ئەتىگەندە ئىشخانىغا كىرىپ تۇرسام،ياردەمچى ساقچى ئەخەت كىرىپ كەلدى:
ـــ بايا بىرەيلەن:‹‹قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايوندا›› دېلو يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلغانىدى،غىياسىدىنكامغا دېسەم باشلىققا-دە،دەپ كارى بولمىدى،ـــ دېدى ئۇ،ئەرىز ئېيتقان تەرىزدە.
ـــ دېلو مەلۇم قىلغۇچى نېمە دېدى؟ـــ سورۇدۇم مەن،يادىمغا ھېلىقى كۈندىكى دېلو يادىمغا يېتىپ
ـــ خەنزۇكەن،تەلەپپۇزىدىن ئىچكىرلىكتەك قىلىدۇ،ـــ دېدى ئەخەت بېشىنى قاشلاپ.
ـــ ئۇقتۇم،چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ،ـــ دېدىم مەن،قىلىۋاتقان ئىشىمدىن بېشىمنى كۆتۈرمەي.ئۇ چىقىپ كېتىۋېتىپ ماڭا قاراپ قويدى،ـــ ئەخەت،توختىغىنە،ـــ ئىشىكتىن كۆزى كەينىدە چىقىپ كېتىۋاتقان ئەخەتنى چاقىرىۋالدىم،ـــ سوراپ باقە،ساقچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئوي ئالدىغانلار بارمىكىن؟
ئەخەت ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتى.ئۇنى ئەجەبلەندۈرۈۋاتقىنى، نەق مەيدانغا چىقىش ئىشنى ئورۇنلاشتۇرمايۋاتقىنىم ئىدى.
   مەن ئۇ يولداش  بەرگەن ۋىلايەتلىك كارانتىن ئىدارىسى چىقارغان يەكۈن قەغىزىنى كۆتۈرۈپ بارغانچە بېرىپ،‹‹ئەركەك قوينىڭ گۆشىدا›› مانتا ئېتىدىغان قاسىم بودەكنىڭ يۈز كۆزلەرگە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىقىۋەتتىم.
ئاھ،خۇدا!ئېشەك گۆشىدا ئەتكەن مانتىنى مەنمۇ پات-پات يەيتتىم. ئۆزۈمگە تېتىغاچقا،بەك ئوخشايدۇ دەپ،مېھمانلارنى باشلاپ ئاپىرىپ مېھمانمۇ قىلاتتىم.
   قاسىم بودەكنىڭ دېيىشچە،سودىسى ئېقىپ  كېتىپ بازار ۋاز-ۋاز بولغاندا،ۋاقىت ۋە نىمكارنىڭ پۇلىنى تېجەيمەن دەپ،ناھىيىگە بېرىپ تەييار قىيما ئەكېلىپ مانتا ئەتكەنىكەن.
ئۆلگەن،كېسەل بولغان مال-چارۋىمىزنى كۆمۈۋىتىش ئورنىغا، كىچىككىنە پۇلغا ساتقانلىرمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.
ھايال ئۆتمەي ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار ئىشخانامغا كىرىپ كېلىشتى.
  ـــ باشلىق،ئەرزان باھادا ئوي تەقسىملىگەن ئوخشىمامدۇ؟مېنى تىزىملاپ قويۇڭە،ئىككىنچى قەۋەت كۈنگەيدىن بولسۇن،ـــ دېدى غىياسىدىن،ھەممىدىن كىيىن كىرىپ،قىستىلىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،ـــ ئالدىن نەچچە پۇل تۆلەيدىكەنمىز،قەرز بېجىرىپ بېرەمدىكىن يا ...
ـــ مېنىمۇ  تىزىملىۋېتىڭە،يۈز پىڭپاڭدىن چوڭ بولسۇن.
ـــ ئىككىنچى قەۋەت بولسىمۇ،ئۈچىنچى قەۋەت بولسىمۇ مەيلى.
ئۇلار‹‹سەۋزىدىن خەۋەر يوق،گۈرۈچ دەم يەپتۇ››دەپ،مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەنمەي بەس-بەستە چۇرقىرىشىۋاتاتتى.مەن ئۇلارغا قاراپ:
ـــ ھازىرچە تېخى ئوي تەقسىم قىلمىدى.سەل تۇرۇپ قۇرۇلۇش بۆلمىگە كىرمەكچى ئىدىم،ئوي ئالدىغانلار بولسا،دېيىشكەچ چىقاي دېگەن،ـــ دېدىم مەن،كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ.
ھەممەيلەن گېپىمنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇشتى،ئارقىدىن ئەخەتكە قاراپ:
ـــ كاللا دېسە،پاقالچاق دەيدىغان نىمىكىنا،قېنى،ئەرزان  باھالىق ئوي؟ ـــ  دەپ،تۇشمۇتۇشتىن سوراق قىلىشقا چۈشتى.
ـــ مەن...شۇنداق ئويلاپ قاپتىمەن،ـــ دېدى ئەخەت، گۇناھكاردەك بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغۇنچە.باشقىلار غۇدۇرىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
ـــ باشلىق، خوتۇنۇم بىلەن ئانام پەقەت پېتىشمايۋاتىدۇ.شۇڭا ئوي ئالاي دېگەن،كىچىكرەك بولسىمۇ مەيلى،ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بولۇپتىكەن، ـــ دېدى ئەخەت،ئىشخانامدا يالغۇز قالغاندا.
ـــ بولىدۇ ،سەن چىقىۋەر،مەن دېيىشىپ باقاي ھە.
ـــ بولسا بى ئالدىن تۆلەيدىغاننى ئازراق تۆلەپ تۇرسام...
مەن ئۇقتۇم دېگەن مەندە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.ئەخەت چىقىپ كەتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي،غىياسىدىن چالمىدا كۆتىنى سۈرتىدىغان ئۇيغۇر دېگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇق.غىياسىدىن گۇماندارغا قاراپ خېلى ئۇزۇن گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى،ئۇ شۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟ ھۆكۈمىدىن ياكى ھۆكۈمىنى خاتا قىلغان خەنزۇ جىنايەت گۇماندارىدىن رەنجىۋاتامدىكىن؟ئۇنىڭ تۇرقى غەلىتە،چىراي ئىپادىسى ئېنىقسىز ئىدى.بەلكىم،بىز كۈلۈشۈپ كەتكەن شۇ چاغدا، ۋاقتى كەلگەندە بىزگە ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغان بولۇشمۇ مۇمكىن، لېكىن،ھازىر دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى...
ـــ ‹‹قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايوندا››نەچچە يۈرۈش بىنا بار، ـــ دېدىم مەن، قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى كىرىپ،ـــ ئۆيلەرنى قاچان ساتىسىلەر؟بىزنىڭ بىر ساقچى ئوي ئالماقچىكەن، ئۆزى كىچىكرەك، ئىككىنچى قەۋەتتىن بولسا بولاتتىكەن.
ـــ ئوتتۇز يۈرۈش ياق، يىگىرمە يەتتە يۈرۈش بىنا باركەن.كىچىكرەك ئويدىن ...ـــ قۇرۇش بۆلۈمنىڭ باشلىقى، تارتمىسىدىن قېلىن بىر دەپتەرنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ،ـــ ئىككىنچى قەۋەتتە يوقكەن، تۆتىنچى قەۋەتتە باركەن.
ـــ ئىككىنچى قەۋەتتە بولسا بولاتتى، ناۋادا تۆتىنچى قەۋەتتىكىسى  چوڭ يول تەرەپتە بولسا يەنە مەيلىكەن.
ـــ يول تەرەپتىن يوق.ئۇ ئۆيلەر ئويى چېقىلغانلارغا تەقسىملىنىپ بولدى.غەرب تەرەپتە بىر يۈرۈش ئوي قالدى، شۇ يەردە بار.
ـــ بىنالارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا،ئوت ئۇچۇرۇش ئارخىۋىگە خەرىتىسى لازىم ئىدى،ـــ دېدىم مەن،قۇرۇلۇش بۆلۈم باشلىقىنىڭ كۆزىگە قاراپ قۇيۇپ،ـــ بىر نۇسخا كۆپەيتىپ بەرگەن بولارمۇ؟
ـــ خەرىتىسى ...خەرىتىنى گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىدىغانلار ئاچىقىپ كەتكەن.شۇلاردىن ئېلىپ كۆپەيتىپ بېرەي ،ـــ دېدى قۇرۇلۇش بۆلۈم باشلىقى.
مەن قۇرلۇش بۆلۇم ئىشخانىسىدىن يېنىپ چىقتىم.بۇ يەردىن بىرە ئىشنى بايقاش، مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېلو مەلۇم قىلغان كىشى نېمىشقا بىزگە ئوچۇق گەپنى دېمەيدىغاندۇ؟ياشىسۇن ئىشىنىش ھەم چۈشىنىش!
مەن دېسەم سىز ئىشىنەمسىز،بىزمۇ شۇ چاغدا ئىشىنەلمىدۇق. جىنايەت گۇماندارىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن تۇرۇپ قالدۇق.چوقۇم خاتا بولۇپ قاپتا دەپ،ئۆزىمىز شۇ جايدىلا قايتا ئېغزاكى سوراق  قىلدۇق، (قوشنا ناھىيىگە ئاپىرىپ چوشقا قاسسىپىغا سېتىۋەرگەندىن كىيىن، قاسساپ گۇمانلىنىپ قالغانىكەن) نەتىجە يەنىلا بىزگە ئۇقتۇرغىنى بىلەن ئوخشاش چىقتى.دېلو سادىر قىلغانلار مىللىي ئىدى،ئارىسىدا ياكى پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلغان بىرمۇ خەنزۇ يوق ئىدى.ئوچۇق دېسەم،ئەينى چاغدا بۇرۇتىنى ئىسلاھاتنىڭ سۈپۈرگىسىدەك قۇيۇپ،ھەر كۈنى ئالدىمىزدىن ئۇيېنىغا ئون،بوينىغا ئون ئۆتۈپ يۈرۈشىدىغان ئۇيغۇر ئىدى،تېخى ئانچە مۇنچە ئۇچۇرۇشۇپ قالساق‹‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم››  دېيىشىدىغان سالام سائىتمىزمۇ بار ئىدى!
مۇ شۇ كاللامنىزە...كەچۈرسىلە،‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىلىكلەر رايونىدىكى›› ئىشنى سۆزلەۋاتقاندىم.ئوز گېپىمىزگە كەلسەك،ئۇزۇن مۇددەت ساقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلاردا ھەممىدىن گۇمان قىلىدىغان بىر پسىخىكا، مۇنداقچە ئېيتقاندا،ھەرقانداق كىشىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار دەيدىغان،قاراش يېتىلىپ قالىدۇ.
دېلو مەلۇم قىلغان تېلېفون توتىنجى قېتىم كەلگەندە،مەن نۆۋەتچىخانىغا بىر ئىش بىلەن كىرگەنتىم،تېلېفوننى ئۆزۈم ئالدىم، قارشى تەرەپ يەنە نەچچە كۈندىكى ئوخشاش ئىشنى مەلۇم قىلدى... تەلەپپۇزنى قەستەن ئۆزگەرتىۋالغىنىنى پەملەپ قالدىم.لېكىن كىملىكىنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئاڭقىرالمىدىم.
دېلو مەلۇم قىلغان كىشىنىڭ مەلۇم مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى باشتىلا پەرەز قىلغانىدىم.ئۇ كىشى تەرتىپنى چۈشەنمەمدۇ ياكى ساقچى ھەممىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ قارامدۇ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ياكى تەپتىش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلماي،قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ج خ ئورنىغا دېلو مەلۇم قىلىۋاتاتتى.
مەن بىلەتتىم،ئۇ بۇ ئىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزگە سېلىپ،بىزنى يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتاتتى،ئەلۋەتتە،نەتىجىسىنىمۇ كۈتۈۋاتاتتى.بىزنى پەرۋانە چاغلاپ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرسۇن دەپ ساقلاۋاتاتتى.
مەن نەچچە كۈن ئويلاندىم.قىياسىمچە،بىر ئەمەس،بىر قانچە بىنا كەم دېگىنىگە قارىغاندا،بۇ،ئاددى ئىش ئەمەس ئىدى.بۇ زادى قانداق ئىش؟چاقىرسا تىلى،تۇتسا قولى كۆيدىغان؛ئوزى چېتىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغان ئىش.شۇڭا ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقماي،بىزنى ئوتقا ئىتتىرىۋاتقان ئىدى.
نېمىشقىكىن،بۇ ئىش كاللامغا كىرىپلا ئالدى.ئولتۇرسام-قوپسام بىر تىت-تىتلىق بىئارام قىلاتتى.يولدا ماڭاي ياكى ئىشخانىدا بولاي،دېلو مەلۇم قىلغۇچى مېنى كۆزىتىۋاتقاندەك بەدىنىم تىكەنلىشەتتى. ھەم يەنە ۋىجدانىمغا مۇخالىپ ھالدا كىرپىدەك تۈگۈلىۋالغىنىمدىن ۋىجدانىم ئېچىشىپ، بىئارام بولاتتىم.
ساقچى بولغان ھەم ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ باققانلار مىنىڭ دەردىمنى بىلىدۇ.بىر ئورۇننىڭ ساقچى باشلىقى بولۇش تولىمۇ قىيىن. نېمىسى قىيىن؟ كەسپىي جەھەتتىن يىتەكچلىك ۋە نازارەتچلىك قىلدىغان ئورۇن بىلەن سىز مۇلازىمەت قىلدىغان ئورۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش باش قېتىنچىلىقى،ھەر ۋاقىت زېھنىڭىزنى خورىتىدۇ.
ئىككى تاش ئارىسى ـــ ساقچىخانا باشلىقلىرىنىڭ ھەركۈنى تۈگۈلۈپ ياتىدىغان جايى!
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۇنى ئورۇن باشلىقىغا خىزمەت دوكلاتى قىلدىغان بىر ئىش چىقىپ قالدى.ئەسلى بۇ ئىشنى ئورۇن باشلىقىغا دۆكلاد قىلشىمنىڭ زورۇرىيتىمۇ يوق ئىدى.بىراق كۆڭلۇمنى ئۇزۇندىن بىرى بىسەرەمجان قىلۋاتقان ‹‹چىگىش››نىڭ تۇرۇتكىسدە،پۇرسەتىن پايدىلنىپ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇپ بېقىش نىيتىدە، يۇرگۈمنى قاپتەك قىلىپ ئورۇن باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.ئورۇن باشلىقى مىنى سوغۇقلا كۈتۈۋالدى.
ـــ ئىش بارمىدى؟ـــ دېدى ئورۇن باشلىقى،كۆرۈۋاتقان ماتېرىيالدىن بېشىنى كۆتۈرمەي.ئۇ مېنى ھە قاچان،ئۆتكەندە بەرگەن بىزېن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كىردى،دەپ ئويلىغان چېغى،ھە دېگەندە چىراينى ئاچمايلا قالماي،چىرايىمغىمۇ قارىغۇسى يوق،توڭ تېزەكتەك تەگدى.
ـــ ۋاقتىڭىز بولسا،خىزمەت دوكلات قىلاي دەپ كىرگەن.
ـــ نېمە ئىش ئېدى؟
ـــ ئىدارىمىزگە يېڭىدىن قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇلۇپ، تەۋەلىكتىكى دېلو مەلۇماتىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدىغان بىر سىستېما ئورناتقان.ئوچۇق ئېيتسام،كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ھەقسىز سۈرۈش تۇرۇش تېلېفونىغا ئوخشاش، بەش خانلىق ھەقسىز دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى تەسىس قىلغان. مەقسەت ـــ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىش. شۇڭا،ئىدارە بارلىق ساقچىخانىلارنى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېلېۋىزور ھەم رادىئو ئۇزېلى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئاممىغا تەشۋىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.شۇڭا سىزنى تەستىق سېلىپ بەرسە تېلېۋىزور ۋە رادىئو ئۇزېلىدا تەشۋىق قىلايلىمىكىن،دەپ كىرگەن.
ـــ ياخشى ئىشكەن،تەشۋىقى قىلىڭلار،ـــ دېدى ئورۇن باشلىقى، يەنىلا كۆرۈۋاتقان ماتېرىيالىدىن بېشىنى كۆتۈرمەستىن،ـــ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارىنى ئىزدە، قول قۇيۇپ بەرسۇن.
ئورۇن باشلىقى گەپ تۇگدى،دېگەن چېغى يەنە باش چوكۇرۇپ ئوز ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ كەتتى.بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كوتۇرۇپ مىنىڭ جايىمدا ئولتۇرغۇنۇمنى كۆرۇپ:
ــ يەنە باشقا ئىشىڭ بارمىدى؟ـــ دېدى ئەجەپلەنگەن تەرىزدە ماڭا قاراپ.
ـــ يەنە بىر ئىش بار ئىدى، ـــ دېدىم مەن،ئەسلى مۇددىئاغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنى سەل توختىۋېلىپ،ھەم سەل كۆپتۇرۇپ،ـــ يېقىندا بىرى ئۇدا نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ: ‹‹قۇياشى نۇرى ئولتۇراق رايوندا بىر قانچە بىنا يوتۇپ كەتتى››دەپ، دېلو مەلۇم قىلدى.بۇ ئىشنى ئىدارىگە مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن، شۇڭا سىزنىڭ يوليورۇقىڭىزنى...
ـــ نېمە؟!بىنا يۇتۇپ كەتتى؟ـــ باشلىق قىلىۋاتقان ئىشىدىن بېشىنى كۆتۇرۇپ ماڭا قارىدى،ـــ بۇ مۇمكىنمۇ؟
ـــ مەنمۇ ئەجەبلىنىپ قالدىم،ـــ دېدىم مەن،جايىمدا سەل رۇسلىنىپ ئولتۇرۇۋېلىپ.ئاتقان ئوقۇم باشلىقنىڭ يۈرىكىگە تەگكەن چېغى،يېزىق ئۈستەلنىڭ ئۇستىنى ئۇيان-بۇيان مالتىلاپ يورۇپ، ھۆججەت ئاستىغا باستۇرۇلۇپ قالغان ‹‹جۇڭخۇا ماركىلىق ›› تاماكىسىنى تاپقاندىن كىيىن بىر تال ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇردى،ـــ بىر قانچە بىنا كەم دېسىمۇ بىر گەپ ئىدى. باشتا مەن بۇ ئىشنى بىرى بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتقان چېغى دەپ ئېرەن قىلمىغان، ـــ چوغلىنىپ كۆيۈۋاتقان تاماكىسىنىڭ ئۇچىدىن نەزىرنى ئاغدۇرۇپ سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتقان باشلىققا قاراپ قۇيۇپ،سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم، ـــ كىيىن قارىسام، ھەركۈنى توختىماي دېلو مەلۇم قىلىۋەردى.
مەن سۆزۈمنى توختىتىپ باشلىققا قارىدىم.باشلىق ھېلى ھەم تاماكىسىنى بۇلۇق سۈمۈرگەنچە،ماڭا تەئەججۈپ ئىلىكىدە قاراۋاتقانىدى.ئىشەنمەسلىكمۇ،زور گۇمانمۇ تاماكا ئىسىدىن قىسىلىپ كېتىۋاتقان كۆزلەردە دەممۇدەم ئالمىشىپ تۇراتتى.مەن باشلىقنىڭ روھى ھالىتىدىكى كەيپىياتنى بىردەم كۆزەتكەندىن كىيىن بىر بالداق ئۆرلەپ،ئاخىرقى كوزىرنى ئىشقا سالماقچى بولدۇم:
ـــ ئايلىق دېلو قوبۇل قىلغان جەدۋەلنى ئىدارىغا يوللايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان،شۇڭا يوللىسام بولارمۇ ياكى يوللىمىسام بۇلارمۇ؟ـــ باشلىقنىڭ ئۇلاپ چېكىۋاتقان تاماكا ئىسى مەن تەقەززا بولغان چىراي ئىپادىسىنى توسۇۋالغانىدى،ـــ يوللىماي دېسەم،بايا دېگەن ھەقسىز دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرنى تەشۋىق قىلغاندىن كىيىن،ئۇ كىشى بىۋاسىتە  ئىدارىگە دېلو مەلۇم قىلسا...
باشلىقنىڭ ئۆپكىسىگە چېكىۋاتقان تاماكىسىمۇ ياكى سۆزۈم تەگدىمۇ بىلمىدىم،يۇتۇلۇپ كەتتى.مەن سۆزۈمنى قەستەن توختىۋالدىم.باشلىق قايداكىن،ئەمما مەن تولۇمۇ جىددىلىشىپ كىتىۋاتاتتىم.ئورۇن باشلىقى ئورنىدىن تۇردى،يېنىمغا كېلىپ دىۋانغا ئولتۇردى.ئويلىمىغان يەردىن بايقا مۇز تەلەتىنى تاماكا ئىسى ئېرىتىۋەتكەندەك، مۇلايىملىشىپ،سۆزلىرى سىلىقلىشىپ كەتتى:
ـــ ھە راست،ئۆتكەندە ماڭا بەرگەن بىزېن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتىڭغا قول قۇيۇپ بەردىممۇ-يوق؟ـــ دېدى باشلىق،تۇيۇقسىز باغدىن سۆزلەۋاتسام،تاغدىن گەپ قىلىپ.
ـــ ياق تېخى، مالىيىدە راسخوت جىددىي،كېيىنچە بىر گەپ بولسۇن دەپ ...  ـــ دېدىم مەن،سۆزۈمنى ئاخىرنى ئىچىمگە يۇتۇۋېتىپ.
ـــ ھېلىغىچە تەستىقلىمىغانمىدىم؟ـــ باشلىق ئورنىدىن تۇرۇپ، تارتمىلىرىغا شۇنچىكى قاراپ چىققان بولدى.مەن بىلەتتىم،ئۇ دوكلاتىم ئاللا قاچان ئەخلەتخانىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ بولغانىدى. بۇ،ماڭا قارىغاندا باشلىققا تېخىمۇ ئايان ئىدى،ـــ مۇنداق بولسۇن، قايتا بىر يىللىققا دوكلاد يېزىپ ئەكىرگىن،مەن تەستىق سېلىپ بېرەي،توت توننا يېتەمدۇ؟
ـــ يېتىدۇ،يىتىدۇ،ـــ دېدىم مەن،ئورۇن باشلىقنىڭ كەمدىن كەم كۆرسىتىدىغان سېخىيلىقىدىن مەڭدەپ،ـــ ئەمىسە مەن ھازىر چىقىپ، قايتا يېزىپ كىرەي.
يۈرگۈم كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە سوقۇۋاتاتتى.‹‹ئۇياقتىن شەپە بېرىپ، بوياقتىن ھۇجۇمغا ئوتىمەن›› دەپ،باشلىققا ئىشنى كۆپتۈرۈپ ئېيتقاچقىمۇ، ۋۇجۇدۇمنى بىرخىل ئەنسىزلىك ھەم جىددىيلىك چۇلغىۋالغانىدى.مۇشۇ دەقىقىدە جىددىيلىشىدىغان ئادەم جىددىيلەشمەي،مېنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىم ئەجەبلىنەرلىك ئىدى. باشلىقنىڭ يۈرگىنى تۇتۇپ باقىنى بولسا سىيلاپ باقسام،قانداق سوقىدىكىن؟مۇشتۇمدەك يۈرەكتە باتۇرنىڭ مۇشتۇمىدەك جۈرئەت كەم ئىدى.
ـــ ھېلىقى...نېمىتى؟ھە،دېلو مەلۇم قىلىش ھەقسىز تېلېفوننىڭ تەشۋىقاتنى ئوبدان قىلىڭلار،ـــ دېدى باشلىق، ماڭا جىكىلىگەن تەلەپپۇزدا،ـــ نەدىمۇ بىنا يۇتۇپ كېتىدىغان ئىش بولسۇن؟باشقىلار ئاڭلىسىمۇ... مەن دېمەكچى،يۇقۇرغا يولىغان ۋاقتىڭدا ئوزۇڭ قاراپ بىر ئىش قىلارسەن.
  ـــ چۈشەندىم،ئورۇن باشلىقى،ـــ دېدىم مەن،چىقىپ كىتىش ئۇچۇن ئورنۇمدىن تۇرۋېتىپ.ماڭا باشلىقنىڭ مۇشۇ گېپى كۇپايە ئىدى.
باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا،ئۆزۈمنى خۇددى قۇشتەك  يېنىك ھېس قىلىپ قالدىم.باشلىقچۇ؟بايا مەن كىرگەندىكىدىنمۇ بەكرەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.
گاھىدا شارائىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.غىياسىدىننىڭ ھۆكۈمىمۇ خاتا چىققانىدى،ھەركىمنىڭ تەرىتى بىمەھەل قىستاپ يېنىدا تازىلىق قەغىزى بولمىسا،ئوخشاشلا چالما ئىشلىتىدىكەن.ھازىرغۇ چالما ئىشلىتىدىغانلار تۈگەپ كەتتى،ھەممىسى ئېغىزىنىمۇ، كۆتىنىمۇ ئوخشاشلا قەغەزدە ئېرتىدىغان بولۇپ كېتىشتى.پەقەت گېمروي بولۇپ قالغانلارلا كونا تامنىڭ چالمىسىنى دورا دەپ ئىشلىتىدۇ تېخى!.
ھەپتىدىن كىيىن ئورۇن باشلىقىنىڭ بىر ئولتۇرۇشىغا داخىل بولۇپ قالدىم.باشلىق ئۆزى ئاتايىن چاقىرتقانىدى.ھېلىقى كۈنى باشلىقنىڭ ئىشخانىسى كىرىپ خىزمەتلەردىن‹‹يول يورۇق›› سورىغاندىن بۇيان، ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپلا كەتكەنىدى.بىر ھەپتىدە نېمە ئىشلارنى قىلغىنى بولىدۇ؟قولىدا كېسدىغان مىسران قىلىچى بار باشلىق بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا، ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ. مانا،توت توننا بىزېن تەستىقىنى دېمەيلا قۇيۇڭ،نەچچە يىلدىن بۇيان ئىش باشلانمايۋاتقان ساقچىخانىنىڭ نوپۇس بېجىرىش ئىشخانىسىنى قايتا سېلىش،ھويلا چۆرۈشتەك ئىشلارغا ئىش باشلاندى.توك،سۇ،پار پۇلى نەچچە يىلدىن بۇيان دوملىغان قار پومزىكىدەك يىغىلىپ تۆت خانلىق ساندىن ئېشىپ كەتكەنىدى؛ كۈندە دېگۈدەك پۇل سۈيلەپ كېلىدىغان قەرز ئىگىلىرى ئىشخانامدىن ئۈزۈلمەيتتى؛ باشلىقنىڭ تەستىقىنى بېرىۋېدىم،ئۇلار بىر تەستىققا، بىر ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىشتى.مەنمۇ تازا گىدىيىپ تۇرۇپ تىكىلىپ قاراپ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى قۇرساق كۆپۈكۈمنى چىقىرىۋالدىم. ھەممىدىن ئىدارە باشلىقىم قولغا كەلتۈرگەن قاتتىق دېتال جەھەتتىكى نەتىجەمدىن ھەيرانلىقتا ئېغزىنى كاككۇكتەك ئېچىپلا قالدى.
سورۇندا ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىرى تولۇق بولۇپ، تولىمۇ ئوبدان ئولتۇرۇش بولدى.ئوبدان دېيىشىمدە،ئورۇن باشلىقى سوز ئارىلىقىدا ساقچىخانىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئورۇننىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى يۈكسەلدۈرۈشكە ياخشى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىمىزنى ماختاپ ئۆتتى. ئىلگىرى ھە دېسە قۇلدىن ئىش كەلمەيدۇ،دەپ دەككەمنى بېرىدىغان‹‹ئۇچى-بۇچى››لار بۇ قېتىم مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەتىجىلىرىمنى بەس-بەستە ئورۇن باشلىقىغا سېغىزغاندەك سايراپ سۆزلەپ كېتىشتى.ماختاپ بەرسە،ئادەم نېمىنى قىلمايدۇ دەيسىز؟ كىيىم كىيمەيمۇ سايىسىغا قاراپ گىدىيىپ يۈرۈۋېرىدۇ. باشقىنى قۇيۇپ تۇراي، ئادەتتە ئىككى يۈز گرام ئىچسەم ئېغىزىمدىن شالىم ئېقىپ قالاتتى.بۈگۈن ھاراق دېگەننى سۇدەك ئىچىۋەتسەممۇ ھېچ بىر مەس بولمايتىم.
ئەپسۇس تارقىمايدىغان سورۇن يوقكەن،شۇنداق خۇش كەيپ ئىچىۋاتقان پەيتتە،سورۇن ئاخىرلاشتى.نېمىسىنى دەي،يەنە شۇنچىلىك ئىچسەم چاتاق يوق ئىدى.ئىلاجسىز مەنمۇ قايتتىم. چىقىپ كېتىۋاتسام،كەينىمدىن بىرى پېشىمنى تارتىدۇ، قارىسام قۇرلۇش بۆلۈمنىڭ باشلىقكەن.مەن قەدىمنى ئاستىلىتىپ باشقىلاردىن نەچچە قەدەم كەينىدە قالدىم.
ـــ باستۇرما قىلىپ،بىر بوتۇلكىدىن پىۋا ئىچمەيلىمۇ،ـــ دېدى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.
ـــ  چاتاق يوق،ـــ مەن خۇشاللىق بىلەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم.
گەرچە قۇرۇلۇش بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئورۇن باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ساقچىخانىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا پۇرسەت چىقىرىپ، رەھمەت ئېيتىش ئويۇم بار ئىدى.ئىككىمىز بىر خالى قاۋاقخانىغا كىردۇق.قۇرۇلۇش بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئىككى رومكىغا پىۋىنى قۇيۇپ بىرنى ماڭا بېرىپ،بىرنى ئۆزى ئالغاندىن كىيىن:
  ـــ قېنى،خوشە،ـــ دەپ رومكامغا يېنىك سوقۇشتۇردى،مەن بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتىم.ئۇ پىۋىسىنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ،ـــ قۇرۇلۇش قانداقراق كېتىۋاتىدۇ،ـــ دېدى.
ـــ غەمخورلۇقىڭىزدا ئوبدان كېتىۋاتىدۇ،ـــ دېدىم مەن،ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ.
  ـــ قانداق ئىش بولسا ماڭا دەڭ،قۇلۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمەن.
  ـــ ئوبدان،ھېلىمۇ كوپ رەھمەت،ئىش بولسا چوقۇم دەيمەن.
ـــ خۇش خەۋەر،ئورۇن باشلىقى سىزگە يەتكۈزۈپ قۇيۇشۇمنى ئېيتقان ئىدى،ساقچىخاناڭلاردىكى ساقچىلارغىمۇ ئەرزان باھالىق ئويدىن بېرىشنى تەستىقلاپتۇ.
ـــ  بۇ ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن.ـــ دېدىم مەن،ھاياجىنىمنى باسالماي.
ـــ سىلەرگە بېرىدىغان بىناغا پات يېقىن ئىش باشلايدۇ،كېلەر يىلى كۆچۈپ كىرەلەيسىلەر.
ـــ ئورنى قەيەر؟
ــــ قۇياش نۇرى ئائىلىلىكلەر رايونى، ــــ دېدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ قۇيۇپ،ــــ كەينىگە ئۇلاپ سېلىنىدىغان ئۇچ يۈرۈش بىنادىن بەرمەكچى.
ـــ  تولۇقلاپ سالماقچى؟ـــ دېدىم مەن،ئىچىش ئۈچۈن قولۇمغا ئالغان پىۋىنى ئۇنۇڭ رومكىسىغا تەگكۈزۈپ قۇيۇپ.
ـــ بۈگۈن خېلى ئوبدان پاراڭلاشتۇق،ـــ دېدى ئۇ،قول سائىتىگە قاراپ قۇيغاندىن كىيىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ،ـــ شۇڭا،بۈگۈن مۇشۇنچىلىك ئىچىشەيلى،سىزمۇ قايتىپ ئارام ئېلىڭ.
ئۇ خۇشمۇ دېمەي،ئوز يولىغا راۋان بولدى. كاللامغا ئۇ ۋە دېلو مەلۇم قىلغان كىشىنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ سېلىشتۇرمىسى كىرىۋالغانىدى.مەن ئۇنۇڭ سېيماسىنى يۇتۇپ كەتكەن قاراڭغۇلۇققا  قاراپ تۇرۇپ قالدىم. كاللامغا نۇرغۇن ئوي-خىيال كىرىۋالغانىدى. تەپەككۇرلىرىم قاناتلىنىپ نۇرۇغۇن پەلسەپەۋى پىكىرلەر كاللامدا قۇچىۋاتاتتى.ئەلمىساقتىن ھازىرغىچە، پاش بولماي قالغان جىنايەت ياكى باشقا ئىشلار بولغان ئەمەس. جىنايەت ـــ كۆمسە كۆمۇلمەيدىغان سايىغا ئوخشايدۇ. جىنايەت ـــ ھەر قاچان پۇشايمان بىلەن خۇلاسلىندۇ.
ھە راس،چوشقا ئوغرىلىغانلارنىڭ بىزگە دىيىشچە:ئوغرىلىقنىڭ ھەممىسى ھارامكەن...چوشقا ئوغرىلىسىمۇ،قوي ئوغرىلىسىمۇ نەتىجىسى ئوخشاشكەن.ئوخشىمايدىغان يېرى:قوي ئوغرىلىغاندىن بولسا بۇرۇنلا تۇتۇلۇپ قالاتتىكەن،چوشقا ئوغرىلىغاچقا گۇمانىمىزدىن ساقىت بولۇپ، ئۇزۇنغۇچە تۇتۇلماي كەپتىمىش،راستمىدۇ؟

        
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 23:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-18 22:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغرى تۇت دىدى ئوغرىنى،
تىشىپ قوياپ   مورىنى.
كىسەل بولسا باشلىقلار،
پۇقرا يەمدۇ دورىنى.

ۋاقتى: 2016-1-18 22:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغرى تۇت دىدى ئوغرىنى،
تىشىپ قوياپ   مورىنى.
كىسەل بولسا باشلىقلار،
پۇقرا يەمدۇ دورىنى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 22:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوغرى تۇت دىدى ئوغرىنى،
تىشىپ قوياپ   مورىنى.
كىسەل بولسا باشلىقلار،
پۇقرا يەمدۇ دورىنى.
...................................
مەخەت ئەپەندىمنىڭ ئىلھاملىرى ھەر ۋاقىت زىيادە كەلگەي...ۋاقىت چىقىرىپ مۇبارەك نەزىرىڭىزنى ئەسىرىمگە ئاغدۇرغىنىڭىزغا رەخمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش