يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 4

گۇلباھار مۇھەممەد ماھى(ت) : ئادرىسى يېزىلمىغان خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-29 13:11:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
一封没有地址的信
作者:[美]南希•加文
  我家的圣诞树上挂着一只空白的信封,上面既没有收信人的地址,也没有寄件人的签名。它挂在那里已经10多年了。
  这件事应从我丈夫迈克讨厌圣诞节说起。其实他并不是讨厌圣诞节本身,而是他认为圣诞节被过度商业化了。人们尽情地花钱,疯狂地买礼物,把其他事都抛到了一边。由于丈夫有这种感受,所以有一年圣诞节,我决定打破传统,为他准备一份特别的礼物。
  那年我们的儿子凯文12岁。在圣诞节前夕,他的学校组织了一场非正式摔跤比赛,对手是当地教会资助的一支队伍,其成员大多是贫困家庭的孩子。我们一家人都来到赛场观看比赛,看到对方选手穿着破旧的运动鞋,而与之形成鲜明对比的是儿子及他的队友,他们身穿金蓝相间的制服,脚上是崭新的摔跤鞋,显得格外耀眼。
  比赛开始了,我发现对方选手没有戴专用头盔,只用一顶薄薄的帽子保护着耳朵。毫无疑问,我儿子的队伍以绝对优势获胜,并取得了所有级别的冠军。坐在我旁边的丈夫叹气道:“我真希望他们当中有人会赢。其实他们的一些选手很有潜力,但就这样输掉了比赛,等于输掉了他们的信心。”迈克曾带过小型的橄榄球队、棒球队和曲棍球队,所以对孩子非常了解。而我的灵感也由此产生。
  当天下午,我购买了一些摔跤专用的头盔和鞋子,并以匿名的方式送给了本市的教会。
  在那个圣诞节的夜里,我把一只信封挂在圣诞树上,里面写着我做的那件事,并告诉迈克,这是我送给他的圣诞礼物。迈克开心地笑了,他的笑容为圣诞节增添了光彩。
  以后每年的圣诞节,我都继续着这个传统。我曾送给弱智儿童一套曲棍球装备,也曾送给一对老年兄弟一张支票,因为他们的房子在圣诞节前一周被大火烧毁了。
  在我们家,拆信是圣诞节的重要活动。圣诞节的早晨,那封信总是我们最后拆开的礼物。孩子们站在一旁,睁着大大的眼睛,满怀希望地看着父亲从圣诞树上取下信封,然后拆开,一起阅读里面的内容。一年又一年,孩子们慢慢长大,但挂在圣诞树上的那只信封从未失去它的吸引力。
  这一年,我们失去了迈克,他因患癌症而去世。圣诞节如期而至,我沉浸在失去丈夫的悲痛之中。但在平安夜,我仍把一只信封挂在圣诞树上。第二天早上,我发现有三四只信封挂在圣诞树上。这些信是孩子们挂上去的,他们把自己做的善事写在信里,献给他们的父亲。
这个传统还在延续,并且会被我们的子孙后代传得更远。到时,他们也一样会睁着大大的眼睛,满怀希望地等待着他们的父亲从树上取下信封。
“读者”杂志2013年3


ئادرىس يېزىلمىغان خەت
نەنسى.گاۋېن(ئامېرىكا)
گۈلباھار مۇھەممەد تەرجىمىسى


     ئۆيۈمدىكى روژدېتسىۋا دەرىخىگە نە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئادرىسى ،نە ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىمزاسى يېزىلمىغان بىر قۇرۇق كۇنۋېرتنىڭ ئېسىقلىق تۇرغىنىغا 10يىلدىن ئاشتى.
     بۇ ئىش ئېرىم مېكنىڭ روژدېتسىۋا بايرىمىغا بولغان بىزارلىقىدىن باشلانغان.ئەمەلىيەتتە ئۇ روژدېتسىۋا بايرىمىنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ بايرامنىڭ بارا-بارا سودا تۈسىنى ئېلىپ كېتىۋاتقىنىدىن بىزار ئىدى. بۇ بايرامدا كىشىلەر كۈچىنىڭ بېرىچە پۇل خەجلەيتتى،ئەسەبىيلەرچە نەرسە-كېرەك سېتىۋالاتتى،باشقا بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتەتتى.ئۇنىڭدىكى مۇشۇ خىل تەسىرنىڭ سەۋەبىدىن،بىر يىلى روژدېتسىۋا بايرىمىدا،مەن ئەنئەنىنى بۇزۇپ،ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئالاھىدە سوۋغا تەييارلىدىم.
       ئۇ يىلى ئوغلۇم كېۋىن 12ياشقا كىرگەن ئىدى.روژدېتسىۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئۇنىڭ مەكتىۋى غەيرى رەسمىي بىر ئەركىن مۇشىتلىشىش مۇسابىقىسى تەشكىللەپتۇ.رەقىبى بولسا شۇ يەرلىك چىركاۋ ياردەم قىلىپ تەشكىللىگەن بىر ئەترەت، ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئىكەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز مۇسابىقە مەيدانىغا مۇسابىقىنى كۆرگىلى باردۇق.قارىساق قارشى تەرەپنىڭ ماھىرلىرى يىرتىلىپ كەتكەن كونا تەنھەرىكەت ئايىغى كېيىۋالغان بولۇپ، ئوغلىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئەترەتتىكىلەر كېيىۋالغان ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆك سېرىق ئارىلاشتۇرۇلغان كەسپىي كىيىم، پۇتىدىكى يېپيېڭى چېلىشىش ئايىغى بىلەن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى.
مۇسابىقە باشلاندى.مەن قارشى تەرەپ ماھىرىنىڭ بېشىغا تۆمۈر قالپاق كەيمىگەنلىكىنى، پەقەت بىر نېپىز بۆك بىلەن قۇلىقىنى توسىۋالغانلىقىنىلا بايقىدىم. ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ،بارلىق دەرىجىلەردە چىمپىيۇن بولىشىدا گەپ يوق ئىدى.يېنىمدا ئولتۇرغان ئېرىم ئۇھ تارتىپ قويۇپ:
      -مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملارنىڭ يۈشۈرۈن كۈچى بار،ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىشى،ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ يېڭىلغانلىقى بىلەن ئوخشاش،-دېدى.مېك كىچىك تىپتىكى زەيتۇن توپ كوماندىسى،كالتەك توپ كوماندىسى ۋە خوككېي توپى كوماندىسىنى يېتەكلەپ باققانىدى،شۇڭا بالىلارنى ھەممىدىن بەك چۈشىنەتتى.ئەمما مەندىكى بۇ ئىلھام مۇشۇنىڭدىن باشلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن مەخسۇس چېلىشىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئاز تۆمۈر قالپاق ۋە ئاياغ سېتىۋالدىم ھەمدە نامسىز ھالدا مۇشۇ شەھەردىكى چېركاۋغا ئەۋەتىۋەتتىم.
       ئاشۇ روژدېتسىۋا كېچىسىدە، ئىچىگە مەن قىلغان ئاشۇ ئىش يېزىلغان بىر كونىۋېرتنى روژدېتسىۋا دەرىخىگە ئېسىپ قويدۇم ھەمدە مېكقا بۇنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان روژدېتسىۋا بايرىمىلىق سوۋغام ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.مېك ناھايىتى خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتى ،ئۇنىڭ كۈلكىسى روژدېتسىۋا بايرىمىغا تېخىمۇ رەڭدارلىق ئاتا قىلدى.
كېيىن ھەر يىلى روژدېتسىۋا بايرىمىدا بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم.ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارغا بىر يۈرۈش خوككىي توپى ئەسلىھەلىرى،روژدېتسىۋا بايرىمىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆيىگە ئوت كەتكەن بىر جۈپ ياشانغان قېرىندىشىمىزغا بىر پارچە پۇل چېكى سوۋغا قىلدىم.
       ئۆيىمىزدە،كونىۋېرت ئېچىش روژدېتسىۋا بايرىمىدىكى مۇھىم پائالىيەت. روژدېتسىۋا بايرىمى سەھەردە،ئۇ كونىۋېرت ھەمىشە بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئاچىدىغان سوۋغا.بالىلار بىر تەرەپتە تۇرۇپ، كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ،تولۇپ-تاشقان ئۈمىد بىلەن دادىسىنىڭ روژدېتسىۋا دەرىخىدىكى كونىۋېرتنى ئېلىشىغا قاراپ تۇرىدۇ،ئاندىن كونۋېرتنى ئېچىپ، ئىچىدىكى مەزمۇننى ئۈنلۈك ھالدا بىرلىكتە ئوقۇيدۇ.يىلدىن يىلغا بالىلار ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى،ئەمما روژدېتسىۋا دەرىخىگە ئېسىپ قويۇلىدىغان ئاشۇ كونىۋېرت سېھرىي كۈچىنى ئەزەلدىن يوقىتىپ باقمىدى.
      بۇ يىل بىز مېكتىن ئايرىلىپ قالدۇق.ئۇ راك كېسىلى بىلەن ئۇ ئالەمگە كەتتى.روژدېتسىۋا بايرىمى قەرەلىدە يېتىپ كەلدى.مەن گەرچە ئېرىمدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ چوڭقۇر ئازابىدا تۇرۇۋاتساممۇ،ئەمما تىنچلىق كېچىسىدە،ئاۋالقىدەكلا بىر كونىۋېرتنى روژدېتسىۋا دەرىخىگە ئسىپ قويدۇم.ئەتىسى سەھەردە،مەن ئۈچ-تۆت دانە كونىۋېرتنىڭ روژدېتسىۋا دەرىخىگە ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى بايقىدىم.بۇ كونىۋېرتلارنى بالىلار ئېسىپ قويغان بولۇپ، ئىچىگە ئۆزلىرى قىلغان ساۋابلىق ئىشلارنى يېزىپ دادىسىغا سوۋغا قىلغان ئىدى.
       بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.بەلكىم بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىمىزغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن،شۇ چاغدا،ئۇلارمۇ كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ،دادىسىنىڭ دەرەختىن كونىۋېرتنى ئېلىشىنى تولۇپ –تاشقان ئۈمىد بلەن ساقلايدۇ.

"ئوقۇرمەنلەر"ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
«لوپنۇر مەدەنىيىتى»ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 14:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-29 15:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە سۈپىتىدىن سۆيۈندىم.

ۋاقتى: 2015-12-29 17:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار تەرجىمە ئەسىرىڭىزنى سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. تەرجىمە جانلىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-30 00:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيۈمدىكى دىگەننى ھويلامدىكى دەپ ئېلىش كېرەكتەك ھېس قىلدىم. سىلەرچىچۇ؟

باھا سۆز

مۇشۇنداق ئېلىندى، رەھمەت  ۋاقتى: 2015-12-30 11:43 AM
چەتئەللەردە روژدېتسىۋا دەرىخىنى ئۆيىگە تىكلەيدىغان ئادەت بار ئىكەن،شۇڭا  ۋاقتى: 2015-12-30 11:42 AM
ۋاقتى: 2015-12-30 09:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە   راۋان تىل بەدئىيلىكى يىتۈكلىكىدە تەرجىمە قىلىنىپتۇ.  قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش