سەپەرۇپ بەندۇك
تەتۇرچىلىك ئېقىمى
( فىليەتۇن)
مائاش قانچىلىك كۆپەيگەنسېرى ئىشچى- خىزمەتچىلار شۇنچىلىك قەرزگە بوغۇلۇشقا باشلىدى؛
بازارلاردىكى ماللار شۇنچىلىك خىللاشقانسېرى ،كىشلەر ئۆزلىرىگە قانداق نەرسىلەرنى ئېلىشنى بىلەلمەس بولۇپ قالدى؛
تېلېۋىزوردىكى تۈرلۈك ئىلانلار كۆپەيگەنسېرى ، جىڭ ماللار چىقماستىنلا ساختا ماللار بازارنى قاپلاشقا باشلىدى؛
ناىشا- مۇزىكا ۋە ناخشىچىلار كۆپەيەنسېرى ، ناخشا - مۇزىكا ۋە ناخشىچىلارنىڭ قىممىتى ، ئابرۇي - ئىززىتى شۇنچىلىك تۆۋەنلەشكە باشلىدى؛
كۈندە شىپالىق دورىلار تەتقىق قىلىنىپ بازارغا سېلىنغانسېرى دوختۇرخانلاردىكى كېسەل كارىۋاتلار شۇنچىلىك يېتىشمەس بولۇپ قالدى؛
ېلېۋىزورلاردىكى قويۇلۋاتقان مۇھەببەت كىنولىرى سەرخىللاشقانسېرى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى چىن مۇھەببەت قاراشلىرى شۇنچىلىك سوسلاشقىلى باشلىدى؛
ئۇچۇر قانچىلىك تىزلاشقانسېرى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت شۇنچىلىك ياتلاشقىلى باشلىدى؛
قاتناش قانچىلىك قولايلاشقانسېرى يول شۇنچىلىك تارلاشقىلى باشلىدى؛
يېمەكلىك قانچىلىك موللاشقانسېرى ئىنسانلارنىڭ ئەزىم قىلىش ئىقتىدارلىرى شۇنچىلىك زەئىپلاشقىلى باشلىدى؛
تەربىيە قانچىلىك كۆپەيگەنسېرى ئەخلاقسىز قىلمىشلار شۇنچىلىك يامراشقا باشلىدى؛
ماددى ۋە مەنۋى مەدەنىيەت قانچىلىك تەرەققىي قىلغانسېرى دورامچىلىق مەدەنيەتلەر شۇنچىلىك
ئەۋج ئالغىلى باشلىدى؛
ئاياللارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازارغا كۆپلەپ سېلىنغانسېرى ، قىز - ئاياللار شۇنچىلىك سەتلىشىپ كېسەلچان بولۇشقا باشلىدى؛
مودىچىلىق قانچىلىك ئەۋج ئالغانسېرى ئىسراپچىلىق شۇنچىلىك يامراشقا باشلىدى؛
ئوڭ ئادەملەر قانچىلىك كۆپەيگەنسېرى ، ساراڭلارنىڭ ەىپى شۇنچىلىك ھەقىقەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى؛
مانا بۇ ھازىرقى تەرەققىيات جەريانىدىكى تەتۇرچىلىك ئېقىمى !
|