يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2584|ئىنكاس: 30

3-قېتىملىق«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-29 11:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
3-قېتىملىق«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

 شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن«شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىرلىشىپ تور ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش،ئەدىبلىرىمىز،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەقسىدىدە  2014-يىلى«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان ئىدى.1-2- نۆۋەتلىك مۇكاپات ئۆز قەرەلىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ھەم تارقىتىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.3-قېتىملىق  «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، يېرىم يىلنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات 2016-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ يىلمۇ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»  مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر تاللاش ئوبېيىكتى بولىدۇ.

2. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  شېئىر، پىروزا، ئەدەبىي ئوبزۇر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىق ئالتە خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بىرگە ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

3. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە مەزمۇنى يېڭى ۋە ساغلام بولۇش، بەدئىيلىكى يۇقۇرى ۋە ئۆزگىچە بولۇش، ئىملاسى توغرا ۋە نۇقسانسىز بولۇش  ئۆلچىمى قويۇلىدۇ. مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان بارلىق ئەسەرلەر  بىر تۇتاش تورىمىزدا تەسىس قىلىنغان «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مەخسۇس سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ.

4. مۇكاپاتقا ھەر بىر ئاپتورنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئەسەر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. تەكرار ئەسەر يوللىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەسەر يوللىغۇچى ئەسىرىنى  مەخسۇس سەھىپىگە يوللاشتىن سىرت، ئەسىرىنىڭ بېشىغا ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشى ، ئاخىرىغا «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى لازىم.

5. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرغۇچى ئاپتور ئۆزى تور يازغۇچىسى ھەم تورىمىزدا بولغان بولىشى، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىلا يوللىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ۋاكالەتەن يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

6. ئەسەر تەستىقلاش ئۆتكىلى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا سەھىپىلەرگە يوللانغان ئەسەرلەر باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. تورىمىزنىڭ مۇھەررىرلىرى مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما باھالاش جەريانىدىكى «نامزات ئەسەر كۆرسىتىش» باسقۇچىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

7. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالىغاندا يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن ئالتە ژانىرغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.بۇ قېتىملىق باھالاشتا، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر نەپەر مۇھەررىرگە «مۇنەۋۋەر تور مۇھەررىرى» مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

8. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن باشقا ھەر قانداق تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان، يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان،  پەقەت يازغۇچىلار تورىغا خاس ئەسەرلەردىن بولۇشى لازىم.مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن كېيىن ئەسەرنى قايتا ئېلان قىلىش، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاپتۇردا بولىدۇ.

9. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەخسۇس تەشكىللىگەن باھالاش ھەيئىتى ۋە تورداشلار تەرىپىدىن دەسلەپكى نامزات ئەسەر كۆرسىتىش، توردا بېلەت تاشلاش، ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە باھالاپ چىقىلىدۇ.

10. ئەسەرلەر نامزات كۆرسىتىش ۋە دەسلەپكى باھالاشتىن ئۆتۈپ، كېيىنكى قېتىملىق باھالاش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ نازارىتى ۋە بېلەت تاشلىشىغا سۇنىلىدۇ. ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ بىزنىڭ بەلگۈلىمىمىزگە خىلاپ ھالدا باشقا مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى، ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ تېلىفۇن، كوت-كوت، ئۈدىدار ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز ئەسىرىگە بېلەت تاشلاشقا تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدىكى ھەركەتلەر سېزىلسە، تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

11.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتۇرلارغا مۇكاپات سوممىسىدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامىدىن «گۇۋاھنامە» تارقىتىپ بېرىلىدۇ. 3-قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

                ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.



شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى


2015 يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تىللاسى +505 يىغىش سەۋەبى
تەۋپق + 10
قاراقىر + 300 تەرجىمە ئەسەرلەر قاتا.
ئا.باھايدىن + 195 ئەھمىيەتلىك پائالىيە.

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-29 11:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن، قېنى، ئەدىبلەر، سەرخىل ئەسەرلىرىمىزنى قاتناشتۇرۇپ كۆرەيلى!

ۋاقتى: 2015-12-29 12:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى پالىيەت .لىكىن نەتىجىسى بىر ھادىسە.بۇ ھادىسە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە يازغۇچىللىرىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چېقالىسا ئاندىن گۈزەل بولىدۇ بولمىسا جەڭگە-جىدەل بىلەن يەكۈنلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2015-12-29 12:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن ،بۇ پائالىيەت ئەدىپ ۋە ئەدىبەلەرنى ئۆزىنى سىناشنىڭ يەنە بىر ياخشى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگۈسى.

ۋاقتى: 2015-12-29 12:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يازغۇچىلار تورىغىلا  ئېلان  قىلىنغان  بولسا  بولىۋېرەمدىغاندۇ ؟

باھا سۆز

مەخسۇس سەھىپىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.  ۋاقتى: 2015-12-29 12:16 PM
ۋاقتى: 2015-12-29 12:17:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 12:03
بۇ بىر ياخشى پالىيەت .لىكىن نەتىجىسى بىر ھادىسە.بۇ ھادى ...

1-، 2-قېتىملاردىمۇ ئۇنچىۋالا بولۇپ كەتمىدىغۇ؟!

  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىشى ئەمەلىيەتتە بىز ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى قوللاش، ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىندۇر. مەن خۇشاللىق ھەم شەرەپ بىلەن داۋاملىق ئەسەر قاتناشتۇرىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 14:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ۋاستىسى بىلەن بۇ قېتىممۇ يەنە ئالدىنقى مەزگىللەردىكىدەك ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 17:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەتىجە تىرىشقانغا،مۇشەققەت بىلەن ئېلىشقانغا مەنسۈپ،كەينىدە قالساقمۇ مۇشۇ توپنىڭ ئەزاسى بولۇشقا غەيرەت قىلغۇلۇق،غەيرىتىڭ بولسىلا يۇلتۇز سانايسەن...

ۋاقتى: 2015-12-29 17:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇنداق بىر سەھنىنىڭ بۆلىشى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.ئۈزۈلۈپ قالماي،پات-پات ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۈرلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

باھا سۆز

بۆلىشى-بولۇشى، تۈرلىشىنى-تۇرۇلۇشىنى...  ۋاقتى: 2015-12-30 10:06 AM
ۋاقتى: 2015-12-29 18:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە يەنە باشلىنىپتۇ. قېنى يازغۇچى، شائىرلىرىمىز.

ۋاقتى: 2015-12-29 18:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 18:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى باھالاش باشلانغۇچە بولمدىغاندۇ ياكى ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ مەلۇم چېكى بارمىدۇ؟

باھا سۆز

بولمدىغاندۇ -بولامدىغاندۇ...  ۋاقتى: 2015-12-30 10:07 AM
ۋاقتى: 2015-12-29 19:00:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 19:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر سەھنىنىڭ بۆلىشى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.مەنمۇ ئەسەر يوللاشقا تىرىشىمەن.

باھا سۆز

بۆلىشى-بولۇشى...  ۋاقتى: 2015-12-30 10:07 AM
ۋاقتى: 2015-12-29 22:19:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىشى ئەمەلىيەتتە بىز ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى قوللاش، ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىندۇر. مەن خۇشاللىق ھەم شەرەپ بىلەن داۋاملىق ئەسەر قاتناشتۇرىمەن.

باھا سۆز

بۇ ئىنكاسنى كۆچۈرۈپ چاپلىدىڭىزما چوغدان؟  ۋاقتى: 2016-1-3 03:14 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش