يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 6

رەھىمە ئابدۇراخمان: يېڭى يىل ئۈمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-29 11:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يېڭى يىل  ئۈمىدى
نەسىر

رەھىمە ئابدۇراخمان


     كائىنات ئاپپاق لىپاسقا پۈركەندى. يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سەھىرى چىرايلىق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ بۇ قۇياشلىق كۈننىڭ تۇنجى مىنۇتلىرىنى  كۈتىۋالدى …
     يېڭى يىل، يىڭى يىل كەلدى دېيىشتى بالىلار قۇچقاچلاردەك  چۇرقىرىشىپ …
قۇياش قىزغۇچ نۇرلىرىنى ئاپپاق قار ئۈستىگە تەكشى چېچىپ، ھاياتلىق  ئالىمىدىكى قۇتلۇق ئىشلارنى باشلىۋەتتى ….
ئۇ ئۈمىد ئىدى، ئۇ باھارنىڭ  تۇنجى قەدىمى ئىدى. ئۇ گۈللەرنىڭ مېھرىبان ھامىيسى ئىدى. ئۇ تىلەكلەرنىڭ ئوتلۇق نەپەسلىردىن پۈتكەن ئۇلۇغۋارلىق قەسىدىسى ئىدى.
     بالىلاردىكى شوخلۇق، بالىلاردىكى گۈزەللىك، بالىلاردىكى تەلپۈنۈش سادالىرى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن  ئوخچۇپ چىقىپ، قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا قېتىلپ كېتەتتى. ئۇنىڭدا كەلگۈسنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەملەرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ناۋا  قىلاتتى…
     بۇ يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئىدى….
      قۇياشنىڭ تال-تال نۇرلىرى ئىچىدە مەكتەپكە  يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە مېڭىشقان ئوماق بوغۇنلارنىڭ بوينىدىكى قىپ–قىزىل گالىستۇكلىرى جىلۋە قىلاتتى، ئۇسۇل ئوينايتتى، قارلىق ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ يېنىك يەلپۈنەتتى… ئۇنىڭدىن  ئۈمىد نۇرى چاقنايتتى. ئۇنىڭدا گۈزەللىك نامايان بولاتتى. ئۇنىڭدا كەلگۈسىنىڭ پۇختا قەدەملىرى مەزمۇت بېسىلاتتى...
       يېڭى يىل مۇستەھكەم قەدەملىرى بىلەن مەغرۇر چامداپ ئالغا كېلەتتى..
       يېڭى  يىل  كەلدى.
      پۈتكۈل جانلىق ئۇنىڭ مۇبارەك  قەدەملىرىگە ئالقىش ياڭراتتى... ئاپپاق قارغا پۈركەنگەن دالا ھەممە ئاق تىلەكلەرنى زېمىنغا  چېچىپ ئۆزىنىڭ  تەڭداشسىز سەنئەتكارلىق ماھارىتىنى نامايان  قىلاتتى…
ئۈمىدكە تولغان بۇ يېڭى يىل قەدىمى، يېڭى يىلنىڭ  تۇنجى كۈنى ھەممە كۆڭۈلگە پاكلىق، ساغلاملىق، باياشاتلىق، بىلىم ۋە ئۇتۇقلار بىلەن تولۇپ –تېشىش ئىستىكىنى سوۋغا قىلىپ ماڭاتتى...
       يېڭى يىلدا ھەممە شادلىققا تېچ-ئامانلىققا، گۈزەللىك ۋە مېھرگە  تولسۇن دېگەن چىرايلىق ئۈمىدنى ھەدىيە قىلاتتى...مانا بۇ يېڭى  يىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى،قىممەتلىك ئەستىلىكى ھەم ئۇنىڭ سۇلماس  روھى ئىدى...
يېڭى يىل يېتىپ كەلدى...
       ھەممە جانلىق شادلىققا تولدى. قەلىبلەر ھاياجان ۋە جەڭگىۋار  بىر تۇيغۇدا ئۇنىڭ ئارقىغا قايتماس ئىرادىدىن پۈتكەن  مۇۋاپپىقىيەت پاياندىزىنى سالدى... چۈنكى ئۇ ھەممىنى  روھلاندۇرىدىغان، گۈزەل، جەلبكار يېڭى  يىل  ئىدى...!
تەنتەنە ۋە ياڭراق كۈلكىلەرگە مەڭگۈ ھەمراھ بولغۇچى يېڭى يىل يېتىپ كەلدى...!!
ئېھ، يېپيېڭى بىر  يېڭى  يىل ....!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەخىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-29 15:48:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىلىرىڭىزنى، راست ئىشلار خاتىرىلىرىڭىزنى ئوقۇغان،  تىلى نىسبەتەن ئاددىيدەكمۇ تۇيۇلغان، ئەمدى قارىسام نەسىرنى شۇنداق ئوبدان يېزىپسىز. ھېكايىلىرىڭىزنىڭ تىلىغىمۇ مۇشۇنداق ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان ئەسەرلەر چىققۇدەك سىزدىن.

ۋاقتى: 2015-12-29 18:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز ھەدە ، تىرىشىپ تىخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 18:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىل سوۋغىسى سۈپىتىدە يوللىغان نەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-30 16:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىڭىز نى ياختۇردۇم ،  ياخشى يىزىپسىز،بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-12-30 18:20:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى چۈشىڭىزدە كۆرگەنمۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-11 22:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى قەدەملىرىڭىز بەر كەت تاپسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش