ئۇھ دېدىم
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
كېچىنىڭ چاچلىرى يېيىلدى لەرزان،
گۇگۇمدەك تالجىققان قاراقلىرىمغا.
مىڭ ئازاپ پورەكلەپ ئېچىلدى خەندان،
يامىشىپ-يامىشىپ قات-قاتلىرىمغا.
لۆمۈلدەپ بىتاقەت ئوماق بىر قۇرت،
ئەسلىمەم بېتىگە ئېڭىشتى ئاستا.
سىماپتەك تىترەپ ئېڭرىدى ۋۇجۇد،
قاغجىرغان بىر تېمىم ئىسسق قاندەكلا.
تىنىقىم چوغلىنىپ گۈپپىدە ياندى،
گىرىمسەن چوققىدىن پاناھلىق ئىستەپ.
تۇيغۇلار پەريادى قىنىدىن تاندى،
ۋىسالسىز جىلغىدا تىنەپ، تەمتىرەپ.
ئۇھ دېدىم، ھاياجان تىندى ئىچىگە،
رېئاللىق تەپچىرەپ چىقتى ئاۋايلاپ.
پۇشۇلداپ بىر تاتلىق ياتقان كېچىگە،
چاپلاشتىم بەك ئوماق ئۆزۈمنى تاشلاپ.
(«دولان» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-29 10:36