يېڭى يىل شاتلىقى
ئەلشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
كونا يىل كەتتى ئەمدى بىزنى تاشلاپ ،
يېڭى يىل كەلدى يەنە شاتلىق باشلاپ .
سەكرەشتۇق قار ئۈستىدە ئويناپ خوشال ،
يېڭى يىللىق تۇنجى قاردا قارلىق تاشلاپ .
ياسىدۇق خوشاللىقتا قار بۇۋاينى ،
كەيدۈردۇق باشلىرىغا پوسمىلارنى .
يىغىلدۇق چۆرىسىگە چاۋاك چېلىپ ،
قېشىغا قويدۇق قارا ئوسمىلارنى .
پەلەككە يەتتى شاتلىق كۈلكە چۇقان ،
ھاياتنىڭ يېڭى بېتى ئېچىلغاچقا .
يېڭى يىل ،يېڭى ھايات قاينىمىنى ،
كۈيلىدۇق ئۆزگىچە زوق ھاياجاندا .
كۈنلەر ھەم ئايلار ئۈتۈپ يېڭى يىلمۇ ،
ئۈتىدۇ يەنە بىزنى تاشلاپ ھامان .
بىكارغا ئۆتكۈزمەيلى بوش ۋاقىتنى ،
كېيىنچە پۇشايمانغا قالغان يامان .
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
|