جانغا ئوقيا قاشلىرىڭ
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
قاراشلىرىڭغا
قانمىدىم جان قاراشلىرىڭغا،
نېمە سىر بار قاراشلىرىڭدا.
جىغىلدىتار يۈرەكنى دەردلىك،
ئوت چاقنىسا زىناقلىرىڭدا.
چىن سۆيگۈ بار قاراشلىرىڭدا.
نېمە سىر بار قاراشلىرىڭدا،
مېنى سەۋدا ئەيلىدىڭ شۇ تاپ.
مەستخۇشلۇقتا كەتتۇق يايرىشىپ،
ۋىسال جامى سۇنغاندا شاراپ.
مېنى بىھۇش ئەيلىدىڭ شۇ تاپ.
مېنى مەجنۇن ئەيلىدىڭ شۇ تاپ،
قانماس ئەبەد سۆيگۈڭگە دىلىم.
كۆزۈڭ دېڭىز، ئۇندا مەن بېلىق،
سەن ئەمەسمۇ يۈرىكىم-جېنىم.
تەشنا ئەبەد سۆيگۈڭگە دىلىم.
قانماس ئەبەد سۆيگۈڭگە دىلىم،
تاشلاپ كەتسەڭ مەيلى يىراققا.
ئاھلىرىمغا سالماستىن قۇلاق،
تۇتقۇن قىلساڭ ھىجران-پىراققا.
جانغا ئوقيا قاشلىرىڭ
يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتۈپ چاچلىرىڭ،
بۇزۇپ قويدى ئارامىنى دىلىمنىڭ.
كۆكرىكىمگە قويۇلۇپلا باشلىرىڭ،
چېكىت قويدى سۆزلىرىگە تىلىمنىڭ.
كۆكرىكىمگە قويۇلۇپلا باشلىرىڭ،
سېھىرلىدى ۋۇجۇدۇمنى بىمەھەل.
تۆكۈلمىسۇن ھىجران يۇتساق ياشلىرىڭ،
ئامان بولساق، ئىشەن ھەممە بولۇر تەل.
تۆكۈلمىسۇن ھىجران يۇتساق ياشلىرىڭ،
ۋىسال قەسرى سالدى بىزگە پايانداز.
جانغا ئوقيا بولسا مەيلى قاشلىرىڭ،
ئاشىقلارغا ۋىسال پەيتى بەكلا ئاز.
ھىجران كۈيى
ئىلھام ئاتلىق شەيتان قاچتى يېنىمدىن،
ئاھ ئەزىزىم ئايرىلغاچقا ئىككىمىز.
ۋەدىمىزنى ئاچچىق ھىجران بۇزالماس،
چىڭ باغلانغاچ ئوتلۇق سۆيگۈ-رىشتىمىز.
ياشاپ كەلدىم ۋىسال تىلەپ سېنىڭدىن.
ھەر تەرەپكە تەلمۈرۈپلا باقىمەن،
ماڭا بۈيۈك ئىسىمىڭنى يادىلاپ.
كۆيۈپ باغرىم پىراقىڭدا تېنىمسىز،
ئايدەك يۈزۈم چۇچۇل بولدى قارىداپ.
ھەسرەت يۇتۇپ كەپەم تامان ماڭىمەن.
جۈپ كۆزۈڭنى شوخ بۇلاققا ئوخشاتسام،
بۇلاقتىمۇ نۇر يوق ئىكەن كۆزۈڭدەك.
تەققاسلىسام لىرىك كۈيگە ئۈنۈڭنى،
سېھىرلىمەس مۇزىكىمۇ سۆزۈڭدەك.
يىغا باسار قەدىمىمنى توختاتسام.
نەگە بېرىپ، نە قىلىشنى بىلمەيمەن،
بولدى جېنىم ۋەسلىڭ ماڭا كۆپ ئارمان.
ساچىڭ تۇتقان قولۇم ھىدىڭ پۇرايدۇ،
مەست قىلغاندا مېنى ئاچچىق شۇم ھىجران.
كۆز يۇمساممۇ چىن ۋىسالىڭ تىلەيمەن.
كۆرۈشەرمىز قايسى كۈنى شادىمان،
جۈپ كۆزلەردىن ئاچچىق ياشنى قۇرۇتۇپ.
تېز كەل جېنىم سوۋغا قىلاي نەزمەمنى،
سۆيگۈڭ بىلەن قارا تۈننى يورۇتۇپ.
ياشايلى كەل قۇت قەسرىدە بى ئارمان.
چۈچۈمەل كەچمىش
گۈلخان بولۇپ كۆيدى يۈرەك ئىشقىڭدا،
باش باھاردا سۆيگۈم چېچەك ئاچالماي.
چاڭقاق يەتتى بىغۇبار پاك دىلىمغا،
چىن ۋىسالىڭ شارابىغا قانالماي.
ئۆتتى ئۆمرۈم ساڭا ئېغىز ئاچالماي.
قاچتىڭ جېنىم، ۋەسلىڭ ئۈچۈن تەلمۈرسەم،
ئاھلىرىمغا ھېچبىر قۇلاق سالماستىن.
چىن ئىشقىمنى مىڭ بالادا بىلدۈرسەم،
‹‹ساراڭ...››دېدىڭ سۆيگۈم ئىلىك ئالماستىن.
تاشلاپ كەتتىڭ توۋا، رەھىم قىلماستىن.
ئاچچىق ھىجران ئاستى ئازاب دارىغا،
قىسمەتلىرىم شۇنداق ئىكەن نە ئامال.
ماڭغىنىمدا سىرلىق ئۆلۈم غارىغا،
شاراب سۇندۇڭ رەھمىڭ كېلىپ ئايجامال.
كۆڭۈل بەرگىن، كېلىپ ياكى جاننى ئال.
گۈلباھارىم ئورۇن ئالدىڭ كۆكسۈمدىن،
كۈلەي قەھ-قەھ قۇت ئىلكىدە شادىمان.
ئازاب يۈكى يېنىكلىدى ئۈستۈمدىن،
سۆيۈپ سېنى ياشاي مەڭگۈ بىئارمان.
قۇتلۇقلىغاي سۆيگۈمىزنى يەر-جاھان.
باغرىڭ ئېرىپ يالقۇنىدا سۆيگۈنىڭ،
مەلھەملىدىڭ دىل يارامنى مېھرىڭدە.
قارىماسمەن چىرايىغا ئۆزگىنىڭ،
چۈنكى بەختىم كۈلدى ئايدەك چېھرىڭدە.
بىھۇشلدىڭ ۋۇجۇدۇمنى سېھرىڭدە.
«كۆز قارچۇقۇڭ نېچۈن شۇنچە قاپ-قارا؟»،
سوراپ قالدىڭ ئوتلۇق بېقىپ دىلكىشىم.
يۈرەك زەرداپ، پىراقىڭدا دىل يارا،
سەۋەب بولدى تارام-تارام كۆز يېشىم.
ئەجەپ شېرىن ، ئەجەپ ئاچچىق كەچمىشىم.
سۆيگۈ قەسىدىسى
سۆيگۈ تىلەپ چۆككەندە جېنىم،
ئاي يۈزۈڭنىڭ زىناقلىرىغا،
پاك ئەقىدەڭ پارلىدى گويا،
ئاھۇ كۆزۈڭ بۇلاقلىرىدا.
كۈلۈشلىرىڭ غۇنچە لېۋىڭدە،
ئاشىق دىلنى قىلىدۇ مەستخۇش.
تاشلىنىمەن باغرىڭغا جېنىم،
ۋىسالىڭدا بولۇپ مەست-بىھۇش،
سۆيگۈ شېرىن، ھايات بىباھا،
ۋۇجۇدلارغا تارايدۇ لەززەت.
كائىناتنى قالدۇرۇپ ھاڭ-تاڭ،
ساداقەتتە ياشايلى ئەبەد.
ئۇپۇق ئەلچىسى
چىللاپ چىقىپ زەر قۇياشنى ئۇپۇقتىن،
ئويغىتىسەن خورازلارنى تاڭ سەھەر.
كېرىلمەيسەن ھوسۇلۇڭدىن-ئۇتۇقتىن،
جەننەت گويا ئەجرىڭ بىلەن ئانا يەر.
ئۆتتى تالاي-تالاي كەچمىش بېشىڭدىن،
پەرزەنتلىرىڭ ئۈچۈن بەردەم ياشىدىڭ.
بۈركۈتلىرىڭ ئۇچتى ھەريان قېشىڭدىن،
جاننى يەنە شۇلار ئۈچۈن ئاتىدىڭ.
سۈكۈناتقا چۆمگەندىمۇ كائىنات،
تىپىرلايسەن تىرىكچىلىك غېمىدە.
تەسلىم ساڭا تاغدەك-تاغدەك مۈشكۈلات،
چۈشلىرىڭمۇ كالا-قويۇڭ غېمىدە.
سەكسەن نەچچە داۋان ئاشتىڭ توختىماي،
ھېرىش نېمە، چارچاش نېمە بىلمىدىڭ.
دادا، سېنى قۇياشقىلا ئوخشىتاي،
ئەلەم يۇتتۇڭ، ئۇلۇغ كىچىك تىنمىدىڭ.
ئۇدۇم بولۇپ پەزىلىتىڭ گۈللىرى،
ئوغلانلىرىم ۋۇجۇدىدا ئېچىلدى،
مېھنەت بىلەن ئۆتۈپ كۈن ھەم تۈنلىرى،
ئادەمىيلىك سەپلىرىگە قېتىلدى.
ئەجداد مىراس شىجائىتىڭ تەۋەررۈك،
چىدام-غەيرەت، ساداقەتتە ياشايمىز.
سەلتەنەتلىك شاھ سەن گويا ئەڭ بۈيۈك،
شەۋكىتىڭگە ھۆرمەت قەسرى ياسايمىز.
( مەنبەسى: «تارىم» ژۇرنىلى 2015يىللىق 12-سانى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-28 17:29