يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 393|ئىنكاس: 9

پولات: مەن قاچانمۇ دادا بولارمەن(ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-28 15:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەن قاچانمۇ دادا بولارمەن...              
(ھىكايە)                          
پولات ۋىلاخۇن ئىلى                  
بۇرنىنىڭ ماڭقىسىنى توختىماي تارتىپ،بېشىنى كۆتەرمەي
تاپشۇرۇق يېزىۋاتقان سۈبھى ئېقىپ چىققان ماڭقىسىنى بۇ قېتىم يېڭىگىلا ئەتتى.                                                      
ـــ قولياغلىقىڭ قېنى؟                                          
ـــ ۋايتاڭەي... ـــ دىدى سۈبھى ھېچ ئىش بولمىغاندەك.
ـــ قارا يېڭەڭگە،پاسكىنا قىلىۋەتتىڭ.ساۋاقداشلىرىڭ كۆر
سە زاڭلىق قىلمامدۇ...                                            
ـــ ئەنسىرەمنى بالىلار‹‹ماڭقا››دەپ زاڭلىق قىلىدۇ.ــ دى
دى سۈنھى مەكتەپتىكى ئىشلار ئېسىگە كېلىپ،ئۆزىچە كۈلۈپ، ـــ ئۇ قىزنىڭ بۇرنىدىكى ماڭقىسى ئېقىپ ئاغزىغا كىرىپ كېتەي دەيدۇ.ـــ دىدى ئۇ قولى بىلەن كۆرسىتىپ.                                   
ـــ بولدى،ئادەمنىڭ‹‹ئۆھى››سىنى كەلتۈرمەي،ئۆزەڭنى
بىل.قانداق،تاپشۇرۇقىڭنى يېزىپ بولدۇڭمۇ؟                                    
ـــ ياق.ئەجەپ زېرىكتىم بۇ تاپشۇرۇقتىن...               
ـــ ئوقۇغۇچى دېگەنمۇ زېرىكەمدۇ،تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ
دەرسلەردە ناچار بولۇپ قالىسەن،كېيىن يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇيالماي دېخان بولىسەن. ـــ دىدى دادىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ.سۈبھى دادىسىنىڭ ئۆز يېنىدا خاتىرجەم ھالدا سۇنايلىنىپ يېتىپ تىلۋۇزۇر كۆرۋاتقانلىقىغا قاراپ:                              
ـــ دادا،سەن نېمىشقا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيسەن؟ـــ دەپ
سورىدى.                                                   
ـــ مەن ساڭا ئوخشاش ئوقۇغۇچى بولمىسام. ـــ دەپ
قىسقىلا جاۋاپ بەردى دادىسى كۆزىنى تىلۋۇزۇردىن ئۈزمەي.
ـــ نېمىشقا ئوقۇغۇچى ئەمەس؟... ـــ دىدى سۈبھى بۇر-
نىنى تارتىپ،قېرىندىشىنى جوزىغا سۈركەپ ئويناپ.         
ـــ مەن دېگەن ھازىر چوڭ ئادەم.سېنىڭ داداڭ.      
ـــ دادا بولسا تاپشۇرۇق ئىشلىمەمدا؟...                        
ـــ ھەئە. ـــ دىدى دادىسى پەرۋاسىزلىق بىلەن.              
ـــ ئەمىسە مەن قاچانمۇ دادا بولارمەن...               
ـــ نېمە!؟ـــ بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادا يېنىچە ياتقان يې-   
رىدىن بۇرۇلۇپ بالىسىغا قارىدى.ئۇ بالىسىنىڭ بۇ گېپىگە يە كۈلۈشىنى،يە ئاچچىقلىنىشىنى بىلەلمەيۋاتاتتى.دادا بالىسىنى بۇ گەپنى نېمە ئۈچۈن دېگەنلىكىنى بېلىپ بېقىش مەقسىتىدە كوچىلاپ سوراشقا باشلىدى.                                                   
ـــ ھازىر نېمە دېدىڭ؟ئاڭلىماي قاپتىمەن. ـــ سورىدى دا-
دا قەستەن بالىسىدىن.                                             
ـــ مەنمۇ قاچان ساڭا ئوخشاش دادا بولارمەن. ـــ دەپ
جاۋاپ بەردى سۈبھى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بۇرنىنى تارتىپ.                                                     
ـــ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ.                        
ـــ كىچىك بولسام نېمە بوپتۇ.مانا ھازىر مەن چوڭ بولۇپ
كەتتىمغۇ. ـــ بالا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ چوڭ بالا بولغانلىقىنى بويى ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويدى.                     
ـــ سەن دادا بولۇشنى نېمىشقا ئويلاپ قالدىڭ؟...  
ـــ مەن دادا بولسام ساڭا ئوخشاش تاپشۇرۇق ئىشلىمەي
دىيەنشى كۆرۈپ ياتاتتىم-دە. ــــ دىدى سۈبھى دادىسىغا قاراپ
.ئۇنىڭ كۆزىدىن بالىلىقنىڭ تولىمۇ سەبىي،ئوماق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.دادىسى نېمە دېيەرىنى بىلەلمەي قالدى.بالىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا ئۆزىنى تولىمۇ    گۇناھكاردەك خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدى
ـــ زېرىككەن بولساڭ بىردەم ئارام ئال،دادا بولۇشقا ئال-
دىرما بالام... ـــ دادا ئوغلىنى باغرىغا چىڭ باستى.                 


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 17:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-28 15:41:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بالىلىرىمىزنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يەڭگىللىتىپ،ئۇلارغا كۆپرەك ئۆزىگە قېنىۋىلىش پۇرسىتى بېرەيلى.

ۋاقتى: 2015-12-29 11:54:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇبھى دېسە قىز بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

مېنىڭچە بالىنىڭ سۆزىدىن دادىسى خىجىللىق ھېس قىلدى دېگەننى باشقىچەرەك قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولماسمۇ ؟

ۋاقتى: 2015-12-29 11:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يۇمۇردەك قېلامدۇ-نىمە؟

ۋاقتى: 2015-12-29 19:54:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئۇنىڭ كۆزىدىن بالىلىقنىڭ تولىمۇ سەبىي،ئوماق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.دادىسى نېمە دېيەرىنى بىلەلمەي قالدى.بالىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا ئۆزىنى تولىمۇ    گۇناھكاردەك خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدى
ـــ زېرىككەن بولساڭ بىردەم ئارام ئال،دادا بولۇشقا ئال-
دىرما بالام... ـــ دادا ئوغلىنى باغرىغا چىڭ باستى.  
     قىسقا  تىلى ئۇچۇق ياخشى يېزىلىپ، بالا ھەقىقەتەن تاپشۇرۇقتىن زىرىكىپتۇ، چۈنكى  بالىدا  بېسىم
باركەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 19:58  


ۋاقتى: 2015-12-30 13:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە، پوۋېست، رومان دېگەننىڭ  تىلىنى قاتتىق تاۋلاش لازىم! «بۇرنىنىڭ ماڭقىسى» بىسمىللاھسىدىلا چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ، يەنە كۆزنىڭ، ئېغىزنىڭمۇ ماڭقىسى بولامدا؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 13:59  


ۋاقتى: 2015-12-30 14:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرمىسىڭىز ئەتىلا دادا بولىسىز ئۇكام .

ۋاقتى: 2015-12-30 19:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ئوقۇۋىتىپ ئەلى قۇرباننىڭ بىر سۆزى ئىسىمگە كېلىپ قالدى.
«تىزگىنەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىمىز تىلىۋىزوردا بالىلارغا تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلە دىمەيلى.
بىر كىتاپنى تەتۇر تۇتىۋالساڭمۇ كىتاپ كۆرگەن سىياقتا ئولتۇرۋال»

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-31 13:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمەن ئەپەندىمنىڭ بەرگەن  تەلىمىگە رەھمەت.باشقا تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگۈنىگىمۇ كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-31 13:19:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەركمان ئەپەندىمنىڭ بەرگەن تەلىمىگە رەھمەت.ئەسلىدە«ماڭقىسى»دەپلا ئالساممۇ بولاتتىكەن.
   باشقا تورداش دوستلارنىڭ كۆڭۈل بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.تىلنى تاۋلاشقا دىققەت قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش