كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 0

موللازەيدىننىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-28 15:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
موللا زەيدىننىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە
$ H1 H& n* U2 o) W3 }: `, N3 J$ g) a5 z( R# ]+ [" P: a
ھۈسەن خېۋىر6 P) a7 l, d2 f  J

0 w8 s. G+ ^- W; N3 _تۇرپان ئويمانلىقى − دۇنيا ئەھلىگە تونۇش قەدىمكى مەدەنىيەتلىك زېمىن، ئۇ «ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت»، «ئۈچ چوڭ دىن»، «ئۈچ چوڭ تىل سىستېمىسى» ۋە «ئۈچ چوڭ ئىقتىساد»نى بىر - بىرىگە ئۇچراشتۇرغان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلىشىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۆۋرۈك بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ماكان. بۇ ماكان سانسىز ئاقىل - دانىشمەن، باتۇر ئەزىمەت، خەلقپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپ، تا ھازىرغىچە ئۆچمەس بىلىم ئوچىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. موللا زەيدىن مۇشۇ زېمىن تۇغقان شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.
: C; d- t; q$ O( ?% ?يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق مەلۇماتلار بار: «تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، موللا زەيدىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لۈكچۈندە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدا مەھەللە خۇسۇسىي مەدرىسەدە ئوقۇپ خەت ساۋاتىنى چىقارغان، 11 يېشىدا مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىپ، 17 يېشىدا ئەرەبچە كىتاب، ھەتتا قۇرئانغا مەنە ئېيتالايدىغان دەرىجىدە يېتىشىپ چىققان. نەۋايى، سوپى ئاللايار، خوجى ھاپىزلارنىڭ مۇناجات، قەسىدە كىتابلىرىنى؛ قۇل خوجا ئەھمەت، شاھ مەشرەپلەرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ <موللا زەيدىن> دەپ نام ئالغان. موللا زەيدىن ھايات چېغىدا مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن خەلقتىن ئايرىلمىغان، قەلبى خەلق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دانىشمەن، قىزىقچى ئادەم ...».# f$ T1 j$ i0 U8 O7 S- u/ [, W! W
مەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇرۇپلا قەلبىمدە موللا زەيدىننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش تىلىكى ئۇچقۇنداپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدىكى جاڭزا كەنتىنىڭ سابىق شۇجىسى نەسرۇللا روزىمەت (83 ياش) ۋە ئەينى چاغدا تۇرپان شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان نەجمىدىن روزىمەت (ئالەمدىن ئۆتكەن) بىلەن سۆھبەتتە بولغان چېغىمدا بۇ نىيىتىمنى ئېيتىۋېدىم، ئۇلار كۈلۈپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ موللا زەيدىننىڭ 5 - ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئانىسى ھېلىمىخاننىڭ موللا زەيدىننىڭ 4 - ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، يەنە ئاپىسىنىڭ ئىككى ئىنىسىغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىۋېدى، مەن بۇ تۈگۈننى دەل مۇشۇ كىشىلەر يېشىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.+ r: p# Y4 l( ]5 ]5 W0 V
1998 - يىلى، نەسرۇللا روزىمەتنىڭ ئۆيىدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى نەجمىدىن روزىمەت بىلەن مۇڭدىشىپ، ئاكىسىنىڭ 1950 - يىلى، ئىنىسىنىڭ 1951 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقانلىقىنى، نەسرۇللانىڭ 1958 - يىلى مەملىكەتلىك ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدىم ۋە بۇ ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەننىڭ كۆپنى كۆرۈپ پىشقان كىشىلەر ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇپ قالدىم. ئۇلار ئەجدادى ھەققىدە مۇنداق ھېكايە قىلدى: موللا زەيدىننىڭ 1 - ئەۋلادى نەغەم كېرەم، بۇ كىشى توي - تۆكۈن ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا نەغمە قىلىپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ياشىغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «نەغمىچى كېرەم» دەپ ئاتىشار ئىكەن، كېيىنچە ئىسمى «نەغەم كېرەم»گە قىسقىراپ كەتكەنىكەن.+ l0 m* k# y0 x% c% P' E  q7 L
نەغەم كېرەمدىن موللا ئەخمەت دېگەن بىر پەرزەنت تۇغۇلغانىكەن، ئۇ مەدرىسەلەردە كۆپ ئوقۇغان دىيانەتلىك كىشى بولغانىكەن، تۇرپان يېڭى شەھەردە موزدۇزلۇق بىلەن ياشىغانىكەن، كېيىن يار بازىرىنىڭ پوستەكلەر مەھەللىسىدىن زېمىن سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل ئولتۇرغانىكەن. موللا ئەخمەت تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، چوڭ قىزى ھېلىمىخاننى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ جاڭزا كەنتىدىكى روزىمەت ھاجىغا ياتلىق قىلغانىكەن؛ ھېلىمىخاندىن نۇرىيدىن، باھاۋۇدۇن، نەجمىدىن، نەسرۇللا، يەنە داڭلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پولات قاتارلىق بالىلار تۇغۇلغان ئىكەن؛ موللا ئەخمەتنىڭ 2 - پەرزەنتى ئابلىمىت قازى، ئۇ شىڭ شىسەي دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە قازى بولغان؛ 3 - پەرزەنتى مەخمۇت سۇنايچى، بۇ كىشى تۇرپاندا داڭقى بار سۇنايچى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «مەخمۇت سۇناي» دەپ ئاتىغانىكەن؛ 4 - ۋە 5 - پەرزەنتى ھەمدۇللا بىلەن سەيپۇللا، بۇلار جاڭزا كەنتىدە چوڭ ئاچىسى ھېلىمىخاننىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان؛ 6 - پەرزەنتى ئۈۋىيىدخان، بۇ ئايال ئۈرۈمچىگە ياتلىق بولغان بولۇپ، ھەممە تونۇيدىغان ناخشىچى پەتتار رېھىم ئۇنىڭ ئوغلى.
' s2 x, Y' m, m; V$ A3 O5 B4 - پەرزەنت ھەمدۇللا 1928 - يىللىرى قەشقەردىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرگەن، 5 - پەرزەنت سەيپۇللا ئايدىڭكۆللۈك دوستى ئېلىنىياز داموللا بىلەن 1930 - يىللىرى ھەجگە ماڭغانلارنىڭ تۆگىلىرىنى يېتىلەپ، مىڭ مۇشەققەتتە ھىندىستانغا يەتكەن. ئۇلار بۇ يەردە تىل ئۆگەنگەچ تىرىكچىلىك قىلىش كويىدا ھەرخىل ئىشلارنى قىلغان. بىر كۈنى ئۇلار كوچىدا كېتىۋېتىپ، ئەنگلىيە (ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننى بېسىۋالغان)لىكلەر تاشلىۋەتكەن كونسېرۋا قۇتىلىرىنى تېپىۋالغان. بۇ قۇتىلارنىڭ ئىنتايىن سىپتا قەلەيدىن ياسالغانلىقىنى كۆرۈپ، كىچىكىدە تۈنىكىچىلىكنى ئۆگەنگەن سەيپۇللا بۇ قۇتىلارنى بۇزۇپ، قەلىيىدىن بالىلار ئوينايدىغان كۈشكۈرتمەك (پۈشتەك) ياسىغان. ئۇلار ياسىغان كۈشكۈرتمەكلىرىنى ئاسانلا قولدىن چىقىرىپ پۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نەدە ئەنگلىيەلىكلەر بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ كونسېرۋا قۇتىسى يىغىپ، كۈشكۈرتمەك ياساپ ھەم سېتىپ، خېلى كۆپ پۇل تاپقان. بۇ چاغدا ئېلىنىياز داموللا كونسېرۋا قۇتىسى يىغىدىغان، ياسالغان كۈشكۈرتمەكلەرنى ساتىدىغان، سەيپۇللا كۈشكۈرتمەك ياسايدىغان ئىشنى قىلغانىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئىزدىنىشنىڭ ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇلار كۈشكۈرتمەك سېتىش ئۈچۈن دېھلى كوچىلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈش داۋامىدا، بۇ يەردە پىچاق - قايچا چاقلايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ، دەرھال لازىملىق ماتېرىياللارنى تەقلەپ بۇ ئىشنىمۇ قىلىپ، نۇرغۇن پۇل تاپقان.
- p7 n$ x4 q7 @) U5 R/ u9 R- Jشۇ كۈنلەردە موللا ئەخمەت ھەجگە بېرىش نىيىتىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەشقەردە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ھەمدۇللانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەجگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ؛ ئاندىن ھىندىستانغا بېرىپ چوڭ ئوغلى سەيپۇللانى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ھەمدۇللا بىلەن ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن، سەيپۇللا بىلەن ئېلىنىياز داموللىنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەپ، خېلى كۈنلەردىن كېيىن ئۇلارنى تېپىپتۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىرقانچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، موللا ئەخمەت ھەجگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگىنىدە، ئوغۇللىرى ھەمدۇللا بىلەن سەيپۇللا دەرھال قوشۇلۇپتۇ. لېكىن، ئېلىنىياز داموللا داۋاملىق ھىندىستاندا قېلىپ مۇددەرىسلىك قىلماقچى بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئېلىنىياز داموللا بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. لېكىن، ئۇلاردا خىراجەت كەمچىل بولغاچقا، موللا ئەخمەت يول بويى موزدۇزلۇق قىلىپتۇ. سەيپۇللا بىلەن ھەمدۇللا پىچاق - قايچا چاقلاپ پۇل تېپىپتۇ. شۇ چاغدا موللا ئەخمەت ئىككى ئوغلىغا مۇنداق دېگەنىكەن: «قەدىمدىن ھازىرغىچە پەقەت بىرلا ھەقىقەت بار، ئۇ بولسىمۇ كەسىپنى قەدىرلەش، ئەڭ ئاددىي نەرسىنىڭمۇ قىممىتى بارلىقىنى بىلىش».: r9 A5 J; b$ ^3 g4 B$ u
ئۇلار ئەنە شۇنداق سەپەر قىلىپ، قىزىل دېڭىز ئارقىلىق يەمەنگە مېڭىپتۇ. موللا ئەخمەت بەك ئۇسساپ كېتىپ دېڭىز سۈيىنى ئىچىپ سالغاچقا، ئىچى سۈرۈپ سۇسىزلىنىپ يەمەن قۇرۇقلۇقىغا بىر كۈنلۈك يول قالغاندا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. سەيپۇللا بىلەن ھەمدۇللا ئاتىسىنى يەمەن قۇرۇقلۇقىغا دەپنە قىلىپ، ئۆزلىرى ئاتا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشەققەتلىك سەپىرىنى داۋام قىلىپ، ئاخىر سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدا پۇل قالمىغانىكەن. شۇڭا ئۇلار يەنە موزدۇزلۇق، پىچاق - قايچا چاقلاش ھۈنىرىگە تايىنىپ جان باققاچ، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. ئۇلار دەسلەپتە كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ياشاپتۇ، كېيىنچە ھۈنەر قىلىپ نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. چۈنكى بۇ يۇرتتا بۇ ھۈنەرنى قىلىدىغانلار يوق ئىكەن، شۇڭا بىر قانچە يىلغا قالمايلا ئۆزلىرى كېسەك قۇيۇپ ئۆي ساپتۇ. دېمەك، ئۇلار ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاش يولىغا چۈشۈپتۇ ...
4 a$ M2 Z; D; d2 U  G, Bنەجمىدىن روزىمەت بىلەن نەسرۇللا روزىمەتنىڭ ھېكايىسى تۈگىدى. ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىن مەندە موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. «تىرىشقان تاپار» دېگەندەك، ئاخىر موللا زەيدىننىڭ 7 - ئەۋلادى ھاجى روزى تۇردى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ، موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم.
; X* ?( N! {; I* X, zسەيپۇللا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىن، تاۋاپ قىلىپ ھاجى بولۇپتۇ. ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مالىكى ئەسىرى قەبىلىسىدىن بولغان بىر قىزغا ئۆيلىنىپ، ئەخمەت ئىسىملىك بىرلا بالىغا ئاتا بولۇپتۇ. ئەخمەت چوڭ بولۇپ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئەنگلىيەگە چىقىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ ھەمدە دوكتور ئاشتى بولۇپتۇ، كېيىن ئەنگلىيەدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلەپتۇ. ئەخمەت سەيپۇللا توققۇز پەرزەنتلىك بولغانىكەن، بالىلىرىنى ئەنگلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقان بولغاچقا، ئۇلار ھازىر شۇ يەرلەردە خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە سەيپۇللا ھاجىمغا قانداش ئەۋلاد 40 قا يېتىدىكەن.
1 R% ^, V# ?% @; f7 C- S" mئەمدى موللا زەيدىننىڭ يەنە بىر ئەۋرىسى، سەيپۇللا بىلەن بۇ ئەلگە بىللە كەلگەن قېرىندىشى ھەمدۇللا ھاجىغا كەلسەك، ئۇ بۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قالغان بىر ئۆزبېك ئائىلىنىڭ قىزى زاھىرەگە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، تۆت ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇل يەھيا جىددە شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ پۈتكۈزۈپ مائارىپ ۋازارىتىدە خىزمەت قىلىپتۇ؛ 2 - ئوغلى زەكى ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغانىكەن، كېيىن سەھىيە ۋازارىتىدە؛ 3 - ئوغلى نەبىل ئايروپىلان كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەن، ھازىر جىددە ئايرودۇرۇمىدا؛ 4 - ئوغلى سامى ئامېرىكىدا ئايروپىلان كەسپىدە ئوقۇغانىكەن، ھازىر جىددە ئايرودۇرۇمىدا ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ. قىزلىرى زەكىيە بىلەن پاتىھەلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپتۇ، نەپىسە بىلەن ئاپىسە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغانىكەن، ھازىر ئائىلىدە بالا تەربىيەلەۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ موللا زەيدىننىڭ ئەۋرىسى ھەمدۇللا ھاجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ 50 تىن ئېشىپتۇ.( V' J, M* d$ l4 d4 e9 w
بۇ ئۇچۇرنى بەرگۈچى موللا زەيدىننىڭ 5 - ئەۋلادى نەجمىدىن روزىمەتنىڭ نەۋرىسى − موللا زەيدىننىڭ 7 - ئەۋلادى جاڭزا كەنتلىك ھاجى روزى تۇردى. ئۇ 1998 - يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 2001 - يىلى ئۇلۇغ بوۋىسى موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش، شۇ باھانىدە بىلىم ئاشۇرۇش كويىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا باردى، مەككىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى. شۇ چاغدا ئۇ موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار.! C  {  _: h" K8 [: X8 \

( n! k3 i' T& f«تۇرپان گېزىتى» نىڭ «ئەجداد ۋە ئەۋلاد» بېتىدىن ياقۇپ ئىسمائىل قورولچى تەييارلىغان
4 {+ W' u6 ?! D" v" f2 U& ?& V بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-28 15:32  
' B3 _+ _  r: j: L, R
" }9 |" x5 l, G; @3 \$ ?: k

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش