يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 426|ئىنكاس: 6

سۇتۇق: چىۋىن ئولتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-27 20:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                        چىۋىن ئولتۇرۇش

                                                             (ھېكايە)

                                                     غېنىجان خۇدابەردى

   بۈگۈن مەخەتنىڭ ئايالى ئەگەر ھاراق ئىچىشنى تاشلىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى.بۇنىڭغا ئىككى كۈن ئىلگىرى مەخەت كەيپچىلىكتە خرۇستالدىن ياسالغان قىممەت باھالىق لوڭقىنى چېقىۋېتىش بىلەن بىرگە، ئايالنى بېسىۋېلىپ ۋۇسۇڭ پالۋان جىڭياڭ داۋاندا يولۋاسنى دۇمبالىغاندەك ئۇرغانلىقى سەۋەب بولغانىدى.
   يولۋاسنى دۇمبالىغان بىلەن ئايالنى دۇمبالىسا،ئاقىۋىتى يېنىك بولغاندا،ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدۇ.ئېغىر بولغاندا،ئاجرىشىپ كېتىدۇ.سويغان پىيازدەك بىساتتىن ئايرىلىپ،ئۆيدە يالغۇز قالىمىز.شۇڭا ئايالىنى ئۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس.مەخەت ئەتىسى كەيپى يېشىلگەندىن كىيىن،ئاخشام قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ،يامانلاپ كەتكەن ئايالىنىڭ قېشىغا ئەپۇ سوراپ بارغانىدى،قېيناتىسى كۈيئوغۇل بىلەن يۈزلىشىپ قالسا ئارىدىكى پەردىشەپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ دەپ قارىغاچقا،ئارتۇق گەپ قىلمىدى. لېكىن قېيىنى ئاپىسى: ‹‹ئۇرىدىغان يەرنى تېپىپ ئۇرۇڭ...››دەپ پوقتىن سېسىق گەپ قىلىپ،ئەدەپ جاجىسىنى ئوبدانلا بەردى.ئايالىمۇ ھاراق ئىچىۋىردىغان بولسا،ئوتتۇرىدىكى بىر بالىنىڭ يېتىم بولۇپ كېتىشىگە قارىماي ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.قارىغاندا ئايالى بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى.مەخەت ئىلاجسىز ئىككىنچى ھاراق  ئىچمەسلىككە ۋەدە بەردى.
ۋەدىنى قىلغاندىكىن ئەمەل قىلىش كېرەك.بولمىسا مىڭ مۇشەققەتتە پۇل ۋە مۇۋاپىق قىز تېپىپ ئاران ئۆيلەنگەندە، خوتۇندىن ئايرىلىپ يەنە يايداق قالىدۇ.
بۈگۈن يەكشەنبە،مەخەتنىڭ ھاراق ئىچمىگەن ئىككىنچى كۈنى.ئايالى بالىسىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولغاچقا،سىرتقا چىقسا،كونا ئۈلپەتداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ يەنە ئېچىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ھۇجرىسىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى. ئىلگىرى،يەكشەنبە كۈندە دوستلىرى بىلەن بۇ ۋاقىتتا خالى بىر قاۋاقنى تېپىپ، ئىچىشنى باشلاپ كېتەتتى. شۇڭمىكىن،ئۆگىنىپ قالغان ئادىتى ئۇنىڭ كەيپىنى ئېسىگە سېلىپ بەدەنلىرىنى قىمشىتىپ،ھېچبىر كۆز يۇمدۇرماي دېمەيتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال چىۋىن ھە دېگەندە سەت گىڭىلداپ،قېرىشقاندەك توختىماي ئۇيەر-بۇيەرگە قونۇپ،تولىمۇ بىزار قىلىۋاتاتتى.
  ‹‹بالىلار ئىچىشنى باشلاپ كەتكەنمىدۇ؟ـــ ئويلىدى مەخەت، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇپ ياتقان قولدىكى كىتاب بىلەن چىۋىننى ئۆلتۈرۈشكە تەمشىلىۋېتىپ،ـــ چاقىرىپ بىرەرىمۇ كىرىپ قويمىدىغۇ؟ئىچمىسەممۇ يېنىدا ئولتۇراتتىم.كاساپەتلەر ھە قاچان، بىلسەم- بىلمىسەم  مېنى خوتۇندىن قورقۇپ ھاراق ئىچمەيدىغان بولۇپتۇ دەپ، غەيۋىتىمگە چۈشۈشتى؟››مەخەت چىۋىننى پاقىشتىپ نەچچە قېتىم ئۇرغان بولسىمۇ،نەتىجىسى بولمىدى. بىزەڭ چىۋىن ئۇنۇڭ ئەتراپىدىن كەتمىدى.بەلكى ھەر ئۇچۇپ قونغاندا سەت گىڭىلداپ ئىچىنى بەكلا پۇشۇرۇۋەتتى.مەخەت ئۇ چىۋىننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاراپ يېتىپ،ئۆزىنى ئەخمەق ئېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى دە،ئورنىدىن ئىرغىپلا تۇرۇپ كەتتى.‹‹خۇنپەرلەر قاۋاققا يىغىلغانمىدۇ ياكى ھەممىسنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ...›› كالىسىغا دوستلىرى  كىرىۋالغانىدى. چىۋىن  يالغۇز كىشىلىك دىۋاننىڭ تومۇر يۆلەنچۈكىگە قۇنۇۋالغاندى،پۇلتايغان كوزىنى چىمىلدىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.مەخەت قولدىكى  كىتاب بىلەن كۈچەپ بىر قويۇۋېدى،قولنىڭ بېغىشىدىكى سۆڭەك دىۋاننىڭ تۆمۇرگە تەگدى،چىۋىن ئۇچۇپ كەتتىپ، قولى زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.‹‹ھەر قېتىم مەن چاقىرسام...›› مەخەت قولدىكى كىتابنى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان چىۋىننىڭ ئارقىسىدىن بىر ئېتىۋېدى، كىتاب قاڭقىپ بارغانچە بېرىپ كىيىم ئىشكاپ ئۇستىدىكى سۇلياۋ ئەتىرگۈل سېلىنغان گۈل لوڭقىسىغا تېگىپ،كۈتمىگەن ئىش يۈز بەردى.لوڭقا ئىشكاپ ئۇستىدىن دوملىغىنىچە ئىشكاپقا يۆلەپ قۇيۇلغان كىچىك ئورۇندۇق ئۇستىدىكى پانۇس شەكىللىك ئەينەك قاچا ئۈستىگە چۈشۈپ،ئۆزى ۋە ئۆزىگە قۇشلاپ ئالتۇن بېلىق بېقىلىۋاتقان ئەينەك قاچىنىمۇ پارە-پارە قىلىۋەتتى.قاچىدىكى سۇ يەرگە تۆكۈلۈپ، ئالتۇن بېلىقلار يەردە پىلتىڭلاشقا باشلىدى.مەخەت ئېغىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.بۇ چاغدا بىزەڭ چىۋىن ئۇنىڭغا مۈرە چىقىرىپ غەلىبىسىدىن كۆرەڭلىگەندەك كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئەينىكىگە چاپلىشىپ تۇراتتى.بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ غەزىپى شۇنداق كەلدىكى،تىرىك تۇتۇۋالسا ئېغزىغا سېلىپ چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كېلىپ كەتتى.كىچىككىنە بىر تال چىۋىن ئۇنى شۇنچە ئەخمەق قىلغان بارمۇ؟قېنى كۈرەمىز...مەخەت ئەينەك ئۇستىدىكى چىۋىننى قولى بىلەن ‹‹پاققىدە ›› ئۇرۇپ يەرگە چۈشكەننىڭياقى ئىككى لوڭقا ۋە يەردە تولا پىلتىڭلاپ نىمجان بولۇپ ئۆلەي دەپ قالغان ئالتۇن بېلىقلارنىڭ ئەنتىنى ئېلىش ئويىغا كەلدى. پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان چىۋىنغا قاراپ ماڭدى. چىۋىنمۇ ئۇنۇڭ كۆم-كۆملىقىنى بىلىۋالدىمۇ،ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان مەخەتكە ھەيۋە قىلغاندەك،ئەينەك ئۈستىدە غىرت بوينىغا،غىرت ئۇيېنىغا مىدىرلاپ قۇيۇپ:‹‹قېنى،كېلە››دېگەندەك، ئۇچۇپ كەتمەي تۇرىۋەردى. ئۇ بېغىشى ئاغرىۋاتقان ئوڭ قۇلىنى ئاياپ، سول قولنىڭ ئالقىننى كىرىپ چىۋىنغا شۇنداق بىر شىلتىۋېدى،ئۆزىمۇ ئۇقماي قالدى‹‹چاراڭ-چۇرۇڭ ›› قىلغان بىلەن تەڭ ئەينەك سۇنۇپ،قولىنى ئەينەك پارچىسى تىلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن كۇھىقاپنىڭ ئېغزى ئېچىلغاندەك كىيىم ئىشكاپىدا بىر تۆشۈك ھاسىل بولۇپ، ئىشكاپ ئىچىدىكى رەتسىز قۇيۇلغان كىيىم-كېچىكلەر كۆرۈنۈپ قالدى.بۇ چاغدا چىۋىن ناخشا ئېيتقاندەك گىڭىلداپ،ئايالنىڭ گىرىم ئۈستىلى تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى.
    ئۆزى قارا،قىلىقى بىزەڭ ھەم ئاۋارىچىلىكى تولا بۇ چىۋىنغا نىسبەتەن مەخەتنىڭ غەزىپى ئۇششاق پۇتلىرىغىچە تاراپ،ۋۇجۇدى كىرىشىپ كەتتى.بۇ ئىپلاس چىۋىننى ئەمدى ئۆلتۈرمەي بولمايدىغان يەرگە يەتكەنىدى.چىۋىن ۋە چىۋىنلەرنى ئولتۇرۇپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ غەزەپ ۋۇجۇدىمىزغا يامرىغاندا ئەقىل ئىدراكىمىزنى كېسىۋېتىدۇ.
ئۇ چىۋىننىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاۋۋال ئىشىكىنى، ئاندىن دېرىزىنى ياپتى.ئويىدا بۇ، دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۇزۈۋەتكىنى ئىدى.خوش،ئەمدى جەڭ بۇرغىسى چېلىنسا،مىكروب تارقىتىشتا ھەممە ھاشاراتنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان؛قەيەردىن ( ھە قاچان پوقلىقتىن)كەلگىنى ياكى باشقا جايدىن كەلگىنى  ئېنىق بىلگىنى بولمايدىغان بۇ بىزەڭ كەلگۈندىنى خاتىرجەم قوغلاپ يورۇپ يوقاتسا تامامەن بولاتتى.چىۋىنىڭ ئۆلۈشى ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھېلىمۇ سۇس ئاغرىۋاتقان ئوڭ قۇلىنىڭ بېغىشىغا ھەم ئەينەك پارچىسى كېسىۋېتىپ قان ئېقىۋاتقان سول قولنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشقا پەرۋا قىلماستىن، كىيىم ئىشكاپىدىن قولىغا چىققان بىر كىيىم ئېلىپ،قوغلاپ يورۇپ كاللىماشاڭ ئۇرۇشقا باشلىدى.مەخەتنىڭ ئويىدا (گەرچە ئازراق كۈتمىگەن زىيان بولسىمۇ) شارائىت ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىدى.ئىشىك-دېرىزە تاقاق،بىزەڭ چىۋىن ئەمدى ھېچيەرگە قاچالمايتتى، ئاقىۋىتى ئۆلۈم ئىدى. پەرداز ئۈستەلنىڭ ئۇستىدىكى پەرداز بۇيۇملىرى غوڭۇلداپ ئۇچۇپ،نە-نەلەرگە چۈشتى،ئەينەكمۇ چېقىلىپ،جۇڭگو خەرىتىسىگە ئوخشاپ قالدى. مەخەت ‹‹تاز بولساڭ گەدەنگىچە ›› دەپ،بۇ زىيانلارغا پەرۋايى پەلەك ‹‹دۈشمەن›› نى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشىپلا كەتكەنتى.چىۋىنمۇ ئۇنۇڭ بۇ ئوينى بىلىۋالغاندەك نېمە ساق ياكى ئاسان سۇنىدىغان نەرسە بولسا شۇنىڭ ئۈستىگە قونۇپ، بوياق بەرمەي،ئاڭسىز قارشىلىق قىلىۋاتاتتى.
   كونىلار بىكار دېمەيدۇ:‹‹بالا قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس،پۇت قۇلىنى ساڭگىلىتىپ›› دەپ،ھەپتە بۇرۇن يېڭىدىن سېتىۋالغان شامالدۇرغۇچنى توكقا چېتىش ئۈچۈن تورۇستىن سىم تارتىپ ئۇلىغان جايدىكى پېرېۋوت سىمنىڭ يالىڭاچ يېرىگە بىنت بولمىغاچقا،تېگىشمەيدىغان قىلىپ ئايرىپ قويغاندى.كۆرۈنۈپ كەلمەيدىغان بالا-قازا شۇ يەردىن كۆرۈندى، چاپاننىڭ بىر پېشى پېرېۋوت سىمغا تېگىشى بىلەن تەڭ يالىڭاچ جاي تېگىشىپ قېلىپ، پاراس-پۇرۇس قىلىپ ئوت ئېلىپ،تامغا چاپلانغان قەغەزگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى.
مەخەت كۈتمىگەن بۇ ئىشتىن دەمال ئېسەنگىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.ئوتنى دەرھال ئۆچۈرمىسە ئاستىدىن باشقا ھەممە يېرى كۆك تاختا قەغەزدە بېزەلگەن ئوينىڭ تام-تورۇس كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوت دېڭىغا ئايلىنىپ،تاپقان تەرگەننىڭ بارىنىڭ كۈلنى كۆككە سورىۋېتەتتى...شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كالىسىغا قايسى بىر گېزىتتىن قايسى بىر خاپانباش يازغان:‹‹ ئوت ئۈستىگە قىزىق چاي چاسا ئىتتىك ئۆچىدۇ››دېگەن بىر ساۋاتنى ئېسىگە ئالدى-دە،بىر تەرىپى ئېگىز،بىر تەرىپى پەس ئىشكاپنىڭ ئۇستىدىكى14 سۇڭلۇق رەڭسىز تېلېۋىزورنىڭ قېشىدا تۇرغان چايداننى ئېلىپ ئېغزىنى ئېچىشقا سىڭىشمەي ئوتقا قارىتىپ بىر چېچىۋېدى،چاينىڭ ئۇچى ئوتقا بارماي،ئايىغى شىپپەك كىيىۋالغان پۇتىغا تۆكۈلۈپ كۆيدۈرۈۋەتتى.مەخەت چايداننى تاشلىۋېتىپ قايناق سۇ كۆيدۈرۈۋەتكەن پۇتنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىتتەك غىڭشىپ تايتاڭلاپ كەتتى.ئەگەر ئوت ئۆچكەن بولسا،ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئوز جايدا بېشىغا ئۇرۇۋەتكەن ئىتتەك غىڭشىپ پىرقىرىسا بولاتتى،لېكىن ئوت تورۇسقا قاراپ يامراۋاتقان جىددى پەيىت بولغاچقا،بىزنىڭ پېرسوناژ ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ،باتۇرلارچە ئوتقا قارشى ئاتلاندى:ئەنە،بىر تەرىپى ئېگىز،بىر تەرىپى پەس ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،ئوت تېخى يېتىپ بارمىغان ئوت يولنىڭ ئالدىدىكى قەغەزنى يىرتىپ تاشلىۋېتىش ئويىدا ئىشكاپ ئۇستىدىكى تېلېۋىزورنى بىر چەتكە سۈرۈۋېتىپ، سەكرەپ ئۈستىگە چىقىۋېدى،پۇتى پاتقاق لايغا كىرىپ كەتكەندەك موسسىدە نېپىز پەنەركىنى تېشىپ ئۆتۈپ ئاستىدىكى پەنەركىدە توختىدى.ئۇنىڭ بۇنىڭغا پەرۋايى پەلەك،قولى كۆيۈپ قېلىشقىمۇ قاراماي ئوت تۇتاشقان قەغەزنى يىرتىپ پەسكە بىر ئىرغىتىپ تاشلىۋېدى،پۇتىغا قىش قۇيۇپ تامغا سەل يۆلەپ قۇيۇلغان ئىشكاپنىڭ پۇتى قىشتىن تېيىلىپ كېتىپ،ئۇنۇڭ بىلەن تەڭ يەرگە ئورۇلدى.ئۇستىدىكى تېلېۋىزور،قاچا-قۇچىلارنىڭ جاراڭشىپ چېقىلغان ئاۋازى ئوي ئىچىنى بىر ئالدى.مىللىي ئۇسلۇبتا نەقىش چىقىرىپ ياسالغان،كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئارلىقتا ياساتقىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىشكاپ بىر دۆۋە ئەسكە-تۈسكىگە ئايلاندى.
بۇ ۋاقىتتا ئوت تۇتاشقان قەغەز يىرتىۋېتىلگەچكە،ئوتمۇ ئۆچكەنتى.‹‹ خۇداغا مىڭ شۈكرى! ـــ مەخەت ئەسكى-تۈسكى يىغىش ئورنىغا ئوخشاپ قالغان ئوينىڭ ئوتتۇرىدا مومىدەك تۇرۇپ،ھېلى ھەم تەشۋىشتە دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرگىنى تىڭشاپ ئىچىدە شۇنداق ئويلاۋاتاتتى،ـــ ئوت تورۇسقا تۇتىشىپ كەتكەن بولسا ئۆيۋاقى تۈگىشەتتى،ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىمەك قىيىن ئىدى. خۇدا بىر ساقلىدى!››. چىۋىنمۇ ئوتتا ياكى باشقا ئىشتا جېنىدىن جۇدا بولدىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئۇ ئوي ئىچىگە بىر قۇر قاراپ،توي قىلغان ئىككى يىلدىن بىرى ئەر-ئايال ئىككىسى تىرىشىپ تىرمىشىپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇيالتقان بىر ئېغىز ئوينىڭ ئاساسەن تۈگەشكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ ھېلى خۇداغا ھەمدە سانا ئېيتقان كۆڭلىدىن: ‹‹ھەممىسى تۈگىشىپتىغۇ،خۇداغا رەھمەت ئېيتقۇدەك نېمىنى ساقىلغاندۇ؟›› دېگەن بىر تۇز كورلۇق خىيال لىپپىدە ئۆتتى.
ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئىش ئاخىرلاشتى دەپ،بالدۇر ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەنىدى.
  ـــ مەخەت قاراڭا،نېمە سېتىۋالدىم،ـــ بىر قۇلدا بالىسىنى،بىر قولىدا ئالدىنقى كۈنى مەخەت كەيپچىلىكتە چېقىۋەتكەن خرۇستال لوڭقىدەك بىر لوڭقىنى كۆتۈرۈپ،ئايالى  كىرىپ كەلدى. ئوي ئىچىگە قاراپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك بوسۇغا تۈدە تۇرۇپ قالدى. ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي  قولدىكى خرۇستال لوڭقا ئىختىيارسىز يەرگە چۈشۈپ،كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتتى، ـــ ھۇ يۇندىخور غالچا! يەنە ھاراق ئىچىپسەن-دە...
   مەخەت باينىڭياقى بولغان زىيان ئاز كەلگەندەك،ئايالنىڭ قىممەت باھالىق خرۇستال لوڭقىنى چېقىۋەتكەنگە نېمە دېيىشنى بىلمەي ئاران تۇرغاندا،ئايالىنىڭ ناھەق ئەيىبلىشى جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى-دە،بارغانچە بېرىپ ئوڭ قۇلى بىلىن ئايالىنىڭ سول كاچىتىغا بىر قۇيۇۋېدى، ئايالنىڭ قاملاشقان ھۆسنى -جامالنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاپئاق كاچاتقا بەش بارماقنىڭ ئىزى شۇ ھامان قىزىق تۆمۈردە مۆھۈر باسقاندەك قىزىرىپ چىقتى. قۇچاقتىكى بالا چىرقىراپ يىغلاپ كەتتى.
  ـــ سەن يۇندىخوردىن ئاجراشمايدىغان بولسام،ئانامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي...
  ئەپلىشىپ قالغىنى تېخى ئىككى كۈن بولغان ئايالى بالىسىنى كۆتۈرۈپ ھۆقۇيتىپ يىغلىغانچە،يەنە ئانىسىنىڭ ئۆيگە يامانلاپ ماڭدى.مەخەت بېشىنى چاڭگاللاپ ئەسكى-تۈسكى ئارىسىغا ئولتۇرۇپ قالدى.مانا ئايالى كېتىپ ئۇنۇڭ كۆڭلىمۇ پەرىشانلىققا چۆكۈپ،ئەسكى بولۇپ قالدى.شۇ چاغدا بىر چىۋىن ئۇچۇپ كېلىپ، مەخەتنىڭ بېشىغا قوندى.چىۋىن تېخى ئۆلمىگەنىدى!

1994-يىلى،4-ئىيۇن،پەيزىۋات باش مەيدان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-27 21:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-27 22:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتنىڭ ئەخمەقلىكىگە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ، تۇرۇپ ئېچىندىم . مۇشۇنداق ئەر بىلەن ئۆي تۇتقان ئايالنىڭ ھالىغا ۋاي...

ۋاقتى: 2015-12-28 10:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىۋىن ئولتۇرۇش» دېگەن قانداق گەپ ئەمدى؟ «چىۋىن ئۆلتۈرۈش» دېمەكچىمۇ يا؟

ۋاقتى: 2015-12-28 10:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەخەتنىڭ ئايالى ئەگەر ھاراق ئىچىشنى تاشلىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى.
-----------
ھاراقنى مەخەتنىڭ ئايالى ئىچەمدىكەن؟

ۋاقتى: 2016-1-18 22:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-27 22:54
مەخەتنىڭ ئەخمەقلىكىگە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ، تۇرۇپ ئ ...

ئۇكام قەلەمخان مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس،

ۋاقتى: 2016-2-29 12:27:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-1-18 10:28 PM
ئۇكام قەلەمخان مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس،

ۋاي ئاكا ، مەن سىزنى دېمىدىم ، مەن ھېكايىدىكى مەخەتنى دېگەن

ۋاقتى: 2016-4-24 17:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-27 10:54 PM
مەخەتنىڭ ئەخمەقلىكىگە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ، تۇرۇپ ئ ...

ئەگەشتىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش