رەسمىيە سابىر (ئەشرەپوۋا رەسمىيە سابىر قىزى) 1973–يىلى مەسەللى ناھىيىسىنىڭ ئېركىيان قىشلىقىدا تۇغۇلغان.ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادىميىسىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلىمىي خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.ئەزەربەيجان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى.
ئۇنىڭ ‹‹ قامالغان سۈكۈنات››،‹‹رەڭسىز كۆز ياشلار››،‹‹ئۇنۇتدۇڭ مېنى››،‹‹ساھىلسىز ئادەم›› قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.شائىرنىڭ شېئىرلىرى تۈركىيە،ئىراق،گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە نەشىر قىلىنغان.
***
ئۆمۈر
بۇ دۇنياغا
كىرىش بېلىتى.
***
يۈرىگىمنى مەكتۇپكە سېلىپ،
يوللىدىم ساڭا
قوللىرىڭ تىترىمىسۇن ئاچار ۋاقىتتا.
دۈشمىنىگە
ئۇ ھەم مېنىڭ كەبى
ئىككى قوللۇقم ئىككى كۆزلۈك.
پەقەت يوقتۇر يۈرىگى.
مەھبۇس قۇۋانچى
قوللىرىمنى قوللىرىڭغا قامىغىن،
قوللۇرۇم سۆيۈنسۈن.
كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىڭگە
قامىغىن
كۆزلىرىم سۆيۈنسۈن.
يۈرۈگىمنىڭ ئىشىگىنى ئاچقىن سەن
چاڭ باسقان خاتىرىلەر
سۆيۈنسۈن.
***
بىز كەتكەن يولنىڭ
كەلدۇق ئاخىرىغا.
ئەمما
ساڭا كەت دېمەككە
چىدىماس ھېچ يۈرىگىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن
ياشىغىن كۆزلىرىم ئىچىدە.
ئەلىشىر تۇرسۇنوۋنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلاشتۇرۇلدى.