يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 8

شىرىن: يالغۇز ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-26 21:08:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يالغۇز ئايال

(ھېكايە)

قەلەمخان ياسىن

    ئۇ يالغۇز بالا ئىدى. دادىسى ئېتىزلىققا ، ئاپسى بىرەر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەندە  ئۇ ئۆيدە يالغۇز قالاتتى.يالغۇزلۇقتىن قورققاچقا ئاتا-ئانىسى چىقىپ كېتىشى بىلەنلا ئۇمۇ ئوينىغىلى چىقاتتى . باشقا بالىلار ئويناپ ھارغاندا ياكى ئۇسساپ كەتكەندە ئۆيلىرىگە كىرىپ ئارام ئېلىپ، سۇ ئىچىپ چىقسا ، ئۇ ئۆيىگە كىرىشتىن قورقۇپ ھارغىنلىققىمۇ ، ئۇسسۇزلۇققىمۇ چىدايتتى . بالىلارنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆيگە كىرىپ كەتمەسلىكنى ، باشقا ئاتا –ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا –ئانىسىدىن بالدۇر كېلىپ قالماسلىقىنى تىلەيتتى . ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى ناھايتى باي ئىدى. ئاپىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە دادىسىغا ئاتا –ئانىسىدىن بىر خۇرجۇن ئالتۇن مىراس قالغانكەنمىش . ئاپىسىمۇ چوڭ باينىڭ قىزى بولۇپ ، ئاكىسى ئىككىسىگە كۆپ مىراس قالغانكەن . لېكىن ئۇ بۇنداق گەپلەرگە قىزىقمايتتى .بايلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيتتى . ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان بىرەر قېرىندىشى بولسا ، ئاتا –ئانىسى يوق چاغدا شۇ سىڭلىسى ياكى ئىنىسى (ئۇ تولاراق سىڭلىم دەپ ئويلايتتى) بىلەن بىللە ئوينىسا ، باشقا بالىلار ئۇنى « گېپىمىزگە كىرمىسەڭ ئۆزۈڭ يالغۇز قال »دەپ قورقۇتمىسا …ئۇنىڭ ئارزۇسى شۇ ئىدى . ئۇنىڭ ئارزۇسىنى پەقەت ئاپىسىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلەيتتى ، لېكىن ئاپىسى ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمىغاندەك  ئۇنىڭغا بىر سىڭىل تۇغۇپ بەرمەيۋاتاتتى .
        دادىسى بىكار بولسىلا ھويلىدا ئولتۇرۇپ  چىرايلىق ئۈزۈك ، ھالقىلارنى ياسايتتى. ياسىغانلىرىنى ئۇ تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان ئاياللار كېلىپ بىرەر خالتا بۇغداي ياكى قوناق ، بىرەر قوي دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى .
ــ كەل قىزىم ،ــ دادىسى بىر كۈنى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزدى ،ــ كۆزۈڭنى يۇم ، مەن ئاچ دېمىگىچە ئاچما .
ئۇ كۆزىنى يۇمدى ، شۇ ھامان ئۇنىڭ كۆز ئالدى قىزىللىققا پۈركەندى ،«نېمىدىگەن چىرايلىق »دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا دادىسىنىڭ « كۆزۈڭنى ئاچ »دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
ــ قارا،ــ دادىسى ئۇنى   چۆرىسىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن يۇمۇلاق ئەينەككە قاراتتى ،ــ چىرايلىقمىكەن . مەلىكىلەرگىلا ئوخشاپ قالدىڭ .
ئۇ ئەينەكتىن ئاۋۋال ئاپتاپتا كۆيگەن بۇغداي ئۆڭ ، يۇملاق يۈزنى ، ئاندىن بېشىدا رەڭگارەڭ كۆز قويۇلغان ،كۈن نۇرىدا جولالىنىپ تۇرغان ئايسىمان نەرسىنى كۆردى .
ــ ئەجەب چىرايلىقكەن ،بۇ نېمە دادا ؟
ــ بۇ تاج .
ــ تاج ؟
ــ شۇنداق . بۇنداق تاجنى پەقەت خانىش ، مەلىكىلەرلا تاقىيالايدۇ .ئادەتتىكى ئادەملەر تاقىيالمايدۇ .
ــ بۇ شۇنچە ئېسىل نەرسىمۇ ؟
ــ ئەلىۋەتتە .
ــ ئەمسە بۇنى ؟
ــ ساڭا سوۋغا قىلدىم .
ــ راستما ؟ــ ئۇ خۇشاللىقىدىن دادىسىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى ،ــ سىز بەك ياخشى جۇمۇ دادا ،
ــ قاراڭە سىزنى ،ــ شۇ ئەسنادا ئۆيدىن چىققان ئاپىسى دادىسىنى ئەيىبلىدى،ــ شۇنچە كۆپ ئالتۇننى ئىسىراپ قىلىپ ،ــ ئۇ تېخى كىچىك تۇرسا ، بۇنداق ئېسىل نەرسىنىڭ قەدىرىگە يېتەمتى ؟
ــ ھازىر كىچىك بولسا ، كېيىن چوڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ ، بىزدىن كېيىن قالغاندا بۇ نەرسە چوقۇم ئەسقاتىدۇ .
ــ بۇ ساڭا ھەمراھ بولىدۇ ، لېكىن  ھېچكىمگە كۆرسەتمە ،ــ دېدى دادىسى ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ ،ــ ھازىرچە ئاپاڭ ساقلاپ بەرسۇن . سەن چوڭ بولغاندا ئاندىن تاقارسەن .
ــ مېنىڭ دوستلىرىمغا كۆرسەتكۈم بار ئىدى ،ــ دېدى ئۇ ئۆمچەيگەن ھالدا .ــ بىرلا قېتىم كۆرسىتىۋالساممۇ مەيلىدى .
ــ بولمايدۇ قىزىم ،ــ ئاپىسى تاجنى قېپ –قىزىل پارقىراق رەختكە ئوراپ ، ئاندىن كىچىكرەك بىر ساندۇقچىغا سېلىپ ، ئۆينىڭ تۆرىگە تىزىلغان  نەقىشلىك چوڭ ساندۇققا سالدى.
ئۇنىڭ بۇ نەرسسىنى بالىلارنىڭ ئالدىدا تاقاپ ،بىر دەم بولسىمۇ مەلىكە بولغۇسى بار ئىدى ، شۇنداق قىلغاندا باشقىلار ئۇنى «مەلىكە » دەپ بىلەتتى ۋە بوزەك قىلمايتتى . بىراق ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ
تاج بىلەن تەڭلا ساندۇققا كىرىپ كەتتى .
     ئاتا –ئانىسى ئىشقا كېتىپ ئۇ يەنە يالغۇز قالدى .ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن چاكارلار ئىشلەيتتى . بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيىدە چاكار يوق ئىدى .ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىمۇ تاغىسىنىڭكىدەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان چاكارلارنىڭ بولۇشىنى ، چاكارلارنىڭ باللىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ھويلىدا تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭمۇ  قويلىرىنى باقىدىغان ، يەرلىرىنى تېرىيدىغان ، ئوتۇن ،سامانلىرىنى توشۇيدىغان چاكارلىرى باركەن . بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئايرىمكەن . چاكارلار بىلەن بىر ھويلىدا تۇرسا ئەپسىز بولۇپ قالارمىش . ئۇ نەۋرە ئاچىسىغا ئامراق ئىدى . ئۇنىڭ پات –پات كېلىپ ئۆزى بىلەن ئوينىشىنى كۈتەتتى ، لېكىن نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئىشى كۆپ بولغاچقا ( ئۆزى شۇنداق دېگەن ) دائىملا كېلەلمەيتتى .
          ئۇ ئاخىر ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى تاپتى. ئاچقۇچنى ئېلىپ يوغان قارا قۇلۇپنى ئاچقۇچە قوللىرى تىتىرەپ كەتكەن بولسىمۇ ، قىزىل رەختكە  ئورالغان تاجنى ئېلىپ ، بېشىغا تاقىدى. ئۈزۈم تاللىرى ئاستىدا كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ئۆي يورۇپ كەتكەندەك بولغاچقىمۇ ياكى دادىسى دېگەندەك تاج راستلا ئۇنىڭ ھەمراسىمۇ ، ئۇ پەقەتلا قورقمىدى. تاجنى تاقاپ ، ئاپىسىنىڭ تارتمىسىدىن ئەينەكنى ئېلىپ ئۆزىگە زوقلىنىپ بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تالاغا چىقتى . تاجنىڭ كۆزلىرى كۈن نۇرىدا جولالىنىپ ، ھېلى سۇپا ئۈستىدە ، ھېلى تامدا جىلۋە قىلىپ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېخىمۇ قاماشتۇرۋەتتى .« ئاپام كەلگىچە بىر دەم تاقىۋالاي ، سىرتقا چىقمىساملا باشقىلار كۆرمەيدۇ »دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە سۇپىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغىننى سەزمەيلا قالدى .
   ئۇنىڭ چېچى تارتىلغاندەك ، بېشىنى بىرسى سىلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، كۆزىنى تەستە ئاچتى . ئاچتى ـ يو ، قورققىنىدىن قايتا يۇمۇۋالدى ، چۇنكى ئۇنىڭ باش تەرپىدە يۈزنى قېپ –قىزىل ساقال باسقان ، ئورا كۆز بىرى تۇراتتى . ئۇ كۆزىنى ئاچسىلا قىزىل ساقال ئۇنىڭ جېننى ئالىدىغاندەك قورقۇپ جىممىدە يېتىۋالدى . قىزىل ساقالنىڭ بېشىدىكى تاجنى ئالغانلىقىنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ ، كۆزىنى ئېچىشقا ۋە ئاۋازىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمدى .
   ــ تاجنى ھېچكىمگە كۆرسەتمە دېمىدىممۇ ساڭا ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق ،ــ دېدى ئاپسى ئۇنىڭ پىشانىسىگە نوقۇپ ،ــ قانچىلىك ئالتۇندا ياسالغانلىقىنى بىلەمسەن ئۇنىڭ ؟
ــ بولدى ،ــ دېدى دادىسى بېشىنى چايقاپ ،ــ بالىنى مىڭ تىللىغان بىلەنمۇ يۈتكەن نەرسە قايتىپ كەلمەيدۇ ، مەن قادىر شۈجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقاي .
  ئەتىسى پۈتۈن كەنىتتىكى ئەرلەر ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا يىغىلدى ، دادىسى ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ، ھويلىسىدىكى كىشلەر ئارسىدا تۈنۈ‍گۈنكى قىزىل ساقال ئادەمنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى . ئۇ شۇنچە قاراپمۇ ئۇ ئادەملەردىن  ھېچكىمنى تاجىنى ئېلىۋالغان ئادەمگە  ئوخشىتالمىدى .
ــ قارىغاندا باشقا يەرلىك ئادەم ئوخشايدۇ ،ــدېدى دادىسى كەنت باشلىقىغا ،ــ ياكى بالا  قورقۇپ كەتكەچكە تونۇپ بېرەلمىدىمىكىن . بولدى ، ئۇ نەرسە باش –كۆزىمىزنىڭ سەدىقىسى بولۇپ كەتسۇن .
       شۇنداق قىلىپ ئۇنى خوش قىلغان،بىر دەم بولسىمۇ ھەمراھ بولۇپ ئۇنى يالغۇز قويمىغان تاج يوقالدى ،تاج يۈتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادىسى ئاتتىن يىقىلغان يېرىدىلا بىر ئېغىز ۋەسىيەتمۇ قالدۇرالماي ئۆلۈپ كەتتى .كىشلەر دادىسىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن چاغدا ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغانىدى . كېيىن ئاپىسى ۋە باشقىلار بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ يىغلاۋاتقان چاغدا نەۋرە ئاچىسى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنىدى. كەچتە قايتىپ كەلگەندە دادىسى يوق ، ئاپىسى بىر نوقتىغا تىكىلگەنچە ئولتۇراتتى .تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ناھايتى كۆپ
ئادەم كەلدى ۋە بالىلارمۇ ئۇنى بوزەك قىلمىدى. بىراق ، دادىسى شۇ پېتى قايتىپ كەلمىدى. دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇ  تېخىمۇ قورقۇنچاق بولۇپ قالدى . ھاۋا گۈلدۈرلىسىمۇ ، چاقماق چاقسىمۇ ، بوران چىقسىمۇ قورقۇپ ، يۇتقان يىغىدىغان چوڭ ساندۇقنىڭ ئاستىغا كىرىۋالاتتى . لېكىن ، بىرلا ياخشى يېرى،  دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئاپىسى  تالا –تۈزگە چىقمايدىغان بولۇپ قالدى . نەۋرە ئاچىسى بىلەن تاغىسى پات –پات كېلىپ ئۇلارنىڭ كەم نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەندىن باشقا ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقىدىغانلارمۇ ئازلاپ كەتتى .تاغىسى باي
بولۇپلا قالماي بىلىملىك ئادەم ئىدى.مەھەللىدىكى يېتىم ـ يىسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى . «سېنى  چوقۇم يۇقىرى مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتىمەن » دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى .بىراق ، تاغىسىغا ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگىننىلا كۆرۈش نىسىب بولۇپ قالدى . ئۇ باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان ئىنقىلابتا
« خەلىققە زۇلۇم سالغان ، خەلىقنىڭ قېننى شورىغان پومىشچىك »دېگەن قالپاق كېيدۈرۈلگەن تاغىسى كىمدۇر بىرىنىڭ ئەجەللىك تېپىكى بىلەن بىرلا يىقىلغانچە ئورنىدىن تۇرالمىدى. نەچچە ئاي ئاش –تاماقتىن قالغاندىن كېيىن بىر كېچىدە كۆز يۇمدى .
       ئۇلارنىڭ ۋە تاغىسىنىڭ مال–مۆلۈكى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىلىش ئۈچۈن كەنتىنىڭ
ھېسابىغا ئۆتكەنمىش . ئانا –بالا ئىككىسگە ئۇنداق چوڭ قورۇ چوڭلۇق قىلىپ قالارمىش . كەنت باشلىقلىرىنىڭ شۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلىشى بىلەن ئانا-بالا ئىككىسى باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدىكى بىر ئېغىز ئۆيگە كۆچتى . ئەمدى ئاپىسى ئېتىزغا چىقىپ ئىشلىمىسە ئۇلارغا يەيدىغان نەرسە يوق ئىدى .
    ئۇنىڭ مەكتەپكە كىرىشى بىلەن ئۇنىڭ يالغۇزلۇقى ئاخىرلاشتى . ئۇ دەرستە ھەممىدىن ياخشى ئىدى .باشقا ساۋاقداشلىرى بىر ھەرىپنى ئۆگىنىپ بولغۇچە ئۇ ئىككى –ئۈچنى ئۆگىنىپ بولاتتى . باشقىلار ئەمدىلا سوزۇق تاۋۇشنى ئۆگىنىپ بولغاندا ئۇنىڭ ئېلىپبەنى تۈگىتىپ بولدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ باشلانغۇچنى پۈتكۈزدى . ئۇنىڭ چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇسى، تاغىسىغا ئوخشاش خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەشنى ئۆگەنگۈسى ، باھارگۈل مۇئەللىمگە ئوخشاش مۇنبەردە دەرس ئۆتكۈسى ۋە يەنە ئاسىيە مۇئەللىم ئۆزلىرىگە ئۆگەتكەن « سوتسىيالىزىم ياخشى»«كومۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى »«داھىمىز ماۋجۇشى »،«ۋاڭ ئېرشاۋ» دېگەن ناخشىلارنى بالىلارغا ئۆگەتكۈسى بار ئىدى . بىراق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كەنت شۈجىسىنىڭ « پومىشچىك ئەۋلادى يۇقىرى مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولمايدۇ ، جاپالىق ئىشلەپ ، ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك »دېگەن سۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلاندى .
ئۇ توي قىلدى . ئاپىسىنىڭ ۋە خولۇم –خوشنىلىرىنىڭ دېيىشىچە قىز بالا توي قىلمىسا مەڭگۈ يالغۇز قالارمىش . ئۇ يالغۇزلۇقتىن قورققاچقا توي قىلدى .يولدىشى يوق چاغدا يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن بالىلىق بولدى .بىراق ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن ، بالىسى ئالتە ئايلىق بولۇپلا تۇغۇلدى .بالا تولا ئاغىرىپ قالغاچقا ئۇنىڭ كۈنى دوختۇرخانىدىلا ئۆتەتتى . شۇنداق قىلىپ باشقىلار « ئەي بولمايدۇ »دېگەن بالا ھايات قالدى ۋە ئاستا –ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلىدى .ئۇ  بالىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يالغۇز بالا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بالىلىق بولدى . كەينى –كەينىدىن بەشنى تۇغقان بولسىمۇ ئىككى ئوغۇل ئۆلۈپ كېتىپ  ، ئۈچ قىز ھايات قالدى . كىچىك ئوغلى مېڭە پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندە ،ئېرى ئۆپكە توبىركۇليۇز كېسلى بىلەن بالنىستا يېتىپ داۋالىنىۋاتاتتى .ئەمدىلا ئوتتۇزنىڭ قارىسىنى ئالغان ئېگىز بوي ، قامەتلىك بۇ ئادەمگە ئىككىلا ئوغىلنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ئېغىر كەلدىمۇ ، چىرايلىرى سارغىيىپ ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ئارانلا نەپەس ئېلىپ ياتاتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن كىسەل ئېرىنى باقسا ، بىر تەرەپتىن چوڭى يەتتە ياش ، كىچىكى ئىككى ياش ئۈچ قىزنىڭ ۋە كىسەلچان بولۇپ قالغان ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى . يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىزدىكى ئورۇلمىغان بۇغداي ، ئۇسساپ كەتكەن قوناق ، ئوتاشنى كۈتۈپ تۇرغان كېۋەزلىكلەرگە يۈگىرەيتتى .
       ئۇ يەنە يالغۇز قالدى . بۇ قېتىم ئېرى كىچىككىنە ئۈچ قىزىنى ئۇنىڭ يالغۇز
بېقىشىغا تاشلاپ قويۇپ ، بالىسىنى داۋالاتقان ، ئېرىنى داۋالاتقان پۇل  ۋە سۇ ھەققى ، ئۇ ھەققى ، بۇ ھەققى … بولۇپ كەنتكە قەرز بولۇپ قالغان پۇل قوشۇلۇپ يەتتە مىڭ يۈەن قەرزنى ئۇنىڭ يالغۇز تۆلىشىگە يۈكلەپ قويۇپ ، كېتىپ قالدى . ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئۈچ قىز، ياشىنىپ قالغان ئاپىسى بولۇپ بەش ئايال تاملىرى ئۆتمە –تۈشۈك بولۇپ كەتكەن ئۆيدە يالغۇز قالدى . بالىلار نان دەپ يىغلايتتى . بانكىدىكىلەر قەرز قايتۇر دەپ سۈيلەيتتى . كەنت كادىرلىرى نەچچە يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان كونا قەرزلەرنى تاپشۇرمىسا يېرىنى تارتىۋالدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقۇتاتتى. ئۇ ھەسىرتىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، ئورنىدىن دەرس تۇردى ، قارلىق كىيىمى بىلەن ئېتىزغا چىقتى . ۋە ئۆزى يالغۇز بۇغداي ئورۇشقا چۈشتى . قوللىرى قاپىرىپ قاناپ كەتتى ، ئاچلىقتىن . ئۇسسۇزلۇقتىن بېشى قىيىپ ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ تۇرسىمۇ لېۋىنى چىشلەپ ئاخىر بۇغداينى ئورۇپ بولدى . ئۆيگە كەلگەندە ئاپىسى باللىرىنى بېقىپ ، سۇيۇقئاش ئېتىپ تۇرغانىدى . ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ، ئاپىسى ۋە ئۈچ قىزىنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، ۋۇجۇدى كۈچ –قۇۋۋەتكە تولغاندەك بولدى.
  ئۇ تاڭ يورۇماستا ئورنىدىن تۇرۇپ ، كۆتەك ھارۋىنى (چاقى ياغاچتىن ياسالغان ھارۋا) ھەيدەپ جاڭگالغا ماڭدى . ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە بوز توپىنى يەرگە تۆكسە يەر بەك كۈچلىنىپ كېتىدىكەن . شۇڭا ئۇ بوز توپا ئەكىلىش ئۈچۈن قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز  جاڭگالغا ماڭدى. جاڭگال يولى سۈرلۈك ئىدى. ھارۋېىنىڭ ئېغىر غىچىلدىغان ، ھارۋېغا قېتىلغان كالىنىڭ پۇشقۇرۇپ قويغان ئاۋازدىن باشقا ،ھېچقانداق ھاياتلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى .ئۇ قورقۇپ جۇۋىغا چىڭ يۆگىنىپ تۈگۈلۈپ قالدى .ئۇ كىچىك ۋاقتىدا قورقسا ئاتا-ئانىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلايتتى . بىراق ، ھازىر بۇ جاڭگالدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى .
كۈن قىزىل بولۇشىغا ئۇ ھارۋىسىنى توپا بىلەن توشقۇزۇپ كەينىگە ياندى . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر كۈندە ئون ھارۋا توپا توشۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ ، بىر ھەپتە بولغاندا يەرلىرىنىڭ ھەممىنى توپىلاپ بولدى، ئۇنىڭ ئەجىرىگە يارىشا زىرائەتلىرى بەكمۇ ئوخشىدى . بىراق ، زىرائەتلەر ئوخشىغان شۇ ئېتىزلىقتا ئۇ يەنىلا يالغۇز ئىدى . ئەرلەردەك بۇغداي ئوراتتى . كىملەرگىدۇ يالۋۇرۇپ تەپكۈزگەن خاماننى ئۆزى  يالغۇز سورۇيتتى . يالغۇز چەش قىلىپ ، ساماندىن ئايرىلىپ ، پاكىزلانغان بۇغداينى يالغۇز ئۆيىگە توشۇيتتى .
   ئۇنىڭ قەرزلىرى تۈگىگەندە قىزلىرىمۇ ئاز –تولا ياردەملەشكۈدەك بولۇپ قالدى . ئۆيىدىكى يىرتىق كېگىزنىڭ ئورنىغا يېڭى كېگىز ئالماشتى .تۇنجى قېتىم بانكىغا يۈز يۈەن پۇل قويدى .
ئەمدى كونىرغان تاملارنى ئۆرۈپ ، يېڭى ئۆي سېلىشى كېرەك ئىدى . بىرلىرىگە كىۋەزلىرىنى
ئوتاپ بېرىش شەرتىگە كىسەك قۇيدۇردى ، يەنە بىركىملەرگە پاختىسىنى تېرىپ بېرىشكە دېيىشىپ ، ئىشىك –دەرىزە ياساتتى . پۇل ئالىمىز دېگۈچىلەرگە پۇل بېرىپ تام سالدۇردى . ئۆگزىنى يېپىش ئۈچۈن ، ئۆزى ياغاچ كېسىپ قوللىرى قاناپ كەتكەندە تۇنجى قېتىم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى . ئاخىر يېڭى ئۆي پۈتتى .تاملارغا چىرايلىق گىلەم تارتىلىپ ، يېڭى ئىشكابلار ياسالدى . ھويلا تاملار ئىشلىنىپ . دەرۋازا قويۇلدى .
ــ دادىڭىزدىن قالغان ئالتۇنلار ئەمدى ئەسقاتتى ھە ،ــدېدى بىر قوشنىسى چىرايلىق ياسالغان ئۆيگە قاراپ ،ــ باشقا خوشنىلار «تۇنساخاندا ئالتۇن بار،جاھان ئوڭشالغاندا چوقۇم يوشۇرۇپ قويغان يېرىدىن چىقىرىپ ئىشىلتىدۇ» دېسە ئىشەنمەپتىكەنمەن .
ــ نەدىكى ئالتۇنكەن ئۇ ، ئالتۇن بولسا شۇنچە جاپانى تارتىپ نېمە قىلاتتىم ؟ــدېدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن .
ــ ئالتۇن بولمىسا سىز بىر تۇل ئايال تۇرۇپ نەدىكى پۇلغا بۇنداق ئۆي سالالايسىز ، ئىشلەتسىڭىز دادىڭىزدىن قالغان ئالتۇننى ئىشلەتتىڭىز ، ئۆزىڭىزگە تەۋە نەرسە تۇرسا ئىشلەتسىڭىز نېمە بوپتۇ . ئەنسىرمەڭ ، خەققە دەپ قويمايمەن .
ــ سىزمۇ بىلىسىز ئاچا ، ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ ئۆينى كەنتنىڭ ئامبىرى قىلۋلغان ، كېيىن ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ئاپام بىلەن بارساق  بىر كېچىدىلا ئۆينىڭ ئورنى تۆپ –تۈز بولۇپ كېتىپتۇ . كېيىن بىلسەم بەزىلەر « تامنىڭ قېتىدا ئالتۇن بار» دېيىشىپ ، تامنى كېچىدە بىر كىسەك –بىر كىسەكتىن قومۇرۇپ ، كېچىچە تۈزلەپ بوپتۇ . شۇنداق تۇرسا مەندە نەدىكى ئالتۇن بولماقچىدى ؟
ــ بولدى تالاشمىدىم ،ــدېدى خوشنىسى رەنجىگەندەك بولۇپ ،ــ ئىچىڭىزنىڭ بۇنچە سېسىق ئىكەنلكىنى ئويلىماپتىمەن .
  بەزىلەر ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ناھايتى كۆپ ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ –زىننەت بويۇملىرى بارلىقىنى ، ئاچارچىلىق يىللاردا ئاشلىققا تېگىشكەن بولسىمۇ ، ھازىرمۇ يەنە بار بولۇشى
مومكىنلىكىنى پەرەز قىلىشاتتى .
       كىم نېمىلا دېسۇن ، ئۇنىڭ يىگىرمە مۇ يەرنى ئۆزى يالغۇز تېرىپ ، ئەرلەر بىلەن تەڭ ھاشار چېپىپ ، ئۆي ئىشى ۋە ئېتىز ئىشلىرىغا تەڭ يېتىشىپ ، ئۈچ قىزىنى چىرايلىق كېيگۈزۈپ ، مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقانلىقنى  ھەممە كۆرۈپ تۇراتتى .
ــ ئەجەپمۇ جاھىلكەنسىز ،ــ يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ گېپىنى ئۆتۆۈزەلمىگەن چوڭ ياشلىق  قوشنىسى ئۇنىڭغا كايىدى،ــ بالام ، بالام دەپ مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتەمتىڭىز ، ئېرىڭىز تۈگەپ كەتكىلىمۇ ئون يىلدىن ئاشتى ، باللىرىڭىزمۇ ئاق –قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدى ، ئاپىڭىزمۇ سىزنىڭ بېشىڭىزنى ئوڭشىۋېلىشىڭىزنى خالايدىكەن . شۇنداق تۇرۇپ نېمىگە تارتىشسىز ؟
ــ قىزلىرىمنى ئۆگەينىڭ قولىغا قارىتىپ قويسام بولمايدۇ ،ــدېدى ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،
ــ ئۇ ئوقۇغان بىلىملىك ئادەم ئىكەن . قىزلىرىنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ ئوقۇتىمەن دەيدۇ . ھېلىمۇ ياشلىقىڭىز ئېتىزنىڭ توپىسى ئارسىدا توزۇپ كەتتى . ئۆزىڭىز يالغۇز كېچە –كېچىلەپ سۇ قويدىڭىز ، سۇ قويىمەن دەپ مۇزدەك سۇغا تولا كېچىپ پۇتىڭىز ئاغىرىيدىغان بولۇپ قالغىلىمۇ خېلى بولدى .ئون يىلدىن ياقى تۇل ئۆتۈپ تارتقان خورلۇقلىرىڭىز ئازمۇ سىزنىڭ .
ــ …
ــ  بىر نەرسە دېسىڭىزچۇ . خوتۇن كىشى دېگەن ئەردە ياخشى بولمىسا يەردە ياخشى دېگەندەك ، بىرەر ئەرنىڭ پېىشنى تۇتسىڭىز باشقىلار سىزنى بوزەك قىلالمايدۇ ،
  قوشنا ئايالنىڭ دېگىنى راست ئىدى.ئەرلەر بىلەن تەڭ ھاشار چېپىپ ، باشقىلار بىلەن تەڭ
سۇ پۇلى تۆلەپ ماڭسىمۇ ، ئۇنىڭغا سۇ نۆۋېتى ئاخىرىدا ياكى كېچىگە توغىرلىنىپ كېلەتتى .
بۇنداق چاغدا ئۇ قىزىنى ھەمراھ قىلىپ كېچە –كېچىلەپ سۇ قوياتتى . ئەمدى ئېتىز بېشىغا كەلسە ، سۇ توختاپ قېلىۋاتقان ،قەيەردە توختاپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شوخا –تىكەنلەرگە پۇتلىشىپ ،ئېرىق ياقىلاپ بىر يەرلەرگە بارغاندا ، كىمدۇ بىرى ئۇنىڭ سۈيىنى ئۆزىنىڭ يېرىگە ئېچىۋالغان بولاتتى . گەپ قىلسا سەت گەپ بىلەن ھاقارەت قىلاتتى ،ئاران ئەتكەن تومىنى خەق ئۆرۈۋەتكەندە ، سۇغا كېچىپ يۈرۈپ قايتا ئېتىشكە مەجبۇر بولاتتى .
ــ تارتىۋاتقان جاپالىرىڭىز ، ئۇچىراۋاتقان خورلۇقلىرىڭىز ماڭا قارىغاندا ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ئايان . ئاپىڭىز ياشىنىپ قالدى، ئالىمادىس ئاپىڭىزغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ،قىزلىرىڭىز بىلەن سىزگە ئېگە بولىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ .
ــ باللىرىم كىچىك چاغدىمۇ ئۆتتۈم . ئۇلار ھازىر چوڭ بولۇپ قالغاندا ئۆگەي دادىغا تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ ،ــ ئۇ ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش گەپنى ئۈزدى .
ــ توۋا ، سىزدەك ئەخمەقنى ،ــقوشنا ئايال ئورنىدىن تۇرۋېتىپ ياقىسىنى تۇتتى ،ــدېھقاننىغۇ ياراتمىدى دېسەم ، مائاشلىق كادىرغىمۇ ئۇنۇمايۋاتقىنىڭىزنى قاراڭ ، ئەركەك جىنىڭىز بارمۇ يا سىزنىڭ .
     ئاپىسى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ ، ئۇنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەك بولدى . ئاپىسى بولغاچقىلا ئۇ ئۆزىنى كۈچلۈك سىزەتتى . ئاپىسى بولغاچقىلا كۆڭلى توق ئىدى . ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا مېھرى بىلەن كۈچ ئاتا قىلغان ، نى قىيىنچىلىقلاردىن باش ئەگمەي ئۆتۈپ كېتىشىگە مەدەت  بەرگەن، ھېرىپ –ئېچىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىللىق قۇچىقىنى ئاچقان ئاپىسى كېتىپ قالدى.  ئۇ قورقاتتى ، قاراڭغۇدىن ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىشىدىن ئەمەس ، يالغۇزلۇقتىن
قورقاتتى . قىزلارنىڭ ئاستا –ئاستا چوڭ بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ ، ئۇلارنىڭ ھامىنى بىر كۈنى ئۆزىنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىدىن قورقاتتى . لېكىن ،شۇنداق قورقۇپ تۇرسىمۇ ئىككى قىزىنى ئاۋۋال تولۇقسىزغا ،ئاندىن تولۇق ئوتتۇرغا ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالى مەكتەپكە ئۇزاتتى . قېشىدا پەقەت ئالتە ئايلىق تۇغۇلۇپ قېلىپ ، مىيىپ بولۇپ قالغان چوڭ قىزىلا قالدى .
چوڭ قىزى كىچىكىدە تولا ئاغىرىپ ، تولا داۋالىنىپ كەتكەچكە ،ئىشلەتكەن ئوكۇل –دورىلار ئاستا –ئاستا تەسىر قىلىپ  بويى ئۆسمىدى ۋە قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالدى . ئۇ بۇ قىزى بىلەن مۇڭدىشالمايتتى . ئويلىغانلىرىنى دېيەلمەيتتى . كۆڭلى يېرىم بولغاندا قىزى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلمەيتتى . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ يەنىلا يالغۇز قالدى ،لېكىن ئۇ ھەر قېتىم يالغۇز
قالغان چاغلىرىدا پەقەتلا زېرىكمەيتتى . چۇنكى چاچتىن تولا ئىشلىرى ئۇنىڭ زېرىكىشىگە پۇرسەت بەرمەيتتى . ئېتىزدىكى بۇغداي ، قوناق ، كېۋەز، قوتاندىكى «ئوت »دەپ مەرەپ تۇرغان قوي، يەپ تويمايدىغان كالىلارۋە يەنە باشقا ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاشلا تۈگىمەيدىغان ئۆي ئىشلىرى ئۇنىڭ«ئوھ»دېگۈدەك ھالىنى قويمايتتى. كېچە –كېچىلەپ ئاغىرۋاتقان پۇتى  چوڭ قىزىنىڭ يۇمشاق قوللىرىدا تۇتۇپ قويۇشى بىلەن سەل ئارام تېپىپ قالغاندا ،ھاردۇقى چىققاندەك بولۇپ ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ، مىيىپ بولسىمۇ ئۆزىگە ئىچ ئاغىرتىشىنى بىلىدىغان ، چاي دەملەپ ئالدىغا قويالايدىغان ، چېنە –قاچىلارنى يۇيالايدىغان بىر قىزىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىدىن تەسەللى تېپىپ ، قايتىدىن روھلىنىپ قالاتتى .
       ئىككى قىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ  خىزمەتكە چىقىۋېدى ، ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق
ھاردۇقى بىراقلا چىقىپ كەتتى . پۇتىنىڭ ئاغىرىقىمۇ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولۇپ قالدى .ئەمدى چۆپ-چوڭ بولۇپ قالغان ئۈچ قىزى بىلەن بىر ئۆيدە تۇردىغىنىدىن ، ئۆزىنىڭ يالغۇز قالمايدىغىنىدىن ، بىر ئەمەس،ئۈچ ھەمراھى بولغىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولدى .قىزلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ، ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىشاتتى . كەچتە قولمۇ –قول تۇتۇشۇپ تاماق ئېتەتتى ، خۇشال-خوراملىق ئىچىدە تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن قىزلار مەكتەپنىڭ ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەندە  ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇشقا بولغان ئىشتىياق قايتا قوزغالغاندەك بولاتتى .
      ئىككى قىزى كەينى –كەينىدىن توي قىلىپ چىقىپ كېتىپ ئۇ يەنە مىيىپ قىزى بىلەن
يالغۇز قالدى . بارا –بارا ئۇنىڭ پۇت –قوللىرى تالىدىغان ، بەدەنلىرى سېقىرايدىغان ، يېنى يەر تارتىپ ياتقۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالدى .ئەينەكنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ قورۇق باسقان يۈزلىرىگە ، ئاقارغان چاچلىرىغا قاراۋېتىپ ، كىچىك ۋاقتىدىكى دادىسى ياساپ بەرگەن تاجنى ئەسلەپ قالدى . «دادام بۇ تاج ساڭا ھەمراھ بولىدۇ دېگەن ،ئەگەر شۇ تاجنى يۈتتۈرۋەتمىگەن بولسام ، دادام ئاتتىن يىقىلمىغان ، ئېرىم ۋە ئىككى ئوغلۇم بالدۇر تۈگەپ كەتمىگەن ، ئۆمرۈمنىڭ تەڭ يېرىمى يالغۇزلۇق بىلەن ئۆتۈپ كەتمەس بولغىيمىدى »؟
      ئۇ كارۋاتتا سوزلۇپ يېتىپ يېڭى سېلىنغان خىش تاملىق ئۆينىڭ ئاپئاق تاملىرىغا قارىدى. بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئوتتۇز يېشىدىن تارتىپ ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۈچىنچى قېتىم
سېلىنغان ئۆي ئىدى .ئەڭ دەسلەپتە سالغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيى قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا زامانغا لايىق بولماي قالغانلىقى ئۈچۈن چېقىلىپ ، پىشايۋانلىق قىلىپ ، بەش ئېغىزلىق ئۆي سېلىندى. ئۆيلەر چوڭ ئازادە بولۇپ ، ھەر-بىر ئېغىز ئۆي زامانغا لايىق بىزەلگەن ئىدى. قىزلارنىڭ تويىنىمۇ مۇشۇ ئۆيدە قىلغان، پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىگە ئويۇلغان نەقىشلەر يىراق –يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. لېكىن بۇ ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرۇش نىسىپ بولمىدى، بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ،كىسەكتىن سېلىنغان بۇ ئۆيلەرنىڭ تېمىغا دەز كەتتى .ۋە  ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ چېقىپ تاشلاندى ۋە ھازىرقى يەر تەۋرەشكە چىداملىق خىش تاملىق ئۆي سېلىندى. گەرچە بۇ ئۆيگە ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجىرتىپ سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆزى چىقىرىشقا تېگىشلىك مەبلەغنى  ۋە  ياغاچ-تاشلىرىنى تەييار قىلىش ،چېىقىلغان ئۆينىڭ توپا –كىسەكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى ئۆي سالىدىغانغا يەر تۈزلەش يەنىلا ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. ئۇ كۆنگەن ئادىتى بويىچە ئېغىرلاشقان تېننى دەس كۆتۈرۈپ ، ئۆزى يالغۇز ھەممىنى تەييار قىلدى. قۇرلۇشنىڭ تەلىپى بويىچە بۇرۇنقى ھويلىسى ، بۇرۇنقى ھويلا تېمى ، بۇرۇنقى قوتان ھەممىسى يېڭىلاندى.
     ئۇ يالغۇز ئىدى. مەلۇم بىر تاماققا كۆڭلى تارتىپ قالسىمۇ يۈگۈرۈپ قوپۇپ ئېتەلمەيتتى.
ھەتتا ئاغرىپ قالغاندا ھالىڭ نىچۈك دەيدىغان ئادىمى يوق ئىدى،قىزلىرى ئالدىراش بولغاچقا ئىككى –ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم كېلەتتى ۋە ئالدىراپ ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى. ئۇ نەۋرىلىرىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرۇشنى ، قىزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىغا ئوخشاش ئۆزىگە يامىشىپ يۈرۈشنى ، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشنى ئۈمۈد قىلاتتى-يو، ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىنى ، ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، قەلبىدىكى تېخى پەسەيمىگەن ئوقۇش ئىشتىياقىنى نەۋرىلىرىنىڭ ئوقۇشىلا پەسەيتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ ئۈمۈدىدىن ۋاز كېچەتتى .ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقتىن قورقىدىغانلىقىنى بىرەرىگە دېيىشكە پېتىنالمايتتى …


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-26 23:09  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-26 23:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ماڭا خېلى دەرىجىدە تەسىر قىلدى. دادامدىن بۇرۇنلا تۇل قېلىپ بىزنى مىڭ بىر جاپا بىلەن بېقىپ قاتارغا قوشقان (مەرھۇم)  مىھرىبان، جاپاكەش، غېرىپ ئانامنى ئەسلەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ھىكايىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-26 23:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايەمنى ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ، بىز ئۈچۈن ئۆمۈرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تۇل ئۆتكۈزگەن ،  مېھىربانلىقى  ، بىلىملىكى ، قەيسەرلىكى ، مەردانىلىكى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان جاپاكەش ئاپامغا بېغىشلايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-26 23:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-26 23:23
ھىكايە ماڭا خېلى دەرىجىدە تەسىر قىلدى. دادامدىن بۇرۇنل ...

رەھمەت. بۇ ھېكايىنى يازغىچە ئۆزەممۇ نەچچە قېتىم يىغلاپ سالدىم . ئانىسى يوقلار سەۋرلىك بولسۇن ، ئانىسى بارلار ئانىلارنىڭ قەدىرىنى ، ھۆرمىتىنى قىلايلى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-26 23:30  


ۋاقتى: 2015-12-27 16:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن تاجى بار جاپاكەش ئايال قىزىنىڭ ھېكايىسى ياخشى چېقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-27 21:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ھېكايە دەپ قارمىدىم،ئەسلىمىدەك قىلىدۇ.تىلى راۋان ياخشى چىقىپتۇ.بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

باھا سۆز

راست .ۋەقەلىكنىڭ ئارىسىدا ئەسلىمە كۆپرەك.  ۋاقتى: 2015-12-28 11:35 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-28 23:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-27 16:46
ئالتۇن تاجى بار جاپاكەش ئايال قىزىنىڭ ھېكايىسى ياخشى چ ...

داڭگال ئەپەندىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ئۆتەلىگەن بولسا ھېكايەم راست ياخشى چىققان ئوخشايدۇ.
ھەر -بىر ئەسىرىمگە بەرگەن سەمىمى پىكىرلىرىڭىزنى ئىزچىل قوبۇل قىلىپ تىرىشىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 12:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-26 23:29
رەھمەت. بۇ ھېكايىنى يازغىچە ئۆزەممۇ نەچچە قېتىم يىغلا ...

ئانىڭىز ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگەنلىكى ئىشنىڭ ھەممىنى قىلىڭ. ۋاختىڭىز يەتسىلا ھەمرا بولۇپ، پۇت-قولىنى تۇتۇڭ، ئۇچىسىنى سىلاڭ. مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز ئاخىرىدا ماڭا ئوخشاش پۇشايماندا، ئۆكۈنۈش ئىچىدە قالمايسىز. ئەجرىڭىزنى ئاللا بەرسۇن1

باھا سۆز

چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن. رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-12-31 12:12 PM
ۋاقتى: 2016-1-13 18:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق.سىز دىگەندەك يالغۇزلۇق،غېرىپىلىق ئەڭ ئېغىر ئازاپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش