كىملىك
تۇرغۇنجان سېلىم
ئۇچامدا ئەتلەس
بېشىمدا دوپپام.
قىلغۇدەك ھەۋەس
ياسىدى ئاپام.
ئەتلەس ۋە دوپپا
كىملىكىم بولدى.
قەلبىم شۇ تاپتا
شادلىققا تولدى.
دوستلىرىم قارار
ھەۋەس ئىلكىدە.
غۇرۇر جۇش ئۇرار
بەخت،كۈلكىدە.
ئۆزىمىزنىڭكى
ئۆزىمىزگە خاس.
بەلگىمىز چۈنكى
ئۇ ئۇيغۇرغا خاس.
ئەجدادىمىزنى
بىلمىكىمىز خوپ.
كىملىكىمىزنى
كىيمىكىمىز خوپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-24 21:17
|