پاقا يېتىپ كۆلچەكتە
تۇردى قۇتلۇق
پاقا يېتىپ كۆلچەكتە ،
ئالەم موشۇ دەيدىكەن .
كەلسە پاشا كۆلچەككە ،
كاپىلدىتىپ يەيدىكەن .
تۇتالمىسا پاشىنى ،
سۇنى ئىچىپ ياتاركەن .
بىلمىگەچكە كۆپ ئىشنى ،
كۆلچەكتىن چىقمايدىكەن .
يېتىۋىرىپ كۆلچەكتە ،
سىرىتقا چىقمايدىكەن .
سىرىتتىكى ئىشلارنى ،
ئۇ ئەسلا بىلمەيدىكەن .
ئۆيدىن چىقماي ياتقاننى ،
ئوخشىتامدۇق پاقىغا .
كۆپنى كۆرمەي يۈرگەننى ،
ئوخشىتامدۇق پاشىغا .
شۇڭا دەيدۇ بوۋىلار ،
بىلمەك بولساڭ كۆپ ئىشنى .
تۇرىۋەرمەي يۇرتۇڭدا ،
كۆرۈپ باققىن ھەر ياقنى .
كۆرۈپ باققاچ بار-يوقنى ،
كۆپنى كۆرگەن كۆكلەيدۇ .
قانى كۆكسى كەڭ بولۇپ ،
كۆزى كىچىك بولمايدۇ .
پەرق ئەتكەچكە ھەق-ناھەق ،
ئىشنى خاتا قىلمايدۇ .
كۆپنى بىلگەن كىشىنى ،
چىن دىلىدىن قوللايدۇ .
كۆپنى بىلىپ ھەممىمىز ،
ھاللىق جەميەت قۇرايلى .
ئەجداتلارنىڭ روھىنى ،
ئەۋلاتلارغا ئۇلايلى .
|