يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2429|ئىنكاس: 8

پاسىل: گوگۇل ۋە ئۇنىڭ «رېۋىزور» كومېدىيەسىدىكى خېلىستاكوف

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 13:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


      گوگۇل ۋە ئۇنىڭ «رېۋىزور» كومېدىيەسىدىكى خېلىستاكوف ئوبرازى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


                                                    ئەزىز نىياز پاسىل



                                                (ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى لېكتورى)



قىسقىچە مەزمۇنى: خېلىستاكوف ـ گوگۇلنىڭ «رېۋىزور» كومېدىيەسىدىكى باش قەھرىمان، يازغۇچى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ھىيلىگەر، ئۇچىغا چىققان ساختىپەز، قاپاق سۆلەت، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئالدامچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ رۇسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم تىپتۇر. ئاپتور خېلىستاكوف باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق ئەينى دەۋر چار پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىكلەرنى ئاچچىق كۈلكە ئاستىغا ئالغان بولۇپ، بۇ ئوبرازنى بۈگۈنكى كۈندە تەھلىل قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: گوگۇل؛ «رېۋىزور» كومېدىيەسى؛ خېلىستاكوف ئوبرازى؛ ئەھمىيىتى


1. مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى

پەيلاسوپ سوقرات: «گۈزەل ئەخلاق ـ ئەقىل دېمەكتۇر» دېگەنىكەن. سەلتەنىتى ھەرقانچە كامال تاپقان ئەل ياكى مىللەت بولسۇن، ئەگەر ئەخلاق جەھەتتىن چۈشكۈنلەشسە، ئەقىل-پاراسىتىمۇ خۇنۈكلىشىدۇ-دە، زاۋاللىققا يۈزلىنىشى تېزلىشىدۇ. «ئەخلاق مىللەتنىڭ روھى، ئىنسانىي پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان چىراغ»①. ئەخلاق كۈچلۈك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇپ، ھەر دائىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. ئەخلاق بولمىسا، كىشىلەردىكى ھايا-نومۇس ئېڭى يوقۇلۇپ، ۋىجدان، غۇرۇر دېگەنلەرمۇ سۇغا چىلىشىدۇ-دە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ھايۋانىيلىق باش كۆتۈرىدۇ. رەزىللىك بىلەن زەئىپلىك مانا مۇشۇنداق پۇرسەتتە روھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. «زەئىپلىك ۋە رەزىللىكنى جۇل-جۇل كىيىملىك تىلەمچىلەر، نامرات بىچارىلەردىن تېپىش ئاسان، چۈنكى ئۇلاردىكى ئاجىزلىق، ئۇلاردىكى پاجىئە، ئۇلاردىكى خاراكتېر مېيىپلىكى، ئۇلاردىكى ئاددىي نەيرەڭ خۇددى يېقىمسىز ئۈستىباشلىرىغا ئوخشاشلا كۆزگە ئوچۇق-ئاشكارا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق ئەمەلدارلار، زەردارلار، ئاتالمىش زىيالىيلاردىكى زەئىپلىك ۋە مەينەتچىلىك دىنىي ھەل، ئەخلاقىي تون، ئالىيجانابلىق رەڭلىرى، دىيانەت زىغزىقلىرى تەلىمات ھەشەمەتلىرى بىلەن توسۇلۇپ قالىدۇ»②-دە، كىشىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ يۈرۈۋېرىدۇ.  گوگۇلنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ئۇ ئەدەبىياتنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئاشۇ بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ چىرايلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، كىشىلەرنى كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ئەخلاق-پەزىلەتنى قوغداشقا چاقىرغان.
ئىنساندەك ياشايمەن دەيدىكەنمىز، بۇ ئالۋاستىنى ۋۇجۇدىمىزغا يېقىن يۇلاتماسلىقىمىز لازىملىقى ھەققىدە بۇندىن 180 يىل بۇرۇنلا ئاگاھلاندۇرغان. رۇسلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا شۇنچە غالىب ئورۇندا تۇرالىشىنى كىممۇ گوگۇلغا ئوخشاش ئەدىب-سەنئەتكارلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي چىرىكلىكىگە قارىتا «رېۋىزور»غا ئوخشاش «ۋاكسىنا»لار بىلەن پات-پات ئەملەپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيەلەيدۇ !... ساختىپەزلىك، ئەخلاقسىزلىق، نەپسانىيەتچىلىك پۈتۈن جەمئىيەتكە يامراپ، ساپ ئىنسانىي خىسلەتلەر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە خېلىستاكوف ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنىڭ بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار.

2. گوگۇل

نىكولاي ۋاسلىۋىچ گوگۇل (1852ـ1809) رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى ۋە دىراماتورگى. ئۇ 1809-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پولتىۋا ئۆلكىسى مىرگورد ناھىيەسىدە بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، گوگۇل دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا قىزىققان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا، بۇرژۇئا مەرىپەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ھەمدە پۇشكىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ خەلق ئەركىنلىكى، بەختى، ئازادلىق ئىدىيەسى شەكىللىنىشكە باشلىغان. 1828-يىلى گوگۇل ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ پېتىربورگقا كېلىدۇ. بىراق گۈزەل ئارزۇلىرى بەربات بولۇپ، مەغلۇپ بولىدۇ. جان بېقىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە شاپاشلاش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكى، تۈزۈمنىڭ جىنايىتى، دېھقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى ئۇنىڭدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى مۇشۇنداق شارائىت ۋە روھى ھالەت ئاستىدا باشلانغان بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن: «ئۆلۈك جانلار»، «رېۋىزور»، «تۆمۈر باشلىق جىن»، «دىكانكىغا يېقىن يېزىدىكى كەچكى سۆھبەتلەر»، «پېتىربورگ ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىقلار بار.

3. «رېۋىزور» كومېدىيەسى

1836-يىلى باھارنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى رۇسىيە پېتىربورگ چوڭ تىياتىرخانىسىدا بىر دىراما ئوينىلىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېسىل يېزىلغان ساتىرىك كومېدىيە بولۇپ، ئارتىسلارمۇ رولنى ئاجايىپ ياخشى ئالىدۇ، تاماشىبىنلار ھاياجىنىنى باسالماي گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى كېچە ئاسمىنىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزىدۇ.
بۇ چاغدا، بىر ھەشەمەتلىك ئايرىمخانىدىكى بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ، بۇ دەل چارپادىشاھ نېكولاي ئىدى.
ئۇ ئەتراپىدىكى تۆرىلىرى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ: «مۇشۇمۇ دىراما بولدىمۇ! خۇددى بىزنىڭ يۈزىمىزگە قامچىلاۋاتقاندەكلا، مېنى ھەممىدىن بەك قامچىلاپتۇ» دەپ ۋارقىراپ بولۇپلا، ئايرىمخانىدىن ئايرىلىپ، ئاچچىق بىلەن ئوردىغا قايتىدۇ. ئاللىقاچان كەيپى ئۇچۇپ ئولتۇرالماي قېلىشقان ئاقسۆڭەك كىنەز -تۆرىلەرمۇ قۇيرۇقىنى خادا قىلىشىدۇ.  ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ، تاماشىبىنلار توختىماي كۈلۈپ ئالقىش ياڭرىتىۋېرىدۇ. چارپادىشاھنى شۇنچىلىك رەنجىتكۈدەك قانداق دىراما بولغىيتتى، ئۇ ئەسەرنى قانداق ئادەم يازغان؟
ئۇ «رېۋىزور» ناملىق كومېدىيە ئىدى، بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى دەل رۇسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى گوگۇل ئىدى. بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقتىدىكى رۇسىيەنىڭ دىراما ساھەسىدىكى فىرانسىيەدىن كىرگەن يۈزەكى، ئىپلاس نەيرەڭگە تولغان، قاملاشمىغان ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ. ئەسەر چوڭقۇر ئىدىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇبالىغە بىلەن كىنايىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىيۇروكرات ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ زىددىيىتى ئاساسىي تېما قىلىنىپ، رۇسىيە بىيۇروكراتلار جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر چىنلىق بىلەن نامايان قىلىنىپ، بىيۇروكراتلىق تۈزۈمنىڭ رەزىللىكى بىلەن چىرىكلىكى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەدىن ئىبارەت زۇلمەت پادىشاھلىقىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا بۇ ئەسەر رۇسىيە تىياتىر تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم خاتىرە مۇنارى بولۇپ قالغان.
ئەسەرنىڭ سۇژىتى: پېتىربورگدىن يۇرتى ساراتوپقا ماڭغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خېلىستاكوف يول ئۈستىدىكى پويىزدا قىمار ئويناپ، ھەممە نەرسىسىنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، مەلۇم شەھەرنىڭ ئادەتتىكى مېھمانخانىلىرىنىڭ ھەقسىز قونغىلى بولىدىغان بىر ياتىقىغا چۈشىدۇ. قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىدۇ، ئەمما يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق، ئىلاجسىزلىقتىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋاتقان كىشىلەرگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. بوي-بەستى قاملاشقان، چىرايى سۈرلۈك، كىيىم-كېچەكلىرى ئالاھىدە كۆرۈنىدىغان بۇ قاپاقسۆلەت ئوقۇغۇچىنى كۆرگەن بىر خېرىدار ئىختىيارسىز ھالدا: «رېۋىزور كەلدىمۇ-نېمە؟» دەپ تاشلايدۇ. بۇ گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا، قۇلاقتىن قۇلاققا، كوچىدىن كوچىغا دومىلاش جەريانىدا: «رېۋىزور كەپتۇ، پوكۇنى ئاشخانىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەنگە ئۆزگىرىپ، ئاندىن شەھەر باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دېگەندەك، بۇ خەۋەر تارالغاندىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، نەۋرەمنىڭ ئات چېيى، ئايالىمنىڭ توي خاتىرە كۈنى... دېگەندەك ناملار بىلەن باغاق تارقىتىپ، يىلدا نەچچە قېتىم مال-دۇنيا يىغىۋالىدىغان شەھەر باشلىقى، داۋاگەرنى سوقۇپ كېتىدىغان سوتچى، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان دارىلئېتام مۇدىرى، ساپاسىز مائارىپ مۇپەتتىشى، باشقىلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى ھەتتا خەت-چەكلىرىنىمۇ ئوغرىلىقچە ئېچىپ كۆرۈۋالغان پوچتىخانا باشلىقى، خەير-ساخاۋەت دوختۇرخانىسىنىڭ قارا نىيەت باشلىقى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساراسىمىدە قالىدۇ، نېمە قىلىشنى بىلمەي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ھېچقايسىسىنىڭ قولىدىكى ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق... ئاخىرى شەھەر باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارلىق ئەمەلدارلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كاتتا تەييارلىق بىلەن خېلىستاكوفنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «جانابى رېۋىزور كەچۈرسىلە!» دېگىنىچە يەرگە باش ئۇرىدۇ. خېلىستاكوف دەسلەپتە سەل ھودۇقىدۇ-يۇ، «جانابى رېۋىزور» دېگەن گەپتىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ-دە، «ھۇ ھاماقەتلەر ئەمدى كېلىشتىڭمۇ؟... ھەر بىرىڭ مۇنچە پۇلدىن تاشلاش!» دەيدۇ. ئۇلار يېنىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ بولغاندىن كېيىن «ھەممىڭ يوقۇلۇش، مەن چولام تەگكەندە خىزمەت تەكشۈرۈپ بارىمەن» دەپ ئۇلارنى ئاشخانىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بۇ شەھەردىكى نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ بەس-بەستە خۇشامەت قىلىشىدۇ، شەھەر باشلىقى ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىدۇ، ھەتتا قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولۇپ چېيىنى ئىچۈرۈپ قويىدۇ. خېلىستاكوف يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇپ، بىرمۇنچە مال-مۈلۈكنى ئولجا ئېلىپ ئوغرىلىقچە كېتىپ قالىدۇ. يول ئۈستىدە بۇ قىزىق ئىشتىن بىر پارچە خەت يېزىپ پېتىربورگتىكى ساۋاقدىشىغا سېلىۋېتىدۇ، پوچتىخانا باشلىقى ئادىتى بويىچە بۇ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ ئۇدۇل شەھەر باشلىقىنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، غەزەپلەنگەن شەھەر باشلىقى خېلىستاكوفنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرغىلى تۇرغاندا ھەقىقىي رېۋىزور كېلىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ تاناۋىنى غىر، ئىككى پۇتىنى بىر قىلىۋېتىدۇ.
شەھەر باشلىقى ئانتۇن باشچىلىقىدىكى بىر توپ خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئادەتتە پۇقرالارنى بوزەك قىلىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغانلىقتىن، خۇشامەت قىلىپ جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن كۈلۈپ ئادەمنىڭ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. گوگۇل شەھەر باشلىقى ئانتۇن ۋە قويمىچى خېلىستاكوفتىن ئىبارەت «ئىككى نەپەر ئەڭ قارغىش تەگكۈر دۈشمەن»نىڭ، بولۇپمۇ خېلىستاكوفنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەپ، «رۇسىيە بىيۇروكراتىيەسىنىڭ كېسىلى»نى كونكرېت ۋە مۇكەممەل ئوپېراتسىيە قىلىپ، تولۇق ئاشكارىلاپ كۆرسىتىپ بەرگەن.
«رېۋىزور» ئۆتكۈر پىچاققا ئوخشاش، چىرىپ كەتكەن فېئودال يانچىلىق تۈزۈمدىكى قۇرۇق جەسەتنىڭ ئىچ-قارنىنى يېرىپ تاشلايدۇ.
«رېۋىزور» پۈتۈن رۇسىيەنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، گوگۇلنى بىئارام قىلىدۇ. ئۇ ئەسلىي «كۈلۈش» بىلەنلا ياخشىلىقنى قوللاپ، يامانلىقنى تۈگىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى، ئۆزى بىلىدىغان «رۇسىيەدىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارنى بىر يەرگە يىغىپ بىر ۋاقىتتا مەسخىرە قىلماقچى ئىدى». شۇڭا رۇسىيە بىيۇروكراتلىرى ۋە كېسەل تەنقىدچىلەر «رېۋىزور»غا كەسكىن ھۇجۇم قىلىدۇ، گوگۇلنىڭ بېشى تولىمۇ قاتىدۇ. ئۇ دۆلىتىدىن ئالدىراپ-تېنەپ ئايرىلىپ گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ تۇرىدۇ. ئەسەر خۇددى گۈلدۈرمامىدەك پۈتۈن رۇسىيەنى زىل-زىلىگە سېلىۋېتىدۇ.

4. خېلىستاكوف

ئېۋان ئالېكساندىرىۋىچ خېلىستاكوف 23 ياشقا كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قۇرۇق سۆلەت، ئابرۇيپەرەس، ۋۇجۇدىغا لۈكچەكلىك ئادىتى سىڭىپ كەتكەن ئالىجوقا، كىم نەدىن سۆز ئاچسا، شۇ يەردىن چىقىپ سۆزلەيدىغان ساقال تاغىقى، ئۇچىغا چىققان شاللاق بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان فېئوداللارنىڭ بارلىق تىپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن شەخس. مەسىلەن، شەھەر باشلىقى باشلىق ئەمەلدارلار ئۇنى رېۋىزور دەپ خاتا تونۇپ قالغاندا، ھىيلىگەرلىك، يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەن خېلىستاكوف قىلچە چاندۇرماي رېۋىزور قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، رولنى قالتىس ئوينايدۇ.
بىر قېتىملىق زىياپەتتە «سىز نەدە ئوقۇغان؟» دېگەن سوئالغا، ئۆزىنى ماختاپ: «مەن چوڭ يەردە ئوقۇغان، ئەڭ چوڭ ئادەم پوشكىنمۇ ماڭا سالام قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا: «قانداق ئاغىنە!» دەپ قويسام، «دۆلەتلىرىدە شۇنچىلىك تۇردۇق...» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مەن «دەقيانۇس»، «سپارتانىڭ تويى»غا ئوخشاش ئەسەرلەرنى يازغان دەيدۇ. «مەتبۇئاتتا ئىسىملىرىنى ئۇچراتماپتىكەنمىز» دېگەندە، «مەن ئەسەر يازغاندا تەخەللۇسۇمنى قوللىنىمەن، ئەسەرلىرىم پوشكىننىڭكىدىن جىق ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەيدۇ. شەھەر باشلىقى چۆچۈپ كېتىپ: «ھەقىقەتەنمۇ سىلىنىڭ كېلىشلىرىنى بىلمەپتىمىز كەچۈرسىلە، شېئىر يازغاندا بىزنىمۇ گېزىت-ژۇرناللارغا ئانچە-مۇنچە يېزىپ قويسىلا» دېگەندە، خېلېستاكوف مەغرۇرلۇق بىلەن «ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە» دەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى ماختاپ: «مېنىڭ يەيدىغان تاۋۇزۇم ئامېرىكىدىن كېلىدىغان 700 تەڭگىلىك تاۋۇز، تامىقىمنىڭ كۆپى پارىژدىن كېلىدۇ، ماشىنىدا پىشۇرۇلغان، مۇزلىمايدىغان تاماق، تانسىنى چەت ئەلدىن كەلگەن گۈزەل قىزلار بىلەن ئوينايمەن، سۆزلىشىدىغان كىشىلىرىم گېرمانىيە، بېرتانىيەنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرى، ئىختىيار قىلسام ئۆيگە باشلايمەن، بولمىسا تانسا ئويناشسىلا دەپ چىقىرىۋېتىمەن، مەن دەسلەپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندە، شەھەر باشلىقى بولغان ئىدىم، بۇ خىزمەت ماڭا ماس كەلمىگەچكە، ئالېكساندىرىۋېچقا بېرىۋەتتىم، ئەسكەر باشلىقى، مارشال بولۇشنى ياراتمايمەن، بۇ يەردە پاگونى بارلارنى كىشىلەر چوڭ بىلىدىكەن، مېنىڭ گېنېرال لېسسىمونلۇقنى بىر ئېلىپ باققۇم بار، ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى» دەيدۇ.
ئۇ خوتۇن-قىزلارغا ئۇچرىشىپ قالسا بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى ماختىسا، بىر تەرەپتىن، قارشى تەرەپنى ماختاش ئارقىلىق ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنى ئوغۇللار ئۈچۈن قىزلارنى كەلتۈرۈش رېتسېپىنى ئىجاد قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇ بىر قېتىم شەھەر باشلىقىنىڭ قىزى بىلەن ئۇچراشقاندا دەرھال ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈپ، سىلاپ كېتىدۇ ۋە دەرھاللا قۇچاقلىۋالغۇسى كېلىپ ئۆزىنى باسالماي: «خېنىم مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى تاغارغا قاچىلاپ پوچتىدىن سېلىۋەتتىم، سىزنىڭ دەردىڭىزدە كېچىسى ئۇخلىيالمايمەن، گېلىمدىن سۇمۇ ئۆتمەيدۇ، ھازىرلا يۈرىكىمنى يېرىپ كۆرسىتەي دېسەم تېخى... سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەيدۇ. قىز: «ئۆتكەندە مەن بىر تۈركۈم ھېكايە، شېئىرلارنى ئوقۇغانىدىم، ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتىكەن، ئۇ ئەسەرلەرنى زادى ئۇنۇتمايمەن، كىم يازغان بولغىيدى» دېگەندە، خېلېستاكوف دەرھاللا: «مەن يازغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قىز: «ئەمىسە ماڭا بىر شېئىر يېزىپ بېرىڭ» دېگەندە، خېلېستاكوف: «سىز ئالدىمدا تۇرسىڭىز يۈرىكىم سۇ، خاتىرجەم ئەمەسمەن، شېئىر دېگەن خاتىرجەم ۋاقىتتا يازىدىغان نەرسە» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. قىز: «بىر، ئىككى كۇپلېت بولسىمۇ يېزىپ بېرىڭ» دېگەندە، خېلېستاكوف: «سىز ئاۋۋال كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىڭ، ئاندىن سىزگە ئوبدان شېئىر يېزىپ بېرىمەن» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ.
يازغۇچى بۇ كومېدىيەسىدە يالغاندىن رېۋىزور بولۇۋالغان خېلىستاكوفنىڭ شەھەر ئەمەلدارلىرىنى ئەخمەق قىلىپ، كۆپلەپ بايلىق ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇۋالغانلىقىنى تېما قىلىپ تۇرۇپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان چاررۇسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىدىكى بىر ئوچۇم تەييار تاپلارنىڭ نادان، ئىقتىدارسىز، ئاچ كۆز، ئىككى يۈزلىمىچى، خىيانەتچى ۋە خۇشامەتچىلىكتىن ئىبارەت رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ خىل جەمئىيەتكە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
گوگۇل خېلىستاكوف ئوبرازىنى ياراتقاندا ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. بىز ئۇنىڭدىن رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەپلىرىنى ۋە بۇ تەرەپلەردىكى چىرىكلىكلەرنى تولۇق كۆرىمىز. كومېدىيەدە يارىتىلغان خېلىستاكوف قاتارلىق بىر قاتار پېرسوناژلار گەرچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تۈپ ماھىيەت جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا زوراۋانلىق قىلىش، يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ، تۆۋەننى بېسىش، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش، ھىيلە-مىكىر بىلەن بايلىق توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھىيىتى ئوخشاش. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ خىل رەزىل ماھىيەتلىرى بىلەن تۆۋەن قاتلام ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇلاردىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلاردىن چارپادىشاھ قول چوماقچىلىرى بولغان بىيۇروكرات ئەمەلدارلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئومۇمىي رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىجتىمائىي قىياپىتىنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان ھالىتىنى ئەينەن كۆرۈۋالالايمىز. ئەڭ مۇھىمى پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىقنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز.                 
ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانمىلار:
1. تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: «ئادەت كۈچى ۋە تەپەككۇردىن ياتلىشىش»، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2013-يىلى 6-ئاي، 1-نەشرى، 119-بەت.
2. كامىل قېيۇم: «ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2012-يىلى 3-ئاي، 1-نەشرى، 206-بەت.
3.刘登东:《外国文学150题》重庆出版社1984年8月第一 版
4. يۈسۈپ قاسىم: «چەت ئەل ئەدەبىياتى ھەققىدە» 1-قىسىم، 1980-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى باستۇرغان.
5. مۇھەممەت ئىمىن: «چەت ئەل ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1998-يىلى 10-ئاي، 1-نەشرى.
6. «چەت ئەل ئەدەبىياتى» (ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش دەرسلىكى)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1996-يىلى 1-ئاي، 1-نەشرى.
7. «چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن 55 لېكسىيە»، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باستۇرغان، 1984-يىلى.
8. ئەكبەر قادىر: «دىسسېرتاتسىيە يېزىقچىلىقى ۋە ئەمەلىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي، 1-نەشرى.
9. «دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر»، 2-قىسىم، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، 2011-يىلى 3-ئاي، 1-نەشرى.
10. «چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2011-يىلى 10-ئاي، 1-نەشرى.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن




关于果戈里与他的喜剧作品《钦差大臣》中的人物赫列斯达可夫之我见


                                        艾则孜•尼亚孜帕斯里




摘  要:赫列斯达可夫是果戈里在喜剧《钦差大臣》中的主人公,是作者成功塑造的最狡猾、奸诈、徒有其表的一类骗子的典型代表,其不仅在俄国文化史上,而且在世界文化史上具有划时代意义的重要类型。作者通过塑造以赫列斯达可夫为代表的一类人物,有力地揭露批判了俄国沙皇专制下官员们的横暴、盗窃公款、贿赂成性以及精神道德上的卑鄙、庸俗进行了猛烈的讽刺和嘲笑。现在分析这些人物形象对目前形势发展具有一定的意义。


关键词:果戈里;喜剧《钦差大臣》;赫列斯达可夫 ;意义



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-24 15:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-24 17:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئوبدان يېزىلىپتۇ، ئەمما سەمىمىي تەكلىپ سۈپىتىدە ئازراق پىكىر بەرگۈم كەلدى.  ماقالىدە يەنە نېمىدۇر كەمدەك بىلىندى. بىرمۇ ئىجابىي ئوبراز يوق «رېۋىزور» نامىلىق ئەسەرنى ئۆلمەس ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغىنى  ئەسەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئەمما باشتىن ئاخىر كۆز ئالدىمىزدا تۇرىدىغان ۋە ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان، ئەسەردىكى پۈتكۈل سەلبىي ئوبرازلارنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ  جەمىيەتنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى قامچىلاۋاتقان، ئاچچىق كىنايە قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىدى. قارىسام بۇ ھەقتە ھېچنېمە يېزىلماپتۇ. ئاپتورنىڭ گوگولنىڭ ئىددىيەسى ۋە «رېۋىزور» نامىلىق ئەسەرھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇرراق سىردىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-24 17:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە نېمە ئۈچۈن كۈلكە تېما قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ دېگەن سوئالغا، كىم «رېۋىزور»نىڭ ئۆمرىنى قىسقا دېيەلەيدۇ دەپ كەسكىن رەددىيە بىلەن جاۋاب بەرگەنىدىم. 20نەچچە يىل ئاۋالقى شۇ ئەھمىيەتلىك تالاش-تارتىشلار ھېلىمۇ ئىسىمدە بولغاچقا مەزكۇر تېمىنى ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ئارقىلىق مۇنبەردىن كۆرۈشنى، ئۆزۈم ئويلىيالمىغان يېڭى مەزمۇنلارنى بىلىۋېلىشنى ئارمان قىلغانىدىم. شۇڭا ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى. ئاپتور ماقالىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-24 18:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 17:17
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە ن ...

ماقالىدىكى ھالقىلىق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز....رەھمەد! تىرىشىمەن...بىلىدىغانلىرىم چەكلىك، پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 12:04:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 17:17
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە ن ...




    ئەزىزنىڭ بۇ تەرەپنىمۇ يېزىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىمەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-12-25 12:30:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 18:43
ماقالىدىكى ھالقىلىق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ...

مېنىڭچە ئەسەردىكى كىنايىلىك ئاچچىق كۈلكىنى غوللۇق ئوبراز سۈپىتىدە تەھلىلى قىلىپ باقايلى.

ۋاقتى: 2015-12-25 17:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 12:30
مېنىڭچە ئەسەردىكى كىنايىلىك ئاچچىق كۈلكىنى غوللۇق ئو ...

بولىدۇ....مەن ئارىلىقتا بىر پۇرسەت چىقىرىپ ،چامامنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىپ كۆرەي....

ۋاقتى: 2015-12-26 12:12:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 12:04
ئەزىزنىڭ بۇ تەرەپنىمۇ يېزىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشى ...

ئىشەنچىڭلارنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن.....

ۋاقتى: 2016-6-2 13:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز  يەنىمۇ قۇد تاپسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش