يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 10

تۇرسۇنجان ھەسەن: تالۇن دېگەن مېنىڭ قولۇمدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 12:32:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تالون دېگەن مېنىڭ قولۇمدا
(ھېكايە)
تۇرسۇنجان ھەسەن
-مەن ساڭا تون كەيدۈرىدىغانغا سەن قانچىلىك نېمىتىڭ؟
-سىزگە مەن تون كەيدۈرۈڭ دېدىممۇ؟ ئۆزىڭىز تېلىفۇن قىلىپ ئاچىقىپ، بىر يۈرۈش كېيىمنى مەجبۇرىي كەيدۈرۈپ قويدىڭىز.
-ھازىر نەدىمۇ بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقىدىغان ئىش بار، مەن ساڭا بىر يۈرۈش كېيىمنى بىكارغا ئېلىپ بەردىمما؟
-ئاكا، ئۇنداق يۈزسىزلىك قىلىشىپ كەتمەيلى. ناھىيىتى 700 كويلۇق نەرسىغۇ ئۇ؟
-700 كوي پۇل ئەمەسمىكەن، مېنىڭ ساڭا قەرزىم بارمىتى ئاداش...
-ئاكا، سىيلىق گەپ قىلسىلا، مەن سىلىگە نېمە يامانلىق قىلدىم؟
-سەنغۇ ماڭا يامانلىق قىلمىدىڭ، دەپ يۈرگەن گەپلىرىڭگە قورسىقىم كۆپتى؟
-مەن نېمە دەپتىمەن؟
- 70 نەچچە خىل پاتنېت ئالدىم دېگەن بىلەن، ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگەن، ئۇنداق نەرسىلەرنى كەشپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى بار، دەپسەنغۇ؟
-پاتنېت توغرۇلۇق گەپ بولۇپ قېلىپ، مەنمۇ گەپ قىستۇرغان، لېكىن، سىز توغرۇلۇق گەپ قىلغان ئەمەسقۇ مەن؟
-نېمە دەپ پاتنېت توغرۇلۇق گەپ قىلىپ يۈرىسەن، بىلمىگەن نەرسەڭگە؟ سەن خەۋەر يېزىشتىن باشقا نېمىنى بىلەتتىڭ؟!
-ئاكا، بىزمۇ بىلىمىز، بىلىدىغان نەرسىلەرنى، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بىلىمىز؟
-بىلگەن بولساڭ ئۆز كەسپىڭنىڭ  گېپىنى قىلماي، نېمە دەپ كەشپىياتنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرىسەن؟
-بىزنىڭ يازغانلىرىمىزمۇ ماھىيەتتە بىر خىل ئىجادىيەت، بىر خىل كەشپىيات ئەمەسمۇ؟
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن؟ سېنىڭ يازغانلىرىڭنى قانداقمۇ ئىجادىيەت دېگىلى بولسۇن؟ يىغىن خاتىرىسىغۇ؟
-ئاكا، خاپا بولماي راست گېپىڭىزنى دەڭە؟
-سەن مېنى كېلىشتۈرۈپ يازىمەن دېدىڭ، تەپسىلى  تۇنۇشتۇرىمەن دېدىڭ، سىزگە مەنىۋىي ئابىدە تىكلەيمەن دېدىڭ، يازدىڭمۇ؟
-ئاكا، «1-ماي»دىكى ئارام ئېلىشتا سىزنى زىيارەت قىلاي دېسەم، ئۆزىڭىز مۇۋاپپىق كۆرمىدىڭىز، ئۇنىڭدىن كېيىن قولۇم بوشىمىدى، يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم
-ھەي مۇشۇمۇ گەپمۇ، زىيارەت قىلاي دېسەڭ، ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتمۇ بارغۇ؟
-مەنمۇ سىزگە ئوخشاش دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرسام، مېنىڭمۇ بوش ۋاقتىم چاغلىق.
-سەن مېنى يازىمەن دېدىڭ، مەن ساڭا ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟
-مەن سىزنى يازاي دېمىدىم، ئۆزىڭىز يۈرىكىمدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ، يېقىندا ئاكام باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدى، قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە مېنىڭمۇ ھايات شامىم پات يېقىندا ئۆچۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، تېرىكلىكىمدە ئۆزۈمنى بىر كۆرەي دېگەنتىڭىزغۇ؟
-ماڭا قارا، سەنمۇ بىر كۈنى قېرىيسەن، قېرىغاندا مېنىڭ قەدرىمگە يېتىپمۇ قالىسەن؟ مېنى ياز دېيىشىمدە ھېچقانداق يامان غەرىزىم يوق، ئادەم ئۆزنىڭ قىلغانلىرىنى كىتاب يۈزىدە كۆرگىسى كېلىپ قالىدىكەن.
-شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
-مەن بۇ خىلۋەت ناھىيەدە بىر ئۆمۈر كەشپىيات قىلىپ ياشاپتىمەن. نۇرغۇن پاتنېت گۇۋاھنامىلىرىگە ئېرىشىپتىمەن. نەچچە مىليۇنغا يارايدىغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىمنى باشقىلار نابۇد قىلىۋەتسىمۇ چىداپتىمەن.
-ساڭا بىر يۈرۈش تون سەرپاي ئېلىپ بېرىشىم، قانداقتۇ ساڭا قىلغان خۇشەمىتتىم ئەمەس. مېنىڭ قەلەم ئىگىلىرىگە ھۆرمىتىم چەكسىز.
-ئاكا، ئۇنداق بولسا ۋاقىتنى سىز چىقىرىڭ، مەن سىزنى تەپسىلى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەي، ئاندىن قولۇمغا قەلەم ئالاي بولامدۇ؟
-بولدى قىلە، سەندىن رايىم پۈتۈنلەي يېنىپ كەتتى، سېنىڭ بىر نەرسە يېزىپ چىقالايدىغانلىقىڭغا ئىشەنچىم يوق؟
-ئاكا، سىز ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىپ يۈرسىڭىز، مەن قايسى ماتېرىيالغا ئاساسلىنىپ سىزنى يېزىپ چىقىمەن. مەن 70 خىل پاتنېت ئالدىم دەيسىز، گۇۋاھنامىڭىز بولمىسا...
-سەندىنغۇ ياخشى گەپ چىقمايدۇ، زادى؟ گۇنامخورلۇقۇڭدىن ئۆرگىلەي، مەن گۇۋاھنامە ئالمىسام، كىشىلەر مېنى كەشپىياتچى دەمتى؟
-ئاكا، ھازىر پۇل بەرسىڭىزلا تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەرنى چىقىرىپ بېرىدىغان ئورۇنلار بەك كۆپ...
-نېمانداق زەھەرخەندە نېمەسەن؟ ئادەمنىڭ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سېپىپ...
-ئاكا، ھازىرقى دۇنيادا راست نەرسىلەردىن يالغان نەرسىلەر تولا، چىن نەرسىلەردىن ساختا نەرسىلەر تولا تۇرسا، بۇ خىلۋەت ناھىيەدە كىشىلەرنىڭ كۆزنى غەلەت قىلمايدىغانلار يوق ئەمەستۇ؟
-مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن، مەندە يالغان توي خېتى، يالغان پىراۋا، يالغان دېپلوم، يالغان گۇۋاھنامە، يالغان ئۆي خېتى، يالغان تىجارەت كېنىشكىسى، يالغان ئىمتىياز يوق...
-ئۇنداق بولسا، سىز ماڭا زىيارەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ، بىز ئۆز ئارا ئەھۋالىشايلى بولامدۇ؟
-ھۈنەرۋەننىڭ ئۇستىسى ياماقچىلىق قىلمايدۇ. قابىليىتىڭ بولسا، مەن بىلەن ئەھۋالاشماي تۇرۇپمۇ بىر پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ چىقالايسەن...ساڭا ئېلىپ كەيدۈرۈپ قويغان كېيىم-كېچەكلەرنىڭ تالونىنى ئوبدان ساقلاپ قويدۇم. يازساڭ ۋاقتىدا ياز بولمىسا سوتتا كۆرىشىمىز.
-ئاكا، بۇ نېمە دېگىنىڭىز، مەن سىزگە كېيىم ئېلىپ بېرىڭ دېمىسەم، ئۆزىڭىز مەجبۇرىي كەيدۈرۈپ قويۇپ، سوتتا كۆرىشىمىز دېگىنىڭىز نېمىسى؟
-مېنىڭ مەقسىتىمنى ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭما؟ سەن دېگەن بىر يازغۇچى-مۇخبىر، ھەرقايسىڭ كىشىلەرنى ئالداپ كەلدىڭ، گېزىتقا چىققان كىچىككىنە خەۋىرىڭ ئۈچۈن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىشىپ نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىڭ...
-ئاكا، بۇ دېگىنىڭىز سەل ئېشىپ كەتتى، بىز كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلمايمىز، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى مەدھىيەلەيمىز، يامان ئادەم، يامان ئىشلارنى قامچىلايمىز.
-نېمە قىلساڭ قىلمامسەن، ساڭا ئېلىپ بەرگەن كېيىم-كېچەكلەرنىڭ تالونى قولۇمدا بار. سېنىڭ چۇلۋۇرۇڭ مېنىڭ قولۇمدا. مەقسىدىمنى چۈشەنسەڭلا بولدى.
-ئاكا،  ماۋۇ 700 كوي پۇلنى ئېلىڭ، تالوننى ماڭا بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا يازدۇرۇڭ.
-مېنى ساراڭ كۆرۈپ قالدىڭما؟ مەن سېنى ئاران تاپتىم. بىلىپ قوي تالون دېگەن مېنىڭ قولۇمدا.
-ئاكا.................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرسۇنجان ھەسەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-24 15:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-15 22:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە ئۆزگىچە يېزىلىپتۇ .

ۋاقتى: 2016-2-16 22:10:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر كەسىپ سودا بىلەن ئۇلانسا تېخىمۇ ياشناپ تەرەققىي تاپالايدىكەن . ئەمما قەلەم ئىگىللېرى سودىغا كىرىشىپ قالسا …

ۋاقتى: 2016-2-18 12:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردە بەدىئىلىك كەم،نەتىجە ،ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە ،تەسۋىر .......ئەسەر بەك چۇۋالچاق .
مېنىڭ پىكرىم ،ئەسەرنى قايتا ئىشلەپ باقسىڭىز بولغۇدەك.
ياسالما گەپ بىلەن خوشۇم يوق ،ھەقىقى گەپنى ئۇدۇل دىيىش كېرەك .

ۋاقتى: 2016-2-18 13:00:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارچۇقنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسسىز ھېس قىلدىم. ئەمما ھەر كاللىدا ھەر خىيالنىڭ بولغىنى ياخشى.

ۋاقتى: 2016-2-18 15:14:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارچۇقنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسسىز ھېس قىلدىم. ئەمما ھەر كاللىدا ھەر خىيالنىڭ بولغىنى ياخشى.  

ھەر كاللىدا ھەر خىل خىيالنىڭ بولغىنى ياخشى ،بۇنداق بولۇشمۇ ھەم نورمال ئەھۋال .ئاپتور ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئاشكارىلىغان ،بەدىئى زوق ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ‹ھىكايە›دەپ تېما قويغان ئىكەن ،ئۇنداقتا شۇنىڭغا چۇشلۇق ئۆلچەم ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىشى كېرەك .بۇ مېنىڭ شەخسەن پىكرىم .ئىنكاسىمغا دىققەت قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم ،رەھمەت سىزگە نەزەر ئەپەندىم .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 17:19:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلارغا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2016-2-18 17:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ ئىديەۋى مەزمۇنىدا گەپ يوق.ئەمما پىرسۇناج تەسۋىرىدە ئاپتور يەنە ئويلۇشۇپ بەزەن بايانلارنى ئايدىڭلاشتۇرمىسا بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-18 21:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 05:41 PM
ھېكايىنىڭ ئىديەۋى مەزمۇنىدا گەپ يوق.ئەمما پىرسۇناج تە ...

يازغۇچىنىڭ قولىدا خارلانغان ئىملا!...

باھا سۆز

توۋا، بويۇننىڭ ئۈستىدىكىنىڭ ھەممىسى كاللا ئەمەسكەن جۇمۇ.  ۋاقتى: 2016-2-18 10:27 PM
ئۇ نەدىمۇ يازغۇچى بولسۇن! بەرىبىر دېھقان ھەۋەسكار،شۇڭا ئەشتا قېلىقسىز  ۋاقتى: 2016-2-18 09:28 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش