يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 11

تۇردى قۇتلۇق: ئۇخلاتماپتۇ پاشىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 11:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇخلاتماپتۇ پاشىلار

تۇردى قۇتلۇق

ئۆتمۈش، ئۇزۇن زاماندا ،
ئورما ۋاقتى خاماندا .
چەشلەپ قويۇپ بۇغداينى ،
بۇغداي ساقلاپ ياتقاندا .

ئۇخلاتماپتۇ پاشىلار ،
چىقىپ ئىشچان بوۋامنى .
ئاچچىغىدا داتلاپتۇ ،
پاشىغا ئېتىپ تۇماقنى .

ھايال ئۆتمەي پاشىلار ،
يەنە كېلىپ چېقىپتۇ .
ئۇخلىيالماي جان بوۋام ،
مۇخىرىكا چىكىپتۇ .

مۇخىركىدىن ئىس چىقسا ،
پاشا يىراق قېچىپتۇ .
بۇنى كۆرۈپ جان بوۋام ،
ئاڭا ئامال تېپىپتۇ .

سامانغا ئوت يېقىپتۇ ،
ئىس چىققاندا پاشىلار .
يىراق-يىراق قېچىپتۇ ،
بوۋام ئارام تېپىپتۇ .

شۇڭا دەيدۇ جان بوۋام ،
جانلىقلارغا جان كېرەك .
بۇ ھاياتتا ياشاشتا ،
ھەممە ئىشقا پەم كېرەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-24 13:09  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-24 13:38:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكايىدىن بىرنى سۆزلەپسىز!

ۋاقتى: 2015-12-24 13:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز بىر قىسىم يەرلەرنىڭ قاپىيىگە تازا ئۆلچەملىك چۈشمىگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-24 15:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىنىك چىقىپتۇ.چۈچەكتەكلام.ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-25 14:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-24 17:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامانغا ئوت يېقىپتۇ دىمەي مۇنداق دىسەم بولغىدەك :

ساماندا ئىس قويۇپتۇ ،
ئىس چىققاندا پاشىلار ،
شۇئان يىراق كىتىپتۇ ،
بوۋام ئارام تېپىپتۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-28 16:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدىل يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 13:38
ياخشى ھېكايىدىن بىرنى سۆزلەپسىز!

ياختۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-31 18:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 15:06
يىنىك چىقىپتۇ.چۈچەكتەكلام.ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ياقتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 12:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 13:57
ئاز بىر قىسىم يەرلەرنىڭ قاپىيىگە تازا ئۆلچەملىك چۈشمى ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تەكلىۋىڭىزگە ئاساسەن يەنە ئازراق ئىشلىدىم .
يېڭى يىلدى ئىشلىڭىزغا ئۇتۇق، ئامەتلەر يار بولسۇن.
خەير ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز مەن ئەل خىزمىتىگە چۈشتۈم .

ۋاقتى: 2016-1-6 23:09:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمسەن ھەر قاچان ئادەمدەك ياشا،
ئالەمنى قوياشتەك ئايلان كەڭ تاشا.
خالادا پوق پۇراپ ياتقان چىۋىندىن،
مىڭ ياخشى ھاۋادا ئۇچقان شوخ پاشا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-20 17:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 23:09
ئادەمسەن ھەر قاچان ئادەمدەك ياشا،
ئالەمنى قوياشتەك ئا ...

قوغۇننىڭ تەمىنى بۇزغىنى چاقا ،
خاماندا خاپقىپتۇ بوۋامنى پاشا .
ياخشىغا ئىشارەت يامانغا تاپا،
ياخشىلار بىراۋغا سالمايدۇ جاپا.

ۋاقتى: 2016-1-20 19:53:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقانلار ئالسىمۇ خامانلىقتىن جاي،
داننى يەپ بولوپ قاچىدۇ كاماغا.
پاشىلار بەدەندىن قاننى شوراپلا،
ئۇچۇدۇ گىڭىلداپ ھەردەم ساماغا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-3 10:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىۋىن بىلەن پاشىنىڭ ،
مىنىڭچە چوڭ پارقى يوق .
شەخسىيەتچى ئادەمنىڭ ،
ھايۋاندىن ھىچ پەرقى يوق .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش