ئۆزى پىشقان ئەبنۇس
يى فەن
ئابلەھەت باھايىدىن تەرجىمىسى
ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا بىر تۈپ ئەبنۇس دەرىخى بار ئىدى . بىر يىلى ئەبنۇس تېخى پىشماستىنلا ، ئاتام ئۇنىڭ مىۋىلىرىنى ئۈزۈۋالدى .
- ئەبنۇس تېخى غورا تۇرسا ، نېمىشقا ئۈزۈۋالدىڭىز ؟ - دەپ سورىدىم ئەجەپلەنگىنىمچە ئاتامدىن .
- ئۆزى پىشىدۇ . – دېدى ئۇ پەرۋاسىز ھالدا .
- ئەبنۇسنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن ، دەرەخنىڭ ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلىرى توختاپ قېلىپ ، ئوزۇقلىنالمىسا ، ئۇ قانداقسىگە پىشالايدۇ ؟
- بىرنەچچە كۈن ساقلىساڭ بىلىپ قالىسەن . – دېدى ئاتام .
ئاتام ئۈزۈۋالغان ئەبنۇسلارنى ئۆي ئىچىدىكى پول ئۈستىگە تۆكتى . 10 نەچچە كۈندىن كېيىن ، پولغا يېيىتىپ قويۇلغان خورا ئەبنۇسلار ، ئاستا – ئاستا قىزىرىشقا باشلىدى ، قول بىلەن تۇتقاندا ، ئىلگىرىكى قاتتىق ئەبنۇسلار ، يۇمشاشقا باشلىغان ئىدى ، مەن بىرنى تاللاپ يەپ بېقىۋىدىم ناھايىتى تاتلىق بىلىنىپ كەتتى . ھەي ، بۇ ئەبنۇسلار قانداق پىشتىكىنە ؟
- ئۇ ئۆزى پىشتى .- دېدى ئاتام ، - ئەبنۇسنى دەرەختىن ئۈزۈۋالدۇق، دەرۋەقە دەرەخ تەمىنلەپ بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار تەمىنلەشتىن توختاپ قالىدۇ . لېكىن ھەر بىر تال ئەبنۇسنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوزۇقلۇق ماددا ساقلانغان بولىدۇ ، سىرتقى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۈزۈلگەندىن كېيىن ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى تەمىنلەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاستا - ئاستا پىشىدۇ . بەزى چاغلاردا ، ئادەملەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىگە تايىنىپ ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ .
“青年文摘”نىڭ 2015 – يىل 7- ئاي كېيىنكى ئايلىق سانىنىڭ 32 – بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى .
‹‹ تۇرپان گېزىتى ›› نىڭ 2015- يىل 21- دېكابىر سانىنىڭ 4- بېتىدە ئېلان قىلىنغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-24 12:51