ئايجامال مۇھەممەت 1977- يىلى 9-ئايدا توقسۇن ناھىيىسى يىلانلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1998- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭئىقتىساد باشقۇرۇش فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.2010- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغىچە 《خېتىم مەدەنىيىتىنىڭدەرۋازىسىنى ئېچىش》،《تاج ماھال مەقبەرىسى》،《تەڭرى قەيەردە》،《قۇدىلار》،《ئانىنىڭ بىر كۈنى》،《توقسۇنخەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي- تۆكۈن ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە تويبىيىتلىرى》،《كۆرۈمسىز ئەسكەر》،《ئاڭكور خارابىيلەر توپى》قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئىجادى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى《مىراس》 ،《تارىم》،《مىللەتلەر ئەدەبىياتى》،《ئەدەبىي تەرجىمىلەر》،《شىنجاڭ ئاياللىرى》،《تۇرپانگېزىتى》،《تۇرپان》،《كۈسەن مەدەنىيىتى》 قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان .
2011- يىلى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 16-قارارلىق ئالىي تەتقىقات سىنىپىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەرجىمانلارتەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇغان.
2013- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى ئەسەر ۋەتەرجىمە ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشىدا ئاتاقلىق يازغۇچى جاڭ شىيەنلىياڭنىڭ 《ھاياتلىق دەرىخى》ناملىق يىرىك ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ پەن – تېخىنىكانەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭيازغۇچىلار جەمىئيىتىنىڭ ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتيازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .