يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 7

ئ‍ابدۇغېنى سەيدىن: تازغۇن نامى ئۈستىدە مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-23 23:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

2 h1 ~2 s2 a% U, Dتازغۇن نامى ئ‍ۈستىدە مۇلاھىزە
: U) L% q# }$ k# K' @$ U8 \. W# K4 i0 q% L
ئابدۇغېنى سەيدىن
* v4 v! z  O, X: N
, j0 k. L8 Q; r (قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)
8 d9 ~; v6 Y) i8 M+ ]* G/ Q- q- D" E' M) l
6 H5 ]& _& x5 w  l6 _
تازغۇن يېزىسى يېڭىشەھەر(قاراقىر) ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 18.7 كېلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 15.6 كېلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 159.8 كۇۋادىرات كېلومېتىر. شەرقتە يېڭىئېرىق يېزىسى بىلەن، غەربتە باغچا يېزىسى ۋە بىڭتۈەن 41-تۈەن بىلەن، جەنۇبتا قۇمۇشئېرىق يېزىسى ۋە ياپچان بازىرى بىلەن، شىمالدا ياندۇما ۋە بارىن يېزىسى بىلەن تۇتشىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 20 كەنت، 110 مەھەلە بار.  
6 e9 r4 s) l8 a  M$ A* _: Nتازغۇن يېڭىشەھەر ناھىيىسىدى تارىخى ئۇزۇن يېزىلارنىڭ بىرى بۇ يېزىدىكى قارلۇق (ھازىر قالۇق، قارلىق دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە) قەدىمى قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كەنتلەرنىڭ بولغانلىقى ياكى بەزى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تازغۇن ئەسلى تازاھون يەنى ساپ ھون دېگەن نامدىن ئۆزگەرگەن دېگەن ئۇچۇرلىدا ئىپادىلىنىپ قالماي ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتىريال «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»تە خاتىرلەنگەنلىكىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگۈلى بولىدۇ. 0 s- Z9 ?% K& q6 a
«tadƣun تادغۇن تازغۇن. فىرات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر دەريا ۋادىسى(ئېقىنى). بۇ سۆز ‹دەريا› دېگەن مەنىدىكى ‹ئۆگۈز› سۆزنىڭ ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.»① يۇقۇرقى باياندا پەقەن «تازغۇن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىپادىلىنىپ كونكىرت ئورنى شەرھىلەنمىگەن. ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان نۇسقىسىنى ئىشلىگۈچىلەر تەرىپىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر بىلەن يېڭىسار ئارلىقىدىكى ئېقىن دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. دەرۋەقە بىز ھازىر قولۇمىزدا بار بولغان رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك خەرىتسى ۋە يەر-جاي نامىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق، تازغۇن نامىنىڭ دەل قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تازغۇن يېزىسى ئىكەنلىكىنى مۇئاييەنلەشتۈرۈشكە ھەقلىق بىز. قولىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەرتلىرى ۋە يەر-جاي ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇقلىرىغا ئاساسلانغاندا رايۇنىمىزدا پەقەت قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تازغۇن دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بىرلا جاي بار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. گەز دەرياسى بىلەن قىزىلبوي دەرياسى دەل مۇشۇ تازغۇن يېزسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ «تازغۇن» دېگەن سۆزنىڭ «ئېقىن، دەريا ۋادىسى» دېگەن مەنىسىگە ماس كېلدۇ. دېمەك، بۇ سۆز «دىۋان»دا كۆرسىتىلگەندەك «دەريا، ئېقىن» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ ھەقتە مەزمۇنلارنى بىز يەنىلا «دىۋان»غا مۇراجات قىلساق تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئىرىشىمىز: « өgüz ئۆگۈز. جەيھۇن ۋە فىراتقا ئوخشاش ھەممە چوڭ ئېقىنلارغا بېرىلگەن نام. بۇ سۆز يالغۇز قوللىنىلغاندا، ئوغۇزلارچە ‹بەنەگىت›دەرياسى دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى شۇ دەريا قىرغاقلىرىغا جايلاشقان؛ ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىرىمۇ شۇ دەريا قىرغاقلىرىدا ياشايدۇ. تۈرك خەلقلىرى ياشايدىغان ئۆلكىلەردىكى باشقا بىرمۇنچە دەريا ۋە ئېقىنلارمۇ ‹güzө› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹ئىلى› ۋادسى بىلەن ‹يافىنچ› ۋادىسى ئارلىغىدا چېگرىغا جايلاشقان بىر شەھەرگىمۇ ‹ئىككى ئۆگۈز›دەپ بېرىلگەن.» ②، «güz kәqiksiz bolmasө қaynar -قايناپ-تېشىپ تۇرغان دەريا كېچىكسىز بولماس»③ يۇقارقى ئۇچۇرلاردىن سىرىت تۆۋەندىكى ئۇچۇرغا نەزرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق« (802) ķax قاش. قاشتاش. بۇ بىر خل سۈزۈك تاش بولۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ. ' E& j0 L* n- l! e- x. Z' l% C9 p
ķax өgüz قاش ئۆگۈز. خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئاقىدىغان ئىككى دەريا. بىرى ‹ ķax өgüzηürü يۇرۇڭقاش دەرياسى› دىيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك ئاق تاش چىققاچقا، دەريامۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى ‹ara ķax өgüzķقارىقاش دەرياسى› دىيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ. بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ». « tavuxƣan өgüzتاۋۇشغان ئۆگۈز-توشقان دەرياسى». ④ بۇ يەردىكى تازغۇن بىلەن مەنىداش بولغان ئۆگۈز ئوخشاشلا ئېقىن، دەريا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسىمۇ، ئورۇن نامىنى بىلدۈرمىگەن. پەقەت ئۇلارغا بەلگىلىك ئىنىقلىغۇچى سۆزلەر قوشۇلغاندا ئاندىن بەلگىلىك مۇقۇم جاينى كۆرسەتكەن. ئۇنداقتا قانداق بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى گەز دەرياسى بىلەن قىزىلبويى دەرياسىنىڭ ئارلىقىغا جايلىشىپ، شۇ دەريالارنىڭ كىسىپ ئۆتىدىغان بىر بۆلىكى بولغان ھازىرقى «تازغۇن يېزىسى»- «تازغۇن»دېگەن نام بىلەن ئاتلىپ قالغان. راستىنلار «تازاھۇن» ساپ ھۇنلار ئولتۇراقلاشقان ئورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدىكى فونتىكىلىك ئۆزگىرىش ئاساسىدا شەكىللەنگەنمۇ؟ بىز تارىخقا، جۈملىدىن يەر-جاي ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا يەنىلا تارىخىي پاكىتلارغا ياكى بىر قەدەر قەدىمىي بولغان ماتىرياللارغا مۇراجەت قىلىشىمىز ئاقىلانىلىق بولسا كېرەك. گەرچە ئۇ ماتىرياللاردا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق مەسلىلەر يوق دىيەلمىسەكمۇ، ئۇ ماتىرياللارنىڭ قەدىملىكى بىلەن ئەينى دەۋرنىڭ ساداسىغا بىر قەدەر يېقىن. «تازغۇن» ئاتالغۇسىغا نىسپەتەن ئەڭ قەدىمىي ماتىريال يەنىلا «دىۋان»دىكى ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، يۇقۇردا كۆرۈپ ئۆتكىمىزدەك كونكىرىت ئورنى ھەققىدە بىزگە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. بۇ نۇقتىدىن بىز گەرچە ھازىرقى رىئاللىق نۇقتىسىدىن ئورۇن جەھەتتە يەنە گۇمانلىنىش ئوشۇقچىدەك كۆرۈنسىمۇ، يەنە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرياللاردىكى ئۇچۇرلار بىزنىڭ دىھقىتىمىزنى تارتىپ تۇرماقتا يەنى 16-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ داللىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ئۆزىنىڭ «تارىخىي رەشىدىي» نامىلىق يىرىك ئەسرىدە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ: «تۈمەن سۈيى كاشىغەرنىڭ قەدىمىي قەلئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇ قەلئەنى مىرزا ئەبابەكرى ۋەيران قىلدى. كاشغەرنىڭ كۆپ يۇرتلىرى مۇشۇ سۇ بىلەن ئاۋاتتۇر. ) {' ?, {9 u. N$ U' c4 h; q
بۇ ئېقىنلارنىڭ يەنە بىرى ‹قارا تازغۇن› دېيىلىدۇ. ‹تازغۇن›دېگەنلىك ‹جىلغا سۈيى›، ‹ئېقىن› دېگەنلىكتۇر، قەلئەنىڭ جەنۇبىغا ئۈچ فەرسەڭ يىراقلىقتىكى جايدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ نۇرغۇن يۇرتلىرىدا مۇشۇ سۇ بىلەن دېھقانچىلىق قىلىنىدۇ.
/ d- A5 J: ?0 q" t1 Aيەنە بىر ئېقىننىڭ  ئىسمى كۇسانتازغۇن بولۇپ، ياڭىھىسار قەسەبە (شەھەرچە، كىچىك قەلئە)سى مۇشۇ سۇنىڭ لېۋىدە، بۇ قەسەبە مۇشۇ سۇ بىلەن ئاۋات بولۇپتۇ. كاشغەر بىلەن تازغۇننىڭ ئارلىقى ئالتە فەرسەڭ(بىر فەرسەڭ 6.24 كىلومېتىرغا تەڭ) شەرئىيدۇر.» ⑤ بۇ ئۇچۇرلاردا ئىپادىلەنگەندەك، يەنىلا «تازغۇن» دېگەن سۆزنىڭ «جىلغا سۈيى، ئېقىن» دېگەن مەنىنى بىرىدىغانلىقىنى، بۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك «قارا تازغۇن»، «كۇسانتازغۇن»دېگەندەك ئېقىنلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىرىشىمىز. شۇنداقلا ھازىرقى تازغۇن يېزىسىنىڭ تېرەكبوستان كەنتىدە ئاق تازغۇن، قازما كەنتىدە قاراسۇ دېگەن مەھلىمۇ بار. ياپچان بازىرىغا تەۋە كەنتلەرنىڭ قاتارىدا كۈسەن بويى كەنتى بولغاندىن سىرىت، ۋىلايىتىمىزدىكى چوڭ دەريالاردىن بىرى بولغان كۈسەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى كىسىپ ئۆتىدىغان ياپچان، ئارال، يېڭىئاۋات، ھاراپ يېزا يۆنىلىشى كۈسەن ئېقىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېقىندىكى يۇقارقى تىلغا ئېلىنغان يېزىلار تازغۇنغا قارىغاندا يېڭىسارغا بىر قەدەر يېقىن. بۇ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكمۇ «كۈسەنتازغۇن» دېگەن ئاتالغۇغىنىڭ ئورنىغا بىرقەدەر ماس كىلدۇ. ئۇنداقتا «قاراتازغۇن» قەيەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرىدىكى رەڭ بىلەن سۈپەتلەنگەن سېرىقبۇيا، قاراتاغ، قارادۆڭ، قاراسۇ، قارا يۇلغۇن، قاراقاش، قىزىلبۇلاق، قىزىلتاغ، قىزىلقۇم، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، قىزىليار، قىزىليۇلغۇن، كۆكگۈمبەز، كۆكتۇمشۇق، قارا ياغاچ، قارا پولات، قارا تاش، قارا قۇم، ئاقتام، ئاق ھويلا، سېرىق كۆل قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەنلەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە سىر ئەمەس. بىزچە «قاراتازغۇن» دەل ھازىرقى تازغۇن بازىرى جايلاشقان ئورۇننى كۆرسەتسە كىرەك. بۇ سۆزىمىزنى ھازىرقى تازغۇن يېزا بازىرىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ 24 كلومېتىر بولۇشىمۇ، «تارىخىي رەشىدىي»دىكى بايانلار بىلەن قوشۇلۇپ تىخىمۇ ئىنىق دەلىللەيدۇ. شۇنداقلا، تازغۇن يېزىسىنىڭ ئۈيزىگە (يۇقۇرسىغا) جايلاشقان تېرەكبوستان كەنتىدىكى ئاق تازغۇن ئەسلىدىكى قارا تازغۇننىڭ ئايغىدا بولغانلىقى ئۈچۈن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش ئۈچۈن قويۇلغان بولۇشى مۈمكىن. بۇ پىكىرىمىزگە ماس ھالدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان «تارىخىي رەشىدىي»دە، سۇلتان سەئىدخاننىڭ كاشغەردە مىرازا ئابابەكر لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كاشغەر قەلئەسىنى ئېلىشتا توسالغۇغا ئۇچراپ ياڭىھىسارغا يۈرۈش قىلغان يۆنىلىشىدە توقساق (باشقا نۇسقىلىرىدا توقۇز ئاق)تىن ئۆتۈپ قارا تازغۇن سۈيىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ياڭىھىسار تەۋەسىدىكى تېرەك (باشقا نۇسخىلىرىدا باۋىرەك، ياۋىرەك، بۇريا تېرەك دەپ ئېلىنغان) ئاتلىق يەرگە بارغانلىقى بايان قىلىنغان.⑥ دەرۋەقە تازغۇندىن ئۆتكەندىن كېيىن ياپچان بازىرى تەۋەسىدە ياپىلاق تېرەك، كۆك تېرەك،  تېرەكبوستان ۋە قىزىلسۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ ياپچان بىلەن چىگىرلىدىغان جامالتېرەك قاتارلىق تېرەك نامى بىلەن باغلانغان جايلارمۇ بىر قەدەر كۆپ. يۇقارقى قاراشلار بىلەن بىرگە خەلق ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن تۆۋەندىكى قاراشلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، يۇقارقى قاراشلارنىڭ كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇپ يېتىمىز: « ‹تازغۇن›نىڭ ئەسلى نامى ‹تارغۇل› بولۇپ، بۇرۇن بۇ يەردە بىر دەريا بولۇپ دەريانىڭ بۇ جايدىن ئۆتىدىغان بۆلۈكىدە سۇ يىغىلىپ، ئۆركەشلەپ ئاقىدىكەن. بۇ سۇ ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان جاي ‹تارغۇل› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قۇرۇپ يوقاپ كەتكەن. ‹تارغۇل› دېگەن ناممۇ ئۆزگۈرۈپ ‹تازغۇن› دەپ ئاتالغان». دەرۋەقە، ھازىر تازغۇن بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا ياكى چوڭ ئۆستەڭ يوق. پەقەت ئوممىي يېزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى گەز دەرياسىنىڭ تارماق ئىقىنلىرى بولغان قەسە ئۆستەڭ، قاتار سۆگەت ئۆستىڭى ۋە قىزىل دەرياسىنىڭ قىزىلبوي تارماق ئېقىنى قۇرشپ تۇرىدۇ. ئىلگىركى «تارغۇل» تۈرلۈك تەبئىي ۋە سۈنئىي ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇپ، يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھازىرقى ئەمەلىي رىئاللىق مۇنازىرسىز ئىسپاتلايدۇ. & Y2 K! x" V) k" @
قىسقىسى، ھازىرقى تازغۇن يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان ئورۇنلار ئىلگىرى «قارا تازغۇن»، «تارغول»دەپ ئاتالغان بولۇپ، دەۋرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن «قارا» سۆزى قىسقىراپ تازغۇن دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. «قارا تازغۇن» دېگەنلىك «ئۇلۇغ ئېقىن، چوڭ ئېقىن، كۈچلۈك ئېقىن» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
8 ?( }2 m* v" u. O* G7 v3 r7 A' `پايدىلانغان ماتىرياللار:
& ~6 i" l9 ~; n$ e) N% B0 ^. ?5 Y( G  }5 T6 T" j
) K+ J  Z- v2 d% s0 z& L$ I
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-24 03:16  6 B( n$ B2 W1 g" |! \
- \8 C6 u% G, }' H3 ]4 \

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-24 03:17:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسىنى ئ‍ەسكەرتىشنى ئ‍ۇنتۇپ قاپسىزغۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-24 04:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇغىنى مۇئەللىم، سىللىدىن سورىمايلا «قاراقىر»نى تەخەللۇسۇم قىلىۋالدىم...ھىي ھىي

ۋاقتى: 2015-12-24 11:46:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئابدۇغېنى سەيدىننىڭ ئىزدىنىشلىرىڭ يەنىمۇ بەركەتلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-24 19:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇغىنى مۇئەللىم ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ، بىزنىڭ باغچى يىزمىزنىمۇ يىزىپ قويۇڭ .

ۋاقتى: 2015-12-24 20:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   گۇما ناھىيىسىدىمۇ بار يەپچان سۇ ئامبىرى ،تازغۇن دەرياسى دېگەن ئىسىملار .بۇرۇن دائىم قەشقەرگە مېڭىپ يېقىنلاپ كەلگەندە باشقىلارنىڭ يەپچان سۇ ئامبىرىغا كەپتۇق دېگىنىنى ئاڭلاپ ،ئەجەپ ئوخشاش ئىسىملارغا بۇ ،دەپ ئويلاپ بىر تىپىشماققا دۇچ كەلگەندەك بولاتتىم.# z: U& V- c* [& h* P+ K1 \
يېقىندا يەنە كۆكتېرەك يېزىسىدا «دولان كەنتى» ،«قۇمۇل كەنتى» نامىلىق كەنتلەرنىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ تارىخ ئۆزىنى ئاشكارىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-1 12:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ن.ھاشىم ياخشى ئۇچۇرلارنى بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت. يەر ناملىرى بىر ناملا ئەمەس، تارىخ، مەدەنىيەت، روھىيەت، تەپەككۈر... بىز يەر ناملىرىمىزنىڭ مەنىسى، كېلىپ چىقىشى، تىل تەۋەلىكى، قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتىنى توغرا تېپىپ چىقالىغان ۋاقتىمىزدا تارىخىمىزنىڭ چۈمبەردىسىنى ھەقىقىي ئاچالايمىز...بۇ ئورتاق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ...

ۋاقتى: 2016-1-1 15:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتۇمنىڭ تارىخغا ئائىت مەزمۇنلارنى بەكمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى، رەھمەت مۇئەللىم. يۇرتىمىزدىنمۇ تارىخ  تەتقىق قىلدىغانلار، يازغۇچى- شائىرلار، ناخشىچىلار يىتىشۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۇنۋاتىمەن،  ئەمدى ئۆزۇمنى تاشلىۋەتمەي تىرىشىپ ئانا مەكتىۋىم يىڭىشەھەر ناھىيلىك 1. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىچىككىنە نەتجەم بىلەن بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش