يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 2

قۇتلانى: ئىككى ساتىرا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-23 23:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
             ئىككى ساتىرا


      ئوسمانجان مۇھەممەت

         ئىچەيلى


قېنى سەن ساقىجان قۇيغىنا لىقلاپ،
تاڭغىچە مۇڭلنىپ ئىچەيلى تۇختاپ،
مۇقاممۇ باشلانسۇن چېلىنسۇ شوخلاپ،
ئىچىشتىن ياخشىراق نىمە بار بىزدە ،
ئۇيقۇنى مەي بىلەن قالايلى ساقلاپ .

ئىچىڭلار! ئاشپەزلەر ناۋاي كاۋاپچى ،
ئىچىڭلار! گېلەمچى، تامىچى، ياغاچچى ،
ئىچىڭلار! مۇئەللىم، دوختۇر،ياماقچى ،
مەي ئىچىش ئاداققى نىشاندۇر بىزگە ،
بوۋىمىز بوپقالغان نادان تاۋاپچى،

ئىچىڭلار! سىلەرمۇ ساقچى ئاكىلار،
ئىچىڭلار! ئىشچى ۋە شۇپۇر تاغىلار ،
ئىچىڭلار! مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ،
باشقا ئەل قىلغاننى قىلمىساق نۇمۇس،
ئىچكەنلەر ئۇلۇغۋار باتۇر سانىلار.

مەيگە سەن تۇيۇنغىن بىچارە دېھقان ،
مەي ئىچسەڭ بولىسەن يولۋاستەك ھامان،
مەس چاشقان بولارمىش مۈشۈكتىن يامان،
مەي ساڭا ئۇزۇقتۇر بولۇر مەلھەم، قان،
مەي بىلەن بولىدۇ ئارزۇيۇڭ تامام.


ئىچەيلى مەسچىتتە مېھراپ راۋاقتا،
ئىچەيلى ئالتۇن جام كۆمۈش تاۋاقتا،
ئىچمىگەن ئادەملەر يوقتۇر ئاتاقتا.
ئاتاقىسز ياشاشتىن ئەۋزەلغۇ ئۆلۈم ،
پۇرسەتلەر ئۆتمىسۇن ئۆتەڭ-ياتاقتا.

ئىچەيلى! ئىچەيلى! ئىچەيل! بەس-بەس.
مەيخوردىن باشقىغا قىلمايلى ھەۋەس،
ئىچمىسە ئاتايلى شۇنى زاتى پەس،
مەي بىلەن گۈزەلدۇر جاھان-كائىنات
مەي ئىچمەي جاھاندىن ئۆتۈپ كەتمەك تەس.

           2015-يىل  10-نۇيابىر   


              خېنىم


ئون بارماققا ئوندىن ئۈزۈك سالايلى خېنىم،
تويىڭىزغا نوركا پەلتۇ ئالايلى خېنىم،
يولىڭىزغا زەر پايانداز سالايلى خېنىم،
ئالدىڭىزغا ‹‹ئودى›› ئېلىپ بارايلى خېنىم،
ئۆيىمىزنى كۆك قەھرىگە سالايلى خېنىم.

تەقلەپ قوياي ئىككى مىڭ سوم يەنە ئۆزگىچە ،
چىقمايمىزمۇ دوستلار بىلەن تالا تۈزگىچە،
دىھقان ئاتام ئامال قىلار كېلەر كۈزگىچە،
ئەستىن چىقماس بۇ تويىمىز تاكى ئۆلگۈچە.
مۇھەببەتنى ئالتۇن بىلەن ئاتايلى خېنىم.

باغاق ئۈچۈن تەخسە دوسقان دوپپا ئالايلى،
تويلۇق ئۈچۈن تۈركىيەگە زاكاس سالايلى،
مەتۇ بولماي ئېسىل كاتتا ماركا تاللايلى،
توي ۋاقتىنى يانىفوندا ئىلان قىلايلى،
يەنە نىمە قالدى بىللە سانايلى خېنىم.

باردۇر يەنە ئۇرۇق -تۇققان ئاتا -ئانىڭىز،
ئاچىڭىز ۋە ئۇكىڭىزغا نىمە ئالىمىز،
يەڭگىڭىز ۋە قولداشلارغا نىمە سالىمىز،
گەر بولمىسا بىز مودىدا چېنىپ قالىمىز،
ئەڭ ياخشىسى بازارغا بىر بارايلى خېنىم.

شەھرىمىزدە خىرۇم كىيىم ياخشى ئەمەسكەن،
تار بازاردىن ياخشى نەرسە تاللىماق تەسكەن،
رەخلىرىمۇ پۇرلىشاڭغۇ پاختىسى خەسكەن،
قۇۋ سودىگەر تولا سۆزلەپ قورساقنى ئەسكەن،
بېجىڭ،تىيەنجىن،شاڭخەيگە يول ئالايلى خېنىم،

توي ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى تويلۇقلار چالا،
قالغىننى ئاتىمىز ۋە ئانىمىز ئالا،
تەييار قىلسۇن تۇققۇز پاقلان ئىككىدىن كالا،
ئويلاپ قويسۇن توي قىلساقمۇ يەنە بىز بالا،
توي ھوزۇرى شاتلىقىغا قانايلى خېنىم.

تويىمىزغا لازىم ئەمەس مەرىكە زالى،
كېرەك ئەمەس سەھرادىكى باغ-ئۈزۈمتالى،
مۇزىكىلق رېستۇراندۇر ئېسىل ئەڭ ئالىى،
كىرگەنلەرنىڭ جەننەتكىلا كەتسۇن خىيالى،
مەستخوشلۇقتا بىللە ساما سالايلى خېنىم.

ئۈستەللەردىن ئېشىپ تۇرسۇن قورۇما كاۋاپ،
كۈتكۈچى ۋە ئاشپەزلەرمۇ يىمىسۇن يالاپ.
قىزىل قەغەز قويغانلارنى تۇرۇڭلار ساناپ،
توي دىگەننى مانا شۇنداق ئۆتكۈزگەن ساۋاپ،
بولۇڭ دەرھال باغاق پۇلى سانايلى خېنىم.

سىزنى ھۆر قىز قىلۋەتسۇم‹‹ شاھىناز›› بىلەن،
كۆلدە ھۆسىن نىمە قىلسۇن سۇسىز غاز بىلەن،
توي پۇرسىتى خۇشا ئۆتمەس قىلىق- ناز بىلەن،
يىگىتلەرنى داغدا قويۇڭ تەمەنناز بىلەن،
گۈزەللىككە بىزەكتە كۈي قاتايلى خېنىم.

مېھمانلارغا ئەللىك پىكاپ قىلاي قاتارى،
ياڭراپ تۇرسۇ ناغرا سۇناي راۋاپ ساتارى،
ئايلىنايلى تۆت كۇچىنى ئىككى قاتارى،
سىنىمىزنى ئېلىۋالسۇن سىغى پاتارى،
تويىمىزنى تور بېتىدە كۆرەيلى خېنىم.

تارقاپ كەتمە يىگىت قىزلار ۋىچىرلىشايلى،
غەيۋەت بىلەن قولاقلارغا پىچىرلىشايلى،
مۇزىكىغا تولغاپ بىردەم غىچىرلىشايلى،
شەھلا كۆزلەر شاپ بۇرۇتلار تىپىرلىشايلى،
ۋىچىركىدىن تۈن تەڭدىلا يانايلى خېنىم.

قىز-يىگىتكە كۆز قىسىشما يۇلتۇز بىلەن ئاي،
نە ھىلالكى تولۇن ئاينى يۇلىۋالدىم ۋاي!
ئاشىقلارنىڭ يولى ئوچۇق دىمەس ھېچكىم ھاي!
چىن سۆيگۈگە پەرىقسىزدۇر قۇملۇق،گېلەم،ساي،
مىھىر بىلەن دىلنى دىلغا چاتايلى خېىنىم.

   2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 23:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-24 15:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى شېئىر غا ھىچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ.
   ‹‹بوۋىمىز بوپقالغان نادان تاۋاپچى،›› ماۋۇ يەرلىرىنى ئوقۇپ‹‹جاللات خىنىم›› رومانىدىكى ۋەقەلىكلەر ئىسىمگە كېلىۋاتىدۇ.
تاجىك شائىرى‹‹ئۆمەر ھەييام››دەكلام يېزىۋىتپسىز بىرىنجى شېئىرنى بەكلا ياقتۇردۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-24 15:16  


ۋاقتى: 2016-1-8 02:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلى شېئىر كۆڭۈلدىكىدەك   چىقىپتۇ ،چىن ھېسىيات بىلەن تويۇنغان بۇ ئېسىل لىرىكىلاردىن سۆيۈندۈم،ئوسمانجان مۇھەممەت ئىنىمگە تەشەككۇر.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش