«يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يۇرت - ئۇچتۇرپان» ناملىق كىتاب شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى
ئۇچتۇرپان ـــ يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ نامى تارىختا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا يۈزبەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەر بىلەن زىچ باغلانغان.شۇ سەۋەبتىن ئۇ شىنجاڭدىلا ئەمەس ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ مەشھۇر. مانا مۇشۇنداق بىر قەدىمىي يۇرتنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى يۇرۇتۇپ بېرىش شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھالبۇكى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بۇ يۇرتتىن چىققان ۋە بۇ يۇرتقا قىزىقىدىغان قەلەم ساھىبلىرى تەرىپىدىن ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخ-مەدەنىيىتىگە ئائىت بىرقىسىم ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ۋە مەخسۇس تەزكىرە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇكەممەل ئۇنىۋېرسال ئىلمىي ئەسەر روياپقا چىقمىغانىدى. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخ-مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئەخمەت مۆمىن تارىمى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)، ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى(ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ خادىمى)، خوجانىياز يوللۇغ تېكىن(ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى)، ئەسقەر ئابباس(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى) قاتارلىقلار ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يۇرت ــــ ئۇچتۇرپان » ناملىق بۇ ئەسەرنى يۇرۇقلۇققا چىقاردى.
مەزكۇر ئەسەر قۇرۇلما جەھەتتىن يەتتە باب، بىر مۇقەددىمە، بىر قۇشۇمچىدىن تەركىپ تاپقان. مەزمۇن جەھەتتىن ئۇچتۇرپاننىڭ قىسقىچە تارىخىي ئەھۋالى ۋە ئاھالە تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشى؛ئۇچتۇرپاندىكى قەدىمكى شەھەر-قەلئەلەر ۋە خارابە ئىزلار؛ئۇچتۇرپاندىكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى؛ ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ۋە تاشقى سودىسى؛ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ مائارىپى، مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە ئۆرپ ئادىتى؛ ئۇچتۇرپاندىكى مەشھۇر سەيلىگاھلار ۋە مەنزىرەگاھلار؛ ئۇچتۇرپان تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم شەخسلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمە خاراكتېرلىك بايانلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان.
بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
باھاسى: 48.60 يۈەن، ئىچ بەتلىرىدىكى سۈرەتلەر پۈتۈنلەي رەڭلىك بېسىلغان. بۇ كىتاب بىر قانچە ئاپتۇرلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدىكى ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقەتەنمۇكۆڭۈلىدىكىدەك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى.