سەپەرۇپ بەندۇك
زامانىۋى تۇرمۇشدىن ئۆرنەكلەر
(فېليەتۇن)
زامانىۋى مۇھەببەت قارىشى
قىزنىڭ قەلبى يىگىتنىڭ ساپ قەلبىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بايلىقىغا تەلپۈنىدۇ.
يىگىت قەلبى قىزنىڭ چىن ۋىجدانىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا تەلپۈنىدۇ.
زامانىۋى شەھەر تۇرمۇش مەدەنىيىتى
ئۆلۈپ -تېرىلىشىگە قارىماي بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆي سېتىۋىلىش،ئۇنى زامانىۋى زىننەتلەش بىلەن
بىرگە ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ئېلىش، مائاشنىڭ تېزراق ئۆسۈشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ، مۇكاپات ۋە جۇغلانما پولىغا قىممەت باھالىق كىيىم - كېچەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىش،
تاماقنى داڭلىق ئاشخانىلىرىدا يەپ ئۆز ئۆيىدا تەرەت قىلىشتىن ئىبارەت.
زامانىۋى پەرزەنت كۆرۈش ئوسسۇلى
ئاياللار ھامىلىدار ۋاقىتتا بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن كۈندە لىرىك ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاش؛ئۈچ ئايدىن تۆت ئايغىچە كەلگۈسىدىكى پەرزەنتتىنى يۇمۇرىستىك قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ھەر كۈنى يۇمۇر ۋە يۇمۇرىستىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش؛ بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە كەلگۈسىدىكى پەرزەنتتىنىڭ ئاتا- ئانىغا ۋاپادار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ ،پىكىر ئالماشتۇرۇش؛ يەتتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگىتىش، كېيىنكى توققۇزىنچى ئايدا بولسا پەرزەنتتىنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغما تاللانتى بىلەن كۆز ئىچىشنى كۈتۈشتىن ئىبارەت.
|