يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 0

«كەسىپنى سۆيۈپ، تۆھپە يارىتىش چولپانلىرى»غا بېلەت تاشلايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-23 01:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   «كەسىپنى سۆيۈپ، تۆھپە يارىتىش چولپانلىرى»غا
بېلەت تاشلايلى


ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك كومىتېتى 2015-يىل 12-ئايدا «كەسىپنى سۆيۈپ، تۆھپە يارىتىش چولپانلىرى»نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 2015-يىل 12-ئاينىڭ23-كۈنىدىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24 كىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت داۋامىدا  تورداشلار 28 نەپەر خادىمدىن توردا  بېلەت تاشلاش  ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرى تاللىماقچى بولغان نامزاتقا توردا بېلەت تاشلاپ، «كەسىپنى سۆيۈپ، تۆھپە يارىتىش چولپانلىرى»نى باھالاپ چىقسا بولىدۇ.
   تورداشلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىش قىلىنغان ئادرېستىن كىرىپ، نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن خادىملار رەسىمىنىڭ  ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «بېلەت تاشلاش» دېگەن خەتنى بېسىپ، ئۆزلىرى كۆرسەتمەكچى بولغان نامزاتقا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. ھەر بىرئادەم ھەر ئون مىنۇتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ پارچە بېلەت  تاشلىيالايدۇ.
   يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزدىكى مۆھتىرەم قېرىنداشلار، بۇ نامزات ئىچىدەيازغۇچىلار مۇنبىرىمىزنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى، مەسئۇل مۇھەررىر، ياش يازغۇچى ئەزىزئىمىر يانغىن (ئۈستىدىن 2-رەتتتىكى 2-نومۇرلۇق يىگىت )مۇ بار بولۇپ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر قېرىندىشىمىزغىمۇ بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇنىڭ خىزمەت ۋەئىجادىيىتى ئۈچۈن مەدەت بېرىپ قويۇشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز.

         تۆۋەندىكى ئادرېستىن كىرىپ بېلەت تاشلىيالايسىز:





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش