كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 11

«شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى بارلىققا كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-23 00:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورى بارلىققا كەلدى


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن مۇراسىمدا «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنى بىرلىكتە قوزغاتتى.


   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2015-يىلى 22-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورى رەسمىي قوزغىتىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

   ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 4-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) مەسئۇل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال بىلەن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنى قۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىللىگەن. يېقىندا، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى بىلەن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)غا ۋىۋىسكا ئېسىپ رەسمىي قۇرۇلغان.

   شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئېلىجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى بىلەن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا يۈزلەنگەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل راينى يەتكۈزىدىغان، توغرا ئىشلارغا يېتەكلەيدىغان، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم سۇپا. ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، قانۇن-بەلگىلىمىلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ، تىپىك شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە مۇھىم پائالىيەتلەر خەۋەر قىلىنىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقىدىكى يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى قىياپەتلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ.


ئالاقىدار ئورۇنلار نەق مەيداندا «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى تاپشۇرۇۋالدى.


   ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان (قوش ئايلىق) ئىچكى ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدىكەن. ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئەربابلىرى، مەسچىتلەر، مۇسۇلمان ئاممىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك بىرلىكسەپ، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى، دىنىي كۇرسلار (نۇقتىلار)، شۇنداقلا مىللەت، دىنغا ئالاقىدار تارماقلارغا تارقىتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ھەر سانىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 60 مىڭ نۇسخا، خەنزۇچىسىنىڭ 10 مىڭ نۇسخا، قازاقچىسىنىڭ 10 مىڭ نۇسخا بولىدىكەن. بۇ ژۇرنالدا جەمئىي 10 سەھىپە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە مۇقىم سەھىپە، ئۈچ ھەرىكەتچان سەھىپە.

   «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بەتلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ، تور بەت ئادرېسى: www.xjmuslim.com بولۇپ، تور بەتتە جەمئىي 10 سەھىپە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار: «خەۋەرلەر مەركىزى»، «سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمىلەر»، «مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى»، «مەدەنىيەت-سەنئەت»، «ئىسلام دىنى ئاساسىي بىلىملىرى»، «ۋەز-تەبلىغلەر»، «ھەج ئىشلىرى»، «مەخسۇس سەھىپە»، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنىڭ قوزغىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنى تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، «بەش ئاچقۇچ»تىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ھەققانىيەت ئارقىلىق بېسىم پەيدا قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ بىرلىكسەپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، جۇڭگوچە يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا باسقان مۇھىم قەدەم بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، مۇھىم ئۇچۇرلارنى تېزلىكتە يەتكۈزۈش، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشنى بىر يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارغا «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى تەقدىم قىلدى.


مەنبە        :        تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-23 18:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولۇۋىتىپتۇ .مەن تىخى بۇنىڭ ئالدىدىمۇ بۇنداق ژۇرنال بار دەپ ئويلىغانتىم  بەك خوش بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-12-23 19:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 18:58
ۋاھ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولۇۋىتىپتۇ .مەن ت ...

‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى›› بار.

ۋاقتى: 2015-12-24 00:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-12-24 04:11:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېمىغا  قىستۇرۇلغان سۈرەتلەر خاسلا نۇر تورىنىڭ تەشۋىقاتى ئ‍ىكەنغۇ، تېلىفۇندا تورغا چىقىۋاتقان ئ‍ىدىم، نورمال كۈرۈنمەي قالدىمۇ يا؟

ۋاقتى: 2015-12-24 04:20:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 04:11
تېمىغا  قىستۇرۇلغان سۈرەتلەر خاسلا نۇر تورىنىڭ تەشۋى ...

نۇر تورىنىڭ رەسىم ئۇلانمىللىرىدا كۆچۈرۈشكە قارشى كود بار ئىكەن.  رەسىمنى چۈشۇرۇپ يوللىسا بولغۇدەك.

باھا سۆز

بىلىۋالدىم، رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-12-24 04:23 AM
ۋاقتى: 2015-12-24 12:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دىللىرىم سۆيۈندى، مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-24 12:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-24 16:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» تورىنىڭ روياپقا چىقىشى پارتىينىڭ مىللەتلەر ،سىياسىتى،دىن سىياسىتى شۇنداقلا ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بىر چوڭ ھالقىش .بۇ قوش ئاپپاراتنىڭ كەڭ دىن ساھەسىدىكى ۋە غەيرى ساھەدىكى يولداشلارنىڭ دىنى چۈشەنچە، ئېتىقاد، غايە تېمىسىدىكى شەرىئەت، قانۇن، ئەخلاق تەشەببۇسلىرىنى يورۇتۇشتا ئۆزگىچە سورۇن بىلەن تەمىن ئەتكۈسى...ئۇنىڭ ئۇزۇلمەس ئېقىنغا ئايلىنىشىغا ،باشقىلارنىڭ بۇ خاسىيەتلىك ئېقىندا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈشىگە تىلەكداشمەن...

ۋاقتى: 2015-12-24 16:26:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 19:22
‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى›› بار.

‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى›› ئۇقۇپ كېلىۋاتىمەن .مەن بۇ ژۇرنالنى بۇرۇندىن باشلاپ بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم

ۋاقتى: 2015-12-24 17:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقنى كۆرسۇن كۆزلىرىڭ،
بولماي غاپىل كور ئەما.
ھەقنى ياقلاپ سۆزلىرىڭ،
تۇرسۇن ئەستە دائىما.


ۋاقتى: 2015-12-24 18:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش