يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 4

تۇغلۇق: ۋەتەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-22 21:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ۋەتەن

(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن غەزىلىگە تەخمىس)

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

1
ھاياتىم بىر ئۇلۇغ كارۋان قىلالماس ھېچ سەپەر سەنسىز،
توسۇپ ئالدىمنى ھەر دائىم يولۇمدا خەۋپ-خەتەر سەنسىز،
ئەزىز جانىم بولۇر ھەتتا بەدەندىن دەر-بەدەر سەنسىز،
ۋەتەن ــ سەن سۆيگۈ مىزانىم گۈزەللىك بىنەزەر سەنسىز،
تاپالماس ئىپتىخار ئۆمرى تۇغۇلغان بىرلە ئەر سەنسىز.

قۇياش مېھرىڭ بىلەن شۇنداق يورۇپ كەلمەكتە دىل خانەم،
سېنىڭدىن ئايرىلىش بىردەم تۇيۇلغاي مەڭگۈلۈك ماتەم،
گۈزەل قوينۇڭغا تەر تۆككەن دەقىقەم خۇددى ھېيت-ئايەم،
ۋەتەن ــ مىراجى ئەرشىمسەن، خالايىق خالىقى ئالەم،
ئىناۋەت تاپمىغاي شۆھرەت ھاياتلىق ئۆتسە گەر سەنسىز.

سېنىڭسىز ئۆزگە گۈلشەنگە پېقىردا زوق-ھەۋەس بولماس،
سېنىڭسىز جەڭدە-جەڭگاھتا كۆيۈمچان ھەمنەپەس بولماس،
سېنىڭسىز ئۇشبۇ دۇنيادەك ماڭا زىندان-قەپەس بولماس،
توپاڭ جىسمىم، سۈيۈڭ قانىم، ھاۋايىڭسىز نەپەس بولماس،
مەئىشەت، نازۇ-نىئمەتلەر ماڭا گويا زەھەر سەنسىز.

تۇغۇلدۇم پاك ۋۇجۇدلاردىن ھەقىقەتتىن ئېلىپ نۇر-زەر،
ئۇلۇغ ئەجداد ئىزى بىرلە مېڭىپ ئۆستۈم جەسۇر، قەيسەر،
رەقىبنى تىترىتەر دىر-دىر، قولۇمدا ئوينىغان شەمشەر،
مەگەر پەرۋان دېسەڭ شەمئىم ئۆزۈڭسەن چەشمەئى ئەنۋەر،
پىراقۇ شەۋقى ئىشقىڭدا ماڭا تۈندۇر سەھەر سەنسىز.

ئىمانىم، ئېتىقادىم سەن، يوقالدى مەندە تەرسالىق،
سۆزۈم شۇ ــ باشپاناھتۇرسەن پېقىرغا ئىككى دۇنيالىق،
سېنى قوغدايدۇ تۇغلۇق، يوق ئۇنىڭدا ھېچ بىپەرۋالىق،
ۋەتەن شەيدائى ئوغلانىڭ قىلالماس تەركى شەيدالىق،
ماڭا ئار شاھى ئىسكەندەر ئېرىشكەن قۇت-زەپەر سەنسىز.
2
گۈزەل جەننەت قۇچاق ئاچسا كۆزۈم باقماس قىيا سەنسىز،
بولالمايدۇ قېنىم تارىخ ئۈچۈن ئۆچمەس سىيا سەنسىز،
ماڭا يول كۆرسىتەلمەس ھىچ خىزىرۇ-ئەنبىيا سەنسىز،
ۋەتەن، سەن رەنجى دەرمانىم، تېپىلماس تۇتىيا سەنسىز،
ئىلىم ئەماسىغا يوقتۇر جاھاندا زەر-زىيا سەنسىز.

ئانامسەن ،ئاھ، سىڭىپ كىردى ۋۇجۇدۇمغا تۈگەل مېھرىڭ،
رەقىپلەر قۇترىسا تەگدى بولۇپ  ئوق دەلمۇ-دەل، مېھرىڭ ،
ئەقىدە، كۈچ –قۇۋەت بەرگەچ، ئوقۇيمەن شاد غەزەل، مېھرىڭ ،
ۋەتەن قۇت-بەختى تاجىمسەن جۇلادۇر ھەر مەھەل مېھرىڭ،
پەرىدۇن تەختى ئايۋانى كىرەكسىز بورىيا سەنسىز .

مېنىڭ جىسمىمغا «ئەركەك سۇ» بېرىپ قوينۇڭدا تاغ، دەريا،
خۇشال ئۆستۈردى، ئاھ، بولسۇن تەسەددۇق ئۇشبۇ كەڭ دۇنيا،
نەپەس ئالسام ھاۋايىڭدىن يۈرەك-باغرىمدا ئوت پەيدا،
سۈيۈڭ شەربەت، تېشىڭ ياقۇت، تېنىمگە تۇپرىقىڭ سىما،
تۈگەل پىردەۋسى جەننەتمۇ چىچەكسىز بىر گىيا سەنسىز.

سېنىڭدىن ئايرىلار بولسام بېسىپ كۆڭلۈمنى دەرد، غەم-غۇس،
سىزەرمەن ئىككى دۇنيادا ئۆزۈمنى مەڭڭۈلۈك مەھبۇس،
شۇڭا دەيمەن: «تىرىكلىكتە ۋەتەندىن ئايرىلىش نومۇس!»
ئىلىم-ئىرپانغا زەركانسەن، سېنىڭسىز تولمىغاي قامۇس،
بەئەينى بىر جۇنۇن ھەتتا ئاتالغان ئەۋلىيا سەنسىز.

ئەزىز تۇپراق، ھاۋايىڭسىز بېرىكمەس تەن بىلەن جانىم،
سوقۇپ تۇرغان تومۇرلاردا سۈيۈڭسىز ئاقمىغاي قانىم،
ئوتۇڭسىز كۆكلىمەس دىلدا غۇرۇرۇم بىرلە ۋىجدانىم،
ۋەتەن قوينۇڭ گۈلىستانىم، ئىپارىڭ سۆيگۈ ئىلھامىم،
چىكەلمەس خۇش ناۋا بولبۇل بولۇپ زاغۇ گويا سەنسىز.

ئۇلۇغ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد تېپىپ قوينۇڭدا بىردەكلىك،
نىسىپ بوپتۇ ماڭا سەندە تۇغۇلماق ھەمدە ئۆسمەكلىك،
ئىجادتىن قالدۇراي بىر ئىز، ھايات گەر بولسىمۇ چەكلىك،
گۈزەللەر گۈلشىنى سەن ئەل، سېنىڭدە ئەۋجى-يۈكسەكلىك،
جاھان تەسۋىرىگە يوقتۇر كۆڭۈلدە مەھلىيا سەنسىز.

سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىردەم تىرىك يۈرمەككە كۆز يەتمەس،
شۇڭا دەيمەن كېچە-كۈندۈز «ۋەتەنسىز ھىچ كۈنۈم ئۆتمەس!»
ئۆزۈڭ بولغاچ، پاناھ، تۇغلۇق رەقىبكە مەڭگۈ تىز پۈكمەس،
نىچۈن شەيدائىي قوينۇڭدىن يىراقلاپ كۆز يېشى تۆكمەس،
ماڭا مىڭ يىل ئىبادەتمۇ ساۋابسىز ساپ رىيا سەنسىز.
3
تۇغۇلدۇم، پاك ئەقىدەمگە مۇناسىپ مۇددىئايىم بار،
ۋەتەننىڭ قوينىدا كۈلگەن قۇياشلىق سۈبھىگاھىم بار،
مېنى باغقان ئۇلۇغ ئەلگە مانا مۇنداق سادايىم بار:
غۇرۇرۇم قۇببىسىدا ئەل مۇقەددەس سەن پاناھىم بار،
دىلىمدا بىر ئۆمۈر پۈتمەس ساڭا ھەمدۇ-سانايىم بار.

ساڭا كۈلگەن چېغىدا قۇت سالارمەن شاد ساما جەررە،
ساڭا كۆز سالسا دۈشمەنلەر كىرەرمەن جەڭگە مىڭ مەررە،
ساڭا سۆيگۈم يانار تىنماي بېشىمغا تەگسىمۇ دەررە،
ساڭا بولغان ئەقىدەمدىن گۇمان گەر ئەيلىسەڭ زەررە،
كۆزەت مەشغۇللۇغۇمنى ئوت خىيالىڭ دىلدا دائىم بار.

سېنىڭدىن ئايرىلىش بىردەم ئۆمۈرلۈك دەرد بىلەن غەمدۇر،
سېنىڭ مېھرىڭ ساقايماس دىل يارامغا بىر شىپا-ئەمدۇر،
سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن جاننى پىدا ئەيلەش ئەقىدەمدۇر،
سېنىڭ ئۈلپەتلىرىڭ ئۈلپەت، رەقىبىڭ دىل كۈشەندەمدۇر،
غەزەپتىن گەر ئاتار بولساڭ جېنىم ئوق، جىسمى يايىم بار.

قاباھەتلىك بۇلۇتلار يۇرتىمىز ئاسمانىدا لەيلەپ،
زۇلۇم قىلغان چېغى قانخور رەقىبلەر قايتا ئەزۋەيلەپ،
ئىناقلىقنىڭ كۈچى بىرلە قىلىپ مات، ھەممىنى چەيلەپ،
كۈلۈپ چىقساڭ شەپەقتەك يۈزلىرىڭگە نۇر جۇلا ئەيلەپ،
قەدەم باسقان ئىزىڭدا چىن ساداقەت ئىقتىدارىم بار.

رەقىبلەر تىترىگەي لاغ-لاغ قاراپ مەردانە ئەپتىڭگە،
ئىگەر باشىنى بەرداشلىق بېرەلمەي جەڭدە زەپتىڭگە،
يۈرەك يانداشقۇسى مەڭگۈ قۇياشتەك مېھرى تەپتىڭگە،
كۆزۈمنى گەر يۇمۇپ باقسام سېنىڭ ئىقبالۇ بەختىڭگە،
ئۇنىڭ نۇر لۇتپىغا پەرۋانە بولماقلىققا رايىم بار.

قاراپكىم، زوقلىنىپ دارانى مات قىلغان ئامالىڭغا،
شىراق ئوبرازىدا كۈلگەن ئۇلۇغ قۇدرەت كامالىڭغا،
سىڭىپ كەتسەم كېچەلەر قوينىدا قۇتلۇق خيالىڭغا،
كۆزۈمنى گەر ئېچىپ باقسام سېنىڭ ھۆردەك جامالىڭغا،
«ئۇنىڭدىن ئايرىما رەببىم» دېگەن ئوتلۇق دۇئايىم بار.

ئايا تۇغلۇق، ئۇلۇغ ئەلدىن ئېلىپ ئۆستۈڭ جاسارەتنى،
شۇڭا شەيدائىدەك ئەلگە تۇتۇپ پىنھان ساداقەتنى،
يوقاتقىن ئەلگە چاڭ سالغان قاباھەتلىك جاھالەتنى،
ساداقەتلىكتە شەيدائى كۆتۈردى تاغۇ تاقەتنى،
غۇرۇرۇم شۇ: مەگەر ئۆلسەم سېنىڭ قوينۇڭدا جايىم بار.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-22 22:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەخمىس تولۇمۇ تېتىملىق توقۇلۇپتۇ تالمىغايلا.

ۋاقتى: 2015-12-23 10:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شائىرنىڭ ئوي-پىكىرى بىر-بىرىگە جىمسىلىسىپ تەخمىسنىڭ ياخشى .ۈلگىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-23 12:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى دىگەن شېئىرنى ۋە ئوسمانكامنى ئەسلىدىم...

ۋاقتى: 2015-12-23 19:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق،بۇ تەخمىسلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ غەزىلىگە
مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە بەك ماس يېزىلىپتۇ،ماھارەتلىرىگە تەشەككۇر.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش