يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8443|ئىنكاس: 0

شاھى مەردان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-22 01:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شاھى مەردان

(ھىكايە)

ئەركىنجان ئەمەت


تاڭ سەھەر ۋاقتى ئىدى. ۋوگزال ئالدىدىكى كەڭ مەيداندا پويىز ياكى ئاپتوۋۇز كۈتۈۋاتقانلاردىن باشقا مېڭىپ يۈرگەنلەرنى كۆرگىنى بولمايتتى. ياز بولۇشىغا قارىماي سەھەر ھاۋاسى خېلى سوغۇق ئىدى. ۋوگزالغا پاتمىغانلار سىرتتا شۈمشۈيۈپ تۇراتتى. ئېغىر ئىس نەگە بېرىشىنى بىلمەي قالغان يولۇچىدەك مەيداندا توختاپ قالغان ئىدى. قول ھارۋىلىرىدا تىجارەت قىلىدىغانلار- چايچى، قۇيماق، سۈيۈق ئاش قاتارلىق ئەرزان تاماقلارنى ساتىدىغانلار ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بىر دەمدىن كىيىن پويىز كىلەتتى. پويىزدىن چۈشكەن يولۇچىلار يۈك- تاق، بالا- چاقىلىرى بىلەن ۋوگزالدىن يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ئەرزان، تەييار يىمەكلىكلەرنى قويماي يەۋىتەتتى. ئاندىن ھارغىن ۋە تويماس نەزىرى بىلەن ئەتراپقا قارايتتى. ئاندىن ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئاپتوۋۇزلارغا يۈگرەيتتى.
پويىز كىلىپ بىر دەمدىن كىيىن مەيدان بوشاپ قالدى. ئىشقا چىقىش ۋاقتى توشمىغاچقا مىنىبوسلار تېخى كەلمىگەن ئىدى. ئاپتوۋۇز ۋاقتىدا كىلەلمەي تۇرۇپ قالغان بىرەر توپ يولۇچىلار بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقاندەك ۋارقىراپ سۆزلىشىۋاتاتتى. بۇ ئاۋاز جىم- جىت مەيداندا چۆلدىن بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن ئاۋازدەك ھەم يات ھەم قورقۇنچلۇق ئاڭلىناتتى.
بىر ئايال ”خۇدايىم بىرەر“ دەپ بوغۇق ئاۋازدا ۋارقىراپ مەيداننىڭ بىر بۇرجىكىدە پەيدا بولدى. قولىدا ئۆزىدىن ئېگىز، يالقاۋ، تۇرقىدىن تۇغما مەتۇلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر بالىنى يىتىلىۋالغان ئىدى. ئايالنىڭ كىيىملىرى ھەم كىر، ھەم كونا ئىدى. بالىنىڭ كىيىملىرى ئەكسىچە يېڭى، رەتلىك تۇراتتى. لىكىن ئېغى يىرتىق ئىدى. بېشىدا چىرايلىق چىمەن دوپپا بار ئىدى. بىر كۆزىنى چاپاق بېسىپ كەتكەن، يەنە بىر كۆزىنى بىر يەرگە بىر ئاسمانغا قارىتىپ ئېچىپ يۇمۇپ ماڭاتتى. پۇتلىرى خۇددى ئات مىنىپ چوڭ بولغاندەك تېشىغا ئىگىلىپ تۇراتتى. بىر قولى ئېغىدا ئىدى. ئايال ئۆزىمۇ مەتۇ قېتىش كۆرۈنەتتى. ئۇ ۋاقتىدا ماڭالماي قالغانلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، “خۇدايىم بىرەر” دەپ تەكرار ۋارقىرىدى. ئۇلار ۋارقىرىشىپ سۆزلىشىشتىن توختاپ چىرايلىق ئارزۇلىرىغا بىردىنلا سوغۇق سۇ سىپىلگەندەك ئەندىكىپ تۇرۇپ كېتىشتى. ئايال ئۇلاردىن ھىچنىمە ئۈندۈرەلمەي قاغاپ كىتىپ قالدى. ئۇ توختاغلىق ھەر بىر ئاپتوۋۇزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئوخشاش گەپنى تەكرارلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا سەدىقە بىرىدىغانلار بۇ ئەتىگەندە يوقتەك تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئادىتى بويىچە ئادەم قارىسى بار يەرنىڭ ھەممىسىگە باردى. سەدىقە بىرىپ قالسا قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزاق دۇئا قىلاتتى. ئۇ بىر سەدىقە بەرگۈچىگە دۇئا قىلىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى. بالا بوشۇنۇپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە كىتىپ قالدى. ۋوگزال ئەتراپىدا قاقتى- سوقتىغا تايىنىپ جان باقىدىغان نەچچە قۇلاق كەستى بالا بالىنى بىر بوتكىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇپ قويدى. ئايال قولىنى چۈشۈرۈپ ئەتراپىغا قارىسا بالا يوق. كۆزلىرى ياشاڭغۇراپ:
-ھەي شاھى مەردان- دەپ ۋارقىرىدى.
يۈگۇرۇپ ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ چىقتى. بىر قۇلاق كەستى بالا كىلىپ:
-بالاڭ بىر تەتەي بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ ماڭدى.- دىدى.
ئايال بۆقىرەپ يىغلاپ مەيداننى بىر ئالدى. بىكارچىلار يىغىلىپ كەتتى. ئايال ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىپچەكلەپ يىغلايتتى. يۈز- كۆزلىرى توپىغا مىلىنىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتتى. ھېلىقى بالىلار قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە بالىنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ تاماششا كۆرۈۋاتاتتى. ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاياللار يۈزىنى توسۇپ قېچىپ كىتەتتى. ئانىنىڭ قەغىشى چىكىگە يەتكەندە بالىلار ئۇنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. ئايال غەلۋىسىنى توختۇتۇپ بالىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.
ئايالنىڭ ئېرى بولغانمۇ ئەمەسمۇ ھىچكىم بىلمەيتتى. بۇرۇن ئېرىم بار دەپ يۈرەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئۇنداق دىگىنىنى ھىچكىم ئاڭلاپ باقمىدى. ئۇ بالىنى كىچىكىدە تاشلىۋەتسە بۇنىڭدىن ياخشى كۈن كۆرۈپمۇ قالار ئىدى. بىراق مىھرىنى ئۈزەلمىدى. كىيىن باشقىلار بالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ماڭا سەدىقە بىرىدۇ دەپ، بالىنى يىتىلەپ يۈرۈپ چوڭ قىلدى.
ئۇ ئۇزۇن كۈن- تۈنلەرنى ئۇنىڭ ئۇ يېرىنى ئويناپ ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ مىڭىسى توختاپ قالغان بىلەن ئۇ يېرى بەك تەرەققى قىلدى. ئۇنىڭ كىچىكىدە ئۇنىڭدىكى بۇ غەيرى ئالامەتنى كۆرگەن بىرى:
-شۇ يېرىگە يوغان زەدەكنى مىلەپ، دومىلىتىپ ئۆگزىگە تاشلىۋەتسىڭىز ئاپتاپتا قورۇلسا كىچىكلەيدۇ.- دەپ ئەقىل كۆرسەتكەن ئىدى.
لىكىن ئۆگزىگە تاشلىغان زەدەكنى شامال پەسكە چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇنى يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر ئىشەك يەۋەتتى. زەدەك قورۇلغان بولسىمۇ بىر گەپ بولار ئىكەن. شۇندىن كىيىن تېخىمۇ يوغىناۋەردى. كەمبەغەلچىلىكتە خەتنىسىنىمۇ قىلالمىدى. قىلغان بىلەنمۇ ئۇلار دائىم سىيلاپ تۇرغاچ يىرىڭدىتىپ، ساقايتمىغان بولاتتى.
بالا شۇنداق چوڭ بولدى. بىر قېتىم شۇنداق ئويناپ ياتسا قولى يۆل بولۇپ كەتتى. چۆچۈپ قاراپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ بالاغەتكە يەتكىنى بىلدى. ئانىنىڭ بېشىغا غەم چۈشتى. ھەي ي ي. ئۇنىڭغا كىممۇ قىزىنى بەرسۇن؟.
ئۇ يازنىڭ تىنجىق بىر كېچىسى ئىسسىق دەستىدىن ئۇخلىيالماي يالىڭاچ ھالدا ياتاتتى. بىر قولى بالىنىڭ شۇ يېرىدە ئىدى. بالا بىئارام بولغاندەك ئېغىناپ خېلىغىچە تىنچ ياتالمىدى. كىيىن ئۇنىڭ ئۇستىگە چىقىۋالدى. ئۇ بالىسىنىڭ تۈنجى ئەقلىي ھەركىتىدىن ھەيران قالدى. ئارقىدىن مۇشۇنىڭ بىلەن ئەقلىگە كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۇنى مەيلىگە قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن بالىنى چىرايلىق كىيىندۇرىدىغان بولدى. ئۆزى جۇلدۇر كىپەن يۈرۈۋېرەتتى. لىكىن بالىغا پاكىز كىيىم، ياخشى تاماق بەرىبىر ئىدى.
بەزىلەر:
-ھەي خوتۇن، يىتىلىۋالغىنىڭ ئىشەكمۇ، قېچىرمۇ؟- دەپ زاڭلىق قىلاتتى.
ئۇنىڭغا بىردەم ھېزى بولمىسا بېشى قايغان تەرەپكە كىتىپ قالاتتى. ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلاتتى. بىراق ناماز ئوقۇمايتتى. بىرەر سۈرىنىمۇ تولۇق بىلمەيتتى.
پويىز كىتىپ بىردەمدە مەيدان بوشاپ قالدى. مەيداندا يولۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئەخلەتلەر چېچىلىپ ياتاتتى. كىرا چىقماي قالغان تاكسىلار بىر چەتتە قاتار تۇراتتى.
بۇ چاغدا پويىزدا كەلگەن، مودىلىق كىيىنگەن بىر ئايال ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى پەشتاقتا پەيدا بولدى. ئۇ بىردەم ئەتراپقا ھارغىن ۋە ئىرەڭسىزلىك بىلەن قاراپ چىقتى. ئاندىن نەزىرىنى ھەيكەلگە، ئۇنىڭ كەينىدىكى شەھەرگە يۆتكىدى. بىر تاكسى شوپۇرى بېرىپ ئۇنىڭغا بىر نىمە دىۋىدى ئۇ گەپ قىلماي بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋالدى. ئاپتوۋۇزلارمۇ ئاز قالغان ئىدى. ئۇ بېشىنى بۇرىغان تەرەپتە بىر نەچچە بالا بىر مەتۇ بالىنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ تاماششا كۆرۇۋاتاتتى. ئۇ كۆرگىنىگە ئىشەنمىگەندەك ئىنفىرا نۇرىنى توسىدىغان كۆز ئەينىكىنى قولىغا ئالدى. سەل مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىپ تۇيۇقسىز تۇتۇق چىرايى يورۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا باشقىچىلا بىر ئادەم تۇراتتى. ئۇ ئۇدۇل شۇلارنىڭ قېشىغا باردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قېشىغا ھېيىقماستىن كەلگەن بۇ ئايالغا ھەيران بولۇپ قاراشتى. ئايال:
-ساتامسىلەر؟- دەپ قولىنى سومكىسىغا سالدى.
بالىلار:
-ساتىمىز-دىيىشتى.
ئايال سومكىدىن بىر تۇتام چوڭى ئون كويلۇق پارچە پۇل چىقاردى. قۇلاق كەستى بالىلار بىر- بىرىگە قاراپ ئىشىنەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپ، بۇلاپ دىگۈدەك ئېلىپ قاچتى. ئايال بالىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ شەرەت قىلىۋىدى، بىر تاكسى ھايالشىمايلا كىلىپ توختىدى. ئايال بالىنى تاكسىغا سېلىپ شەھەر ئىچىگە يۇرۇپ كەتتى.
ئانا سەدىقىگە دۇئا قىلىپ بولۇپ قارىسا بالىسى ھىچ يەردە يوق.
-ھەي شاھى مەردان!!!.
قانچە توۋلىسىمۇ يەنە يوق. ئۇ يۇگرەپ بۇلۇڭ- پۇشقاقلارنى ئالا قويماي ئاختۇردى. تاپالماي ياقىسىنى چىشلەپ پارە- پارە قىلدى. ئۆزىنى كاچاتلاپ تولا يىغلىدى. ھېرىپ ئۇيقۇغا كەتتى. بىر نەچچە ياخشى كۆڭۈل كىشى ئۇنى ئادەم كۆپ ئۆتىدىغان يەردىن كۆتۇرۇپ تام تۈۋىگە يۆتكەپ قويدى.
چۈشتىن كىيىن ھېلىقى بالىلارنىڭ بىرى ھېلىقى سەتەڭ ئايالنىڭ مەتۇنى يىتىلەپ پويىزغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەتۇ بالىنىڭ ئۈستى- بېشى ئالاھىدە رەتلىك، كىيىملىرى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەچكە ئۇ باشتا تونۇيالماي قالغان ئىدى. تونۇغاندا ئۇلار كۆزدىن يۈتكەن ئىدى. ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ تىزلا ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالدى.
بىر چاغدا ئايال ئويغۇنۇپ:
-ۋاي مىنىڭ شاھى مەردانىم.- دەپ بوغۇق ئاۋازدا يەنە يىغلاپ كەتتى. تولا يىغلاپ يۈز- كۆزلىرىنى تاتىلاپ ئادەم ئىسكەتىدىن چىقىپ كەتتى. ھېلىقى بالا بۇنى كۆرۈپ بايىقى ئايالنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ ئايالغا:
-بالاڭ بىر سەتەڭ بىلەن پويىزدا كەتتى.- دىدى.
بۇ قېتىم بالا راست گەپ قىلغان ئىدى. ئايال ئايلىنىپ كەتتى.
ئەتىسى ئۇ ئايال:
-بالام شاھى مەرداننى، ئىرىمنى ئىزدەيمەن.- دەپ يىغلاپ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ بىر پويىزغا چىقىۋالدى.
پويىزلار يەنە داۋاملىق كىلىپ- كىتىپ تۇردى. لىكىن ئۇ ئايال قايتىپ كەلمىدى.
   
1995- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى

«شاھى مەردان»
«شاھى مەردان» بۇ يازغۇچىنىڭ رىئاللىقىمىزدىكى تەقدىر ئەزەلدىن ئوڭ كۆزدە قاراپ باقمىغان بىئېتىبار كىشىلەر ھەققىدىكى ھىكايىلىرىنىڭ ئەڭ ئېچىشلىق بىرى. ئەسەردە بىر ئايال بىر ۋوگزال مەيدانىغا «خۇدايىم بىرەر» دەپ بوغۇق ئاۋازدا ۋارقىراپ كىرىپ كىلىدۇ. ئۇ خۇدانىڭ بىرىشىنى تىلەپ شۇنداق دەمدۇ ياكى كۆنگەن ئادەتتىن شۇنداق دەمدۇ بۇنى بىلمەيمىز. ئۇ ئۆزىدىن ئېگىز، يالقاۋ، تۇرقىدىن تۇغما ئەقلى ئاجىزلىق چىقىپ تۇرىدىغان بىر بالىنى يىتىلىۋالغان. ئۆزىمۇ مەتۇ قېتىش. ئۇلار ئانا- بالا. تەقدىر ئۇلارغا ئەقەللى تىرىكچىلىك غېمىگە دال بولغىدەك سېزىم، ئىقتىدار ياكى تەلەي بەرمىگەن. ئۇلار شۇ دەرىجىدە خار- بىئېتىبار بولۇپ، مۇھتاجلىق ئۇلارنى كوچىغا چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار كوچىدا يەنە باشقا تەقدىرداشلىرىدىنمۇ خار، كىشىگە كۆرۈنگۈسىز بەت- بەشىرە. بالىنىڭ دادىسىنىڭ بولغان- بولمىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. بولغان بولسا بالدۇرلا تاشلاپ كەتكەن. بولمىغان بولسا ئۇ يەنىلا بىر مەلئۇن. ئەقلى ئەڭ گال جانلىقلاردىمۇ يۈرەك پارىسى بولغان بالىسىغا تۇغما مىھرى- مۇھەببەت سېزىمى بولىدۇ. بۇ ئايالمۇ شۇنداق. ئۇ بالىسى قانچە كېرەكسىز، تۇغما كەم ئەقىل، قانچە ئېغىر يۈك بولسىمۇ بېقىشتىن باش تارتماي كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، يىتىلەپ يۈرۈپ چوڭ قىلىدۇ. بىز بۇنى ئۇنىڭ ئالى ئەخلاقى دىسەكمۇ دىمىسەكمۇ ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك. تىرىكچىلىك غېمى ئۇلارنى شۇ قەدەر ناشەرەپ، ناباپ، يىرگىنچلىك ھالدا كىشىلەر ئالدىغا ئېلىپ چىقىدۇ. بالا ئۆزىنىڭ قىلىقسىز، خۇددى چۈشتەك ئادەم ئىشەنگۈسىز ئىش- ھەركىتىنى پەرق- پاسات قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە ئەمەس. ئانا بولسا بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى يىتىلەپ يۈرمەي ئامالى يوق. بىز مەسىلىلەرنى كۈزەتكەندە دائىم ئېسىمىزدىن چىقارمايدىغان، ئالغان تەربىيەمىزدىن كەلگەن ئەخلاقى ئۆلچەملەر كوچىدىكى لالما ئىتتىن بەتتەر خارلىق، مۇھتاجلىق ۋە ئادەم ئىشەنگۈسىز تەلەيسىزلىكلەر ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن تۈغما ئەقلى ئاجىز ئادەملەر ئۈچۈن ھىچنىمىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىنسانلار ئەقلى ئىقتىدارى نورمال ئەھۋالدىمۇ كۆرگەن تەربىيىسى ۋە خۇي- پەيلى سەۋەپتىن قىلمىش- ئەتمىشلىرىدە ئادەم ئىشەنگۈسىز پەرقلەر بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن بىز بۇلارغا قانچىلىك تەلەپ قويالايمىز. ئۇ بىرمۇ سۇرە بىلمەيدۇ. بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە ھەر بىر ئۇيغۇر پۇخراسى ئەڭ تەربىيەسىز قالغان تەقدىردىمۇ بەزى ئەقەللى دىنىي ساۋاتلاردىن مەھرۇم قالمايدۇ. ھەم بۇنىڭ يامان ئىشلاردىن توسۇش رولىمۇ بەزىدە خېلى ئوبىكتىپ. (دىندا قىزىپ كىتىش باشقا گەپ). ئەمما بۇ ئايال بۇ جەھەتتىكى ئەقەللى تەسىرگىمۇ يولۇقمىغان. ئۇنداقتا ئۇ نەدە قالغان بىر بەندە؟. ئەمما مىنىڭ بۇ سوئالىممۇ ئارتۇقچە. چۈنكى بۇنداق دەۋەتلەر ئۇنىڭ ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بەختسىزلىكى ئالدىدا ھىچنىمىگە دال بولالماسلىقى شەكسىز. دىمەك بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھازىرقى دۇنياغا تۆرىلىپ قالغان، ئەمما ھازىرقى دۇنيانىڭ ئەقەللى ئىلتىپاتىغا، ئەقەللى تەربىيەسىگە ئىرىشىپ باقمىغان، روھى ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ، ھىچقانداق ئالدىن تەييارلىقى، ئىممونىتى يوق ھالدا بۇ دۇنيانىڭ ئىنتايىن ئوبىكتىپ مەسىلىلىرىگە– ئىسسىق، سوغۇقىغا، كۈنسېرى كۆپىيىدىغان، ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان دىشۋارچىلىق، مۇھتاجلىق، خورلۇق- ئاھانەت، قەدىرسىزلىكىگە بىراقلا دۇچ كەلگەن بىر ئايال تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىكى پەرزەنتىگە بولغان تۇغما مىھرىبانلىق، بالىسىغا بارلىقىنى قۇربان قىلىش ئىستىكى، ھالىغا يىتىش، ئۆزىنىڭ بېسىلىپ قالغان تۇغما ھەۋىسى ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە كەمتۈك يارىلىپ قالغان يۈگىنى قاتارلىقلار ئۇنى بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىز بىكىتكەن قېلىپتىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ قېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يا بەرىبىر، ياكى ئۇ پىشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغان شارائىتى سەۋەپتىن بۇنى بىلىشكە قادىر ئەمەس ۋە ياكى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرىچە ئوغلىغا ئۆزىدىن باشقا ئايال زاتى مەڭگۈ نىسىپ بولمايدۇ. ئوغلى بولسا بۇ جەھەتتە ناھايىتى نورمال، ھەتتا چەكتىنمۇ سەل ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا  ئانا باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تولىمۇ بىمەنە ئۇسۇلدا بۇنى تىزگىنلەشكىمۇ تىرىشىپ باققان. ئۇ ئوغلىنىڭ تۈنجى جىنسىي ئىنتىلىشىدىكى سەگەكلىكنى ئەقىلىنىڭ ئويغىنىشىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراپ بۇ ئىلگىرلەشنى يېرىم يولدا توسۇپ قويغۇسى كەلمىگەن. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئىنسانىيلىققا خىلاپلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ بۇنى شۇ قەدەر تەلەيسىز پەرزەنتىنىڭ ئەقلىنى تېپىشىغا تۆلەشكە ئەرزىيدىغان بەدەل دەپ قارىغان بولسىچۇ. چۈنكى ئۇ بىر مىھرىبان ئانا. ئۇ تۈغما مەسئۇلىيەت ھىسسىياتى بىلەن بالىسىنىڭ باشقا بىجىرىم، نورمال يىگىتلەردەك سالاھىيەت ۋە سالاپەت بىلەن ئۆيلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بالىسىنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ بۇنى مۆلچەرلىيەلمىگۈدەك خامۇش ئەمەس. ئۇ ئۇنىڭ مەلۇم بىر خىسلەت بىلەن ئوڭشىلىپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بەختسىزلىكىدىن باشقا ھىچنىمە مەۋجۇت ئەمەس شۇ ئۇزۇن كېچىلەرنىڭ بىرىدە بالىسىنىڭ تۈغما ئىقتىدارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلغان ئىشىنى ئەقلى ھەركەت، شۇملۇقنىڭ ئەمەس، ئۈمىتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ. تەقدىر ئۇلارغا ئەقلى ئىقتىدارنى كەم بەرگەن بىلەن فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارنى ئايىمىغان. جانلىقلارنىڭ ئارزۇ- ھەۋەسلىرى قىيامىغا يەتكەندە ئەقىللىق ئادەملەرمۇ تەستە تاقابىل تۇرىدىغان ۋەسۋەسىگە ئەقلى يىتىشسىز ئادەمنىڭ تەڭ كەلمىكى ئوڭاي ئەمەس. بىرىنچى قەدەمدە كەم قالغان نەرسە كىيىنكى نۇرغۇن كەملىكلەرنىڭ، چەتنەشلەرنىڭ نىگىزى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ لاياقىتىدە يارىلالمىغان ئىككى ناباپ ئىنسان ھەم ئانا- بالا، ھەم ئەر- خوتۇندىن ئىبارەت ئىككى سالاھىيەت ئىچىدە بىر- بىرىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ ئىش بىلەن جانغا ئەسقاتمايدىغان، يۈك بولۇپ كەلگەن بۇ بالىنىڭ تۇيۇقسىز جاپاكەش ئانىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قورساقتىن باشقا بارلىق غېمىنى بىراقلا ھەل قىلىۋەتكەن بىر خاسىيەت ئىگىسىگە، مەڭگۈ يۆلىنىشكە ئەرزىيدىغان يۆلەنچۈككە ئايلانغانلىقىدا گەپ يوق. بۇندىن كىيىنكى ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان مۇھتاجلىق ئەمدى ئۇلارغا ئۇنچە ئېغىر تۇيۇلماس. ئەگەر ئىنسانلار جۈپتى بىلەن يارىتىلمىغان بولسا ئۇلار ناھايىتى تىزلا بىر توپ ساراڭغا ئايلىنىپ كىتەرمىدى؟! بۇ بىر جۈپ ھەمراغا بىزنىڭ ھەممە ئۆلچەملىرىمىز مەنىسىز ۋە بىھۇدە. ئۇلار سەدىقە بەرسە ئېلىپ، بەرمىسە داتلىماي، خۈددى ئادەم سىياقىدا يارىتىلغان ئەۋرەز چىۋىنىدەك ئادەملەر ئىچىدىكى ھەرخىل ئىددىيە، ئەخلاقىي چەكلىمىلەرنىڭ باش قېتىمچىلىقلىرىدىن خالى ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇلارغا ئەڭ چىرايلىق گەپتىن بىر موچەن پۇل ئەۋزەل. ئايالنىڭ ئادەملەردىن كۈتەلەيدىغىنى، تىلەيدىغىنى پەقەتلا شۇ ئەرزىمەس جېنىنى داۋام ئەتتۈرىدىغان ئازراق پۇل، ئاندىن شاھى مەرداننى بىرەرسىنىڭ ئېلىپ قاچماسلىقى. ئۇلار قانچە ناباپ تېپىشقان بولسىمۇ بۇمۇ ئۇلارنىڭ شارائىتىدىكى بىر كۆڭۈللۈك، نەچچە غەم بىراقلا ھەل بولغان جەم بولۇش بولۇشى چوقۇم. بۇ بىتەلەي ئىككى ئىنساننىڭ ئۆزى بىلمەيدىغان بىر دۇنياغا شۇنچە پاناسىز، شور پىشانە يارىلىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنياغا قايتۇرغان جاۋابىمۇ ئۆزىگە يارىشا بولغان. بالىنىڭ ئىسمى شاھى مەردان. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ ئىسىمنى نەدىن تېپىۋالغىنىنى بىر خۇدا بىلىدۇ. ئەمما بالىنى ھەقىقى ئەزىمەت دەپ قارىغانلىقى مۇشۇ ئىسىمدىن ئايان. ئۇ ھەقىقى ئەزىمەتتەك بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نىمىسى نەزىرىدە يوق ھالدا ئەۋرىتىنى ئىشتاننىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك غېمى ئۈچۈن پاراكەندە يۈرگەن ئانىسىغا ئەگىشىپ ۋوگزالنى كېزىپ يۈرىدۇ. ئۇنى كىم نەگە باشلىسا شۇ ياققا ماڭىدۇ. كىچىك بالىلار نىمە دىسە شۇنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ شۇ ئەزاسى باشتا كىچىك بالىلارنىڭ ئۇنى دائىم ئەخمەق ئىتىشىگە سەۋەپ بولغان بولسا، ئاخىرىدا يەنە بىر ئايالنىڭ ئۇنى ئېلىپ قېچىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بالا دىگەن ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇنىڭ بالىسى بۇنىڭدىنمۇ زىيادە، ئۇنىڭ پۈتكۈل بارلىقى. بالىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە دەھشەتلىك بولغانلىقىنى دىمىسەممۇ ئەسەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئايان. تەقدىر ئۇ ئانىدىن شۇ دەلدۇش بالىدىن باشقا ھەممىنى ئايىغان بولسىمۇ ئاخىر يەنە شۇ دەلدۈش بالىنىمۇ تارتىۋالىدۇ. ئانا شۇ چاققىچە ھەممە كۆرگۈلۈكنى كۆتۈرۈپ كەلگەن. ئەمما ئاخىرقى بۇ زەربە ئۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇق ۋە بوران- چاپقۇندىن پانالىنىش ئۈچۈن ئاران قۇرۇپ چىققان، كۆرگەن كىشىنى ئەنسىزلىككە سالسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ جېنىغا ئارام بەرگەن غېرىپ كۈلبىسىنى بىراقلا يىمىرىپ تاشلايدۇ. بالىنى ئېلىپ قاچقان كىم؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىش يۈز بىرىدۇ؟. ئادەملەرنىڭ مەنپەئەت سېزىمى زىيادە ئېشىپ كەتكەن، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك خۇددى شۇ دەلدۈش بالىنىڭ ئەۋرىتىدەك ھەممە يەردە ئۆزىنى نامايىش قىلىپ تۇرغان شارائىتىمىزدا بۇ ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنى قانچىلىك تاسادىپىلىق دىيەلەيمىز. ئايال بالىسىنى ئىزدەپ، قەيەردىن كىلىپ قەيەرگە ماڭغىنىنى بىلگىنى بولمايدىغان بىر پويىزغا- ئۆمۈچۈك تورىدەك گىرەلىشىپ كەتكەن، باش- ئاخىرىنى بىلگىنى بولمايدىغان، قورقۇنچلىق چۈشتەك ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئۈزۈلمەيدىغان يەنە بىر يېڭى سەپەرگە ئاياق باسىدۇ. ‹بالام پويىزدا كەتكەن، شۇڭا ئۇنى پويىزدا بېرىپ تېپىۋالالايمەن›. بۇ ئۇ ئايالنىڭ مىڭىسى يىتىدىغان ئەڭ يۇقىرى قىياس ۋە ئۈمىد. بىز ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىككە تولغان دۇنياغا قايسى دەرىجىدە ساددا، چارىسىز ۋە ئاجىز ھالدا يۈزلەنگىنىنى كۆرىمىز. ئادەملەرنىڭ بەختى ۋە بەختسىزلىكى دۇنيادىكى بارلىق شەيئىگە ئوخشاش شۇ قەدەر تاسادىبىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانكى ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىنى خۇددى يۇيغىنى بولمايدىغان بىر نەسلىكنىڭ بەلگىسىدەك، ئۆزىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بولسا ئەسلىدىن شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك ھىس قىلىپ بۇنداق كىشىلەر ھەققىدە بىمالال يەكۈنلەرنى چىقىرالايمىز. مۇتلەق كۆپ كىشىلەر ئۇلاردەك بەختسىز يارالمىغىنى ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ تەلەيلىك. تەلىيىنىڭ تەلەيسىزلىككە ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىمۇ ئۇلارنىڭ تەلىيى. بۇ تەلەينىڭ ئىزچىللىقىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇتلەق كۆپ ئادەم، ھەتتا ھىچكىممۇ بۇلاردەك كۈنگە قالماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئانا- بالا ئىنسانلار تەيسىزلىكىنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مىۋىسىدەك ئۆز شېخىدا مەڭگۈ ساڭگىلاپ تۇرغىنى تۇرغان. بۇ مىۋە يىللاپ ئادەتتىن ھالقىغان ياخشى ئادەمنى ئۇچراتقىنى بولمايدىغان، ھەممە ئادەم ئەل نەرقى شارائىتىمىزدا تېخىمۇ قىيامىغا يەتكىنى يەتكەن.
بۇ ئەسەر كىشىلەر ئەزەلدىن نەزىرىنى سېلىپ قويمايدىغان تەلەيسىز كىشىلەرنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر قېزىش، ئىنساننىڭ بەختسىزلىكىنىڭ چېكى ھەققىدىكى بىر دادىل ئىزدىنىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئەسەر بىزگە يېڭى بىر دۇنيانى- بىز كۆرمىگەن، كۆرۈشكە ئادەتلەنمىگەن ياكى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئۆزگىچە بىر مەنزىرىنى ناھايىتى يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ تىلى ۋە تەپسىلاتلىرى شۇنچە تىجەشلىك، دەل جايىدا بولۇپ، ناھايىتى ئاددى، ئۇششاق تەپسىلاتلارمۇ زور مەنالارنى ئۆزىگە يۈكلىگەن.






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش