تەپەككۇردىن تامچىلار
ئالىمجان ياسىن
1.كېچە ئۇزارسا چۈش كۆپىيىدۇ.
2.بىراۋ يارغان كۆتەكنىڭ چوغىدىن باشقىلار بەھىرلىنىدۇ.
3.خېلى ئاقىل ئادەممۇ ئاچا يولغا كەلگەندە سەل گاڭگىرايدۇ.
4.تانا قانچە ئوزۇن بولسىمۇ كۆكتە شامال كۈچلۈك بولمىسا لەگلەك ئۇچالمايدۇ.
5.يەرنى ئاق تاشلىغاندىن تېرىق چاچسىمۇ ھېساپ.
6.ئادەملەر بىر-بىرىگە باھاردەك باققىنىدا،دۈنيادا جۇدۇن بولماسمىتىكېن دەپ ئويلايمەن.
7.تېگى قاتتىق ئۆستەڭنى كەتمەن بىلەن چاپقىلى بولمايدۇ.
8.گۈزەللىكنى كۆرىدىغىنى كۆز ئەمەس قەلىب،كۆزۈڭ كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى گۈزەل بولمايدۇ.
9.يېڭى كۆچەتنىڭ ياۋا شېخىنى ئېلىپ تۇرساڭ تېخىمۇ قەد كۆتۇرىدۇ.
10.چىرايىڭ تۇتۇق ھالدا گۈل تۈتقىنىڭدىن،چىرايىڭ ئوچۇق ھالدا زەھەر تۇتقىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
11.ئاشىقلىق يولىدا ئازغان كىشىگە ئالتۇن بىلەن ساماننىڭ پەرقىمۇ بولمايدۇ.
12.گۈزەللەر كۆپ يەردە كۆزگە ئارامچىلىق ئاز بولىدۇ.
13.ئاجىز دەرەخقە شامالمۇ ئارام بەرمەيدۇ.
14.ئارتۇقچە مېھرىبانلىقمۇ بەزىدە كىشىگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.
15.چىڭ باغلانمىغان ئەنجە ھامان چۈشۈپ قالىدۇ.
16.بۇغداي ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا مىجىلىپ،ئۇنغا ئايلانغاندا ئاندىن بىزگە مۇقەددەس غىزا بولىدۇ.
17.كۆمۈرنى قالاۋەرسە ئاخىرى كۈلگە ئايلىنىدۇ.
18.ئاجىز ئايالنىڭ يىغلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئەر،ئەڭ رەزىل ئەردۇر.
19.گۇمانخورغا چۆمۇلىمۇ پىل بولۇپ كۆرىنىدۇ.
20.پىياز ئاچچىق بولغىنى ئۈچۈنلا كۆزدىن ياش ئاققۇزىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-22 00:49
|