كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 0

ئەنۋەر تۇردى: ئۇيغۇر سەنەملىرى ۋە كاچۇڭ سەنىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-21 15:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   ئەنۋەر تۇردى
ئۇيغۇر سەنەملىرى ۋە كاچۇڭ سەنىمى


  ئۇيغۇر سەنەملىرى-ئۇيغۇر مۇقام مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. «سەنەم» دېگەن پارسچە سۆز بولۇپ «مەبۇد» يەنى ئىنتايىن گۈزەل، نەپىس دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر سەنەملىرى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئاجايىپ سېھرىي كۈچى بىلەن رايونىمىزدا كەڭ تارقالغان.

   سەنەملەرنىڭ يۇرت نامى بىلەن ئاتىلىشى


  سەنەم ھەر قايسى جايلاردىكى ئومۇملىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن شۇ جايلارنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن: ئىلى سەنىمى، قۇمۇل سەنىمى، تۇرپان سەنىمى، كورلا سەنىمى، كۇچا سەنىمى، قەشقەر سەنىمى، كاچۇڭ سەنىمى، قاغىلىق سەنىمى، خوتەن سەنىمى قاتارلىقلار. كاچۇڭ سەنىمى ئەنە شۇ سەنەملەرنىڭ بىرى.
   سەنەملەرنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. ھەر قايسى جايلارنىڭ سەنەملىرى ئەمگەكچان، مېھماندوست، خۇشچاخچاق خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى داۋامىدا پەيدىن پەي بارلىققا كەلگەن ۋە مۇكەممەللىشىپ بېيىغان. سەنەملەرنىڭ ھەر قايسى جايلاردا شۈنچە كۆپ ئومۇملىشىشىدىكى سەۋەب- ئۇنىڭ ناخشا- مۇزىكا ئاھاڭلىرىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋرىشىم، گۈزەل،  نەپىسلىكى، ئاۋام خەلقنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقى، ياقتۇرۇپ ئوينايدىغانلىقى، ياقتۇرۇپ كۆرۈدىغانلىقىدىن بولغان. سەنەملەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئاھاڭلىرى ۋە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى شۇ جايلاردىكى خەلق ناخشا- مۇزىكا ئاھاڭلىرى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى سەرخىللىرىدىن تاللاپ چىقىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ۋە بىر پۈتۈن سىستېمىلاشتۇرۇلغان. ھەر قايسى جايلارنىڭ سەنەملىرىدە  قوللىنىلغان «سەنەم» دېگەن ئاتالغۇ ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ناخشا-مۇزىكا ئاھاڭلىرى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، خاسلىقى، پۇرىقى بىر بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق پەرقنى ھەر قايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى، يەرلىك خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، ياشاش مۇھىتى، مەدەنىيەت تەلپۈنۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل پەرقنى ھەر قايسى يۇرت سەنەملىرىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، ئىنچىكە كۆزەتكەندە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
   ئۇيغۇر سەنەملىرى ئىچىدە كاچۇڭ سەنىمى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مەن بۇ يەردە كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كاچۇڭ سەنىمىنىڭ باشقا سەنەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ۋە پەرقى، كاچۇڭ سەنىمىنىڭ تارىخى، كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئومۇملىشىشى دائىرىسىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ۋە شاھىدى بولغان كاچۇڭنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.

كاچۇڭ

     يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كېلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق رايون بولۇپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرى كاچۇڭ، قوشراپ، دامسى يېزىلىرى بىر يېزا ئىدى. ھازىر ئايرىم-ئايرىم يېزا بولۇپ شەكىللەندى. كاچۇڭ يېزىسى ئۇزۇنلۇقى 40 نەچچە كېلومېتىر، توغرىسى 5-6كىلومېتىر ئەتراپىدىكى سوزۇنچاق بىر يۇرت. بۇ يۇرتنىڭ ئىككى تەرىپىنى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرى، بىر تەرىپىنى ھەيۋەتلىك يەكەن دەرياسى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئالەمشۇمۇل ئەسىرىدە: « ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن تۈرك قەبىلىلىرى ياشايدىغان بىر يۇرت بار، بۇ يۇرت قارىماققا كاجۇغا ئوخشايدۇ دەپ تەرپلىگەن.(كاجۇ –يەل يېمىش، مال قاچىلايدىغان ساندۇقنى كۆرسىتىدۇ)». يەنە: «سۇنىڭ قۇبۇقىنى ئاچتى. سۇنىڭ قۇبۇقى ياكى قۇۋىقى يەنى سۇنىڭ باش تۈگۈن قىسمى دەپ ئاتىغان.(« دىۋان» 1-توم، 224-بەت) (بۇ يەر كاچۇڭ يېزىسىنىڭ باش تەرىپىدە بولۇپ، ھازىر قۇرباغ كەنتى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. كاچۇڭ تاش ئۆستىڭى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.)
    دىنىي ئۆلىما ئالىم تېيىپشاھ ھەزرەتلىرى: «يىراقتىن قارىماققا بۇ يۇرت كارۋانلار مال قاچىلايدىغان كاجوغا ئوخشايدىكەن» دەپ تەرپلىگەن. ئۇ كىشى بۇ يۇرتنى يەنە «سۇ كەنت» دەپ ئاتىغان. يەكەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىن ۋادىلىرىغا كاچۇڭ يېزىسى يىراقتىن قارىماققا بەئەينى سۇ كەنتىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايدۇ.« دىۋان»دا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ كەنتى «كاجۇ» دەپ ئاتالغانلىقى قەيت قىلىنغان. كېيىنكى تاۋۇشلار ئالمىشىپ، نەتىجىدە سۇ كەنتىگە ئوخشايدىغان بۇ يېزا «كاچۇڭ» دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك.
   كاچۇڭ-يەكەن ناھىيەسىنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە يۇرتلىرىنىڭ بىرى. بۇ يەردە مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ساقلانغان. 1993-يىلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش ئورنىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئارخېلوگىلىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، كاچۇڭغا كېلىپ كاچۇڭ كەڭباغ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر جەسەتنى تاپتى. 1999-يىلى ئۇلار يەنە كەڭباغ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بىر مۇنچە باش سۆڭەكلىرىنى يىغىۋالدى. كاچۇڭدا ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 11 ئى بار.

گىرەلەشكەن مەدەنىيەت ۋە كاچۇڭ سەنەملىرى


     كاچۇڭدا ئەنئەنىۋىي تاغ مەدەنىيىتى، يايلاق مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى توپلانغان ۋە بىر بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ، بىر بىرىگە تەسر كۆرسەتكەن.
   كاچۇڭلۇقلار كاچۇڭ سەنىمىنى «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى» دەپمۇ ئاتايدۇ.كاچۇڭ توققۇز سەنىمى توققۇز يۈرۈشلۈك چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق ئەسەردىن تەركىب تاپقان، ھەر بىر سەنەم باشلانغاندا مۇقام ئاھاڭلىرى بىلەن باشلىنىدۇ، كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئاھاڭلىرى ناھايىتى مول، بەكمۇ يېقىملىق، ئاھاڭ قۇرۇلمىلىرى ناھايىتى ياخشى جېپىسلەشكەن. بۇلار ھازىرغىچە تۆۋەندىكى ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە: 1.ساماۋەر سەنىمى؛ 2.تاجىخان سەنىمى؛ 3.زىبا سەنىمى؛ 4.كوھىقاپ سەنىمى؛ 5.لەيلىخان سەنىمى؛ 6.تاغ سەنىمى؛ 7. ۋىسال سەنىمى؛ 8.جۇلا سەنىمى؛ 9.سابا سەنىمى. ھەر قانداق سەنەم باشلانغان چاغدا:

ياراتتى ھەزرىتى ئادەم ۋۇجۇد ئەيلەپ بۇ ھاۋانى،

مۇھەببەت دەشتىدە سەيياھ ئېتىپ مەجنۇنى لەيلانى.

جىمى تاغۇ-دالا ھىجران قىيابانىغا ئايلاندى،

كويىدا ئەيلىدى سەرسان يۈسۈپ بىلەن زۈلەيخانى...


  دېگەنگە ئوخشاش مىسرالار مۇقام ئاھاڭى بىلەن باشلىنىپ 1.مۇقەددىمە يەنى «مۇقام»، 2.تەزە، يەنى چوڭ نەغمىنىڭ بىر قىسمى،3.چوڭ نەغمە.4 سەنەم.5. سەلقاش يەنى «سەلىقە»، 6.دۇڭ، يەنى ئىتتىك قىسمى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاھاڭلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سەنەملەر مۇقامدىن كېيىنكى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ بىرىنچى مىسراسى ياكى نەقراتتىكى مىسرالار بىلەن، بەزىلىرى كىشى ئىسىملىرى بىلەن، بەزىلىرى يۇرت نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.مەسىلەن:
    زىبا سەنىمى، لەيلىخان سەنىمى، تاغ سەنىمى دېگەنگە ئوخشاش، ھەر بىر سەنەم يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.شېئىر-قوشاقلىرىنىڭ تىلى پاساھەتلىك، بەدئىيلىكى يۇقىرى بولۇپ، ئەمگەك، مۇھەببەت، ئەل يۇرت تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن:
ئا خېنىم يامانلىماڭ،

ياخشى ياماننى كىم بىلۇر.

ئىككى ياخشى بىر بولۇپ،

ساي تېرىسا گۈل ئۈنۈر.


باغ ئارا باغنىڭ ئوتى،

كۆيدۈرىدۇ يارنىڭ ئوتى.

ئوتى جانىمدا كۆيەدۇر،

ئۇستىخانىمدا چوغى...

دېگەنگە ئوخشاش.
    كاچۇڭ سەنەملىرىدە ئۇسسۇلچىلار ئاھاڭىدىكى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ پىرقىراپ يۇمۇلاق چەمبەر ھاسىل قىلىپ، ئەنئەنىۋىي يەرلىك ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇزىكىغا جۈر بولىدۇ.

كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى


    كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
   1.ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ سەمەرىلىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان كاچۇڭ توققۇز سەنىمى ناخشا - مۇزىكا ئاھاڭلىرىنىڭ كۆپلۈكى، مېلودىيەسىنىڭ رەڭدار ھەم جەزبىدارلىقى، كۆپخىل شەكىل ئۆزگىرىشچانلىقى، مىللىي تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى، رېتىمىنىڭ ئەركىن-ئويناقلىقى، تاۋۇشتىكى كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق، جاراڭلىقلىقى، شېئىر - قوشاقلىرىنىڭ تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، تىلىنىڭ ئۆتكۈر، شىۋىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ يەرلىك پۇراققا ئىگە نەپىس، كۆركەم، مەردانە، جۇشقۇن، تېرەنلىكى، بولۇپمۇ ناخشا - مۇزىكا ئاھاڭلىرىنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، گۆش بىلەن قاندەك بىر گەۋدىگە ئايلانغانلىقىدا تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىنىدۇ.
   2.كاچۇڭ سەنىمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. كاچۇڭلۇقلار ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن تارتىپ توي-تۆكۈن، مەشرەپ سورۇنلىرىغىچە ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشكە ئادەتلىنىپ كەلگەن. ئەرلىرى بېشىغا قوزىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن قارا كۆرپە تۇماق، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون-يەكتەك، بېلىگە بەلباغ باغلاپ، پۇتىغا ئۆتۈك كىيىدۇ. ئاياللىرى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئكرۈپ، بېشىغا قوزىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن قارا نوغۇچ تۇماق (تېيىپشاھ ھەزرەتلىرى نوغۇز تۇماقلىقلار دەپ تەرپلىگەن) كىيىپ، ئۈستىدىن غىجىم رومال ياكى ياغلىق سېلىپ چېگىدۇ، ئۇچىسىغا ئۇزۇن نېمچا ئىسكەتىدىكى تون كىيىپ، بېلىنى ياغلىقتا باغلايدۇ. بۇ خىل ئادەت تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

كاچۇڭ سەنىمىنىڭ باشقا رايون سەنەملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ۋە پەرقى


    كاچۇڭ سەنىمىنىڭ باشقا رايون سەنەملىرى بىلەن بولغان پەرقى خېلى زور.كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ناخشا –مۇزىكا ئاھاڭلىرى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى باشقا رايون سەنەملىرى بىلەن قىسمەن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئۇنىڭدا باشقا رايون سەنەملىرىنىڭ قىسمەن ناخشا-مۇزىكا ئاھاڭلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاھاڭلارنىڭ ئارىلىقلىرىدا كۇچا، ئاتۇش، قەشقەر، يەكەن، خوتەننىڭ خەلق ئاھاڭلىرى، «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ قىسمەن ئاھاڭلىرى ئۇچرايدۇ. باشقا رايون سەنەملىرى كاچۇڭ سەنىمىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كاچۇڭ سەنىمى خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا رايون سەنەملىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. يەنى باشقا رايونلارنىڭ سەنىمى بىر ئىككى يۈرۈش ئاھاڭ بىلەنلا چەكلەنگەن بولسا،  كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئاھاڭلىرى بولسا خېلىلا كۆپ بولۇپ، توققۇز يۈرۈش، 58 ئاھاڭدىن تەركىب تاپقان. «كاچۇڭ سەنىمى»- ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا نامى بىلەن ئاتالغان بىردىنبىر سەنەم ھېسابلىنىدۇ.

كاچۇڭ سەنىمىنىڭ تارىخى


   بۇ يەردە ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كاچۇڭ كىچىككىنە بىر يۇرت. ئۇنىڭ تارىخىدا سودا-سېتىق بولىدىغان بازارمۇ ئەمەس. بۇ يۇرت خەلقى ئەزەلدىن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنداقتا باشقا يۇرتنىڭ ئاھاڭلىرى نېمىشقا كاچۇڭ سەنەملىرىدە ساقلىنىپ قالغان؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟
   بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، كاچۇڭ جەنۇبىي يېپەك يولىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكە، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، خوتەن سودىگەرلىرى داتۇڭ، دەپتەر، خونجىراپ ئارقىلىق بەدەخشان، پاكىستان، ئىران، كىچىك ئاسىيا، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە سودا-سېتىق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ يول بىلەن ماڭغان.
  ئىككىنچىدىن، كاچۇڭ مۇھىم بولغان ھەربىي ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇن بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردىن تارتىپ تاكى  گومىنداڭ دەۋرىگىچە بۇ يۇرتتا ئەسكەر تۇرغۇزۇلغان. بۇ يۇرتتا ئەسكەر تۇرغۇزۇلغانلىقىنى دەلىللەيدىغان بىر قانچە پاكىت بار. «دىۋان»دا: «ئاپراسىياپ قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ چېكىندۈرىدىغان بىر يۇرت بار، بۇ يەردە ئۇيغۇر، تۈرك قەبىلىلىرى ياشايدۇ، بۇ يەرنى بالدىر دەپ ئاتايمىز، يەنە تاغلاسنىڭ قىرى دەپ ئاتايمىز» دەپ ئىزاھلىغان. («دىۋان» 1-توم، 595-بەت) يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەرلەر ئىچ بەلدىر، قىزىل قىر دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. (ھازىر بۇ يەرلەر دامسى يېزىسىنىڭ ئىچ بەلدىر، قىزىل قىر كەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ). «دىۋان»دا: «ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا ئۇيغۇر ئۇرۇق-ئايماقلىرى جايلاشقان قەدىمىي يۇرت بار، بۇ يۇرتنىڭ ئىسمىنى تەركەن يەنى تۈركەن دەپ ئاتايمىز» دەپ ئىزاھلىغان. («دىۋان» بىرىنچى توم، 575-بەت). (بۇ جاي ھازىر قوشراپ يېزا تەۋەلىكىدە بولۇپ، ھازىر تۆلكەن دەپ ئاتالماقتا). «دىۋان»دا يەنە: «بۇرۇنتاغ-تاغلاسنىڭ ئۆسۈپ چىققان بۇرنى، تاغ تۇمشۇقى» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. («دىۋان» بىرىنچى توم، 518-بەت). بۇ جاي يەكەندىن كاچۇڭغا چىقىشتىكى تۇنجى تاغ ئېغىزى بولۇپ، يەرلىك پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا ياۋ قوشۇنلىرىنى كۆرگەن ھامان ناغرا چېلىپ دۈشمەنگە قارشى مۇداپىيە كۆرۈش ۋە ئاتلىنىشقا بەلگە بېرىدىغان بىر دۆڭ بار بولۇپ، «ناغرادۆڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ھېلىھەم بۇ يۇرتتىكى پېشقەدەملەرنىڭ ئېغىزىدىن ئازادلىقتىن ئىلگىرى چامسال بىلەن چىمدۇدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى تۇرغانلىقى، ئاقتاش، تۇمشۇقسارايدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى تۇرغانلىقىنى ئاڭلايمىز.(ھازىر بۇ يەرلەر كاچۇڭ يېزىسىنىڭ چامسال، چىمدۇ، ئاقتاش، يارقىئېرىق يېزىسىنىڭ تۇمشۇقساراي كەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ).
شۇنداق قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، يۇقارقىدەك ئامىللار سەۋەبىدىن باشقا يۇرتلارنىڭ قىسمەن ئېسىل نەغمىلىرى بۇ يەردە توپلىنىپ ساقلىنىپ قالغان، كاچۇڭ سەنىمى يەنىمۇ بېيىغان.
   كاچۇڭ سەنىمى تارىختا بۇ يەردىن ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ، بۇ يەرگە كەلگەن نۇرغۇن زاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1671-يىلى، ھىندىستاننىڭ دېھلى دارىلفۇنىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتقان تىيىپشاھ ئىسىملىك دىنىي ئالىم قاغىلىقتىن كاچۇڭغا كەلگەندە، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تىيىپشاھ ھەزرىتىم كاچۇڭ سەنىمىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ ھەس قىلىپ: «مەن ئىلىم تەھسىل قىلىپ كابۇل، باغداد، ھىندى شەھەرلىرىدە كۆپ يىل ئستىقامەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئەل ئۆمرۈمدە كاچۇڭدەك كاتتا بەزمىگاھنى كۆرگەن ئەمەس» دېگەن. شۇ سەۋەبلىك بۇ زات كاچۇڭدا مەدرىس ئېچىپ، مەرىپەت چېرىغىنى يېقىپ، ئۆمرىنى مەدرىستە ئۆتكۈزگەن.
   چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەكەندىن چىرىك باشلاپ، كاچۇڭغا بۇلاڭ-تالاڭغا چىققان مانجۇ ھەربىي ئەمەلدار زىيەنفۇمۇ كاچۇڭ مەشرىپىگە قاتنىشىپ، ھاياجىنىنى باسالماي: «بۇ مەشرەپنىڭ ئۇسسۇللىرى گويا يەر شارىغا ئوخشاش چەمبەر ھاسىل قىلىپ چېقىلغان چاقماققىلا ئوخشايدىكەن، بۇنداق يۇرتنىڭ مال-دۇنياسىنى بۇلىسا مېنى چاقماق ئۇرىدۇ» دەپ چىرىكلىرىنى باشلاپ قايتىپ كەتكەن. يۇقارقى رىۋايەتلەر كاچۇڭ خەلقى ئارىسىدا تا ھازىرغىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ تارقىلىپ كەلمەكتە.
   كاچۇڭ سەنىمى ئافاق خوجىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. كاچۇڭ يېزىلىرىدىكى بىر قىسىم خەلق سازەندە - ئۇسسۇلچىلىرى ئافاق خوجا يۇرت-يۇرتلارغا چېچىۋەتكەن «ھىجابول غەل كەيىپ» (تەركىي دۇنيا سوپىلار)دىن تەشكىللەنگەن جاسۇسۇلىرى تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇلار ھەممىلا يەردە: «قول كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناش، مۇقام ئېيتىش شەيتاننىڭ ئىشى» دەپ جار سېلىپ، ھەتتا توي-تۆكۈنلەردىمۇ مەشرەپ ئويناشنى چەكلىگەن.
   كاچۇڭ توققۇز سەنىمى تالاي پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كاچۇڭ خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان، قايغۇسىغا مەلھەم، شادلىقىغا شادلىق ئاتا قىلىپ، ھەمراھ بولۇپ كەلدى. مەيلى جاھالەتلىك سوپىزم يىللىرىدا بولسۇن ياكى ياڭ زېڭشىن، شېڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ھۆكۈم سۈرگەن زۇلمەتلىك دەۋرلەردە بولسۇن، كاچۇڭدا ياشاپ ئۆتكەن نەچچە ئەۋلاد خەلق سەنئەتكارلىرى كاچۇڭ سەنىمىنى جان تىكىپ ساقلىدى.
   ئازادلىقتىن كېيىن كاچۇڭ سەنىمى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە بۇ يېزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئاساس قىلغان سەنئەت ئەترىتى ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۈك مىراس- كاچۇڭ مۇقام سەنىمىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ ئورۇنلاپ كەلدى، كاچۇڭ سەنىمى كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكىدىكى ياش غۇنچىلارغا سېستېمىلىق ئۆگىتىلدى.

كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسى


   كاچۇڭ سەنىمى-ئۆزىنىڭ گۈزەل، يېقىشلىق سېھرىي كۈچى بىلەن كاچۇڭ تەۋەسىدىن ھالقىپ، يېزا-قىشلاقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. مەسىلەن:
   يەكەن ناھىيەسىنىڭ زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى، ئودانلىق، چارەك، ئارسلانباغ، ئىشقول، تاغارچى، پەكىچى، مىشا، ئارال، تومئۆستەڭ، يېڭىئۆستەڭ، قوشراپ، دامسى؛ تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ، كوسراپ؛ پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاقتام، ئىككىسۇ؛ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان، شاخاپ، يىتىملىقۇم؛ گۇما ناھىيەسىنىڭ پىشنا، قوشتاغ، كېلىياڭ قاتارلىق يېزىلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان، بۇ يېزىلارنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭ ئايرىم بۆلەك پارچىلىرى ئومۇملاشقان ياكى ساقلىنىپ قالغان، تارىختىمۇ «كاچۇڭ سەنىمى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. كاچۇڭ توققۇز سەنىمى ئاساسىدا مەشرەپ ئوينايدىغان يېزا-قىشلاقلار ئارىسىدا پەقەت كاچۇڭلا ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر سەنەم ئۇسۇللىرى ۋە كاچۇڭ سەنىمى


    ئۇيغۇر سەنەملىرى كاچۇڭ سەنىمى ھاياتنىڭ بەدئىي ئىپادىسى سۈپىتىدە تارىخي يۇسۇندا مەيدانغا كەلگەن مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ راۋاجى ۋە جۇلالىق نامايەندىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، سەنئەت تارىخىمىزنىڭ جانلىق كارتىنىسى. ئۇ خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ، كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇ، سەنئىتىمىزنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس مەنبەسى، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرغان بۇلاقتەك غول ئېقىنى.
   «دىۋان»دىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كاچۇڭ يېزىلىرىنىڭ ناھايىتى قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن ئىكەنلىكىگە قىل سېغمايدۇ. بۇ رايونلاردا بىر مەزگىل ئات ئۈستى مەدەنىيىتى دەۋرىگە خاس بولغان بىر خىل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقى ئېنىق. كاچۇڭ توققۇز سەنىمىنىڭ ئۆزىلا ئەنە شۇنداق  قەدىمىي ۋە قايناق بىر مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ ھاسىلى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇ قانداقتۇر يېڭىدىن ئايىغى چىقىپ تايتاڭلاپ مېڭىۋاتقان ئەمەس، بەلكى خېلى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، تاكاممۇللاشقان بىر خىل مەدەنىيەت مەھسۇلىدۇر.
   يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە كاچۇڭ سەنىمىنىڭ ئاز بىر قىسم مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى ئىجتىھاتلىق ئىجادىيەتچىلەر تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ تولىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ كاچۇڭ سەنىمى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن رەتلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ گۇماندىنلا ئىبارەت، خالاس. مۇشۇنداق ساپ، تەبئىي، سەنئەت بايلىقىمىز بىزنىڭ قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، زامانغا لايىق سەۋىيە بىلەن ئورۇنداپ نامايەن قىلىشىمىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ.
كاچۇڭ سەنىمى «ئۇيغۇر كاچۇڭ سەنىمى» دېگەن خاس نام بىلەن 2008-يىلى 8-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكىي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ ئەنگە ئېلىنىپ ئېلان قىلىندى.
   كاچۇڭ سەنىمى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرىنىڭ بىرى، مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان، قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بىباھا گۆھەردۇر. ئۇ، ئاۋام خەلقنىڭ ساپ مۇھەببەت، ئىستىتىك گۈزەللىك، بەخت - سائادەتكە، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىق ئىنكاسى. شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى، ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قۇتقۇزىۋېلىنىپ ئۆز قىممىتى بولۇۋاتقان، پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋە ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى بۇ خىزمەتكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئاتلىنىۋاتقان بۇ ياخشى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر سەنەملىرىنىڭ گۈلى بولغان كاچۇڭ سەنىمى چوقۇم ئايرىم-ئايرىم رەتلىنىپ، ئورۇنلىنىپ سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، CD، ،VCD ، DVD پىلاستىنكىلىرى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئەڭ يارقىن سىماسى بىلەن ئاۋام ئالدىدا نامايەن بولغۇسى.
    پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.«تۈركىي تىللار دىۋانى» كونا نۇسخا،1-توم
2. «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى ۋە كاچۇڭ مەشرەپلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ماقالە، باتۇر روزى. («قۇياش نۇرىغا پۈركەلگەن مەرىپەت بوستانى» ناملىق كىتاب)
3. «ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىي ئۆرنەكلىرى»، ئىنايەت قۇربان، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
4.يەكەن تارىخىي ماتېرىياللىرى
                  (ئاپتور: ئۇسسۇل تەتقىقاتچىسى، ئالىي لىكتور، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى، قەشقەر سەنئەت مەكتىپى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 16:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش