يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1928|ئىنكاس: 45

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: تومۇرۇمدىن تامغان تامچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-21 15:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


تومۇرۇمدىن تامغان تامچىلار

ئابدۇرېھىم زۇنۇن

ئەسكەرتىش : بىر نەچچە يىللاردىن بېرى تەبىئىي ۋاقتىم چىقىپ قالغاندا، تەسەۋۋۇر قۇشۇمنى كۆككە قويۇپ بەردىم. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سوراقلاپ، جاۋاب ئالدىم. ئۇ بەرگەن ياخشىراق جاۋابلارنى مۇنبەرگە يوللىغان ئەسەرلىرىمنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ياكى ئايرىم بىر يەرلەرگە خاتىرىلەپ قويدۇم. تۆۋەندىكىلەر شۇ خاتىرىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ھۇزۇر ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن :


1
«سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ،»
تۈجۈپىلەپ ئەتسەڭ تاماق ئوخشايدۇ .
قىلسا ئىشنى كىم قولىنىڭ ئۇچىدا ،
شۇ پۇشايمان يەپ ئاخىرى قاقشايدۇ .
2
تۈلكىلەر ھىيلىگە كېلىدۇ باشى،
تۆكۈلەر كۆزىدىن بۇلاقتەك ياشى…
ئىشلىمەي چىشلەشكە باھانە يىغلاش،
مەنىۋى قەلەندەر ھەمراھ، قاياشى .
3
يار، قىلما مۇت كېپەن بولۇشنى خىيال،
ئېھسانلار بولالماس ھېچنېمىگە دال .
گۈللىسۇن ئەجرىڭدىن ئۆمۈر باھارىڭ،
قايرىلسا كۈن چۈشتىن باسىدۇ زاۋال…
4
ئانا يۇرت، سەن ئامان بولغاچ، مەن ھايات،
ئاش-تۇزۇڭ ئۆرلەشكە پۈتتى چىن قانات .
ئوتۇڭدا كۆيمىسەم، سۈيۈڭدە ئېقىپ،
ھېسابلا دەپ : «ئاڭا يېتىپتۇ مامات .»
5
تەپەككۇر كەپتىرىم چىقاردى قانات،
تالايغا كۈن-تۈنلەپ يەتكۈزدىم ساۋات .
دەشتۇچۆل، باغدىمۇ قاياشىم تولا،
شۇ سەۋەب قىممەتلىك مەن ئۈچۈن ھايات !
6
ياخشىلىقنى ئۇنتۇمايدۇ ياخشىلار،
يامانلىقنى قوللىمايدۇ ياخشىلار .
ئەسكىلىكنىڭ چىقىپ يۈكسەك ئۇچىغا
ئۆزگىلەرنى گوللىمايدۇ ياخشىلار.
7
مەزگىلسىز كېلىدۇ تۇيغۇ كەلكۈنى،
قۇلاققا دەھشەتلىك ئۇرۇلماس ئۈنى .
گاھ كېلىپ-كېتىدۇ ئىلھام پەرىسى،
پەيتنى تۇت، تۇرمايدۇ يوقلاپ ھەركۈنى .
8
قەلبىمنىڭ ئېتىزى يېرىلدى چاك-چاك،
قار- يامغۇر بولۇپ ياغ بىغۇبار ۋە پاك .
مەڭگۈگە مېھماندەك كۈتۈل ئۇندا سەن،
دىلىمدا  قالمىسۇن بىر ئارمان ــ كاۋاك !
9
تاشنى تېشىپ چىقتى يۇمران بىر گىياھ،
ھەيران بولۇپ باقتى ئاڭا تىك قىيا .
ئولتۇردى ئۇ زەر تەختتە خاقاندەك ،
جىلۋە قىلدى يۈزلىرىدە نۇر-زىيا .  
10   
ئۆلچەنمەس پۇل بىلەن سۆيگۈ زەر تۈگۈل،
ئالمىغا ئوخشايدۇ ئۇز، نازۇك كۆڭۈل .
يېتەلمەس كۆڭۈلنىڭ نەرخىگە شاھمۇ،
ئوينايدۇ رول گاھى پەقەت بىر تال گۈل…
11
بىل، قىلدىم تالايلاپ ئەسەرلەر ئىجاد،
تەپەككۇر شۇڭقارىم قاققاچقا قانات .
ئەلگە نۇر چاچقان يوق قەلب قۇياشىم،
خىجىل مەن شۇ سەۋەب ئەبەدىلئەبەد...
  12
دېسەڭ گەر: «بولسا چۆل ئېرەمباغ» ئەي دىل،
ھەر سەھەر بۇلبۇلدەك سايرا ــ ناۋا قىل .
سېنىڭسىز دومۇلار كۆزۈمدىن مارجان ،
كۈنۇتۈن كۈي تۆكۈپ ئۈنلە ــ سادا قىل !
13
ھاياسىز ئىنساننىڭ تۆۋەن قىممىتى،
تەگمەيدۇ ئەبەدىي ئەلگە ھىممىتى .
بولمىسا كىمدە ئار قۇياش نۇرىدەك،
ھايۋانغا ئوخشايدۇ شۇنىڭ سۈلكىتى.
14
تاغدەك زەر-گۆھەردىن قىممەتلىك پاكلىق،
ئەقىلنى بۇلغايدۇ مەينەتلىك ــ چاكلىق .
ئەزىزلە ئۆزۈڭنى، پاك تۇت گېلىڭنى،
بولىمىز ئاخىرى توپىلىق ــ خاكلىق…
15
خۇشال مەن، كۈندە مەي ئىچىپ ياشايمەن،
ئىچمىسەم، خەققە تون پىچىپ ياشايمەن.
ئىچىشتىن تاپىمەن بارچە ساۋابنى،
بۇندىكى خوۋلۇقتىن كېچىپ ياشايمەن…
16
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ،
ئالىمنىڭ قەدرىنى ئالىم قىلىدۇ .
ئالىمنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن نادان،
يۈرەكنى ئۇ ئۆلگەن چاغدا تىلىدۇ.

            
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 17:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-21 18:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن ،ياخشى يېزىلغان روبائىيىلار ئىكەن.بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-12-21 18:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ رۇبائىيدا يېمىرىلمەس بىر ھەقىقەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ:«تاغدەك زەر-گۆھەردىن قىممەتلىك پاكلىق،
ئەقىلنى بۇلغايدۇ مەينەتلىك ــ چاكلىق .
ئەزىزلە ئۆزۈڭنى، پاك تۇت گېلىڭنى،
بولىمىز ئاخىرى توپىلىق ــ خاكلىق…»
ئامەت يار بولسۇن مۇئەللىم!

ۋاقتى: 2015-12-21 18:39:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈلمىسۇن تومۇرۇڭدىن تامغان تامچىلار


ۋاقتى: 2015-12-21 21:21:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچىلار ئۈزۈلمىسۇن ،ئامەت يار بولسۇن مۇئەللىم!

ۋاقتى: 2015-12-21 21:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 18:17
مانا بۇ رۇبائىيدا يېمىرىلمەس بىر ھەقىقەت ئۆز ئىپادىسى ...

يىمىرىلمەس ھەقىقەت دەپ قويوڭ  قانداق ھەقىقەت يىمىرىلمەس ھەقىقەت بولىدۇ.

باھا سۆز

قويوڭ-قويۇڭ...  ۋاقتى: 2015-12-22 04:12 PM
ۋاقتى: 2015-12-22 10:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر!
يېقىملىق ، مەزمۇنلۇق رۇبائىيلاركەن ! ئۈزۈلمىگەي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 15:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           تاغدەك زەر-گۆھەردىن قىممەتلىك پاكلىق،
           ئەقىلنى بۇلغايدۇ مەينەتلىك ــ چاكلىق .
           ئەزىزلە ئۆزۈڭنى، پاك تۇت گېلىڭنى،
           بولىمىز ئاخىرى توپىلىق ــ خاكلىق…


4- مىرانى «بولىدۇ ئاخىرى بېشىمىز خاكلىق» دەپ ئۆزگەرتتىم. شۇ بويىچە تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 11:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




                ھاياتلىقتا تولا ئالداش-ئالدىنىش،
                ئاۋۇن قوتۇر تاشقا زەردىن ھەل بېرىش .
                ياقتۇرمايدۇ كۆپلەر ئۆز تەگ نەرسىنى،
                تېشى پال-پال بۇيۇمغا كۆپ ئىنتىلىش .

ۋاقتى: 2015-12-23 12:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزدىكى ھەر بىر مىسرا بىر ھىكمەت ئىكەن.ھوزۇرلاندىم ئۇستاز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 17:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




                        پەقەتلا تۆت كۈنلۈك تاج بىلەن شۆھرەت،
                        مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر ھېچكىمگە دۆلەت .
                        قوشكېزەك خۇشاللىق بىلەن قايغۇ-دەرد،
                        باقىيدۇر ئەبەدىي سۆيگۈ- مۇھەببەت .



                                                2015.12.23

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-24 10:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




               تەپەككۇر كەپتىرىم چىقاردى قانات،
     تالايغا كۈن-تۈنلەپ يەتكۈزدىم ساۋات.
     دەشتۇچۆل، باغدىمۇ قاياشىم تولا،
     شۇ سەۋەب قىممەتلىك مەن ئۈچۈن ھايات !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-24 12:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 18:05
موبارەك بولسۇن ،ياخشى يېزىلغان روبائىيىلار ئىكەن.بۇ ئ ...




       بۇ تەرمەچلىرىمنىڭ نەزىرىڭىزگە ئېلىنغىنىدىن خۇش بولدۇم. خۇشاللىق ھەممىمىزگە يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-12-24 12:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-24 12:49
بۇ تەرمەچلىرىمنىڭ نەزىرىڭىزگە ئېلىنغىنىدىن خۇش ...

رەھمەت-رەھمەت.پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 09:05:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 18:17
مانا بۇ رۇبائىيدا يېمىرىلمەس بىر ھەقىقەت ئۆز ئىپادىسى ...




      تىلىكىڭىزنىڭ ئىجابەت بولىشىنى تىلەيمەن. رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش