ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دىكى
مۇھەررىرلەرگە بىر چاخچاق
مۇقەددىمە
يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاپ،
كەتتى چاخچاق بىلىپ ئۆز.
بەزى گېپىم سەل تۇزلۇق،
بەزى گېپىم خېلى تۈز.
بولمايدىغۇ ھېچقاچان،
ھېچكىم تېخى يۈزدە يۈز!
ئارتۇق كەتسە يۈز قىلماي
دەڭلار: ئېيتتىڭ قۇرۇق سۆز!
غوپۇر جاپپارغا:
گېزىتنىڭ شان-شەرىپى،
قولغا كەلگەن سىز بىلەن.
چاقناپ تۇرار تۆھپىڭىز،
بەتلەردىكى ئىز بىلەن.
گېزىتنىغو بېزىدۇق،
تالاي ئوغۇل- قىز بىلەن.
يوقمۇ پىلان: چاقىرىپ-
دىدارلاشماق بىز بىلەن؟
مىجىت تۇرسۇنغا:
سىز بولغاچقا گېزىتنىڭ،
سەھىپىسى ئۆزگىچە.
كۆزىڭىزدىن قاچالماس،
پەش-چېكىت، بىر سۆزگىچە.
سەر خىل ئەسەر گېزىتتە،
پارچە-پارچە تۇرغۇچە:
تۈزمەيلىمۇ بىر توپلام،
كېلەر يىلى كۈزگىچە؟!
ئالىم مەمتىمىنگە:
تونۇشمايمەن سىز بىلەن،
تۇرۇپ قالدىم ئويلىنىپ.
بەرسەم سىزگە بىر تەكلىپ،
قالارسىزمۇ خۇيلىنىپ:
زېرىكىدۇ بالىلار،
ھەممە جايدا ئېلاندىن.
ئېلىۋەتسە بولارمۇ،
ئارقا بەتنى پىلاندىن؟
رەيھانگۈل نىيازغا:
قولىڭىزدىن چىقىدۇ،
ھەر بىر ئەسەر تۈزۈلۈپ.
جۇلالايدۇ باشقىدىن،
نۇقسانلىرى سۈزۈلۈپ.
نوتا ئۆسەر ياراملىق،
ئەگرى يېرى تۈزلەنسە.
گېزىتىمىز مەكتەپتىن -
ئۆيلەرگىمۇ يۈزلەنسە!
ئاينۇر ھادىغا:
تەر تۆكتىڭىز مېھنەتلىك،
سىز ياشلارنى يېتەكلەپ.
ھەر بىر ساندا ئەجرىڭىز،
مېۋە بەردى چېچەكلەپ.
سىزنى كۆرگەن ھەر بالا،
قالار چوقۇم ئېچەكەپ.
چوقۇم يېڭى يىلدىمۇ،
مېۋە يىغىڭ ئېتەكلەپ.
مېھرىگۈل سۇلايمانغا:
سىزگە «ئەترەت بىلىمى»،
ئەجەب بەلەن يارىشار!
سىز يازغان شۇ ئۈلگىگە،
ھەممە زوقتا قارىشار!
تەربىيىچى دوستلارغا،
يوقمۇ يېڭى گېپىڭىز؟
«بايراق سۆزى» تاللانسا،
ئۇزارمامدۇ سېپىڭىز؟!
گۈلنار ئابلىزغا:
«نوتىلارنىڭ گۈلزارى»،
پەرۋىش تاپتى ئاجايىپ.
شېئىر، نەسر بەك تاتلىق،
چۆچەك دېگەن غارايىپ.
ئۇنى بىلدۇق ئەزەلدىن،
سەھىپىنىڭ ياخشىسى.
يوقاپ كەتسە بولامدۇ،
بالىلارنىڭ ناخشىسى؟
ئەكبەر ئابلەتكە:
«ئۈنۋېرسال بەت» سىز بىلەن،
بولدى رەڭدار جۇلالىق.
ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە،
نۇر چاچىدۇ داۋاملىق.
«كۆڭۈلدىكى سۆزلەر»گە،
قېنى ئەمەس كىم ئامراق؟.
بىر گېپىم بار: قەيەرگە-
قېچىپ كەتتى «تېپىشماق»؟
قەلبىنۇر قاھارغا:
باش بەت دائىم سىز بىلەن،
رەڭ تۈزىدۇ باشقىچە.
كۆرەر ئۇنى ياقتۇرۇپ،
گۈدەكتىن چوڭ ياشقىچە.
تېخى سىزگە قاراشلىق،
يەنە «مەشىق باغچىسى».
ئارام ئىزدەپ يۈرەمسىز،
تۇرۇپ سىز ئەڭ ياخشىسى؟!
ئايشەمگۈل جاپپارغا:
ئايىغىڭىز بەك چاققان،
ئاپپاراتىڭىز ھارمايدۇ.
يېڭى خەۋەر، يېڭى ئىش،
سىزدىن بىزگە ئاشمايدۇ!
يېزىپ تۇرۇڭ ھارماستىن،
خەۋەر قىلىڭ زېرىكمەي!
ئورۇن قالسۇن بىزگىمۇ،
ئېلىپ قويۇڭ، تېرىكمەي!
گۈلنىسا ئابلىزغا:
«ئالتۇن ئاچقۇچ» سىز ئۈچۈن،
بولدى سىرلىق ئەڭگۈشتەر.
بېزىدىڭىز چىرايلىق،
ئايىماستىن تۆكۈپ تەر!
سىز بىلىسىز ئەۋلادنىڭ،
تالاي ئوتلۇق غايىسى.
دەرەخ بولۇڭ باراقسان،
تەكشى چۈشسۇن سايىسى!
ئابدۇكېرىم قادىرغا:
ئەجەب كۆركەم بېزەيسىز،
رەڭدار قىلىپ بەتلەرنى.
بەك ئوخشىتىپ يازىسىز،
بالىلارچە خەتلەرنى.
رەسىمدىكى بالىلار،
كەلمەس گاھى ئەيۋەشكە.
بەزىلىرى بەك ئېگىز،
كەلمەس گاھى جەينەككە.
ئۇزۇن بۇرۇن، گاھ ئاۋاق،
ئوخشار پاكار چەينەككە.
ئۆزىڭىزنى سىزامسىز،
قاراپ تۇرۇپ ئەينەككە؟!
خاتىمە
چاخچاق ئاتتىم بىر شىڭگىل،
بىر دەم كۈلكە بولسۇن دەپ.
ھۆرمەت بىلەن گۈل تۇتتۇم،
خۇشال ھېسقا تولسۇن دەپ!
يېڭى يىلدا بوشاشماي،
شان-شەرەپلەر قۇچۇڭلار!
بالىلارنىڭ قەلبىنى،
تېخىمۇ بەك ئۇتۇڭلار!
2015-يىل.1-ئاي. يەكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-21 14:53