‹‹گۈلەمخان›› ناملىق پوۋېستنىڭ تىلىدا ئىلى شىۋىسى
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)
ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى ئىچىدە ‹‹گۈلەمخان›› ھەققىدە ناخشا-قوشاقلار ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا تولىمۇ تونۇش،‹‹ گۈلەمخان›› ھەققىدە بۈگۈنگىچە ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ناخشا-قوشاقلار ئىلى تارىخىدا ئۆتكەن تارىخىي شەخس‹‹ گۈلەمخان ۋەقەسى ›› دىن كەلگەن .‹‹ گۈلەمخان ۋەقەسى›› -1820يىلىدىن -1825يىلىغىچە ئىلى دەرياسى بويىدىكى كۈجۈم مەھەللىلەرنىڭ بىرى بولغان بايتوقاي يېزا ئويمان بۇلاق دىگەن مەھەللىدە يۈز بەرگەن. بۇ مەھەللىدە كەمبەغەل بىر دېھقان بولۇپ ، ئۇنىڭ گۈلەمخان ۋە زىلەمخان ئاتلىق ئىككى قىزى بولغان. چوڭ قىزى گۈلەمخان تېخى ئون بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ، ئۇنى ئەڭگە چولاق دېگەن بىر قېرى شاڭيو توقال خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا ، گۈلەمخان قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بوساق ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن باشقا يۇرتقا قېچىپ كەتكەن . زالىم شاڭيو ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز يۈرتىغا قايتىپ كەلگەن . مانا بۇ ‹‹گۈلەمخان ۋەقەسى ›› ھەققىدە توقۇلغان ناخشا-قوشاقلار خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ ، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ئۇلىشىپ ، بۈگۈنگىچە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىيتىلىپ كەلمەكتە . مانا بۇ ‹‹گۈلەمخان›› ھەققىدىكى ناخشا-قوشاقلارنى كىچىكىدە ئاڭلاپ ئۆسۈپ - يېتىلگەن بىر قىسىم يازغۇچى ، دىراما تۇرگلار ، ‹‹گۈلەمخان›› ھەققىدىكى ناخشا - قوشاقلاردىن ئىلھاملىنىپ ، ‹‹گۈلەمخان ۋەقەسى ››نى ئىجادىي بېيىتىپ، ئوخشىمىغان ئەدەبىي ژانېرلاردا ئەسەر يازغان.
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي ھاكىمتام مەھەللىسىدە تۇغۇلغان شائىر ، دىراماتۇرگ ، رىژىسسۇر ئىبراھىم نورۇز (1911-1970) 1964-يىلى ‹‹گۈلەمخان ۋەقەسى›› نى ئىجادىي بېيىتىپ ، ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق ئالتە پەردىلىك دىراما يازغان . بۇ دىرامىنىڭ سىنارىيىسى ‹‹ بۇلاق ›› ژۇرنىلىنىڭ 2000- يىللىق 4- ، 5- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان . غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىيۈزى بازىرى روزىمەتيۈرى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان شائىر ، يازغۇچى ، دىراماتۇر جاپپار قاسىم (1949-2006) 1993-يىلى ‹‹گۈلەمخان ۋەقەسى ››نى ئىجادىي بېيىتىپ ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق ئوپىرا يازغان ، 1997-يىلى ‹‹گۈلەمخان›› ئوپېراسى سەھنىلەشتۈرۈپ ، غۇلجا ، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا نەچچە مەيدان ئوينالغان . بۇ ئوپىرا 1997-يىل 9-ئايدا بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قورۇلۇشنىڭ ‹‹نادىر ئەسەر قۇرۇلۇشى›› بويىچە ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى›› غا ، شۇ يىلى يەنە مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى كەسىپ سەنئەت مۇكاپاتى ‹‹مەدەنىيەت مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن . شۇ يىلى 12-ئايدا ش ئۇ ئا ر پارتكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئەسەرنى 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان . بۇ ‹‹گۈلەمخان›› ئوپىراسىنىڭ سىنارىيىسى 1998-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە سېلىشتۇرما كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام يېزىسى تۆۋەنكى ئون (بوستان) مەھەللىسىدە تۇغۇلغان يازغۇچى زوردۇن سابىر (1935-1998) ‹‹گۈلەمخان ۋەقەسى ››نى ئىجادىي بېيىتىپ 1982-يىلى ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق تارىخي پوۋېسىت يازغان . بۇ ئەسەر 1984-يىلى ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان . 1999-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ، 2011-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمى بولۇپ نەشىر قىلىنغان.
‹‹گۈلەمخان›› ناملىق بۇ تارىخىي پوۋېسىتتا ئاپتۇر گۈلەمخاننىڭ ئادىمىيىلىك ۋىجدان ، غۇرۇر ، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە ئەركىن مۇھەببەت يولىدا مېڭبېگى ئەڭگە چولاق ،.... قاتارلىق ياۋۇز كۈچلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قاماللىرىنى يۈكسەك قارشىلىق كۆرستىش روھى بىلەن دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ ، توي كۈنى قېچىپ كەتكەنلىكى ، غۇلام مەزىن ۋە شاكىر پالۋان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قېتىلىپ قولىغا قورال ئېلىپ ، ‹‹ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى›› نىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش كۈرشىگە قاتناشقانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق گۈلەمخان ، بوساق ، غۇلام مەزىن ، شاكىر پالۋانلار ۋەكىلىك قىلغان ئەمگەكچان، ئاقكۆڭۈل ، باتۇر ، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقنىڭ يورۇقلۇق، ئەركىنلىك ، بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش ، پاك مۇھەببەتنى قەدىرلەش روھىنى ، فېئوداللىق جەمئىيەت تۈزۈمىگە ، فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىگە ، ھەققانىيەتنىڭ ياۋۇز ، دۈشمەنلىرىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان ئىسيانكار روھىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق بۇ پوۋېسىت مىللىي فولكلۇرىمىزنىڭ ئەلۋەك داستىخىنى بولۇپ ، بۇ ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن ئىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ، ھويلا-ئارام كۈلتۈرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى ، تىرىكچىلىك شەكلى بىلەن شېۋە سۆزلۈكلىرى روشەن نامايەن قىلىنغان. مەن بۇ ماقالىدە ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق تارىخىي پوۋېسىتتا ئەكس ئەتكەن ئىلى شېۋىسىنىڭ سۆزلۈك ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىمەن.
ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەلەپپۇز قىلىش ھەم ئۆزىگە خاس شېۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىر ‹‹گۈلەمخان›› ناملىق بۇ تارىخىي پوۋېسىتنىڭ تىلىدا ئىلى شېۋىسىنى ناھايىتى جانلىق قوللانغان. مەيلى سۆز ئىشلىتىش ئادىتى بولسۇن،مەيلى تەلەپپۇز جەھەتتە بولسۇن،ئىلى شېۋىسىنى ئەدەبىي تىلىمىزغا ئىجابىي ھالدا ئېلىپ كىرىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان . بۇ خىل ئىغىزچىلاشتۇرۇپ سۈرەتلەش ئۇسۇلى ئەسەر تىلىنى ساپلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان. شۇنداقلا پوۋېسىت سىيۇژىتىغا قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى بەخىش ئېتىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بىر پارچە سەھرا پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئىلى يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى نامايەن قىلىپ ، ئەسەرنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن،
‹‹...... غانجۇغىدىكى چىرايلىق خۇرجۇنلىرىغا ھەيران قېلىپ قاراشتى.››
غانجۇغا- نەرسە-كېرەك باغلاش ئۈچۈن ئېگەر ئالدى-ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويىدىغان ئۇزۇن تاسما.
‹‹..... ھويلىنىڭ تام تۈۋېلىرىدە توپىغا مېلىنىپ قىرچاڭغۇ ئېشەكلەر ياتىدۇ.››
قىرچاڭغۇ- سۈپەت. كۈچ-ماغدۇردىن قالغان،تۈكلىرى چۈشۈپ،تېرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، يۇۋاش ئېشەك.
‹‹ئۇنىڭ بايتۇقايدا نەچچە يۈز خولۇق يېرى....››
خو- مىقدار سۆز. بىر خو سەككىز مۇغا تەڭ. ‹‹خو ››خەنزۇچىدىن كىرگەن ئىغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر خو يەرگە ئادەتتە 64 كىلۇغا باراۋەر ئۇرۇق چىچىلىدۇ.
‹‹ئونلىغان كۈزلەك، قورۇ-قۇرۇ ئۇششاق مال،...››
كۈزلەك- ئىسىم. كۈزلۈك ھوسۇل ،يىغىمنى يىغىۋالغۇچە ئولتۇردىغان جاي ياكى ئورۇن،كۈزلەك دىھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆچمە ئىشلەپ چىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دىھقانچىلىق قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ يىراق، قاتناشنىڭ قۇلايسىز بولۇشى سەۋەپلىك شۇ ئورۇنلارغا كۆچۈپ چىقىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن. كۈزگىچە تۇرۇپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئېتىز.
‹‹شاڭ بېگىلەرچىلىك يىگىرمە بەشتەك يانچىسى بولۇشى،...››
شاڭ بەگ – ئەمەل نامى، خەنزۇچە «尚伯克» دېيىلىدۇ. ئاشلىق سېلىقلىرىنى يىغىشقا مەسئۇل ئەمەلدار.
‹‹سېنىڭ قوچقار بوۋاڭنىڭ ئىسمى ھېيتاخۇن ئىكەن.››
قوچقار بۇۋا – ئىلى ئۇيغۇرلىرى بوۋېسىنىڭ دادىسىنى ‹‹قوچقار بوۋا››دەپ ئاتايدۇ.
‹‹-ۋاڭ خۇلىمىكىن دەيمىنا!- دەپ كېكەردى.››
ۋاڭ خولۇ-ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى جايلاشقان كۈرەدىكى ئىلى دەرياسى بويىغا سېلىنغان راۋاق، ساراي نامى، مۇشۇ راۋاق، ساراينى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىلى ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەريىلى ئىلىدىكى دېھقانلار ئىككى-ئۈچ ئاي ئىلى دەرياسى سۈيىنى قىردىن قاچۇرۇش ھاشارىغا تۇتۇلىدۇ. بۇنى خەنزۇچە «望河楼»دەپ ئاتايدۇ.
‹‹مورىنىڭ يۇقىرىدا تېگىگە ياخشى ئاشلانغان يولۋاس تېرىسىنى سېلىپ،....››
مورا ئوچاق- ئىسىم. ئۆينىڭ سۇپا ئۇستىگە ئۆينىڭ يۇقىرى تىمىغا سىلىنغان ئالدى ئوچۇق،تۇرخۇنلۇق،چىراغ قويىدىغان،تاماقنى ئىسىق پېتى ساقلايدىغان ئورونلىرى بار، كەسلەنگەن ئوتوننى مورىغا ئۇدۇل كەلتۇرۇپ تىكلەپ،تىزىپ قالسا،ئىس - تۈتۈن تۇرخۇنىدىن چىقىپ ئىسىقلىق ۋە ئوت شولىسى ئۆيگە تارايدىغان ئوچاق. مورا ئوچاق يەنە تۆرە ئوچاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
‹‹....ئۇزۇن ئوسمىسى تەرىدىن ئېۋىپ ئىككى چېكىسىنى بويىغان،...››
ئېۋىش-ئېرىپ كېتىش، يۇمشاپ كېتىش.
‹‹بۇ يىل تېخىلا ئېتىز ئىشى ئايغىن-سايقىن تۇرۇپتۇ.››
ئايقىن-سايقىن-قالايمىغان، رەتسىز.
‹‹بىردەمدىن كىيىن گۈلەمخان يازلىق ئوچاقتا ئۇكىسىغا قىسماق يېگۈزۈۋىتىپ....››
قىسماق-سۈتنى قازاندا پىشۇرغان چاغدا قازاننىڭ تېگى تارتىپ كېتىپ، قازانغا چاپلىشىپ قالغان نېپىز بىر قەۋەتنى قىرىپ چىقارغان يىمەكنى ئادەتتە ئىلى ئۇيغۇرلىرى‹‹قىسماق›› دەپ ئاتايدۇ.
‹‹.... ھەي ئىسىت،ئەجەپ ئوخشىۋىدى بۇ ئاشلىق،كۆزۈككەدەك بولدى-دە!››
كۆزۈككەدەك – كۆز تەگكەندەك
‹‹... بىز يىگىرمە ئىككى مۇساپىرنى ئەڭگەۋاي مۇشۇ يەرلىك تارانچى قىلىپ داڭزىغا ئالدۇرۇپتۇ.››
داڭزا- ئارخىپ،تىزىملاش دەپتىرى، خەنزۇچە «档子»دېيىلىدۇ.
‹‹بىر ئەمەس يۈز گۈلەمخان بولسىمۇ باينىڭ بېىشىدىن سادىغام قىلىۋىتىمىز دېدىم.››
سادىغام – سەدىقە قىلىش،بېشىدىن ئۆرۈپ بىكارغا بېرىۋىتىش.
‹‹مىنىڭ ئاپام ئەنگىزە....››
ئەنگىزە – ئاندىن كىيىن
‹‹.... قوشنا قۇرۇ تەرەپكە قولىنى بىگىز قىلىپ جونۇپ،....››
جونۇپ-كۆرسىتىپ ،تەڭلەپ.
‹‹... ئەڭگەۋاي ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ سېرىق چىشلىرىنى پارقىرىتىپ كالچارىدى:››
كالچاراش –ئاغزىنى يۇمالماي قىلىش، ئاغزىغا كەلگەننى دېيىش،
‹‹....نەلەردىندۇر خامادىن ئاڭلىنىۋاتقان پايخان ناخشىسى،....››
پايخان- سۆز تومۇرى پايە بولۇپ، ئاياغ دېگەن مەنىدە. ئاياغدا ئىزىلگەن، يەنجىلگەن دېگەن مەنىدە.خامان تەپكەندە دېھقانلار ئات، كالا ياكى ئىشەكلەرنى ھەيدەپ بۇغداي ئۈنچىلىرىنى يۇمشىتىپ ئىزىدۇ،يەنجىيدۇ. ئەمگەك ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن دېھقانلار خامان ناخشىسى ئېيتىدۇ. مانا بۇ ناخشا‹‹پايخان ناخشا›› دەپ ئاتىلىدۇ.
‹‹... گەردىش سول قولى ئۇنى يىمىرىپ تۇتۇپ جەينەكلىرى ئاستىغا توپلايدۇ.››
گەردىش-قاتقان،پىشقان
‹‹ئۇ قاتلىق ئورمىچى ئېرىقتىن سەردىمەيلا ئۆتتى.››
سەردىمەي-كۈچىمەي، غەم يېمەي
‹‹مەن ئۇنىڭ تاپشۇرمىسى بىلەن ئالغاش رەت،يوۋازا دېگەن جاڭگۈيدىنىڭ ئۆكۈزلىرىنى ئوغىرلاپ كەلدىم.››
ئالغاش رەت – ئاۋۋال، باشتا
جاڭگۈيدە–خەنزۇچە ئاتالغۇ بولۇپ،خەنزۇ خوجايىن دېگەن مەنىدە.
‹‹مانا بۇلار يۇرتنىڭ ئاۋرىغى، بېشىمىزنىڭ تاج قونغىنى،مېھمانلارنى ئۆي-ئۆيگە بۆلۈپ، كۈتۈش بىزنىڭ بوينىمىزدىكى ۋەزىپە.››
ئاۋرىغى – ئاۋاتچىلىق، باياشاتچىلىق.
‹‹- ئۆل ئىلاھىم،رودۇ!-دەپ شىۋاق سۈپۈرگە بىلەن ھېدىلغا ھەيۋە قىلدى ئايال كۈلۈپ، قاشلىرىنى ئوينىتىپ،....››
رودۇ- نامرات،يوقسۇل،جانسىز،رودپاي، چاپلاشقاق، بۇدۇشقاق.
‹‹- گوزىپە ئېشىغا بازارغا ماڭدۇرساق دېيىشۋاتىمىز. لايىقىدا بولمىسا بولماس ئازنىمدە!››
گوزىپە ئاش –ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي –تۆكۈن ئادىتىدە توي بولغان كۈننىڭ ئەتىسى 30 ئوغۇل توي بولغان يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئىسسىقلىق ئاش ئېلىپ بىرىپ ھۇجىرا ئۆي مەشرىپى(غۇجۇر كۆپە مەشرىپى) ئوينايدۇ. گوزىپە ئىشى شۇ ئىسسىقلىق ئاشنى كۆرسىتىدۇ.
‹‹... ئېيتىپ قوي، ئۆگۈنلۈككە دۆرە.››
دۆرە- دۆررىدە دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىشى، ئورغاق بېشى بولغان يەر ئېگىسىنىڭ بۇغدىيىنى ئولاش-چولاش ئورۇيدىغان چاغدا ئېيتىدىغان ئورما ناخشىسى، ئورما مەشرىپى.
دېمەك،. يازغۇچى زوردۇن سابىر كىچىكىدىنلا ئۆزى ئۆسۈپ-يېتىلگەن بۇ يۇرتنىڭ تىل تەسىرىنى قوبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىلى ئۆزگىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە خاس شېۋە سۆزلەر بىلەن بېيىتىلغان .يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹گۈلەمخان››ناملىق پوۋېسىتنىڭ تىلى ناھايىتى قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ پوۋېسىتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تىل بايلىقىمىزنى قېزىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان نادىر ئەسەر دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ.
(‹‹تىل ۋە تەرجىمە ››ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)
伊宁市三中语文办公室
阿布都热西提 • 吾斯曼
身份证号:652421197402080014
联系电话: 13519994119
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-21 12:57