تاغنىڭ يۇمشاق شامىلى
ئايرىلىشنىڭ نىداسى نەدە ؟
كۆز ياشلىرى تۆكۇلگەن يەردە ...
جۇدالىقنى -
سەندىن بۆلەك ھېچكىم چۇشەنمەس ،
ئاتلىق ئادەم تاغدىن ئايرىلىپ
يىغلىماقتا ئىچىگە چۆكۇپ ،
يالغۇز قالغان مۇڭ بەرگىدە .
ئات يايلىسى تۈنگە تۇتاشتۇر ،
بىر چاغ شامال ئۇندا چوڭ بولۇپ
ئېدىر - بەلنى
بويلىغانچە ئۇ ،
قاناتلىرى كەتكەنغۇ تولۇپ ...
تاغنى كۆزلەپ چېغىر يول ماڭسا ،
بىللە يۈرۈپ غۇر – غۇر كۈيىنى
مەڭزلەرگە يېقىپ يېقىملىق ،
مەست قىلغانغۇ
سەرخۇش تۇيغۇ ئىلكىدە تالاي ،
شادلاندۇرۇپ
تاغ پەيزىدە مېنى .
تاغ شامىلى نەچچىگە كىردىڭ ،
ئېسىڭدىمۇ تۇغۇلغان چېغىڭ ؟!
تاغدەك ئۇزۇن ،
تاغدەك ئېگىز ،
نەگە تۇتاش يەنە بىر يېقىڭ ؟...
شۇ يېقىڭغا بارغۇم كېلىدۇ ،
تاقىر بولغان تاغلارنى باشلاپ .
ئەركەك سۇلار خورىدىن نېچۈن ؟
ئىزلار كېزەر پېتىقلىغانچە
شاۋقۇن يۈرەر يالمىغانچە
ئېچىش كېلەر ھاڭرىغانچە ،
غۇر – غۇر شامال قەيەردە قالدىڭ ؟
يۇمشاق ، يۇمران قانىتىڭنى
سەن يۈرىسەن نەلەرگە تاشلاپ ؟!...
... ... ...
يۇمشاق قانات تاغ شامىلىغا ،
تاغدەك سۆزلەر مېنى يازاتتى .
ئوقۇپ بەرسە دۇنيا كۈلەتتى ،
ئەمدى ئۇلۇغ كىچىك تىنغان
يېشىل قارغايلار ،
تاغدا تۇرۇپ ، تاغدىن ئازاتتى ...
2015 – يىلى 19 – ئاۋغۇست يېزىلغان
2015 – يىلى 19 – دېكابىر قايتا ئىشلەندى .
|