يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 1

ئەسقەر ياسىن(ت):سېنكىۋچ ـــ ساڭا بەخت تىلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-19 10:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                  ساڭا بەخت تىلەيمەن

                                ھېنرىك سېنكىۋچ(پولشا)

يازنىڭ سۈزۈك بىر كېچىسى،ئۇلۇغ دانىشمەن ئىلاھ كىرىشنا چوڭقۇر ئويغا پاتقانىدى،ئارىدىن بىر پەس ئۆتۈپ ئۇ دېدىكى:
ــ ئەسلىدە ئىنسانلارنى بۇ ئىقلىمدا بىردىنبىر گۈزەل مەخلۇق دەپ قارىغانىكەنمەن، ئەپسۇس، خاتالىشىپتىمەن.كېچىنىڭ ئىللىق شامىلىدا لەرزان يەلپۈنىۋاتقان نېلۇپەرگە قاراپ نېمىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلدىم!ئاي نۇرىدا بىر-بىرلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈللەر مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى.
ــ دەرۋەقە،ئىنسانلار ئارىسىدا بۇنداق گۈزەللىكنى تاپماق تەس،ــ دېدى ئۇ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ.
ئۇ يەنە شۇنداق دېدى:
ــ مەن بىر ئىلاھ تۇرۇپ قۇدرىتىم بىلەن نېمىشقا بىر مەخلۇقات ياراتمايمەن،ئۇنى بەجايىكى نېلۇپەر ھالىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا قىلىپ،ئۇنى ئىنسان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى شادىمانلىققا ئايلاندۇرمايمەن!ئەي نېلۇپەر،بىغۇبار قىز ھالىتىدە ئالدىمدا پەيدا بولغايسەن.
قارلىغاچلار سۇ بويلاپ ئۇچۇشتى،ئاي تېخىمۇ نۇرلىنىپ،كېچە ئاسمىنى تورىدى،بۇلبۇللار تەسىرلىك كۈيلەرنى كۈيلىدى،زېمىن جىملىققا چۆمگەن پەيتتە سېھىر كارامىتىنى كۆرسەتتى:ساھىبجامال قىز ھالىتىدىكى نېلۇپەر كىرىشنانىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى.
ئىلاھنىڭ ئۆزىمۇ ھەيرانۇ ھەس قالدى.ئۇ دېدىكى:
ــ ئەسلىدە كۆلدىكى نېلۇپەر ئىدىڭ،ئەمدى مېنىڭ ئىدىيەم گۈلۈم بولدۇڭ،ماڭا ئېيتار سۆزۈڭ بارمۇ؟
گۈل قىز سۆزلىدى،گويا يازنىڭ ئىللىق شامىلى ۋۇجۇدلارنى سۆيدى،ئاپئاق گۈللەر پىچىرلىدى:
ــ ئەي غوجام،ماڭا ھاياتلىق بەخش ئەتتىڭ،ئەمما مەن نەدە تۇرىمەن،سەنمۇ بىلىسەن،گۈل چېغىمدا شامال ئەسسە تىترەپ تۈگۈلۈپ كېتەتتىم.ئەي،غوجام، بوران-چاپقۇندىن، چاقماقتىن، قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچ نۇرىدىن شۇ قەدەر قورقىمەن.مېنى بىر قىزغا ئايلاندۇردۇڭيۇ،تەبىئىتىمنى ئۆزگەرتمىدىڭ،ئاھ،مەن بۇ زېمىندىكى تامامىي نەرسىدىن قورقىمەن.
كىرىشنا پاراسەت نۇرى چاقناپ تۇرغان كۆزىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا تىكتى.بىر پەس ئويلىنىشتىن كېيىن:
ــ تاغ چوققىسىدا ياشاشنى خالامسەن؟ــ دەپ سورىدى.
ــ تاغ چوققىسى قارغا چۈمكۈلگەن،سوغۇق،قورقىمەن.
ــ ئۇنداقتا،كۆل ئاستىغا بىر قەسىر سالدۇرۇپ بېرەيمۇ؟
ــ كۆل ئاستىدا قورقۇنچلۇق مەخلۇقاتلار بار،قورقىمەن.
ــ كەڭرى دالىنىغۇ ياقتۇرىدىغانسەن؟
ــ غوجام،كەڭ دالانىڭ بوران-چاپقۇن،چاقماقنىڭ ماكانى ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ؟
ــ ئەمىسە قانداق قىلىمىز،ئادەمگە ئۆزگەرگەن ئەي گۈل؟ھە،توغرا ئاملۇلا تاغ غارى مۇقەددەس زاھىدلارنىڭ ماكانى.ئادەمىزاتتىن ئايرىلىپ شۇ يەرگە ماكانلىشامسەن-يا؟
ــ غار قاراڭغۇ غوجام،قورقىمەن.
كىرىشنا قىيا تاشتا ئولتۇرۇپ چېكىسىنى تۇتتى.قىز ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ۋەھىمىدىن تىتىرەيتتى.
تاڭ شەپىقى شەرق ئاسمىنىنى بېزىدى.كۆل يۈزى،پالمىزارلىق ۋە بامبۇكزارلىق زەر نۇرغا چۆمۈلدى.تامامىي قۇشلار ئومۇمىي خورى بىلەن ئەتراپنى چاڭ كەلتۈردى.قۇلۇلە قېپىدىكى تارلاردىن چىققان مۇزىكا ئاۋازى ۋە كىشىلەرنىڭ ناخشا ئاۋازى بىلەن كىرىشنا چوڭقۇر ئويدىن بېشىنى كۆتۈردى.
ــ بۇ شائىر ۋارمىچنىڭ ئىبادىتىدىكى تۇنجى چىققان قۇياش،ــ دېدى ئۇ.
ھايال ئۆتمەي بىنەپشە گۈللەرگە پۈركەنگەن پەردە قايرىلىپ ۋارمىچ كۆل بويىغا چىقتى.ئۇ ئادەم سۈپىتىدىكى نېلۇپەرنى كۆرگەن چېغىدا ساز چېلىشتىن توختاپ قالدى.قولىدىكى تارلىق قۇلۇلە قېپى يەرگە دومىلاپ چۈشتى.سۆزلىيەلمەي دۇدۇقلىدى.ئۇنى گويا ئۇلۇغ كىرىشنا كۆل بويىدىكى دەرەخكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئىلاھ شائىرنىڭ ئۆز ياراتمىشىغا بولغان ھەيرانلىقىدىن خۇشال بولدى.ئۇ دېدىكى:
ــ ۋارمىچ،قېنى سۆزلە!
ــ ۋارمىچ دېدىكى:
ــ ئاشىق بولدۇم.
بۇ شائىرنىڭ بىلىدىغان بىردىنبىر سۆزى ئىدى،سۆزلىيەلەيدىغىنىمۇ مۇشۇ بىرلا سۆز ئىدى.
كىرىشنانىڭ چېھرىدە خۇشاللىق نۇرى بەرق ئۇردى.
ــ ساھىبجامال قىز،سەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ مۇۋاپىق بىر جاينى تاپتىم.سەن شائىرنىڭ قەلبىنى ماكان ئەت!
ۋارمىچ قايتىلىدى:
ــ ئاشىق بولدۇم!
ھەممىگە قادىر كىرىشنانىڭ ئىرادىسى،ئىلاھىيلىقنىڭ قۇدرىتى بىلەن قىز ئاستا-ئاستا شائىر قەلبىگە چۆكتى.ئىلاھ بىلەن شائىرنىڭ قەلبى خىرۇستالدەك پاكىز نۇر چاچاتتى.
قىز مۇقەددەس ئوردىغا قەدەم باسقىنىدا گويا ياز قۇياشىدەك چاقنىدى،گانگ دەرياسىدەك جىم بولدى.بىراق ئۇ شائىر ۋارمىچنىڭ قەلب چوڭقۇرلىقىنى سىنچىلاپ كۆزىتىپ قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقى ئۇنى قورشاپ ئالغاندەك ۋەھىمىگە چۈشۈپ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى.
كىرىشنا ھەيران بولۇپ سورىدى:
ــ گۈلقىز،شائىر قەلبىدىنمۇ قورقتىڭمۇ؟
ــ غوجام،ــ دەپ جاۋاب بەردى قىز،ــ سەن مېنى نەدە تۇرغۇزماقچى؟شائىر قەلبىدىن قارلىق چوققىنى،غەلىتە مەخلۇقاتلارغا تولغان چوڭقۇرلۇقنى،بوران-چاپقۇن،چاقماققا تولغان دالانى،ئاملۇلا غارىدىكى قاراڭغۇلۇقنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ.مەن قورقىۋاتىمەن،غوجام!
ئەمما ئاق كۆڭۈل،دانىشمەن كىرىشنا قىزغا جاۋابەن شۇنداق دېدى:
ــ گۈلقىز،بىھۇدە ئەندىشىدە بولما.ۋارمىچنىڭ قەلبىدە قار بولسا سەن باھارنىڭ ئىللىق شامىلى،ئۇنى ئېرىتىۋېتەلەيسەن.ئۇنىڭ قەلبى چوڭقۇر بولسا سەن شۇ چوڭۇرلۇقتىكى بىر گۆھەردۇرسەن.ئۇنىڭ قەلبى بىر قاقاسلىق بولسا سەن شۇ يەرگە تېرىلغان بەخت گۈلى.ئۇنىڭدا ئاملۇلا غارىنىڭ قاراڭغۇلىقى بولسا سەن قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچى نۇر...
دەل شۇ پەيتتە شائىر ۋارمىچنىڭ سۆزلىشى ئەسلىگە كېلىپ سۆزنى داۋاملاشتۇردى:
ــ گۈل ساڭا بەخت تىلەيمەن!
(ئەسقەر ياسىن تەرجىمىسى)                     «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى2015-يىل3-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-19 21:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-21 17:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەر ،تەرجىمە ئاندىن مۇۋاپىقىيەتلىك .شائىرنىڭ قەلبى -دولقۇنلۇق دەريا ،بىپايان دېڭىز ،سىرلىق قەلئە .....ئىلھام-پارتىلىغان ۋولقان .دىمەك ،شائىر قەلبى -كائىنات .....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش