قاردا قۇشقاچ تۇتۇش
( مىكرو ھېكايە )
تۇرسۇن تۇرەك تىرىك
ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياغقان قېلىن قار ھەممە يەرنى ئاپئاق تۈسكە كىرگۈزۋەتكەن ئىدى. ماي يولىغا چۈشكەن قېلىن قارلار سوغۇقتا قېتىپ مۇزغا ئايلىنىپ،يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچكە،قاتناش تارماقلىرى كىرا ماشىنلىرنىڭ يولۇچى تۇشۇشنى ۋاقتىنچە چەكلەپ قويدى.بىراق قۇمباغ يېزىسىدىكى تاكسىچى ئا xxقاتناش تارماقلىرىدا گېپى ئۆتىدىغان يۈلەنچۈگى بولغاچقا ، يېزىدىن ناھيە مەركىزىگىچە ئۈچ يۈەن ئالىدىغان يولغا ئون يۈەندىن كىرا ھەققى ئېلىپ بىخارامان مېڭىۋەردى.
باشقا كىرا ماشىنلىرى بولمىغاچقا ،ئىشى بار يولۇچىلار پۇلنىڭ مېھرىدىن كەچتى. تاكسىچى ئا xx ئۈچ كۈنلۈك كىرا پۇلىنى سانىۋىدى 2000 كويدىن ئېشىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ قارغا مىڭ رەھمەت دىۋەتتى ھەم قارنىڭ ئۇزاقراق يېغىشىنى تىلىدى،لېكىن قار توختاپ ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى،ئۇ بىر كىچىدىلا ھەممە يەرنىڭ ئاپئاق قار بىلەن كۈمۈلۈپ كېتىشىنى تىلەيتتى،ئۇنىڭ تەلىيىگە بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە قېلىن قار ياغدى.قاتناش تارماقلىرى يەنە قاتناشنى چەكلىدى.لېكىن بۇ <<ئامەت>>تىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئا xxيەنە بىخارامان مېڭىۋەردى.باشقا ماشىنلار سۈكۈتتە تۇرىۋەردى.بۈگۈن ئا xx ئەتتىگەندىلا ناھيىگە جىددى بارىدىغان ئىككى يولۇچىنى 40 يۈەنگە كىرا قىلىپ ،تېيىلغاق يولدا قۇيۇندەك يۈرۈپ كەتتى.تاكسى ئاچال كەنتىدىن ئۆتكەندە،يان تەرەپتىن ئىگىسىگە بويسۇنمىغان بىر ئىشەك ھارۋىسى ئىتتىك چىقىپ كەلدى ، ئا xx رولنى بۇراپ تاكسىنى ھارۋىدىن قاچۇرغانىدى،بىراق مۇزدا ماشىننىڭ تورمۇزى شوپۇرغا بويسۇنماي، ماشىننىڭ ئارقا تەرىپى ھەر تەرەپكە پىرقىراپ ئويلىمىغان يەردىن ئورمان بەلبىغىغا كىرىپ كېتىپ تىرەككە كاللا قويۇپ توختاپ قالدى.ماشىنىدىكى يولۇچىلار ئامان قالغان بولسىمۇ تاكسىچى ئا xxنىڭ بېشى زەخمىلىنىپ ھۇشىدىن كەتتى.تىز يۆتكەش،جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئا xx ناھيەلىك دوختۇرخانىدا ھۇشىغا كەلدى.ئۇ ئەتراپىدا تۇرغانلارغا ئەلەڭ -سەلەڭ قارىغىنىچە دېدى.
-يەنە قار يېغىۋاتامدۇ؟
-ياق، قار توختىدى.
ئۇ يەنە ھۇشىدىن كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-19 10:29
|