يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1082|ئىنكاس: 0

مۇھەممەت پولات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
201084140353UF860112023001254107373[1].jpg
مۇھەممەت پولات، 1941-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىق كەسپىدە ئوقىغان. «تارىم»، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرناللىرىدا مۇھەررىر، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەزەرىيە تەتقىقات باشقارمىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1958-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1988-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «چىن دوستلۇق»، «ياخشاراق يازايلى، قىسقاراق يازايلى»،
«ئەدەبىيات ۋە دەۋىر»، «ئەدەبىيات ـ چىنلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۇپرىقى»، «كىتاپخانلىق تەسىراتلىرى»، «ئۇيغۇر پىروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە» قاتارلىق ھېكايە، ئوبزورلار توپلاملىرى، «قىزىل ۋە قارا»، «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى بار. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر  شىئېريىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى» ناملىق ماقالىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر ئوبزورلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئايرىم ئەسەرلىرى يەنە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات مۇكاپاتىغا ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش