سەپەرۇپ بەندۇك
قۇلۇپلانغان دىل
( نەسر)
مەم ئارمان تۇلپارىغا مىنىپ بەخت يۇلتۇزۈمنى ئىزدەشكە باشلىدىم. قولۇمنى مۇنداقلا ئەڭ ئاددى
بەخت يۇلتۇزىغا ئۇزاتقانئىدىم ، ئەپسۇس، قولۇمنى كېسىۋەتتى .
ئېرىشەلمىگەن بەختنى كۈيلەشمۇ بىر خىل بەخت دەپ بىلىپ، ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى كۈيگە قاتتىم .
مىڭ ئەپسۇس، تىلىمنى كېسىۋەتتى.
نېمە ئىلاج؟ ھەركىم ئۆز بەختىنى تېپىش كېرەك -دە!
مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي بىر جۈپ نۇرانە كۆزۈم بىلەن باشقىلارنىڭ بەختىگە مۇنداقلا زوقلىنىپ نەزەر سالغانئىدىم ، مىڭ - مىڭ ئەپسۇس، ئويلىمىغان يەردىن كۆزۈمنى ئويۇۋالدى.
تۇۋا- تۇۋا ، نېمە دېگەن رەزىللىك -ھە؟!
غېرىبلىق مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ، بەخت يۇلتۇزۇم پۈتۈنلەي ساقىپ كەتكەندەك بولدى.
مەن يەنىلا تىشتىم . تىرىشىش جەريانىدا نەچە قېتىم كۆر ئاغزىدىن قايتتىم . شۇ تاپتا سۆيگەن يارىممۇ ، دوستلىرىممۇ، تونۇش - بىلىشلىرىممۇ مېنى بىر - بىرلەپ تاشلاپ كەتتى.
نېمە ئۇ ئارزۇ- ئارمان - ھە؟
باشقىلار ئۆز بەختىنى تېپىش ئارزۇسىدا توپتۇز يولدا شاد -خۇرام ناخشا ئېيتىپ ماڭماقتا.مەنچۇ؟
قۇيۇن ئىچىدە قالدىم ، قولىقىمغا كۈلكە بىلەن يىغا ئاۋازى تەڭلا ئاڭلانماقتا . ھېچكىم مېنى ئارىغا ئالماي بەكمۇ ئېگىسىز قالدىم .ئۆزۈمنىڭ باققان نەچچە يىللىق ئەرمەك ئېتتىممۇ بىرنەچچە قېتىم پۇتۇمدىن چىشلەپ بۇسۇغامغا يېقىن يولاتقۇزمىدى . بەلكىم ‹‹ كەلمىگەن تەلەيگە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟››دېگىنى شۇ بولسا كېرەك.
دىلىم گۈلخاندەك كۈيۈشكە باشلىدى.
كىممۇ مەندەك بىچارىنىڭ ئەھۋالىغا يېتىپ ھەسرىتىمنى ئاڭلايدۇ، كىممۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ماڭا بەخت تىلەيدۇ ؟
ھېچ بىلەلمىدىم ، قارىغاندا قەلبىمگە يېغىلغان دەردلىرىم يۈرىكىمنى مۇزلىتىپ ، سىر پىتىچە قالىدىغان ئۇخشايدۇ.
ئاھ ، قۇلۇپلانغان دىل!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-18 11:37
|