ئايچېچەك
( نەۋرەم ئايچېچەك تەۋەللۇتىغا )
ئايچېچەك،
ئاي باغرىدىن بالقىغان چېچەك،
دىلدا خۇشلۇق چايقىغان چېچەك.
تاڭ تالىشىپ تۈنلەر تۆرىدىن،
روھى پۈتۈپ جەننەت ھۆرىدىن،
باغرىمىزغا ھالقىغان چېچەك...
ئايچېچەك،
قەدىمىڭىز قۇدقا قېتىلسۇن،
يۇلتۇزلاردىن چاچقۇ چېچىلسۇن.
بەختىڭىزنىڭ بوستانلىرىدا،
دادىڭىزنىڭ بەردەس قامىتى،
ئاپىڭىزنىڭ باغىستان باغرى،
ئەلگىيارنىڭ ئەلۋەك خوشلۇقى،
ئىپار ھىدلىق گۈل بوپ ئېچىلسۇن...
ئايچېچەك،
ئاي نۇرىغا چۈمۈلگەن چېچەك.
ئارمانلارغا كۆمۈلگەن چېچەك،
بىھىش كەبى باغرىغا سىزنى،
مېھرى بلەن ئالسۇن كېلەچەك.
خوش كەلدىڭىز مەرھابا چېچەك،
يولىڭىزغا پايانداز يۈرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 20:05
|