يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 2

بەگيار(ت):نەجىپ مەھفۇز-قەلەمپۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-17 17:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نەجىپ مەھفۇز
najip mahpiz-1.jpg

     مىسرنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى نەجىپ مەھفۇز؛ 1911-يىلى قاھىرەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئەنئەنىۋىي، مىللىي قەدرىيەتلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا نەشرقىلىنغان«قاھىرە تېرىلوگىيىسى» («ھخقران كوچىسى»،«قەسر كوچىسى»ۋە«شەربەت كوچىسى»ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان)دۇنيا ئەدەبىياتىدا كەڭ ئېتىراپقا سازاۋەر بولدى ۋە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. تالانتلىق يازغۇچى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ  جەمئيەت مەسىلىلىرى ۋە ئومۇمىي ئنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئائىت ھېكايىلەرنى يېزىشقا باشلىدى. «تەقدىر ئويۇنلىرى»،«يېڭى قاھىرە»،«نىل ئۇستىدىكى سەپسەتە»، «تاش ئەينەك»،«مۇھتەرەم جاناپ»،«مىڭ بىركېچىنىڭ داۋامى»(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)،«ئادوبىسنىڭ دانالىقى»(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)ناملىق رومانلىرى ھەمدە،«خۇدانىڭ دۇنياسى»،«قاغىشقا كەتكەن ئۆي»، «كۈنلۈك ئاستىدا»دېگەندەك بىر قاتار ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نادىر دۇردانە ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. نەجىپ مەھفۇز 1988-يىلى«پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەھمىيەتكە سازاۋەر بولغان رېئالىزم ۋە ئەرەپ ھېكايىچىلىقىنى بېيىتقانلىقى ئۈچۈن»دېگەن باھا بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. ئەرەپ نەسرى ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىلى نەجىپ مەھفۇز 2006-يىلى 29- ئاۋغۇستتا ۋاپات بولدى.
     بۇ ئەدەبىيات پىشىۋاسىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان (جۈملىدىن ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرقىلىنغان)،ئەسەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى  كىنو-فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن.
قەلەمپۇر
(ھېكايە)
نەجىب مەھفۇز(مىسىر)
     «بەخت»دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چاققانغىنا قەھۋەخانىدا كەلگەن-كەتكەنلەر نىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەرسىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.لېكىن بۇ يەردە ھەقىقە تەنمۇ دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئاجايىپ نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ،«قەلەمپۇر»دۇر.
قەلەمپۇر-ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا. ئۇنىڭ ئەسل ئىسمى- تاھا سەنكەر،ئەمما قەھۋەخانىدا ۋە بۇ ئەتراپتا ئۇ«قەلەمپۇر»دېگەن لەقەم بىلەن مەشھۇر.ئۇ بۇ قەھۋە خانىدا تاڭ سەھەردىن تا يېرىم كېچىگىچە ئۈستەللەر ئارىسىدا توختىماي يۈگۈرۈپ،لاۋۇلداپ تۇرغان چوغلارنى توشۇيتتى. ئۇنىڭغا«قەلەمپۇر» دېگەن لەقەمنىمۇ،دېسەك-دېمىسەك،مانا مۇشۇ كەشەندىلەر(بەڭگىلەر) قويۇ شقان.ئەمما بۇ لەقەم ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىنتايىن يارىشىپ كەلگەن ئىدى؛ ئۇنىڭ جۇغى كىچىك، كۆزى ئۆتكۈر، ھەرقانداق يەردە، ھەر قانداق ئىشقا تەييار ئىدى. بۇ مەينەت قەھۋەخانىنىڭ بوغۇق ھاۋاسى«قەلەمپۇر!» دېگەن ۋارقىراش- جارقىراشلاردىن لەرزىگە كېلىپ تۇرىدۇ.
       ئۇ ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ،كۈنىگە بىر كۇرۇش پۇلدىن تاشقىرى،ناشتىلىق ۋە چۈشلۈكىگە بىر ئىستاكان چاينى ئاران تېپىپ ئىچەتتى.  گاھىدا تېخى بىرەر كەشەندىدىن ئېشىپ قالغان چىلىمدىن بىر-ئىككى قېتىم خورۇلدىتىپ تارتىشقىمۇ نائىل بولۇپ قالاتتى.
      قەلەمپۇر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېسابقا ئېلىپ،ئۆزىنى ئامىتى كەلگەنلەردىن دەپ ھېسابلايتتى. خېرىدارلار كۆپەيگەن چاغدا، ئۇلارغا چاي توشۇپ ئۈلگۈرتكىلى بولمايدۇ.بۇنداق چاغدا بەس-مۇنازىرىلەر ئەۋجىگە چىقىپ، ئۇلار قەھۋەخانىنى بېشىغا كىيىدۇ، كىمدۇر بىرى كەچلىك گېزىتنى ئۈنلۈك ئوقۇسا، يەنە  كىمدۇر بىرى قىرائەت بىلەن ئۇنىڭغا شەرھ بەرگەن... مۇنازىرە قىزىغان سېرى  قەھۋەخا نىدىكى باشقا ئادەملەرنىمۇ ئۆزىگە تارتىپ كېتىدۇ. قەلەمپۇرغا دەل مۇشۇنداق چاغ كېرەك! ئۇ مۇشۇنداق چاغدا بارا-بارا كىشىلەرنىڭ نېمە توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك، يېقىنراق كېلىپ ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق  سېلىشقا باشلايدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار پارا ئالغان بىر ئەمەلدار ھەققىدىكى ماقالىنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتاتتى.
      -ئاخىرى قولغا چۈشۈپتۇ!-دېدى كىمدۇر بىرى،-تېخى بۇنداقلاردىن بىر مۇنچىسى مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشىدۇ.
باشقا بىرى گەپنى ئىلىپ كەتتى:
      - بەزى مەنسەبدارلالا ئالدى دەمسەن پارىنى... ئاددىي ئادەملەرچۇ، تېخى ئاچ-يالىڭاچ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاھ، بۇ ھەممىگە ئايانغۇ! ئەگەر ئەدلىيە خادىملىرى ھەقىقەتەن ئادىل بولسا ئىدى،شەھەر ھۇۋۇللداپ قېلىپ، قاماقخانىلار تولۇپ- تېشىب كېتەتتى-ھە!
      شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن گەپكە ئارىلىشىپ بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي، قوللىرىنى شىلتىپ ۋارقىرىشىپ كەتتى،ئارىدا تېخى چوڭ-كىچىك بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ناملىرىمۇ تىلغا ئېلىندى. «مانا، مەسىلەن... پالانچىنىڭ... قايسى يول بىلەن بايلىق توپلىغانلىقىنى بىلىمىز!»
      ئۇلارنىڭ بىرەر-يېرىمى مۇنازىرىدىن ۋاز كېچىپ،ئۇنى چاقىرغاندا، قەلەمپۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئاندىن كۆرىسىز.بۇنداق چاغدا ئۇ خۇددى يانچۇقىدا پۇلى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان ئادەمدەك بوپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن:«ئىشلار قانداق، جايىدىدۇ؟»دەپ سوراۋاتقاندەك،چىرايىدا خاتىرجەم ۋە بەختىيار تەبە سسۇم جىلۋە قىلاتتى.خوجايىن ئۇنىڭغا چىلىمغا سالىدىغان چوغ توشۇشقىلا ئەمەس،چىلىمنىڭ ئۆزىنى ئەكېلىپ بېرىشكە،بەلكى چايخۇمارلارغا قەھۋە دەملەشكىمۇ ئىجازەت بېرىدىغان كۈنلەرنى ئارزۇ قىلىپ ھىجىيپ كېتەتتى، ئېھتىما لدىن يىراق ئەمەستە بۇمۇ! ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى كاتتا ئەمەلدار ھېسابلايتتى...ئەمما ھازىرچە ئۇ  قەھۋەخورلارنىڭ تۈگىمەس ئىما- ئىشارەتلىرىگە«لەببەي،مانا ھازىر!»دەپ،كېكىردەككە كۈچەشكە توغرا كېلىۋا تىدۇ.بۇ يەردە كېكىردەكمۇ، ئاياغنى قولغا ئالغانغا ئوخشاش مۇھىم.
قەلەمپۇر قەھۋەخانىغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يوپۇرۇلۇپ كىرىدىغان چاغلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار قەھۋەخانىنى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدۇرۇپ  قەھۋە بۇيرۇپ، قىزغىن مۇنازىرە قىلىشىپ، ئۆزلىرى ھەر دائىم ئولتۇرىدىغان بۇلۇڭغا يىغىلىپ، تاماكا ئىسى ئىچىدە «شاخمات»ئوينىشاتتى. ئەلۋەتتە، بۇ يەرگە كۈندە كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئوخشاش،بۇلارمۇ ئانچە يۇقىرى تەبىقىدىن ئەمەس،  ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئالغان بىلىملىرى بىلەن ئۇلار يەنىلا جەمئىيەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قاتلىمى ھېسابلىناتتى،يەنى زىيالىيلار دېيىلەتتى.
        ئۇلار ئۈچ-تۆتتىن بولۇپ كەلگەندە،قەھۋەخانىدىكىلەرگە ئانچە پىسەنت قىلماي،چەتتىرەك ئولتۇرۇشاتتى.لېكىن توپلىشىپ كېلىپ قالسا،ياشلىقىغا تەمەننا قويۇشۇپ،ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى.«پالانچىنى دېمەمسەن!ئۆيىدە كۈندە بەزمە دېگەن تۆكمە... ھەممە پايدا شۇنىڭدىن چىقىدۇ... پالانىچۇ... ھېلىقىچۇ...»ئاخىرى، كىمدۇر بىرى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرا يدۇ:«ھەي،پاھىشىدىن ئوغرىغىچە تەپ تارتمايدۇ ئۇ!»
       قەلەمپۇر مۇنازىرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ... ئەمدى ئۇنىڭغا ئوقۇغۇ چىلارنىڭ گەپلىرىدىكى بەزى ئەجنەبىي سۆزلەرمۇ، ئىلگىرىچىشىنى قېرىشتۇر ىدىغان ئىدىئوم ئىبارىلەرمۇ تەسىر قىلالمايدۇ، گېپىنى تېپىپ سۆزلەيدۇ: «ئوغرىلىق ئادەتكە ئايلانغان!»،«ئوغرىلارنىڭ ئۇشۇقى ئالچۇ!».قەلەمپۇر بۇنى ياخشى بىلىدۇ،ئوبدان چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىمۇ ئوغرى ئەمەسمۇ، ئاخىر... ئانىسىمۇ مېغىز سېتىپ قايتقاندا تار كوچىدا ئادىشىپ يۈرگەن چۈجە خورازنى... قوينىغا سېلىپلا كېلىدۇ... دادىسىچۇ؟ كۈندۈزى بادامپۇرۇشلۇق قىلىدۇ، كېچىسى بولسا  تامدىن-تامغا سەكرەپ، بىراۋلارنىڭ ئارقا ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىنى...
       بۈگۈن ئاخشام قەلەمپۇرنىڭ ئويلىغىنىدەك خىيالپەرەسلىك بىلەن تۈگىمىدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ بارغاندا، ئانىسى پۇتى سۇنۇق ئورۇندۇقتا، پولدىكى ئەخلەتكە قاراپ قان يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇكىلىرىمۇ ماڭقا-مىشقىنى ئېقىتىپ غىڭشىغىنىچە ئانىسىغا قاراپ جاۋۇلدىشاتتى. قەلەمپۇر نېمە بولدى،دەپ سورىغىچە«دادىمىزنى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئېلىپ كەتتى!»دېيىشتى. قەلەمپۇر دەرھال چۈشەندى، چوڭ سىڭلىسى يىغلاپ-قاخشاپ ئولتۇرۇپ بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.
-ئۇلار خېلىدىن بېرى داداڭنى كۈزىتىپ كەلگەن ئىكەن...- دېدى ئانا.
       قەلەمپۇر ئادەتتە دادىسىنى كەمدىن-كەم كۆرەتتى. دادىسى كېچىلىك «سەيلە»لەردىن قايتقاندا، ئۇ ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغان بولاتتى.ئەتىگىنى ئىشقا كېتىۋاتقاندا بولسا، دادىسى تېخىچە ئۇخلاپ ياتقان بولاتتى.لېكىن نېمىلا بولمىسۇن،بۈگۈن ئۇنىڭ دادىسىغا ئىچى ئاغرىپ،يۈرىكى ئېچىشىپ يىغلاپ كەتتى.
       كېيىن ئۇ قەھۋەخانىدىكى شاۋقۇنلۇق مۇنازىرىلەرنى ئېسىگە ئېلىپ،ئانىسىغا جەمئىيەتتە ئوغرىلارنىڭ  تولا ئىكەنلىكىنى، بىرسىنىڭ ئوغرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئانچە قاتتىق جازالانمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى... ئانىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ،«بولدى قىل!»،دەپ ئۇنى سىلكىپ تاشلىدى. قەلەمپۇر بولسا، قاتتىق ھاياجان ئىچىدە سۆزلەۋەردى. ئانىسىدىن بىر تەستەك يېگەندىن كېيىنلا ئۇيقۇغا كەتتى.
     ئۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەممىسى ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تېتىك سېزىپ، يۈگۈرگىنىچە قەھۋەخانىغا ماڭدى. راستىنىلا نېمە بوپتۇ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ  بىرىنچى قېتىم قولغا چۈشكىنى ئەمەسقۇ بۇ!...
        ئۆزبېكچە«شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئۇيۇغۇر چىلاشتۇرۇلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-17 17:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-17 20:33:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەجىب مەھبۇز ئەرەب پىروزىسىدىكى ئەلئىھرام دەپ تەرىپلەنگەن. ئەمما 1957-يىلى ئېلان قىلىنغان «بىزنىڭ كوچىنىڭ بالىلىرى» دېگە رومانى ئىسلام دىنىغا ھاقارەت كەلتۈردى دەپ چەكلەنگەن. بۇ رومان ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئەرەبچىدىن بىۋاستە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.  ئاللا بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئادەتتىكى بالىلار قاتارىدا سۈرەتلەپ، پەيغەمبەرلەرنى باشقا بالىلاردىن تاياق يەيدىغان ئاجىز، كۈچسىز قىلىپ تەسۋىرلەپتۇ. يەنە يېقىندا سالمان راشىدنىڭ «شەيتان قىسىسى» رومانىمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. مەن بۇ روماننى «بىزنىڭ كوچىنىڭ بالىلىرى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم، جىق پەرق يوق. خەنزۇچە بەزى مەنبەلەردە نەجىب مەھبۇز «ئۈچ كوچا» تېرولوگىيسى بىلەن ئەمەس بەلكى، «بىزنىڭ كوچىنىڭ بالىلىرى» دېگەن رومانىنىڭ شەرىپى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دەپ قارىلىدۇ. بۇمۇ بەلكىم نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك سىر بولۇشى مۇمكىن...

ۋاقتى: 2015-12-18 18:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«نەجىب مەھبۇز ئەرەب پىروزىسىدىكى ئەلئىھرام دەپ تەرىپلەنگەن» شۇڭا غۇلغۇلا قوزغىيالىغان.
«قەلەمپۇر» نى ئوقۇدۇم. ياخشى ھېكايە ئىكەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش