; J, W) k! t1 ~, r3 X$ N) j
8 X. i" c2 P, d: `6 Y
. L/ w# L& M" i( Yقەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
# m; M+ G* C5 y! Y- y3 l! s: p
& |1 D0 ~1 Q; c
2015- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى، قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ۋە ئىلىم مەرىپەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسى بولغان ئارقا ئوردا كوچىسى دوقمۇشىغا جايلاشقان قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» يەنە بىر قېتىم خۇشاللىققا تولدى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:30 دە، بۇ كۇتۇپخانىدا «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يېقىندا بۇ كۈتۈپخانىدا ئېلىپ بېرىلغان «دىھقانلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»، «باغۋەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»دىن كېيىن تەشكىللەنگەن يەنە بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتنى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە بۇ ئەزىزانە ماكاندىكى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، تۇرسۇن نىياز، ئۆمەر ئوسمان شىپايىتېكىن، ئوسمان مۇھەممەد قاراقۇتلۇق، زەيدىنجان مامۇت، ئابلاجان بوۋاقى، ئادىلجان ئابدۇقادىر، ئەسقەر ئەھمىدى، ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ...قاتارلىق مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار، ئوسمان نىياز ھاجىم، ئابلىز ھاجىم، ئىبراھىم سەمەن، ئىمىنجان بۇغرا، ئابلىكىم ھاجىم، تۇداجىم قاتارلىق مۇشۇ كۇتۇپخانىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان ساخەۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلاردىكى بىرلىكسەپ دىن ئىشلىرى كادىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىني زات ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
پائالىيەتكە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى، تونۇلغان ئاخباراتچى ئابلىمىت سوپىھاجى رېياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ھەر بىر سۆزىدە كىتابنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە تەبىقە ئايرىمايدىغانلىقىنى، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك خەلق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋە چوقۇم ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرۇغا قويدى، ھەممىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى قەيت قىلىپ، كىتابقا بولغان مېھرىمىز ۋە ئەتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. پائالىيەت داۋامىدا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق، شىنجاڭ «سەمەن» گورۇھىنىڭ لىدىرى ئىبراھىم سەمەن، شىنجاڭ «بۇغرا» ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىمىنجان بۇغرا، قەشقەر شەھىرى ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بەختباغ مەھەللە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇغېنى قارىھاجىم، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارما غەزىنىچىبەگ كوچىسى مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئادىلجان قارىم، نەزەرباغ بازىرى توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەھمەدجان قارىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۇتۇپخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆپچىلىككە «قەشقەر ‹ قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى› ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» دېگەن خەت بېسىلغان خاتىرە سومكا ۋە بىر پارچىدىن كىتاب تەقدىم قىلدى ھەمدە «باغچا-ساراي چاي-تائاملىرى»دا غىزالانغاچ كىتاب ھەققىدە مۇتالىئە قىلىشتى. كۆپچىلىك مۇشۇنداق پائالىيەتنى ھەردائىم تەشكىللەپ تۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
# t' `( Z5 Q, H: N5 k; b
8 V! G$ n& K% P! ?5 z* {: H
4 g# H2 N0 W: u3 F0 h2 I6 J
9 g% x" G) Q/ H
7 F6 k2 V+ L9 G) t& X( s+ C9 b p% A! Y! M0 ^ x0 J
* H" S( [; h& `' a) S0 h; @. B$ f0 h1 F1 d- S
4 ]1 z' T1 w& {& V- q9 _, M& v) l* }6 G+ R8 z
" {, ^: L: l" e6 A4 Z
) b. N, S; N3 `9 Y( s3 A) c
( V+ M* w# H+ O. B7 k. O- v7 D+ ?7 E+ O6 P( k! b8 `3 U. X
9 v* z: W1 e* t: F }' Q3 ~5 a. y( G6 I0 j% I4 W/ V) J: \
* M1 i. P" {1 v" ^' t) @; q0 o* n8 ]& k5 A1 T6 y3 o
4 I: S3 f( B. k- w P; d: z# d# e2 G4 U7 Z8 q+ q
/ Q) q3 g3 A H. ]
+ w$ M) r* j7 o ^7 Z9 _
8 O0 Q* m. L( d0 s4 Y; u# x
0 R/ z/ p! ~( s' e1 C3 H, l4 B
* W1 G3 x H) `; w% H
5 G" r. C0 N0 Y; q" ?7 D7 m. p% D( ~! G( M% `2 o
# o6 z; }( b c T/ d. v9 C
5 \7 G, |4 z. @( n5 g# e0 d5 Z5 D0 B8 V4 L% T) V
# i" X+ R" Z& O4 W" A' d$ c6 }; k- L/ X: ?3 ]1 z# D& B- K; b+ b! }
+ m" V* M2 T3 |% H7 L# ~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 16:19
! i( m J4 L( R2 `
6 v% n# a' d4 F9 Q7 z3 U